查看完整版本: [-- ئۇستاز ھەققىدە سۆزلەيمەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> ئۇستاز ھەققىدە سۆزلەيمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كارىزچى8 2014-03-04 16:26

ئۇستاز ھەققىدە سۆزلەيمەن

xX{gm'3UYa  
ئۇستاز ھەققىدە سۆزلەيمەن r WPoR/M  
ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى ;TG< $4N  
c~iAjq+c  
ئەسلىمەم يىراقلار تامان ئاقتى، كىچىكىمدە ئاتامنى «ئۇستازىم» دەپ زور ھۆرمەتتە تىلغا ئالاتتى بەزىلەر، شۇ چاغلاردا ئاتام ئاددىي بىر دېھقان ئىدى، ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئاتامنى «ئۇستازىم» دەپ چاقىرىشىنىڭ سەۋەبىنى كېيىن بىلدىم، ئاتام يەتتىنىچى سىنىپقىچە ئوقىغان ساۋاتلىق دېھقان بولۇپ، بىر ۋاقىتلاردا يېزىلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۆگىتىش كورسلىرى ئېچىلغان ئىكەن، ئاتام شۇ كورستا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، كەنتىمىزدىكى بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ساۋادىنى چىقارغان ئىكەن. كىشىلەرنىڭ ئاتامغا بولغان ھۆرمىتى سەبىي قەلبىمدە ئوقۇتقۇچىلىققا بولغان ھۆرمەت-قىزىقىشنى قوزغىغان ئىدى. تەقدىر ئوڭ كۆزى بىلەن قاراپ ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كەنتىمىزدىن چىققان تۇنجى پىداگوكىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ  ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم، ئەمما بۇ چاغدا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان قىزىقىشىم كۆرۈنەرلىك سۇسلاپ كەتكەن ئىدى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك ھەۋىسىم ، تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىم ۋەجىدىنمىكىن بىرەر مەتبۇئات ئورنىدا تەھرىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلەشنى ئارزۇ قىلاتتىم. خېلى كۆپ قۇرداشلىرىمدا بولىدىغان شۆھرەتپەرەسلىك، مەمەدانلىق مەندىمۇ بار ئىدى، بۇ خىل ھېسسىيات ماڭا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى «كىملا قىلسا بولىدىغان، ئۇنچىۋالا تايىنى يوق خىزمەت» قىلىپ كۆرسىتەتتى. بىرەر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلسام ئىقتىدارىم كۆمۈلۈپ قالىدىغاندەك ، ئەڭ مۇھىمى شۆھرەت-ئىززىتىم تۆۋەنلەپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە فاكولتېتىمىزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سىنىپىمىزغا كىرىپ، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ بىزگە «ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مىتودى» ناملىق بىر دەرسنىڭ ئۆتۈلىدىغانلىقىنى ، بىزگە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر  بېرىش مەقسىتىدە ئويلىشىپ فاكولتېتنىڭ بۇ دەرسىنى ئۆتۈشكە ئاساسىي قاتلامدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ، تەجرىبىلىك ، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئىلمىي مۇدىرى،  ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى تۇرسۇن روزى مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ پىشقەدەم ئۇستازنىڭ ئىسمىنى شۇ ۋاقىتلاردا ئۆتىلىدىغان تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «ئەدەبىيات» دەرسلىك كىتابىنىڭ تۈزگۈچىلىرى قاتارىدا كۆرگەن ئىدۇق.  كىينىكى ھەپتىسىدىن  باشلاپ بۇ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشقا باشلىدۇق، راست گەپنى ئېيتسام شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئۇستازنىڭ ئوقۇتقۇچىغا خاس رەتلىك كېيىنىشلىرى ، ئاق چاچلىرى، ۋەزمىن ئاھاڭدا سۆزلەشلىرى مېنى ئۇنى ھۆرمەتلەشكە چاقىراتتى، بىراق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە بولغان سۇس مۇئامىلەم دەرسنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ تۇرسۇن مۇئەللىم بەكمۇ سەۋرىچان ئىدى، بەزىلىرىمىز پارتىغا بېشىمىزنى قۇيۇۋالساقمۇ، دەرس ئاڭلىماي رومان ئوقۇپ ئولتۇرساقمۇ دەرھاللا خاپا بولۇپ كەتمەيتتى، بىزنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئەمەلىي مىسال، ھېكايە، ھېكمەتلەرنى سۆزلەيتتى، بىز بارا-بارا، بىلىپ- بىلمەيلا ئۇنىڭ دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپ كەتتۇق. ئۇنىڭ دەرسىدە ھېچكىم بېشىنى قۇيۇۋالمايدىغان، رۇمان ئۇقۇمايدىغان بولدى، ئەكسىچە، ئۇنىڭ سىنىپقا كىرىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىدىغان بولۇپ كەتتۇق.  « سىلەر پىداگوكىكا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، كەلگۈسىدە كۆپىنچىڭلار ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ مۇئەللىم بولىسىلەر، كونىلار ئېيتقاندەك ئوقۇتقۇچىلىق تۇلىمۇ مۇققەددەس كەسىپ، دۇنيادا بۇنىڭدىن شەرەپلىك خىزمەت بولمىسا كېرەك، ئەمما ،شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن، بۇ كەسىپنىڭ جاپا-مۇشەققىتىمۇ زور بولىدۇ، جاپاغا تۇشلۇق ھۇزۇر-ھالاۋەت كۆرەلمەسلىكىڭلار مۇمكىن،  ھەتتا بەزىدە ناھەقچىلىقلارغا ئۇچرىشىڭلار مۇمكىن، سىلەردە بۇنىڭغا تۇشلۇق ئىدىيىۋىي تەييارلىق بولىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردە ئوقۇتقۇچىغا خاس قۇربان بېرىش روھى، سەۋرىچانلىق، تەمكىنلىك، كەڭ قۇرساقلىق ، ئالىيجانابلىق بولىشى كېرەك، ئەڭ مۇھىمى سىلەر بالىلارغا ئادىمىيلىكنى، ئەخلاق-پەزىلەتنى گۈزەللىكىنى ئۆگەتكۈچى، شۇڭا ، سىلەر بۇ جەھەتتە ئۆزۈڭلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇشۇڭلار كېرەك.» دېگەنىدى تۇرسۇن مۇئەللىم بىر سائەتلىك دەرسىدە. شۇ تەرىقىدە مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا بولغان ھەۋىسىم قايتا قوزغالدى، تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بىر مەۋسۈملۈك دەرسىمۇ ناھايىتى تىزلا ئاخىرلاشتى، ھەممىمىز بۇ كۈيۈمچان ، مېھرىبان، پاراسەتلىك ئۇستازىمىز بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.                                                                                       t5jZ8&M5]  
ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ھەۋىسىمنى كۆچەيتكەن يەنە بىر ئۇستازىم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىمىز (ھازىر شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستېتۇتىنىڭ پىروففىسسۇرى، پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى) ئابدۇبەسىر شۈكۇرىدۇر. بۇ ئۇستازىم ھەققىدە گەپ بولسا ھازىرمۇ ھاياجانلىنىپ، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى، ئوقۇتۇش مىتودى توغرىسىدا زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ كېتىمەن.  ئابدۇبەسىر مۇئەللىم دەرسنى شۇنداق تارتىمىلىق سۆزلەيتتى، دەرستىكى ئەڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى راۋان نۇتىقى، پاكىتلىق مىساللىرى، مول بىلىمى ئاسانلا مىڭىمىزگە قۇيىۋىتەتتى، شۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەملىكىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلار كاتولىگى بىلەن تەمىنلىگەندە  ھەممىمىز كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل خاتىرىگە ئالاتتۇق.  بىزگە دەرس بەرگەن بىر يىل جەريانىدا ئۇنىڭ بىزنى بىرەر قېتىم «دىققەت قىلايلى»، «دۇسكىغا قاراڭلار»، «بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەشكىللىگىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. شۇنداق ، ئۇ ھەقىقەتەن سېھرىگەردەك مۇئەللىم ئىدى، سىنىپقا قەدەم بىسىپ قىلغان بىرىنچى ئېغىز سۆزىلا ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى ماگىنىتتەك تارتاتتى. ۋاقىتنىڭ قانداق تۇشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالاتتۇق، شۇ ۋاقىتلاردا مۇئەللىم بولسام مۇشۇ مۇئەللىمىمدەك  مۇئەللىم بولىمەن، دەپ ئويلايتتىم، بۇ ئۇستازنىڭ تەلەپپۇزىنى، ھەركەتلىرىنى دوراپ ئۆگىنەتتىم. ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك يىرى ئۇ ئۆزىگە بەكمۇ ئىشىنەتتى، بىر قىسىم ماقالىلاردىكى خاتا قاراشلارنى پۇلاتتەك پاكىتلار بىلەن كەسكىن رەت قىلاتتى، بىزنى كۆپرەك ماتىرىيال كۆرۈپ مول بىلىمگە ئىگە بولۇشقا  يېتەكلەيتتى. ئۆزىمۇ جۇشقۇن ۋە تېتىك ئىدى. بىزنىڭ دەرسخانىدىكى تەھلىل، چۈشەنچىلىرىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى،  خاتا كەتكەن يەرلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلاتتى، بىرەر يېڭىراق قاراش ياكى چوڭقۇرراق تەھلىلىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدا ناھايىتى خوش بولۇپ كېتەتتى،  رىغبەتلەندۈرەتتى. بىزدىن بىر يىل يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پائالىيەت زالىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن ئىدى، شۇ كېچىلىكتە ئابدۇبەسىر مۇئەللىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە قىلغان سۆزى ھازىرغىچە قۇلاق تۆۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ:« مەن سىلەرگە دەرسكە كىردىم، ئەمما، سىلەر ئېتىراپ قىلغان ئوقۇتقۇچى بولدۇممۇ ياكى بولمۇدۇممۇ بۇنى بىلمەيمەن، سىلەرنىڭ ھەقىقى ئوقۇتقۇچىڭلار بولالىغان بولسام بۇنىڭدىن تۇلىمۇ ئىپتىخارلىنىمەن، مۇئەللىم دېگەن نامغا ئېرىشىش تەس بولمىسا كېرەك، ئەمما، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب تۆرىدىكى ھەقىقىي مۇئەللىم بولۇش ئونچىۋالا ئاسان ئەمەس. مەن ۋە مۇئەللىم بولۇش ئالدىدا تۇرغان سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىز كېرەك...»    ئابدۇبەسىر مۇئەللىم ھەقىقەتەن كەمتەر ۋە مەسئولىيەتچان ئۇستاز ئىدى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ« ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب تۆرىدىكى ھەقىقىي  مۇئەللىم» ئىدى.                                                                                         V 
گېپىمنى سەل يىغىپ ئەمدى ئۆزۈم ھەققىدە سۆزلەيمەن، چۇنكى مەنمۇ ھازىر 14  يىللىق سىتاژغا ئىگە مۇئەللىم، مەن 1999-يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم، شۇ يىلى مەكتىپىمىز تۇنجى قارار تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇبۇل قىلدى، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا  دەرسكە كىرىپ باقمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇتۇشقا تەسىر يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردىن پىنسىيەگە چىققان بەش نەپەر داڭدار پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنى ئۈچ يىللىق توختام بىلەن تەكلىپ قىلدى. ئۇلار مەكتەپنىڭ ھەر قايسى پەنلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ، تەتقىقات ، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى، مېنى ئالەمچە خوش قىلغان بىر ئىش بۇ پىشقەدەملەر ئىچىدە ئۇستازىم تۇرسۇن رۇزى مۇئەللىممۇ بار ئىدى، ئۇ ماڭا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش نەزىرىيىسىنى سۆزلىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ئەمەلىي دەرس ئۆتۈشىمگە يېتەكچىلىك قىلاتتى، مەن ئۇنىڭ ھەربىر سائەتلىك دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتىم، كېيىنكى سائەتتە باشقا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇ دەرسنى ئۆتەتتىم، مەكتەپ دەرس سېتكىسىنى شۇنداق تۈزۈپ بەرگەن ئىدى، دەرستىن چۈشۈپ ئۇنىڭ دەرس لايىھىسى تۈزۈش، تاپشۇرۇق بېرىش، تەكشۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلايتتىم، بەزى ۋاقىتلاردا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىرەر ياخشى ئەسەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىپ كېتەتتۇق، تۇرسۇن روزى مۇئەللىمنىڭ ئۆزى شائىر ھەم يازغۇچى ئىدى، «تارىم» ژورنىلىدا شېئىر، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى، مېنىڭ بىلىشىمچە ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئىككى پارچە رۇماننى يېزىپ تۆگەتكەن ئىدى، (ئۇنىڭ بىرى نەچچە يىلدىن كېيىن نەشر قىلىندى) مەن تۇرسۇن مۇئەللىمدىن ھەم ئوقۇتۇش مىتودى ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىن تەلىم ئالاتتىم، يازغان ئەسەرلىرىمنى ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ تۈزىتەتتى، تىما تاللاش، بەدىئىيلىك جەھەتتە ماڭا تۇلىمۇ قاتتىق تەلەپ قۇياتتى، ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنسا مەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلىناتتى،  شۇ كۈنلەرنى ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز خۇشال كۈنلەر دەپ ئېيتالايمەن، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۇستازلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپكە ھەقىقىي نائىل بولۇش ئۈچۈن ئۇستازلىرىمنىڭ ياردەم-رىغبىتىدە كۈنسېرى تىرىشتىم، بىرەر قىيىنچىلىققا يۇلۇقسام ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەسلەپ كۈچكە، ئۈمۈدكە تولدۇم، شان-شەرەپكە ئېرىشكەن ۋاقىتلاردىمۇ ئۇلارنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ، تىخىمۇ تىرىشىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇردى. شۇنداق ، ئۇستاز بولماق ئاسان ئەمەسكەن، ئابدۇبەسىر مۇئەللىم ئېيتقاندەك شاگىرتلار ئېتىراپ قىلغان ھەقىقىي ئۇستاز بولۇش سەپىرى بەكمۇ ئۇزۇنكەن. مەن ئۇستازلىرىمنىڭ مېھرى-شەپقىتىدە ،رىغبەت-تۈرتكىسىدە  بۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق يولنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن،   سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئوماق چىرايى، تەشنا كۆزلىرى ماڭا ئىلھام بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەتىجە-مۇۋەپپىقىيەتلىرى ماڭا شەرەپ تۇيغۇسى بېغشىلايدۇ، ئۇستازلىق ماڭا شەرەپ، ئۇستازلىق ماڭا مەئىشەت، مەن ئۇستاز ھەققىدە سۆزلەيمەن، مەن ئۇستاز ھەققىدە ئويلايمەن، ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇستاز بولۇشنى ئىستەيمەن.                                                     WEFvJ0]  
ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپتە               l d4#jV ei  
作者:乌鲁木齐市第20 中学 语文教师:吾斯曼。乌买尔   (:2,Rr1"  
    تېلىفۇن:  18999138071                           `$odxo+  

ozqan 2014-03-04 17:54
ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى : تەۋپىققا باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن .... 05cyWg9a  
بۇ ئەسىرىڭىز  ناھايىتى ئېسىل ئەسەر بوپتۇ ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ ... " /&_B  
ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى ھەرقاچان كۆرۈپ تۇرساقكەن  دەيمەن ... D< h+r?  
@rO4BTi>O  
بۇندىن كېيىن تەۋپىقنى ئۆز ئائىلىڭىزدەك كۆرەرسىز . y.l`NTT] <  
u ::2c  

ozqan 2014-03-04 18:08
خىيال قۇشلىرىمنى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىمغا قاراپ پەرۋاز قىلدۇردىڭىز ... j}2,|9ne  
تۇرسۇن روزى مۇئەللىم ھەقىقەتەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچىدا نېمىلەرنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپتىكەن ، بىزگە  بۇ دەرسنى ئەلانۇر خانىم ئۆتكەن ، ئۇمۇ شۇنداق ئەدەبىياتچىغا خاس ھەقىقىي ئەدەبىياتچى خانىم ئىدى . ئۇنىڭ گەپ قىلىشى ، چىراي ئىپادىسىمۇ ئۆزى سۆزلەۋاتقان مىتوت دەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقانىدى ... 43"` gF]  
[q/tKdo@  
ئابدۇبەسىر مۇئەللىم  ھەقىقەتەن جەلپكار ، نادىر بىر مۇئەللىم ، ئۇنىڭ بىزگە ئۆتكەن نۇتۇق دەرسىمۇ بىزنى سېھىرلەپلا قوياتتى .... =Mb1)^m  
~JJuM  
ئوسمانجان : P,2FH2Eyj  
: "|M  
بۇ ئەسەرنىڭ يەنە داۋامى باردەكلا ، ئېيتىدىغان سۆزلىرىڭىز تېخى تۈگىمىگەندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن ، ئۆزىڭىزنىڭ كېيىنكى ئىلگىرلەشلىرىڭىز ھەم تەربىيلىنىشىڭىز ھەققىدىمۇ كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلىپ ، ئىزدىنىش يولىنىڭ  ئۈزۈلمەيدىغانلىقى  بىر ئۆمۈر ئۆزىمىزنى تەربىيەلەپ تۇرۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدىكى مۇھاكىملىرىڭىز بىلەن كۆپچىلىكنىڭ زەرەتلىنىشىگە يەنىمۇ كۆپ ھەسسە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ... $c!cO" U  
O>Vb7`z0<  
يەنە بىر نەرسە سورىغىم كېلىۋاتىدۇ : QEe\1>1"&  
40 ياشقا كېلىپ قالغاندا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇسا ، ھەم يېڭى بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىسا ھېسيات قانداق بولىدىكەن ؟  نۇرغۇنلىرىمىز ئۆزىمىزنى كېچىكتۇق دەپ ئويلايمىز ، راستلا كېچىكەمدىكەنمىز ؟ !

ئەلقىزى 2014-03-04 18:37
ozqan:خىيال قۇشلىرىمنى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىمغا قاراپ پەرۋاز قىلدۇردىڭىز ...تۇرسۇن روزى مۇئەللىم ھەقىقەتەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچىدا نېمىلەرنىڭ  .. (2014-03-04 18:08) 
fM jn8.  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوسمانجان ئاكا ھەم مېنىڭ كەسپىي ئۇستازىم يازمىلىرىڭىزدىن ئالەمچە بەدىئىي زوق ئالدىم، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە كۆز تەگمىگەي...

قاراخان 2014-03-04 18:54
مانا مەنمۇ ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ مۇئەللىم سۆزلىگەن ھەربىر دەرس ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ، كىلاسسىك ئەدەبىياتى دەرسى بار كۈنلىرى بۇرۇنراق كىرىپ، سىنىپنىڭ ئالدىنى تالىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر جۈملنى ھەممىز خاتىرىلەيتۇق، مەن بەش-ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ كانسىپىكىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ، ئۆزۈمنىڭكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ كونسىپىك خاتىرىسىنى يېزىپ چىققانتىم، ھازىرمۇ ئالىي مەكتەپتىكى قىممەتلىك ماتىرىيال سۈپىتىدە ساقلاۋاتىمەن، بۇ خاتىرىنى ھەربىر قولۇمغا ئالغىنىمدا ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدا جاراڭلايدۇ،

گۈلنىھال 2014-03-04 20:31
‏سەمىمىي ھېسسىياتىڭلاردىن شۇنداق تەسىرلەندىم 。。。 za7h.yK}  
ZCui Fm  
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈپ تۇرساق دەيمەن . t;q7t!sC]  
‏رەھمەت .

tursun 2014-03-05 10:03
ئالىي ئېھتىرام ئوسمانجان...!بۇ يازمىڭىزمۇ قەۋەتلا ئىسىل چىقىپتۇ...شۈنچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ،تەۋفىقداشلار ئۈچۈن شۇنداق ياخشى ئەسەرنى سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر...

كارىزچى8 2014-03-05 11:42
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك كەسىپداشلار، يازمامنى ياقتۇرغىنىڭلاردىن بەك خۇرسەن بولدۇم،تەشەككۇر. ئۆزقان خانىمنىڭ قوللىغىنىغا، تەكلىپىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، قىرىق ياشقا يىقىنلاپ قالدىم، ئەمما ، مەن كىچىكمىدىم ،دەپ قارىدىم، ئۆگەنگەنسېرى شۇنداق راھەت ھېس قىلۋاتىمەن. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى كىيىنچە ئايرىم ماقالە قىلىپ يېزىش ئويۇم بار. ئۆزقان خانىم قاتارلىق كەسىپداشلىرىمغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت!

كارىزچى8 2014-03-05 13:05
بۇ ماقالەم «ئۈرۈمچى كەچىلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مۆھتىرەم ئۇستاز ، ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش سىپىمىزنىڭ سەردارى تۇرسۇن روزى مۇئەللىم كىسەل سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۈتتى. ئۇستازنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيرىلىك بولغاي!

مىېھرىما 2014-03-05 13:32
بۇ تىمىڭىز بەك تەسىرلىك ياخشى چىقىپتۇ . ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

ئەيساجان 2014-03-06 10:38
بۇ ئەسەر بەك ياخىشى يېزىلىپتۇ، يولىغۇچىغا رەخمەت


查看完整版本: [-- ئۇستاز ھەققىدە سۆزلەيمەن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled