ياسىن725 |
2014-03-05 01:47 |
كۈچلۈك مىللىي ئىقتىساد، پارلاق مىللىي كېلەچەك
@V^.eVM\R
?Q=(?yR0] U)-aecB! بەخت- پۇل ئەمەس، ئەمما پۇلسىز بەخت بولمايدۇ. يۇرتىمىزدا ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر. ھەممە ئادەم، ئوقۇغان بالىسىنى دۆلەت مائاشىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالماي يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئىش كۈتۈپ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت، ئارقا ئىشىك ئۈچۈن كەتكەن پۇل، بىر مۇنچە ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئاچچىق ئىز قالدۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ بوزۇلىشىغا سەۋەبچى بولماقتا. 1z2v[S&pk بۈگۈنكى دەۋردە دۆلەت شتاتىدىن ئىبارەت«تۆمۈر تاۋاق» قا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. BDPE.8s نۆۋەتتە، يۇرتىمىزدا، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، يېڭى تېخنولوگىيە-يېڭى بىلىم، يېڭى قىممەت كۆز قارىشى بىلەن قۇراللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار، زور بىر تۈركۈم يېڭى مىللىي زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلماقتا. Q2)5A&U\ بۇ ياش دوستلىرىمغا بىر تەۋىسسىيەم بار؛ دۆلەتنىڭ «تۆمۈر تاۋىقى»غا ئېرىشەلمەي قالسىڭىز روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، خۇسۇسىي شىركەتلەرگە يۈزلىنىڭ، قابىلىيەت ۋە ئىمكانىيەتلىرىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ئۆزىڭىز ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىڭ! hTby:$aCg نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، جۇڭگودا مۇشۇنداق قىلىشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى تامامەن پىشىپ يېتىلدى. cJwe4c6.m كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە، جۇڭگودىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات، جۇڭگونىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭمۇ كېلەچىكىنى ئۆزگەرتىشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. e*D,2>o فوربەس جورنىلىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى جۇڭگولۇق دوللار مىلياردارلىرىنىڭ سانى 28 نەپەر ئىدى. بۇ يىل 64 نەپەر دەپ ئېلان قىلدى. جۇڭگودىكى 64 نەپەر دوللار مىلياردېرلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ چىقتىم. بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى كۆرەلمىدىم. ` -f\6r|:) رۇسىيىنىڭ مىلياردارلىرىغا قاراپ باقتىم، 3 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت مىلياردارىنى كۆردۈم. سۇلايمان كەرىموۋ (داغىستانلىق-شىركىتى موسكۋادا)، ئالىشىر ئوسمانوۋ (ئۆزبەك-شىركىتى روسىيەدە)، ۋاھىت ئەلەكبەروۋ (ئەزەربەيجانلىق-شىركىتى روسىيەدە). 6@(o8i قازاقىستاننىڭ بۇ يىلقى مىلياردارلىرى 5 نەپەر. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار، بۇ دوللار مىلياردېرلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆز ئېغىزى بىلەن «مەن ئۇيغۇر» دەپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنىمۇ يازمىدىم، بىزنىڭ تەنتەنە قىلىشىمىزمۇ ھاجەتسىز دەپ قارىدىم. TPN1Rnt0` دېمەك، ھەممە مىللەتنىڭ مىلياردېرلىرى بار. بىزنىڭ يوق. بۇ ۋەزىيەت، ئۇيغۇر خۇسۇسىي ئىگىلىگىنىڭ، رىقابەت بەيگىلىرىنىڭ چاڭ–توزانلىرى ئىچىدە يولىنى تېپىپ مېڭىشتا قىينىلىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. e ئۇيغۇرلارنىڭ مىلياردىرلىرى بولمىغانمۇ؟ #xq|/JWs 1910.يىلى، موسابايوفلارنىڭ غۇلجىدىكى تىرە زاۋۇتىدا يىلدا 1 مىليون تىرە ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. زاۋوت ئۈسكۈنىلىرى 1905-1907.يىلىرى گېرمانىيىدىن ئەكىلىنىپ قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى. bSTTr موسابايوفلارنىڭ شىركىتىنىڭ مەركىزى غۇلجىدا بولۇپ، يۇرتىمىزنىڭ ھەممە چوڭ شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى، سېتىش، ئېلىش مەركەزلىرى بار ئىدى. لەنجۇ، شاڭخەي، تاشكەنت، شەمەي، قازان لاردىمۇ شۆبىلىرى بولغان، گېرمانىيە، تۈركىيە، ھىندىستاندا، موسابايوف شىركەتلىرىنىڭ ۋاكالەتخانىسى بار ئىدى. E.x | |