查看完整版本: [-- مىېھرىما :ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى (تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> مىېھرىما :ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى (تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-03-03 21:26

مىېھرىما :ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى (تېكىستى)

ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى gebL6oc%  
فابىر K=pG,[ChA  
ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى تەمبەل كېلىدۇ .ئۇچىسىغا قارا ياكى قوڭۇر تون كىيىدۇ ، تونى زەر رەڭدە يالتىرايدۇ ئۈستىدە ئانچە –مۇنچە ئاق چېكىتلەر بولىدۇ . ئاددى-ساددا ھەم نېپىس كۆرنىدۇ. ئەركىكىنىڭ ئىككى تال قىسقا ئانتېنناسىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇچىدا يېقىن تۇرغان يەتتە تال چۇچاسى بولۇپ ،ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، چۇچا يەلپۈگۈشتەك ئېچىلىدۇ  ياكى يىغۋالىدۇ . VAe[x `  
   كىشىلەر ئالدى بىلەن بۇ چىرايلىق زىنەتلەرنىڭ يۈكسەك سەزگۈ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ، بۇ سەزگۈ ئەزالار ئىنتايىن سۇس پۇراقلارنى ،ناھايىتى ئاجىز ئاۋاز دولقۇنىنى ۋە ئىنسان سەزەلمەيدىغان باشقا ئۆزگۈرۈشلەرنى سېزىۋالالايدىغانلىقىنى ئويلىشى مۈمكىن .ئۇنداقتا چىشىسىچۇ ؟چىشىسىنىڭ قىياپىتى كىشىلەردىكى تەسەۋۇر كۈچىنىڭ بەك مول بولۇپ كەتمەسلىكىنى ،بەك يىراق ئويلاپ كەتمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئانىلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان چىشى ھاشاراتقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق دېگەندىمۇ ،ھېچبولمغاندا ،ئەركىكىنىڭكىدەك يۈكسەك تۇيغۇ سەزگۈ ئەزالىرى بولىشى كېرەك . ۋەھالەنكى ، چىشىسىنىڭ ئانتېنناسىنىڭ ئۇچىدا ئالتە تال چۇچا بولۇپ ئىنچىكە ھەم قىسقا كېلىدۇ . z>'vS+axV  
   ئەركىكىنىڭ قاتلىنىدىغان بىر جۇپ يەلپۈگۈچى نېمىگە ئەسقاتدۇ؟ ياپۇنيە ماي قوڭغۇزىدىكى قاتلىنىدىغان يەلپۈگۈچ ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇزنىڭ سەزگۈ بۇرۇتلىرىغا ، لۇكان قوڭغۇزنىڭ گۈرجەكتەك ئۈستۈن تاڭلىيىغا ئوخشايدۇ . بۇ ئۇنىڭ يىتىلگەنلىكىنڭ ، جورا تېپىشقا بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر . ئۇلارنىڭ سىرىتقى كۆرنىشى ئوخشاش بولمايدۇ ، خالاس . ZzP&Zrm  
ھاشارەتلەر كالىندارىدا مايقوڭغۇزنىڭ ۋاقتى ئەڭ توغرا بولىدۇ . ئۇ  تومۇزدا ، تۇنجى تۈركۈم تۇغۇلغان تومۇزغا بىلەن بىللە سىرىتا پەيدا بولىدۇ . كۈن ئۇزۇراپ ، زىرائەتلەر ئالتۇندەك سارغايغاندا مايقوڭغۇزى ئورمان ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ . شۇ كۈنلەردە ھەركۈنى گۇگۇم چۈشۈش بىلەن ئۇششاق ماي قوڭغۇزلىرى تۇرارگاھىنىڭ يېنىدىكى قارغاينى زىيارەت قىلىدۇ . a=6@} l1<  
پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشىمەن ، ئۇلارنى كۈزىتىمەن . ئەركىكى ئانتېنناسىنىڭ ئۇچىدىكى قاتلىنىدىغان يەلپۈگۈچنى تولۇپ تاشقان ھېسيات بىلەن ئېچىپ ، چىشىسى قونغان شاخقا تەكرار ئۇچۇپ بارىدۇ .ئۇلارنىڭ قارا سايىسى كەچكى شەپەقنىڭ ئاخىرىقى نۇرىنى سىيپاپ ئۆتۈپ ، گاھ ئۇچۇپ ، گاھ توختاپ سولغا، ئوڭغا ئايلىنىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئۇدا يېرىم ئاي داۋاملىشىدۇ . ئۇلار نېمىشقا تىنىم تاپمايدۇ ؟ t%@u)bp  
رۇشەنكى ، ئۇلار «گۈزەللەر»گە  قىزغىنلىقىنى بېغىشلاپ ، ھەر كۇنى يېرىم كېچىگىچە تىنمايدۇ .ئەتىسى سەھەردە ئەركىكى بىلەن چىشىسى پاكار شاخلاردا جۈپلىشىۋېلىپ مىدىرلىمايدۇ . ئەتراپتىكى ئىشلارغا ۋە نەرسىلەرگە سەپسېلىپ كەتمەيدۇ .ئادەم ئۇلارنى تۇتسىمۇ ئۇچۇپ كەتمەيدۇ . كۆپ ساندىكى ماي قوڭغۇزلىرى ئاغزىدا قارغاي يۇپۇرمىقىنى چىشلەپ ، ئارقا پۇتى بىلەن قارغاي شېخىنى ئىلىۋېلىپ ، ناھايتى رازى بولغان قىياپىتىنى ئىپادىلەيدۇ .بەزىللىرى ، ھەتتا بەزىللىرى قارغاي يۇپۇرمىقىنى چىشلەپ تۇرۇپ  ئۇخلايدۇ . گۇگۇم چۈشكەندە ئاندىن بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىدۇ. &MB1'~Q,hq  
ئۇلار بوشلۇقتى پەرۋاز شەكىللىرىنى كۈزىتىپ ئېنىقلاپ كېتىشى مۈمكىن ئەمەس . شۇڭا ، سەھەردە ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا ئۇلاردىن تۆت جۇپنى تۇتۇپ، چوڭ سىم تور قەپەسكە سولاپ قويدۇم . ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن قەپەسكە قارغاي شاخلىرىنى سېلىپ قويدۇم . ئۇزاق كۈتتۈم . ئۇلار بوشلۇقتىكىدەك پەرۋاز قىلمىدى . چۈنكى ، ئۇلار ئىگىز ئۇچالمايتى . ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئەركىكى  جۆرىسىنىڭ  قېشىغا ئۇچۇپ بېرىپ ، قاتلىنىدىغان يەلپۈگۈچىنى ئېچىپ ،يىنىك مىدىرلىتىپ: «كۆڭلىمنى قوبۇل قىلارسەنمۇ ؟» دەپ سوراۋاتقاندەك ، ئۇنىڭ چىرايلىق رۇخسارىنى ماختاۋاتقاندەك قىلاتتى . بولۇپمۇ ئەركىكىنىڭ سېھرى كۈچى قاتلىنىدىغان يەلپۈگۈچىدە ئىدى . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ خوشامىتىگە پەرۋا قىلمىغاندەك ، قىمىرلاپمۇ قويمايتتى .چىشىسى قەپەستىكى مەھكۇملۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەسرەت-نادامەتتىن قۇتۇلالمىغاندى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەنمۇ ئىلگىرلىگەن ئالاقىنى كۈزىتىشكە ئىلاجىسىز قالدىم . ئۇلار يېرىم كېچىدە جۈپلىشىشى مۈمكىن . ئەڭ ياخشى پۇرسەت كەلگىچە ساقلاپ تۇرالمىدىم . ^/xb-tuV  
ئاللاھىدە قىزىققىنىم شۇكى ، ياپۇنىيە ماي قوڭغۇزىدا مۇزىكا تالانتى بار ئىدى . ھەتتا چىشىسىمۇ ناخشا ئېيتالايتى . ئەركىكى چىشىسىنى ناخشا ئارقىلىق جەلىپ قىلامدىغاندۇ ؟ چىشىسىمۇ ناخشا ئارقىلىق ئەركىكىگە جاۋاپ قايتۇرامدىغاندۇ ؟ ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، بىر جۈپ جورىلارنىڭ خۇشال تۇرمىشى قارغاي شاخلىرىدا ئۆتىدۇ.بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ بىرى ناخشا ئېيتسا ، يەنە بىرى ماسلىشىپ ، جۈر بولىدىغاندۇ . ئەپسۇسكى ، ئۇلارنىڭ قارغايدا بىر- بىرىگە جۈر بولۇپ ئېيتقان ناخشىللىرىنى ئاڭلىمىدىم ، سىم قەپەستىكى ناخشىللىرىنىمۇ ئاڭلىيالمىدىم . گۇۋاھچى بولۇشقا ئىلاجىسىزمەن .  
ماي قوڭغۇزى قورسىقىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىن ئاۋاز چىقىرىدۇ .قورسىقىنى بىر كۆپتۈرۈپ  بىر يىققاندا قورسىقىنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى قالقان قانىتىنىڭ كەينىدىكى قاناتلىرى بىر بىرىگە سۈركىلىدۇ- دە ، ئاۋاز چىقىرىدۇ . قورساق بوغۇملىرى بىلەن قالقان قاناتقا قاراپ ئۇلاردا ئاۋاز چىقىرىدىغان بىرەر ئالاھىدە ئەزانى كۆرگىلى بولمايدۇ .لوپا ئەينەك بىلەن قارىغاندىمۇ ئاۋاز چىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان ئىنچىكە سىزىقلار كۆرۈنمەيدۇ . قانىتىنىڭ ئىككى تەرىپى سىپسىلىق ، ئەمسە ، ئاۋاز قانداق چىقىدۇ ؟ _94R8?\_V7  
بېگىز بارماقنى ھۆل قىلىپ ئەينەككە سۈركىگىنىڭىزدە چىققان ئاۋاز ماي قوڭغۇزىنىڭ ئاۋازىدىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ .كاۋچۇك سۈرۈتكۈچنى ھۆل قىلىپ سۇركىگىنىڭىزدە ماي قوڭغۇزنىڭكىگە ئوخشاش ئاۋاز چىقىدۇ . ئەگەر مۇئەييەن رىتىمنى ئىگەللىگندە ، ماي قوڭغۇزى ئېيتقان ناخشىدىن پەرىقلەنمەيدۇ . ماي قوڭغۇزىنىڭ بەدىنىدىكى كۆپۈپ يىغىلالايدىغان يۇمشاق قورساق قىسمى رىزىنكىگە ھەم نېپىز ، ھەم قاتتىق قالقان قانىتىنىڭ كەينىدىكى قانىتى ئەينەككە ئوخشايدۇ . دېمەك ، ماي قوڭغۇزىنىڭ ئاۋاز چىقىرىش قائىدىسى ئىنتايىن ئاددى . CioS}K  
سانى كۆپ بولمىغان قالقان قاناتلىق باشقا ھاشارەتلەرمۇ ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە . مەسىلەن ، تولۇقچى قوڭغۇزمۇ  قورسىقىنىڭ كۆپۈپ يىغىلىشى بىلەن قالقان قانىتىنىڭ كەينىدىكى قانىتىنى سۈركەپ ئاۋاز چىقىرىدۇ . S>Gb Jt(]  
ياپۇنيە ماي قوڭغۇزىنىڭ ئاۋاز چىقىرىش قائىدىسىنى بىلگەن بولساقمۇ ، ئۇنىڭ نېمىشقا ناخشا ئېيتىدىغانلىقى يەنىلا سىىر . جورا ئىزدەپ ناخشا ئېيتامدىغاندۇ؟بۇ مۈمكىن ، لېكىن ، ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولساممۇ ، ماي قوڭغۇزىنىڭ يېرىم كېچىدە ناخشا ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . بىر غىرىچ يېنىمدا تۇرغان سىم توردىنمۇ ئۇلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ باققىنىم يوق . K~fWZT3]  
ياپۇنيە ماي قوڭغۇزىنى ناخشا ئېتقۇزۇشمۇ تەس ئەمەس . ئۇنى قولۇڭغا ئېلىپ ئازراق سىلاپ مىجىپ قويساڭ ناخشا ئېيتىشنى باشلايدۇ .سەن ئۇنىڭغا چېقىلمىغىچە ناخشا ئېيتىۋېرىدۇ . ئۇنى زەن سېلىپ ئاڭلىساڭ ، ناخشىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىمايدۇ . غەلىتە يېرى شۇكى ، ياپۇنيە ماي قوڭغۇزىنىڭ دۇنياسىدا ناخشا ئازابىنى ئىپادىلەيدۇ .جىمجىتلىق بولسا خۇشاللىقنىڭ ئالامىتىدۇر . l7Wdbx5x0  
كۆكرىكى ياكى قورسىقىنىڭ سۈركىلىشىگە تايىنىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ھاشارەتلەرمۇ ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ .ئۇۋىسىدا تۇخۇم تۇغۇۋاتقان چىشى قارا چېكەتكە تۇيۇقسىز چۆچىپ كەتسە قايغۇلۇق سايراپ كېتىدۇ . تۇتىۋېلىنغان ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز جېنىنىڭ بارىچە چىرقىرايدۇ .خەۋپ ئۆتسە ئۇلارمۇ جىمىپ قالىدۇ . &z>iqm"Ww  
بەزى ھاشارەتلەرمۇ كۆڭۈل ئېچىش ، جورا ئىزدەش ، خۇشاللىقنى تەبرىكلەش ، چىقىۋاتقان ئاپتاپنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ناخشا ئېيتىدۇ . بۇ ھاشارەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى خەۋپكە ئۇچرىغاندا جىمىۋالىدۇ. <S12= 
سەل پەل نۇرمالسىزلىق كۆرىلسە ، توقۇمىچى قۇرۇت ناخشا ئېيتىلمايدۇ . ئۇنىڭ ئەكسىچە ، تومۇزغا تۇتىۋېلىنسا ، جېنىنىڭ بارىچە ئادەتتىكىدىنمۇ قاتتىق چىقىرايدۇ . چېكىتكە ناخشا ئېيتىپ ھەم قايغۇسىنى ، ھەم خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ئۇنىڭ زادى قايغۇدىن ياكى خۇشاللىقتىن ناخشا ئېيتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. R?Ch8mW.!  
ھاشارەتلەرنىڭ جىمىۋالغانلىقى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ ؟ ئەگەر ماي قوڭغۇزى ۋە تومۇزغا خەۋىپ ئالدىدا جېنىنىڭ بارىچە چىرقىرىسا ، توقۇمىچى قۇرۇت نېمە ئۈچۈن خەۋپ ئالدىدا جىمىۋالىدۇ . <@y(i kp>  
قىسقىسى ، ھاشارەتلەرنىڭ چىرقىراش مەسلىسى ھازىرغىچە ئايدىڭلاشمىدى . oq,*@5xV2  
سىم قەپەسكە سولاپ قويۇلغان ئەركەك ياپۇنيە مايقوڭغۇزى 7- ئاينىڭ باشلىرى بۇلۇڭغا بېرىۋېلىپ ، بەزىدە توپىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، ئاستا –ئاستا قېرىپ ئۆلىدۇ .چىشىسى تۇخۇم سېلىش بىلەن بەنىت بولىدۇ .ئۇلار قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى ساپاندەك تۇخۇم سېلىش ئەسۋابى بىلەن توپىنى كولاپ ، ئاندىن تەييارلانغان ئازگالغا كىرىۋالىدۇ .بەزىدە توپىنى قورسىقى بىلەن تەڭ قىلىۋالسا ، بەزىدە بېشى بىلەن تەڭ قىلىۋالىدۇ ھەمدە تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ  . ھەربىر ماي قوڭغۇزى 20 تۇخۇم تۇغۇپ ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغاندەك ، تۇخۇمنى چوڭ پۇرچاقنىڭ چوڭلىقىدىكى تۆشۈكلەرگە بۆلۈپ كۆمۈپ قويىدۇ . تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن كارى بولمايدۇ . g\*2w @  
بۇلاردىن ئاپرىقىدىكى ئۆسۈملۈك – يەر ياڭىقى (خاسىڭ)نى ئويلاپ قالدىم . يەر ياڭىقى چېچەكلىگەندىن كىيىن ، چېچىكى توپىغا كىرىپ، توپىدا مىۋە تۇتىدۇ . مىۋىسى يىلتىز چىقىرىپ بىخ سۈرىدۇ . يۇرتىمىزدا ئىككى خىل غوزەك سالىدىغان ياۋا پۇرچاق بار . بىرخىل غوزەك يەر ئۈستىدە ، يەنە بىر خىل غوزەك يەر ئاستىدا بولىدۇ . ئىككىسىلا يىلتىز چىقىرىپ بىخلىنالايدۇ . تۇپراقتا مۇئەييەن نەملىك ساقلانسا يەر ياڭىقى ۋە ياۋا پۇرچاقنىڭ ئەۋلاتلىرى كۆپىيەلەيدۇ ، ئۆسىۋېرىدۇ . بۇ ئىككى خىل زىرائەتنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ماي قوڭغۇزىنىڭكىدىن قىلچە پەرىقلەنمەيدۇ . hI*6f3Vn(n  
دەل-دەرەخ ۋە زىرائەتلەرنىڭ  يىلتىزىنى يەيدىغان ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى ئائىلىسىدىكى بەزى ھاشارەتلەر يېزا ئىگىلىكىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ .ياپۇنيە ماي قوڭغۇزىنىڭ زىيىنى مېنىڭچە ئاپەت بولالمايدۇ . ئۇنىڭ لىچىنكىللىرى چىرىگەن يۇپۇرماق ۋە پور ياغاچلارنى يەپ قانائەتلىنىدۇ . يېتەكلىگەن ماي قوڭغۇزلىرىمۇ قارغاي يۇپۇرمىقىنىلا غاجايدۇ . بەك ئاچكۆزلىك قىلمايدۇ .ئەگەر قارغاينىڭ ئىگىسى بولغان بولسام ، ئۇ پەيدا قىلغان زىيانغا ئانچە پەرۋا قىلمىغان بولاتتىم . قۇرۇق قارغاينىڭ ئازراق يۇپۇرمىقى يېيىلىپ كەتسە چوڭ ئىش ھېساپلانمايدۇ . ئۇنىڭغا كاشىلى قىلمايلى ! ئۇ ئىسسىق كۈنلەردىكى گۇگۇمنىڭ زىننىتى ، تومۇز كۈنلەردىكى ئاسمان پەردىسىنىڭ چىرايلىق بېزىكى . %H3 iX^}*  
MFipXE!  
مەنبە:7- يىللىق2- قىسىم ئەدەبىيات 7324#HwS  

قاراخان 2014-03-04 17:38
بۇلار بۇ دەرسنىڭ تەييارلىقى: \3x+Z!  
مىېھرىما :ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى (دەرىس تەييارلىقى)|/bbs/read.php?tid=11719 OSwum!hzN  
0Q]{r )  
ياپونىيە ماي قوڭغۇزى|/bbs/read.php?tid=5802 7&Ie3[Rm_3  
^j1i CL!  

قاراخان 2014-03-04 17:39
مۇنبىرىمىزگە بۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ماتىرىيال يوللانماپتۇ،

گۈلنىھال 2014-03-04 20:25
‏‏مېھرىمانىڭ ئەجرىگە رەھمەت جۇمۇ . YOY2K%o  
‏خەت بېسىشتىن زېرىكىدىكەن ئادەم . D#d/?\2  
‏لىكىن دوستلارنىڭ ئىلھام -  مەدەتلىرى ئاستىدا يېزىپ كېتىۋاتىمىز .

مىېھرىما 2014-03-04 22:39
قاراخان:مۇنبىرىمىزگە بۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ماتىرىيال يوللانماپتۇ،  (2014-03-04 17:39) 
5.lg*vh  
سىزگە كۆپ رەھمەت . بىزنىڭ بۇ ھەمكارلىقىمىز بۇ مۇنبەرگە . پايدىللىق قىممەت يارتىدۇ دەپ ئويلايمەن . شۇڭا سىزگە كۆپ رەھمەت .

مىېھرىما 2014-03-04 22:41
توغرا دەيسىز گۈلنىھال .مېنى پەقەت سىزلا ئەڭ ياخشى چۈشىنىسىز . ئىلھاملاندۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت .

ئەكبەرنىياز 2014-03-20 04:42
مەنمۇ سىزنى چۈشىنىمەن مېھرىما ، تېكىستلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى ئۈچۈن چېكىۋاتقان مۇشەققەتلەرنى بەكلا چۈشىنىمەن ! يەنىمۇ بەردەم بولۇڭلار !!!

مىېھرىما 2014-03-20 12:21
چۈشەنگەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم رەھمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- مىېھرىما :ياپۇنيە ماي قوڭغۇزى (تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled