uzqak |
2014-03-03 02:19 |
روھ چاچقىنلىرى ________ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكەن كۈنلەر
روھ ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىز يېڭى پەلسەپىسىنى يازماقتا . بەزىلىرى شئېرى شەكىلدە بەزىلىرى نەسرى شەكىلدە بەزلىرى ئاددى كەپىلەردىكى جېينىمازدا، بەزىلىرى قاۋاقخانىدا يەنى بەزىلىرى ... ھەممىمىز روھىمىزنى ياراتماقتىمىز ۋە يازماقتىمىز.«روھ چاچقىنلىرى» دەپ ماۋزو قويدۇم .ئۆزۈمدىن قايتۇرۇپلا «روھ دېگەن نېمە؟ » -دەپ سوراپ قويدۇم. بۇنىڭغا نۇرغۇن ئېنىقلىمىلار بېرىلىپ ئۇ ھەقتە پىكىر بىرلىكى بولسىمۇ لېكىن روھ ھەققىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا تەبىرى بولىدىغانلىقىغا ھەم ئىشەندىم. شۇڭا روھ دېگەن نېمە دېگەن سۇئالغا «ئۇ -ھەرىكەت ،ئۇ -ئەمىلىيەت! » دەپ،يېزىپ قويدۇم! نۇرغۇن مەسىللەر ئۈستىدەكۆپلىگەن ئادەم سۆزلىيەلەيدىكەن. سۆزلىيەلەيدىغان ئادەمنىڭ كۆپ بولىشى ئۇنى قىلالايدىغان ئادەمنىڭ كۆپ بولىشىنى بەلگىلەلمەيدىكەن . چۈنكى ھەركىتىدە روھىنى ھەقىقى ئىپادىلەگۈچىلەرلا شۇ دەۋىرنىڭ ھەقىقى قەخرىمانى بولالايدىكەن . شۇڭلاشقىمۇ دەۋىر قەخرىمانلىرىنى كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ساقلايدۇ ، سېغىنىدۇ،مەدىھلەيدۇ .ئۇلار ئۈچۈن ئامانلىق ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيدۇ.... مۇشۇنداق قۇرلار بىلەن بۇ يازمامنى باشلىۋالدىم . {_&'tXL شىخەنزىدىكى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋاتقان كۈنلەردە، جۈمە كۈنلىرى ئىشتىن چۈشۈپ ئۈرۈمچىدىكى ئاچامنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىققاتتىم. خىزمەتكە چىقىپ 19 - يىلىغا قەدەم قويغاندا ئېرىشكەن بۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىشىم ئەڭ مۇھىمى بۇرۇن ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىشلارنى بىرەرقۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىشىم كېرەكتەك بىلىندى. شەنبە كۈنلىرى ئۈرۈمچىنىڭ سودا مەركىزى بولغان خەلقارالىق چوڭ بازاردىكى «قىران بۈركۈت سودا سارىيى» نىڭ تۆتىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان «شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى » غا بېرىپ كىتاب كۆرىدىغان بولدۇم . بۇ يەرنىڭ ئۆگۈنىش مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. ھەقسىز تور ، تۈرلۈك ئىچىملىكلەر .نۇرغۇن كىتاب مەنبەسى ھەممىدىن مۇھىمى بۇ يەردە ئۆگۈنىش قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ،ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆگىنىش روھىدىن تەسىرلىنىش پۇرسىتى، بۇلۇقتۇرمىلىق ئىچىدە تەمتىرەپ قالغان روھىمنىڭ روجەكلىرىدىن قىسىلىپقىنە كىرىپ يېڭى روھ تامچىلىرىنى پەيدا قىلدى. نۇرغۇن ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ بۇيرۇقىسىز تىنىچقىنە ئولتۇرۇپ ئۆگۈنىش قىلىدىغان ، بىلىمنىڭ ،ئۆگىنىشنىڭ پارىڭى بولىدىغان باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىققا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بۇنداق مۇھىت نەقەدەر سۆيۈملۈك - ھە! قەلىب خاتىرەمدە قاچانلاردىندۇ ساقلىنىپ قالغان يوقۇرى ئاۋازدىكى تېلفون ئېلىشلار ، قوپاللىق، كىچىككىنە سەۋەنلىكلەرنى كۆپتۈرۈشلەر، ئىنسانىلىقنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن بەكمۇ يىراقلاشقان تۈكۈرۈپ - مىشقىرىشلار، دەبدەبىلىك يىغىنلار بۇ مۇھىت بىلەن سېلىشتۇرما بولۇپ ئۈلگۈردى. s6bILz-u بۇ كۇتۇپخانىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجان ئەزىز ئەپەندىم مالايشىيادا پەلسەپە ماگىستىرلىقىنى ئوقۇغان بولۇپ يۇرتى ئاقسۇدىن ئىدى . ئۇ ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئۇنىڭ كۇتۇپخانىنى قۇرۇش جەريانىدا ئاز بولمىغان ئەگىر - توقايلىقلارنى بىشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدىم. ئەلۋەتتە مەنپەئەت ، پۇل ،مال - دۇنيا ئالدىدا ياپراقتەك تىتىرەپ ياشايدىغان كىشىلىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا ئۆز ئۆيىنى سېتىپ كۇتۇپخانا قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ قىلىش، يەنى كېلىپ بەش-ئالتە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇلۇغلۇق دىمەي تۇرالمايمەن. 9 js!gJC بۇ يەردە كىتاب كۆرۈشكە ئادەتلىنىپمۇ قالدىم. ئاھالە كومېتىتى ، مۇقۇملۇق ساقلىغۇچىلار دېگەندەك ئورۇنلاردىن خادىملار كېلىپ كۇتۇپخانىنىڭ خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىش بىلەن بىرگە قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى پات - پات سوراپ تۇرۇدىكەن. بۇ يەرگە كېلىپ ئىككىنچى ھەپتىسى كۇتۇپخانىغا ئەزا بولغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتىلىدىغان تىل - ئەدەبىيات تەكرار سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى سائەت دەرسكە كىرىپ قويدۇم. بۇ ئىككى سائەتلىك دەرس بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە شەنبە ، يەكشەنبىلىك ھەقسىز دەرس ئاڭلىغۇچىلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدىم. ھەر ھەپتىدە بۇ كۇتۇپخانىغا كېلىش مېنىڭ مۇھىم ۋەزىپەم ۋە مەجبۇريىتىم بولۇپ قالدى. كۇتۇپخانىغا كىرگەن تۇنجى كۈنۈمدىكى ئابلاجان مۇئەللىم بىلەن بولغان قىسقىغىنە سوھپىتىم ھازىرمۇ ئىسىمدە : a"SH_+T{ _سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن .نەدە كۆرگەندىمەن؟ F0:|uC4 __ مېنى نەدە كۆرگەنسىز؟ #S)]`YW ئەسلىيەلمىدىم ،شۇنداق تۇنۇش كۆرۈنىسىزغۇ. B~+3<# B ئەمىلىيەتتە ھەممىمىز تۇنۇشقۇ؟ سەل تۇرۇۋېلىپ نىمىشقىدۇر ئەستايىدىل چۈشەنچە بەردىم . ,cZhkXd
__ تەۋپىق مۇنبىرىدە كۆرۈپتىمەندە ؟ ئۇ مۇنبەرگە داۋاملىق كىرىپ تۇرۇمەن، ناھايىتى ياخشى ئۇ مۇنبەر..... p4mi\~Q بىز مەۋھۇم دۇنيا دەپ ئاتىۋالغان ئەمما روھىمىز ۋە رېئاللىقىمىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بۇ دۇنياغا سىڭدۈرگەن ئەجىرمۇ كىشىنى نائۈمىد قويمايدىكەن ! ئۇ بىزنى تۇنۇشتۇرىدىكەن، بىزنى سۆزلەيدىكەن، بىزنى يازىدىكەن! روھىمىزنى يەنى بىر روھلار بىلەن ئۇچۇراشتۇرۇپ روھ قاينىمى ياسايدىكەن. ئۇ قاينامدا ھەر خىل ئىدىيە سۈزمىلىرىنى ياسايدىكەنمىز.ئۇنى رېئاللىقىمىزغا تەدبىقلايدىكەنمىز.شۇڭا تور دۇنياسىدا پاسىپ پىكىرلەردىنمۇ بەكرەك ئاكتىپ پىكىر يۈلىنىشىنى پەيدا قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرتىش ئەرزىيدىكەن. jr[(g:L بۇ قۇرلارنى يېزىۋىتىپ يېزىشتا ئىزچىللىقنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمغا ئۈنسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردىم. بىز بۇ يەردە بالىلار ئۈچۈن باش قاتۇرىمىز ،سۆزلىرىمىز ئاددى بولسىمۇ مۇنبەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەسئولىيىتىنى باشقىلارغا جاكارلايمىز. بىز بۇ يەردە مائارىپنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان بالىلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز! يەنى كېلىپ مائارىپنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان جەمئىيەت ئوتتۇرسىدا تەلىم - تەربىيە مۇساپىسى ھازىرلايمىز! خۇددى كۇتۇپخانا كىتابخانىلارغا ئوخشاشلا مەدەنىيەت، بىلىم تارقىتىش رولىنى ئۆتەيمىز! شۇڭلاشقىمۇ يەنىلا يېزىش كېرەك! ).U\,@[A{ شۇڭالشقىمۇ تەۋپىقداشلىرىم يېزىڭلار!(داۋامى تېخى خېلى ئۇزۇن ) Y-!~x0-H
|
|