查看完整版本: [--
5-1-1.كېسىشكۈچى سىزىقلار(نادىرەئاي)
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
ماتىماتكا
->
5-1-1.كېسىشكۈچى سىزىقلار(نادىرەئاي)
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
nadiraay
2014-03-03 19:55
5-1-1.كېسىشكۈچى سىزىقلار(نادىرەئاي)
سائەتلىك ئوقۇتۇش لايىھەسى
课时教学设计
دەرس تېمىسى
课题
.
5-1-1.كېسىشكۈچ ىسىزىقلار
ئۇقۇتۇش نىشانى
教学目标
بلىم ۋەئىقتىدار
知识与技能
ئىككى تۈز سىزىق ئۆز- ئارا كېسىشكەندە ھاسىل بولغان بۇلۇڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگەللىتىش، قوشنا تولدۇرغۇچى بۇلۇڭ بىلەن قارىمۇ-قارشى چوققىلىق بۇلۇڭ ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈش، بېرىلگەن بۇلۇڭنىڭ قارىمۇ- قارشى چوققىلىق بۇلۇڭى بىلەن تولدۇرغۇچى بۇلۇڭىنى تاپالايدىغان بولۇش
.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىتىش، تەھلىل قىلىش، ئەقلى خۇلاسەچىقىرىش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.
جەريان ۋەئۇسۇل
过程与方法
رەسىمنى كۈزىتىش، ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىش، قائىدىنى خۇلاسىلاش، مۇناسىۋەتلىك مەشىق ،كۆنۈكمىلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەش.
ھىسيات پوزىتسىيە قىممەت قارشى
情感态度价值观
ئىككى تۈز سىزىقنىڭ ئۆز- ئارا كېسىشىش ئەھۋالىنى كۈزىتىش ۋە مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز - ئارا كېسىشكۈچى سىزىقلارنىڭ تۇرمۇشتا قوللىنىلىشى ھېس قىلدۇرۇلىدۇ.
ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم نۇقتا،
قىيىن نۇقتا ۋە ئۇنى
ھەل قىلىش
教学重点难点及其外处理
مۇھىم نۇقتا:
قوشناتولدۇرغۇچى بۇلۇڭ ۋە قارىمۇ قارشى چوققىلىق بۇلۇڭ ئۇقۇمىنى بىلدۈرۈش.
قىيىن نۇقتا:
بىرىلگەن بۇلۇڭنىڭ قوشنا تولدۇرغۇچى بۇلۇڭى ۋە قارىمۇ قارشى چوققىلىق بۇلۇڭىنى توغراتاپالايدىغان بولۇش .
دەرىس تىپى دەرس سائىتى
课型
课时
يېڭى دەرىسنىڭ 1- سائىتى
ئوقۇتۇش ۋاسىتلىرى
教学手段
دەرسلىك كىتاب، يانداشما مەشىق.كومپىيۇتېر،دوسكا، بور، قايچا، سىزغۇچ
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە
ئۆگىنىش شەكلى
教学方法与学习方
式
كۈزىتىشكە يېتەكلەش، گورۇپپىلار ئارامۇزاكىرىگە تەشكىللەش، مۇھاكىمىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىلھاملاندۇرۇپ قوزغىتىش،يىغىنچاقلاپ خۇلاسە قىلىش.
ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ لايىھىلىنىشى (ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئاساسى بىلىمنى يىغىنچاقلاش ۋەئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى)
教学过程设计(教学内容,基础知识归纳能力测评内容)
( تولۇقلىما مەزمۇن)
رەسىمدىكىدەك
a
،
b
تۈز سىزىقلار كېسىشىدىغانلىقى
°
40=1∠
ئىكەنلىكى بېرىلگەن بولسا قالدى بۇلۇڭلارنىڭ گىرادۇس سانىنى تېپىڭ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
ئوقۇغۇچىلاردىن ئاۋال بىر تەكشىلىكتە ياتقان ئىككى تۈزسىزىقنىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتى قانچەخىل بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندىن كېيىن، بۇ سائەتلىك دەرستە نۇقتىلىق قىلىپ بىر تەكشىلىكتە ياتقان ئىككى تۈز سىزىقنىڭ كېسىشىدىن ھاسىل بولغان 4 دانە بۇلۇڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلىدۇ. ئاندىن بېرىلگەن شەكىل ۋە ئەمىلىي مىسال ئارقىلىق قوشنا تولدۇرغۇچى بۇلۇڭ بىلەن قارىمۇ- قارشىچوققىلىق بۇلۇڭ ئۇقۇمى ئوقۇغۇچىلارغا خۇلاسىلەتكۈزۈلىدۇ.
1∠بىلەن 2∠، 1∠بىلەن 4∠،3∠ بىلەن 4∠لەرگە ئوخشاش، بىر ئورتاق تەرەپكە ئىگە، بىر بۇلۇڭنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر بۇلۇڭنىڭ بىر تەرىپىنىڭ قارشى يۆنىلىشتىكى داۋامىدىن ئىبارەت بولغان ئىككى بۇلۇڭ ئۆز- ئارا قوشنا تولدۇرغۇچى بۇلۇڭلار دەپ ئاتىلىدۇ.
1∠بىلەن 3∠ ،4∠بىلەن 2∠ لەرگە ئوخشاش بىر ئورتاق چوققىغا ئىگە ھەمدە بىر بۇلۇڭنىڭ ئىككى تەرىپى ئايرىم- ئايرىم ھالدائىككىنچى بىر بۇلۇڭنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ قارشى يۆنىلىشتىكى داۋامى بولسا ، بۇنداق بۇلۇڭلار قارىمۇ- قارشى چوققىلىق بۇلۇڭلار دېيىلىدۇ.
قارىمۇ-قارشى چوققىلىق بۇلۇڭلار تەڭ بولىدۇ.
دوسكالايىھىسى
板书设计
5-1-1.كېسىشكۈچى سىزىقلار
بىرتەكشىلىكتە ياتقان ئىككى تۈز سىزىقنىڭ ئورۇن مۇناسىۋىتى
ئۆز- ئارا قوشنا تولدۇرغۇچى بۇلۇڭلار
قارىمۇ- قارشى چوققىلىق بۇلۇڭلار
قارىمۇ- قارشى چوققىلىق بۇلۇڭلار تەڭ بولىدۇ.
ئۈلگىلىك مىساللار
تاپشۇرۇق
作业
دەرستىن كېيىنكى
قايتا ئويلىنىش
课后反思
گۇرۇپپامەسئۇلى
پىكرى ۋە ئىمزاسى
教研组长意见:
nadiraay
2014-03-03 20:09
كەچۈرۈڭلار قىستۇرغان شەكىل چىقمىدى. بۇنىڭغا ئامالىم يوق بولۇپ قالدى.
تولۇقلايدىغان مەزمۇن دېگەن جايغا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كەم بولۇپ قاپتۇ دېگەن مەزمۇنلارنى شەكلىنى سىزىپ تۇرۇپ ئۆزىڭىز قولدا تولۇقلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ياسىنجان510
2014-03-03 20:36
جاپا چېكىپسىز ،ياخشى لايىھىلىنىپتۇ.
nadiraay
2014-03-03 20:50
ياسىنجان510
:
جاپا چېكىپسىز ،ياخشى لايىھىلىنىپتۇ.
(2014-03-03 20:36)
رەھمەت.ئاددىي بولسىمۇ يوقتىن ياخشى.
nadiraay
2014-03-03 20:55
ماتىماتىكا دەرسىنى تەييارلاش سەل تەسرەككەن، بولۇپمۇ شەكىل كىرگۈزۈش ۋە ماتىماتىكىلىق بەلگىلەرنى كىرگۈزۈش. تەسكەن دەپ بۇ يىلمۇ قولدا يازسام، كېيىنكى يىلىمۇ قولدا يازسام .... بولغۇدەك. بۇخىلدا تەييارلىۋالسام قولدا يازىدىغان جاي ئاز بولغاندىكىن كونسىپىك يېزىش ئۈچۈن ئەمەس، دەرسنى قانداق قىلسام ياخشى ئۆتىمەن دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپىرەك ئويلىنالىغۇدەكمەن.
مىېھرىما
2014-03-03 22:14
بۇ دەرىس ياخشى تۈزىلىپتۇ . كۆپ ئەجىر قىپسىز !!!
بابۇر0725
2014-03-04 00:05
تاما تاما كۆل تولا جاپا چىكىپسىز
تۆتتاش
2014-03-04 01:00
جاپا چېكىپسىز ،ياخشى لايىھىلىنىپتۇ.
گۈلنىھال
2014-03-05 20:43
نادىرە ئاي ، شۇنداق ئەستائىدىل تۈزۈلۈپتۇ ، ھارمىغايسىز !
nadiraay
2014-03-11 23:42
كۆپچىلىكنىڭ مەدەت بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت.
查看完整版本: [--
5-1-1.كېسىشكۈچى سىزىقلار(نادىرەئاي)
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled