查看完整版本: [-- ‹‹ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى ››توغرىسىدا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ‹‹ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى ››توغرىسىدا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-03-03 22:45

‹‹ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى ››توغرىسىدا

‹‹ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى ››توغرىسىدا c*!bT$]~\  
1. ئاپتور ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلىش ئەھۋالى Q=~e|  
ئېلىمىزنىڭ ئۇلۇغ تارىخچىسى سى ماچيەن تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى( 145-86-يىللىرى)غەربى RsVba!x@  
خەن دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن .ئۇ يالغۇز تارىخچىلا بولۇپ قالماي ھەم تالانتلىق ئەدىپ ۋە مۇتەپەككۈردۇر. ZWmmFKFG.  
ئۇنىڭ دادىسى سى ماتيەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوردا تارىخچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.    بىلىملىك ،قابىلىيەت {Ca#{LeLk  
لىك كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن سىماچيەنگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن . س ماچيەن 20 يېشىدىن باشلارپ جۇڭگۇ زىمىنىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ساياھەت قىلىپ چىققان.كېيىن ئورپاق بەگلىك ئەمىلىگە ئولتۇرغاندا خەن خاقانى خەنۋۇدىنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ،ھەر قايسى جايلارنى ئارىلىغان.يىراق غەربىي چىگرادىكى جايلارغىچە بارغان.ئۇنىڭ بۇ ىىل ساياھەتلىرى ھەر خىل سىنىپ،تەبىقىلەردىكى خەلقلەر بىلەن تونۇشۇپ،ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالى،مۇڭ-زارى،تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چۈشۈنىشكە،خەلق تىلىنى پۇختا ئۆگىنىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.ئۇ ساياھەت جەريانىدا ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرىنىمۇ ئىگىلەپ،مول تارىخىي ماتىرياللارنى توپلىغان.قەدىمىي يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلغان.قەدىمىي كىتاپلارنى ئوقۇپ،چۇڭقۇر ،ئەتىراپلىق مول بىلىمگە ئىگە بولغان.ئۇنىڭ بۇ توپلىغان بۇ ماتىريال،بىلىملىرى ئىلغار ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۈكسەك خەلقچىللىققا ئىگە ‹‹تارىخىي خاتىرلەر››دېگەن بۇ مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سالغان. ~|Gtm[9Ru  
سى ماچيەن  مىلادىدىن بۇرۇنقى 108-يىلى ئاتىسىنىڭ ئوردا تارىخچىسى مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ،خانلىق كۈتۈپخانىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.42 يېشىدىن باشلاپ ‹‹تارىخي خاتىرلەر››نى يېزىشقا باشلىغان.بەختكە قارشى  مىلادىدىن بۇرۇنقى 99-يىلى ئۇ ھونلارغا قارشى ئۇرۇشتا ياردەمدىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ،ھونلارغا تەسلىم بولغان ھەربىي باشلىق لى لىڭنى ياقلاپ ،‹‹لى لىڭ گەرچە ھونلارغا ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ ،ئەمما پۇرسەت تېپىپ يەنە خەن خاندانلىقىغا پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرىدۇ›› دېگەنلىكى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچۇراپ،زىندانغا تاشلىنىپ ،جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازاپقا ئۇچۇرىغان.بۇ ۋاقىتتا ئۇ فىئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەھشىلىكى،ياۋۇزلىقىنى بىۋاستە كۆرۈپ،ئۇلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئۆچمەنلىكى شەكىللەنگەن.زىنداندىن چىققاندىن كېيىن ئۇ بارلىق كۈچى بىلەن يېزىقچىلىققا كىرىشىپ، 53يېشىدا شانلىق ئەسىرى ‹‹تارىخىي خاتىرلەر›› ناملىق بۇ مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. sP5PYNspA  
‹‹تارىخىي خاتىرلەر›› مەملىكىتىمىزنىڭ تەرجىمىھال شەكلىدە يېزىلغان تۇنجى تارىخ كىتابى بولۇپ،ئۇ خۇاڭ دىدىن تارتىپ خەنۋۇدى دەۋرىگىچە بولغان 3000مىڭ يىللىق تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ كىتاپ جەمئىي 130قىسىم بولۇپ،12پارچە شاھلار تەرجىمىھالى،30پارچە بەگزادە-ۋاڭلارنىڭ تەرجىمىھالى،10پارچە شاھلار نەسىل-نەسەبنامىسى ،70پارچە ئاددىي كىشىلەر تەرجىمىھالى،8پارچە خاتىرگە بۆلىنىدۇ.بۇ كىتاپ ئېلىمىزنىڭ 3000مىڭ يىللىق سىياسىي،ئىقتىسادىيۋە مەدەنىيەت ساھاسىدىكى تەرەققىيات جەريانلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ،ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى تارىخىنى بىر قەدەر كەڭ-كۆلەمدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. u;~/B[  
‹‹ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى›› ناملىق بۇ ئەسەر مانا شۇ ‹‹تارىخىي خاتىرلەر›› دىن ئېلىنغان بولۇپ، ھەم تارىخىي چىنلىققا،ھەم بەدىئىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدىن 2000مىڭ يىلدىن بېرى خەلق ئىچىدە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ،خەلقنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلىنىپ كەلمەكتە. "X]u fZ7  
2.ئەسەرنىڭ تېمىسى ۋە مەركىزىي ئىدىيىسى RhQOl9  
ئەسەردە لىن شياڭرۇنىڭ چىن خاندانلىقىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ،قىممەتلىك قاشتېشىنى سوغا قىلىپ ئاپىرىپ، قايتۇرۇپ كېلىشى،ئىككى خاننىڭ زىياپىتىدە چىن خانىنى ناغرا چېلىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىشى،ليەن پوغا يول قويۇپ ۋەزىر بىلەن گېنىرالنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشكە سەۋەپچى بولۇشتەك ئۈچ ۋەقە تېما قىلىنىپ،قەدىمقى زاماندىكى ئىككى ۋەتەنپەرۋەر ئەمەلدارنىڭ جانلىق ئوبرازى يارىتىلىپ،لىن شياڭرۇنىڭ دانا،باتۇر،ئەقىل-پاراسەتلىك،تەدبىرلىك خارەكتىرى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى شەخسى مەنپەئەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ۋەتەنپەرۋەر روھى ،لەن پونىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى بىلەن ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىشكە جۈرئەتلىك ئالىي پەزىلىتى مەدھىيىلەنگەن. #;mZ3[+i5  
بۇئەسەر تۈزۈلىش جەھەتتىن  مەركەزلىك بايان قىلىنغان ئۈچ مۇھىم ۋەقە ۋە باشتا بېرىلگەن ليەن پو بىلەن لىن شياڭرۇلار ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشقا ئاساسەن تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن. 10[~ki-1;  
بىرىنچى بۆلەك ـــ دەسلەپكى ئىككى ئابزاس.ئاپتور بۇ بۆلەكتە ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇنىڭ جاۋ مەملىكىتىدىكى ئورنى،ۋەزىپىسىۋە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن  تونۇشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ كېيىنكى ۋەقەلىكلەردە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە كىتابخاندا روھىي تەييارلىق ھازىرلىتىپ ئاساسىي ۋەقەلىك ئىچىگە باشلاپ كىرگەن. e.HN%LrhS  
ئىككىنچى بۆلەك ـــ 3-ئابزاستىن (جاۋ خۇي ۋېنۋاڭ...دېگەن يەردىن )13-ئابزاسقىچە ‹‹نەتىجىدە چەن مەملىكىتىمۇ...››دېگەن يەرگىچە بولۇپ،بۇ بۆلەكتە قاش تېشى ۋەقەلىكى بايان قىلىنىدۇ.جاۋ مەملىكىتىنىڭ قىممەتلىك قاش تېشىنىچىن مەملىكىتى 15شەھەرگە تېگىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئوردا ئەھلى بۇ مەسىلىدە قاش تېشىنى بەرمەي دېسە،ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك بولغان چىن دۆلىتىنىڭ ئۇرۇش قىلىپ كېلىشىدىن قورقىدۇ،بېرەي دېسە ،15شەھەرنى بەرمەي قويۇشىدىن قورقۇپ،بىر قارارغا كېلەلمەي تەڭىكتە قالىدۇ.مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە خاننىڭ باش كاتىپىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن لىن شياڭرۇ ئوردىغا چقىرتىلىدۇ،خان بۇ قىيىن مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سورىغاندا،باشقىلار شۇنچە باش قاتۇرۇپ ھەل قىلالمايۋاتقان مەسىلىنى لىن شياڭرۇ ئېنىق قىلىپ،‹‹چىن مەملىكىتى كۆچلۈك،بىز ئاجىز.ماقۇل دېمەي ئامال يوق››دېگەن بىرلا جۈملە گەپ بىلەن ھەل قىلىپ قويىدۇ.خان چىننىڭ 15شەھەرنى بەرمەي قويىشىدىن ئەنسىرىگەندە ،ئەھۋالنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ،بىز قائىدە –يۇسۇنسىز ئىش قىلمايلى،ئۇلار قىلسا قىلسۇن.شۇنىڭ ئۈچۈن رەت قىلىشتىن كۆرە قوبۇك قىلىش پايدىلىقراق دەپ كېسىپ جاۋاب بېرىدۇ. Me`"@{r|#  
لىن شياڭرۇ بۇ قىيىن مەسىلىگە ھېچ ۋاقىتتا يۈزەكى ئويلاپ جاۋاب بەرگەن يوق.بەلكى ‹‹چىن مەملىكىتى كۈچلۈك،جاۋ مەملىكىتى ئاجىز ››لىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا مۇلاھىزە قىلىدۇ،شۇنداقلا جاۋ مەملىكىتىنىڭ بۇ سودىدا زىيان تارتىپ قالماسلىقىنى نەزەرگە ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىيىن ۋە خەتەرلىك ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنداش ئۈچۈن مەردانىلىق بىلەن ‹‹ئەگەر ئادەم تېپىلماي قالغان بولسا،قىممەتلىك تاشنى مەن ئېلىپ باراي›› دەپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەمەلىيەتتە چىن مەملىكىتى ئۆزىنىڭ چوڭ ۋە كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە تاينىپ،قىممەتلىك قاش تاشنى يالغۇز بىر كىشىنىڭ چىن ئوردىسىغا ئاپىرىپ قايتۇرۇپ كېلىشى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش ئىدى.لىن شياڭرۇنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىغان،ھەر قانداق خېيىم-خەتەر ۋە ھەيۋىلەردىن قورۇقمايدىغان باتۇر خارەكتىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لىن شياڭرۇنىڭ كېيىنكى چىن ئوردىسىغا قاشتىشىنى ئېلىپ بېرىپ ،ساق-سالامەت قايتۇرۇپ كېلىش جەريانىدىكى سۆز-ھەركەتلىرى بۇنى تېخىمۇ ئىسپاتلايدۇ.چىن خاقانى لىن شياڭرۇنى مەنسىتمەي ئاددىيلا قوبۇل قىلىپ قاشتېشىنى خوشاللىق بىلەن قولغا ئېلىپ ،كېنىزەك،ۋەزىر،ئەمەلدارلىرىغا كۆرسىتىدۇ.لىن شىياڭرۇ چىن خاقانىنىڭ تەكەببۇرلىقىدىن ئۇنىڭ جاۋ خانىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى ۋە ئېسىل قاشتېشىنى ئېلىۋىلىپ،شەھەرلەرنى بەرمەيدىغان قارا نىيىتىنى كۆرىدۇ. لىن شياڭرۇ بۇ خىل ئىنچىكە،مۇرەككەپ،قىيىن شارائىتتا ئۇستىلىق بىلەن قاشتېشىنى قولغا ئېلىۋىلىپ، بىر تۈۋرۈكنىڭ قېشىغا كېلىپ غەزەپ بىلەن چىن خانىنىڭ قارا نىيىتىنى پاش قىلىپ، ئۇنىڭ قائىدە-يوسۇنسىزلىقىنى ۋەزىر،كېنىزەك ۋە ئوردا خىزمەتچىلىرى ئالدىدا قورقماستىن ئېچىپ تاشلايدۇ.جاۋ خانىنىڭ قائىدە-يوسۇنلۇق ئىش قىلىپ چىن خانىغا بىلدۈرگەن ھۆرمىتىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، چىن خانىنى ئىنتايىن ئوڭايسىز بىر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. Y]Fq)  -  
ئاپتور لىن شياڭرۇنىڭ چىن ئوردىسىدىكى سۆز-ھەرىكەت ۋە جەسۇر قىياپىتىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ پاراسەتلىك ،دانا ئىكەنلىكىنى ، شۇنداقلا ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن قورقمايدىغان ئالىي پەزىلىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. M"_XaVl  
  لىن شياڭرۇ قاشتېشىنى تۈۋرۈككە ئۇرۇپ چېقىۋىتىش بىلەن بىللە ئۆز بېشىنى تۇۋرۈككە ئۇرۇپ ئۆلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، چىن خاقانىنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالدا قالدۇرىدۇ.چىن خاقانى ئامالسىز خەرىتىنى ئالدۇرۇپ،بېرىدىغان 15 شەھەرنى كۆرسىتىدۇ.ئەقىللىق لىن شياڭرۇ چىن خاقانىنىڭ يەنىلا ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالىدۇ.ئۇ چىن خاقانىنىڭ ھىيلىسىگە تەقەبىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تاكتىكا ئويلاپ چىقىپ، بەش كۈن نەزىر بېرىشىنى ، تاشنى نەزىردە بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.چىن خاقانى كۆنگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،قاشتېشىنى يوشۇرۇپ جاۋ مەملىكىتىگە قايتۇرۋىتىدۇ. بەش كۈن نەزىر بەرگەن چىن خاقانى سارايدا چوڭ زىياپەت بېرىپ لىن شياڭرۇنى ئالاھىدە كۈتىۋالىدۇ. لىن شياڭرۇ قاشتېشىنى قايتۇرۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ، 15 شەھەر قاچان بېرىلسە، قاشتېشىنى جاۋ مەملىكىتى دەرھال بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. چىن خاقانىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ. چىن خاقانى ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ، لىن شياڭرۇنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پايدىسىزلىقىنى كۆرۈپ، تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن جاۋ مەملىكىتىگە ئۇزىتىپ قويىدۇ.لىن شياڭرۇ ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن كۈچلۈك چىن خاقانىنى ئاجىز جاۋ دۆلىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. DC$ S. {n  
ئۇچىنچى بۆلەك-14-ئابزاستىن ( كېيىن، جاۋخۈي ۋېنۋاڭنىڭ ... دېگەن يەردىن ) 18-ئابزاسقىچە ( زىياپەت تۈگىمىگىچە دېگەن يەرگىچە ) بولغان بەش ئابزاسنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بۆلەكتە چىن خاقانى جاۋ دۆلىتىنىڭ شىچىڭ دېگەن يېرىنى بېسىۋالغان، 20 مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن ئەھۋالدا ، جاۋ خاقانىنى تاماشىغا چاقىرغانلىقىنى يازىدۇ. جاۋ خانى قورقۇپ بارغىلى ئۇنىمىغاندا لىن شياڭرۇ بىلەن لەن پۇلار جاۋ خانىغا بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى پاكىتلىق چۈشەندۈرۈپ، بېرىشكە كۆندۈرىدۇ.ليەن پو بىلەن لىن شياڭرۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ،جاۋ خاقانىنى بېرىشقا كۆندۈرىشى ليەن پو بىلەن لىن شياڭرۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزلەشتە كۆز قاراشلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ،ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا دۆلەتكە سادىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 7"[lWC!As5  
  مىيەنچىدىكى زىياپەتتە چىن خاقانى جاۋ خانىنى ساز چېلىشقا تەكلىپ قىلغاندا،ئۇ يۈرەكسىزلىك قىلىپ ساز چېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.چىن ئەمەلدارى ئوردا تارىخچىسىغا ‹‹جاۋ خانى چىن خاقانىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ساز چالدى››دەپ يېزىپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ.بۇ جاۋ دۆلىتى ۋە جاۋ خانىنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرغانلىق ئىدى.بۇنىڭغا چىدىمىغان لقن شياڭرۇ ئۆز دۆلىتى ۋە جاۋ خانىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چىن خاقانىنى ناغرا چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ بىر داسنى تۇتۇپ ئالدىدا تۇرىدۇ.چىن خاقانى ئۇنىمايلا قالماستىن خاپا بولىدۇ.مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە لىن شياڭرۇ ئۆزىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە پىسەنت قىلماستىن ‹‹ئەگەر چالمايدىغان بولسىلا مۇشۇ بەش قەدەم ئارىلىقىدا ئۆلۈپ كېتىشىمدىن قەتئىينەزەر ئۈستىلىرىگە قان چاچىمەن ››دەپ قورقىتىپ چېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.بۇ نېمە دېگەن جاسارەت!؟لىن شياڭرۇ ۋەتەننىڭ شان-شۆھرىتى ئۈچۈن قىيما-چىيما قىلىنىشىدىن قورۇقماي،خاننى ئاتتىن چۈشۈرەلەيدىغان قەيسەر روھ بىلەن چىن خاقانىغا ئاخىر داسنى چالغۇزىدۇ. .kYzB.3@]  
  ئەگەر لىن شيارۇمۇ جاۋ خانىغا ئوخشاش يۈرەكسىىزلىك قىلغان بولسا،ئۇلار دۈشمەن تەرىپىدىن ئاللاقاچان يىغىشتۇرلىۋېتەتتى.شۇنىڭ بىلەن جاۋ دۆلىتىمۇ مۇنقەرز بولاتتى.بۇنداق پەيتتە لىن شياڭرۇنىڭ پىداكارلىق كۆرسىتىشى بىرتەرەپتىن جاۋ خانىنىڭ چىن خانى بىلەن بولغان باراۋەرلىك ئورنىنى ،ئىززەت-ئابرويىنى ساقلاپ قالغان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز مەملىكىتىنىڭ چىن مەملىكىتىگە تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچ قۇدۇرىتىنى نامايەن قىلىپ،دۈشمەنلەرگە خالىغانچە بوزەك بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويغان. lxmS.C  
بۇ ئىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئالالمىغان چىن خاقانىنىڭ ۋەزىرلىرى جاۋ خانىغا چىن خانىنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن 15 شەھەر تەقدىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.لىن شياڭرۇمۇ دەرھال جاۋ خانىنى تەبىركلەش ئۈچۈن چىننىڭ پايتەختىنى يەنە شيەنياڭنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ماھىيەتتە،چىن دۆلىتىنى بېرىش دېگەنلىكتۇر.بۇنىڭدىنمۇ لىن شياڭرۇنىڭ ئەقىل-پاراسەتتە قانچىلىك دانالىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.شۇنداق قىلىپ چىن خانى زىياپەت تۈگىگىچە زادى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ.ليەن پو مۇداپىيەنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقتىن ئارتۇقچە ھەركەت قىلالمايدۇ. ?dmMGm0T9  
تۆتىنچى بۆلەك ــ 19-ئابزاستىن (مىيەنچىدىكى ئۇچۇرۇشىشتىن كېيىن...دېگەن يەردىن)ئاخىرغىچە بولۇپ،بۇ بۆلەكتە ئاپتور ۋەزىر بىلەن گېنىرالنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداش يولىدا ئىناق-ئىتىپاق بولالىغانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىلىن شياڭرۇنىڭ كەڭ قۇرساقلىق بىلەن يول قويغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 6f>l~$  
جاۋ خانى ميەنچىدىكى زىياپەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن لىن شياڭرۇنىڭ چوڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوڭ قول ۋەزىرلىك ئەمىلىنى بېرىدۇ.بىراق بۇ ئەھۋال ليەن پونىڭ ھەسەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇ مەن‹‹ئۇرۇشتا نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئېلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنمەن،لىن شياڭرۇ ئېغىزدا بىر ئاز خىزمەت كۆرسىتىپلا مېنىڭدىن چوڭراق مەنسەپكە ئىگە بولىۋالسا بولامدۇ؟››دېگەن خىياللاردا بولۇپ،ئوچۇق-ئاشكارە كىشىلەرگە لىن ياڭرۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدۇ.لىن شياڭرۇ لەن پوغا قارشى تۇرمايدۇلا ئەمەس،ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قېلىشتىن قېچىپ يۈرىدۇ.بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن لىن شياڭرۇنىڭ خىزمەتچىلىرى خاپا بولىدۇ.بىراق لىن شياڭرۇ ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ،‹‹مېنىڭ يول قويغانلىقىمنىڭ سەۋەبىمۇ شەخسەن ئۆزۈمنىڭ ئاداۋىتىمنى ئېتىۋارغا ئالماي،دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى ئېتىبارغا ئالغانلىقتىندۇر.››؛‹‹چىن خانى شۇنچە كۈچلۈك ،ھەيۋەتلىك بولسىمۇ مەن قورۇقماستىن ،چىن مەملىكىتىنىڭ خان سارىيىدا ئۇنىڭغا دەككە بەردىم.ئۇنىڭ ۋەزىر  ئەمەلدارلىرىنى ئەيىپىدىم،مەن ھەرقانچە كارغا كەلمىسەممۇ،ليەن پو گېنىرالدىن قورۇقمايمەن›› دەيدۇ.لىن شياڭرۇنىڭ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى يوقۇرى ئورۇنغا قويغان بۇنداق ئالىيجاناب پەزلىتى ليەن پونى تەسىرلەندۈرىدۇ.ئۇ لىن شياڭرۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ئىناۋەت ئابرويىدىن ئۈستۈن قويغان ئالىي پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ،خاتالىقىنى تونۇپ،لىن شياڭرۇنىڭ ئالدىغا ئەپۇ سوراپ كېلىدۇ. X|QCa@Foe  
بۇ تەرجىمىھال خارەكتىرلىك ئەسىرىدە ئاپتۇر ئۈچ كىچىك ۋەقە ئارقىكىق ،لىن شياڭرۇنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ۋە مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرويىدىن ،ھەتتاكى ئۆز جېنىدىن ئۈستۈن قويىدىغان ئەقىل-پاراسەتلىك،ۋەتەنپەرۋەر،تەدبىرلىك،قورقماس،دانا ئىكەنلىكىنى مەدھىلەيدۇ. Hb+#*42v  
                      3. ئەسەرنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى mce`1Tjw  
1. سى ماچيەننىڭ ‹‹تارىخىي خاتىرلەر››دېگەن بۇ ئەسىرى ھەم تارىخنى چىنلىق بىلەن بايان قىلغان ھەم بەدىئىي تىپىكلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان داڭلىق ئەسەر.سى ماچيەن تارىخىي قەھىرمانلارنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغاندا بىر تەرەپتىن تارىخىي رېئاللىققا،تارىخىي پاكىتلارغا ئىنتايىن ساداقەتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلسا،يەنە،‹‹گۈزەللىكلەرنى خىيالىيلەشتۈرىۋەتمەي،چاكىنىلىقلارنى يۇشۇرماي››يازسا،يەنە بىر تەرەپتىن ،بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاپ،ئەسىرىگە قويۇق بەدىئىي خۇسۇسىيەت بېرىپ تىپىكلەشتۈرگەن.ئۇ قەھىرمانلىرىنىڭ ھەممە ئىش-ھەركەتلىرىنى يازماي،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەڭ نۇقتىلىق ۋەقەلەرنى تاللىۋېلىپ،گەۋدۈلەندۈرۈپ كۆرسىتىپ بەرگەن. 1b7xw#gLx  
       2.بۇ تەرجىمىھالدا لىن شياڭرۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى كۆرسىتىشتە ھەممە خىزمەت ۋە تۆھپىلىرىنى تولۇق يازماي،ئۇنىڭ ئىچىدىكى لىن شياڭرۇنىڭ خارەكتىرىنى ئەڭ رۇشەن،ئەڭ توغرا،ئەڭ مۇكەممەل كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋەقەلەرنى تاللىۋېلىپ،تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي نەسىر خۇسۇسىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ،ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئەسەردە يەنە پېرسۇناژلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىنى جانلىق،كۆركەم قىلىپ تەسۋېرلەپ رۇشەن گەۋدۈلەندۈرگەن.مەسىلەن:چىن مەملىكىتىنىڭ ۋەزىرلىرى:‹‹بىزنىڭ چىن خاقاننى تەبىرىكلەش ئۈچۈن جاۋ مەملىكىتىدىن 15شەھەر تەقدىم قىلىڭلار!››دېگەندە لىن شياڭرۇ:‹‹جاۋ خانىنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن چىن مەملىكىتىدىن شيەن ياڭ (چىننىڭ پايتەختى)نى تەقدىم قىلىڭلار!››دېدى.لىن شياڭرۇنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە سۆزىدىن ئۇنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ۋە دانالىقىنى،ھازىر جاۋاب تاكتىكىچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.چىن دۆلىتىنىڭ پايتەختىنى تەلەپ قىلىش ـــ چىن مەملىكىتىنى تەلەپ قىلىش بىلەن باراۋەر ھېساپلىنىدۇ.كۆرۈنمەككە 15شەھەر بىر شەھەردىن نەچچە ھەسسە كۆپتەك كۆرۈنسىمۇ،تەلەپ قىلىنغان بۇ شەھەر بىر مەملىكەتكە تەڭ بولۇپ،15شەھەردىن كۆپيۇر. بۇنىڭدىن تىل ۋە ھەركەت پېرسۇناژلارنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكلىرىگە قانچىلىك ماسلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇڭا بۇ ئەسەر 2000مىڭ يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. QO7:iSZJ  
3.ئاپتۇر قارىماققا ‹‹قوش تەرجىمىھال يازغاندەك قىلسىمۇ،ئەمەلىيەتتەئەڭ زور قەلەم كۈچىنى لىن شياڭرۇنى يېزىشقا سەرپ قىلغان.بۇ يەردە لىن شياڭرۇنى يالغۇز يازغان بولسا،ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى يارىتىپ بېرەلمىگەن بولاتتى.شۇڭا ليەن پونى قوشۇپ يېزىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.ئاپتۇر بۇ ئىككى شەخسنىڭ خارەكتىرىنى بىر ئىش ،بىر ۋەقە ئۈستىدە ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى خارەكتىر ئالاھىدىلىكلەرنى ھەم ئورتاقلىقىنى رېئال چىنلىققا سادىق بولغان ھالدا ئىپادىلەپ،ليەن پو ئارقىلىق لىن شياڭرۇنى تېخىمۇ گەۋدۈلەندۈرگەن. B R:  
مەنبە:  ئالىي مەكتەپ كانسىپىك دەپتىرىمدىن. _o?(t\B9{  

بابۇر0725 2014-03-04 00:02
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلىدىم

ياسىنجان510 2014-03-04 14:25
بۇتېكست زۆرۈر 4-دەرسلىك 4-بۆلەككە تەرجىمىھال ئەدەبىياتى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،بەدىئىي تەرجىمىھالنىڭ  ياخشى ئۈلگىسى ھېساپلىنىدۇ.

پومدۇر 2014-03-07 20:36
كانسىپىكنى ھەقىقەتەن ياخشى قالدۇرۇپسىز. پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرىكەن


查看完整版本: [-- ‹‹ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى ››توغرىسىدا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled