查看完整版本: [-- مىېھرىما:ئىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> مىېھرىما:ئىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-03-02 22:53

مىېھرىما:ئىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت

                                                                                                         ئىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت 7g a|4j3%  
                                                                                                                   لو جيالۇن \vR&-+8dk  
*#n?6KqZ  
]IZn#gnM  
ئىلىم بىلەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ روشەن پەرقى بار . ئىلىم بىلىمنىڭ جۇغلانمىسى،  شۇنداقلا ھاياتنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان خام ماتېريال. ھالبۇكى ، ئەقىل پاراسەت بولسا خام ماتېريالنى پىشىقلايدىغان پېچ . ئىلىم گۇيا تۆمۈرگە ئوخشايدۇ . ئىلىم ئاز-ئازدىن توپلىنىدۇ ، ئۇلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولىدۇ . ئىلىم ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىدۇ ، بىراق ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قورالى . ئەقىل-پاراسەت بىرخىل ئېنىق كۆرەرلىك بىرخىل قايتا ئويلىنىش ، يىراققا نەزەر سېلىش ؛ ئۇ كىشىلىك ھايات ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرخىل رادىيوئاكتىپلىق؛ ئۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بالقىپ چىقىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىللە ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىستىقبالىنى يۇرىتىدۇ . DL:wiQ  
بەزىلەر ئىلىم ئەقىل-پاراسەت دىمەكتۇر ،دەيدۇ  ئەمىليەتتە ، ئىلىملىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەقىل –پاراسەتلىك بولغانمۇ؟ دۇنيادا نۇرغۇن چوڭقۇر مەلۇماتلىق كىشىلەر بولسىمۇ ، لىكىن ئۇلار ئىلىمنى جانلىق تەدبىقلىيالمايدۇ ، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارنى بىلىشنى بىلمەدۇ ، ئۆمۈر بويى كىتاپتىن چىقالمايدۇ ، بۇلارغا« ئەقىل-پاراسەت »تىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس .   بۇنداق كىشىلەرنى ياۋرۇپالىقلار «ئىلىملىك دۆت»دەپ ئاتايدۇ ، جۇڭگۇدا بولسا «ئىككى پۇتلۇق كىتاپ ئىشكاپى» ياكى «دۇڭخۇاڭ ئەپەندى »دەپ ئاتايدۇ . ئەكسىچە قىلىپ ئەيتقاندا ، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭمۇ ناھايىتى مەلۇماتلىق بولىشى ناتايىن . شۇنداق كىشىلەر باركى ئوقۇغان كىتابى كۆپ بولمىسىمۇ ھەممىنى بىلەلەيدۇ، تەجىرىبىسىگە تايىنىپ ئەقىلنى جايىغا ئىشلىتەلەيدۇ ، «كالا سويغاندا سەزگۈ ئەزالىرىنى ئىشقا سالماي ، روھىي ھەرىكەتكە تايىنىپ ، كالا گەۋدىسىنىڭ تەبىئىي پىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى بويىچە ، پىچاقنى چوڭراق بوشلۇققا سۈركىسىلا بولىدۇ .» بۇنداق كىشىلەرنى دىز ئەقىل-پاراسەتسىز دەپ ئېيتالامسىز ؟ !qjIhZi  
ئىلىم ئەقىل-پاراسەتتىن ئايرىلالمايدۇ ؛ ئەقىل-پاراسەتتىن ئايرىلغان ئىلىم ئۆلۈك ئىلىم . تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر نۇرغۇن ماتېرياللارنى توپلايدۇ ، بىراق يىل بويى ئاۋارە بولۇپمۇ مەسلىنىڭ مەركىزىنى تاپالماي ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ ، نەتىجىگە ئېرىشكەندىمۇ ئەمىيىتى ئانچە زور بولمايدۇ –مانا بۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ يوقلىقى . ھالبۇكى ، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەر ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ ، ئۇلار كىچىككىنە بىر مەسلىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ئاچقۇچنى تۇتۇپ ، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ چىقالايدۇ ؛ بۇنىڭدا مەسىلە كىچىك بولسىمۇ ،تەسىرى كەڭ ھەم زور بولىدۇ . مەسىلەن ، مېندېلنىڭ پۇرچاق چېتىشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ تۇرۇپ ، ئىرسىيەت قانۇنىنى بايقاپ ، ئىرسىيەتشۇناسلىق ۋە سۈپەتلىك تۇغۇتقا ئاساس سالغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالى . يەنە تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى دارۋېننى مىسالغا ئېلىپ كۆرەيلى . دارۋېندىن  ئىلگىرى مول بىلىمگە ئىگە بىيولۇگلار ، دېڭىز بويىدىكى قۇلۇلە ، تاغ ئىچىدىكى تاشقا ئايلانغان رەسىملەر ، ئادەمسىمان مايمۇن ، ئىپتىدائى ئادەملەرنى كۆرگەنلەر يوقمىدى ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن تەبىئىي تاللىنىش ماسلىشالىغانلىرى ھايات قېلىش تەبىئىي قانۇنىيتىنى بايقىيالماي قالدى ؟دارۋېن ئۇنى بايقىغاندىن كىيىن ھۇشلېي:«بۇ قائىدىنى كالۋامۇ بىلەلەيتىغۇ ، نېمە ئۈچۈن مەن بىلەلمىگەن بولغىيتىم » دەپ ئەپسۇسلانغان ، شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن دارۋېننىڭ«كالا باش ئىتى»بولۇپ، دارۋېننىڭ تەسىرىنى كەڭەيتكەن . ھازىرقى زامان پىزىكى ئېينىشتېيىننى كىشىلەر نىيوتىندىن كىيىنكى تۇنجى ئۇلۇغ پىزىك دەپ ئاتالغان ، ئۇنىڭ نىسپىيلىك نەزىرىيسى ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان نەتىجە ئىدى ، بىراق ئۇ:«مېنىڭ كەشپىياتىم ئىنتايىن ئاددى ، سىلەر ئۇنى كۆرەلمىدىڭلار ،خالاس !» دەيدۇ . ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ كۆرەلمىگەننى كۆرەلىشى دەل ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ  باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان تەرىپى . 2V* 
دۇنيادا ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەر ئاز بولۇپلا قالماي ، بەلكى، يەنە ئەقىل-پاراسەتلىك كىتابلارمۇ ئاز . بىز  كىتابلارنى ئەقىل-پاراسەتلىك كىرابلىرى ۋە ئەقىل-پاراسەتسىز كىتابلىرى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىيالايمىز . ئەقىل-پاراسەت كىتابلىرىدىكى  ھەربىر خەت ، ھەربىر جۈملە نۇر چاقناپ تۇرغان ئۈنچىگە ، ئۆتكۈر شەمشەر تىغىغا ئوخشايدۇ ، ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى ئويغۇتىپ ، ئىددىيسىنى ئاچىدۇ ، ھەتتا بەزىدە بىر پارچە دىسىسېرتاتسىيەنى  ياكى بىر كىتابنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . مانا بۇ ئېنگىلىزچىدا دېيىلىدىغان «بىرليانت كىتاب» . ئەقىل-پاراسەتسىز كىتابلىرىدا ماتېرياللا دۆۋە-دۆۋە ، مۇنازىرە كۆپ بولسىمۇ ، لىكىن ھېچقانداق ئىددىيە يوق . بۇلاردىن خەۋەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ يۇ ، ئىلھامغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ .ئاپتۇر كەڭ مەنىلەرنى يۈكسەك يىغىنچاقلىيالمايدۇ ، ئوقۇرمەنلەر ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ . مانا بۇ ئېنگىلىزچىدىكى «چۈشىنىكسىز كىتاب» ھالبۇكى، بۇنداق كىتابلار ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ ، ئوقۇرمەنلەر ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي تۇرۇپ ئېسسىللىرىنى تاپالمايدۇ . شۇنى بىلىش كېرەككى ،كىتاب يېزىش ئۈچۈنمۇ ئەقىل-پاراسەت لازىم . كىتاب ئوقۇشتىن يىڭى بىلىم ، بايقاشلارغا ئېرىشىش ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئىپادىلىنىشى . چوڭقۇرلاپ تەھلىلى قىلىپ مەسلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ، پىكىر بىردىنلا ئېچىلىپ كېتىش ئاسان ئىش ئەمەس . ئەگەر نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ ، بارلىق تەپسىرلەنى تولۇق يادقا دەپ بېرەلىگۈدەك بولساڭمۇ نېمە پايدىسى ؟ ~VqDh*0  
ئىلىم ئەقىل-پاراسەتتىن ئايرىلالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە  ئەقىل-پاراسەتمۇ ئىلىمدىن ئايرىلالمايدۇ.. ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىلىملىك بولشى ناتايىن بولغىنىدەك ، ئىلىملىك كىشىلەرنىڭمۇ جەزمەن ئەقىل-پاراسەتلىك بولىشى ناتايىن ، بىراق ئەقىل- پاراسەت ئىلمنى ئاساس قىلغاندىلا ئىشەنچىلىك بولىدۇ .ئىلىمسىز ئەقىل-پاراسەت گۇياكى غىل-پاق كۆرىنىپ يوقالغان يۇرۇققا ئوخشايدۇ .ئۇ سوپۇن كۆپىكىدەك رەڭدار بولسىمۇ ، لېكىن قول تېگىشى بىلەنلا ئېتىلىپ كېتىدۇ .ئىلىم ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئەقىل-پاراسەتلا غىل-پال كۆرىنىپ يوقۇلىدىغان نۇرغا ئوخشىمايدۇ ، ئۇ خۇددى كۈزىتىش چىرىغىدەك بۇلۇت قاتلاملىرىنى يېرىپ ئۆتۈپ ، كۆكنى يۇرىتالايدۇ. ئىلىمدىن تاۋلىنىپ چىققان ئەقىل-پاراسەتلا ھەش-پەش دېگۈچە يوقۇلىدىغان سوپۇن كۆپىكىگە ئوخشىمايدۇ ؛ ئۇ پۈتمەس –تۈگىمەس بۇلاق سۈيىدەك بۇلدۇقلاپ يەر يۈزىگە چىقىپ تۇرىدۇ ھەم مۇشۇنداق مەنبەگە ئىگە بولغان  ئەقىل-پاراسەتلا ئەڭ ئىشەنچىلىك ، ئەڭ ساپ ، ئەڭ قىممەتلىك بولىدۇ . >hcze<^S  
ئەگەر ئىلىمنى قۇرۇلۇش ماتېرىيالىغا ئوخشاتساق ، ئۇنداقتا ئەقىل-پاراسەت مىمارنىڭ پاراسىتىگە ئوخشايدۇ . ياغاچ، تاش ھەتتا سېمونت ، پولات سىم بولسىلا ئىمارەت بولمايدۇ ؛ماتېريال مېخاينېكىسى ، قۇرۇلما پىرىنسىپى بىلگەن تەقدىردىمۇ ئادەتتىكىچە ئۆي سالغىلى بولىدۇ . ھەرگىزمۇ ھەيۋەتلىك سان پېتىر  ياكى پارىژ بۈۋى مەريەم چىركاۋىنى قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ .بۇنداق كەم كۆرۈلىدىغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن سەنئەتكارلارنىڭ ھۆنىرىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ .ماتېريال قولغا چىققانسېرى ھۆنەرنى شۇنچىكى كۆرسەتكىلى بولىدۇ ؛ قۇرۇلما پىرىنسىپى تەرەققى قىلغانسېرى سەنئەتكارلار شۇنچىكى يىڭىلىق يارتالايدۇ . ماتېريال بىلەن سەنئەتنىڭ ئۇسلۇبىغا بولغان تەسىرىگە پۇتكۈل گۈزەل سەنئەت تارىخى گۇۋاھ بولالايدۇ . شۇڭا، ئىلىم بىلەن ئەقىل-پاراسەت بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ .ئۇلاردىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ . بىزدە ئىلىملا بولۇپ قالماي ، يەنە ئەقىل-پاراسەتمۇ بولىشى ، ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئىلىمنى ئىگىلىشىمىز ، ئىلىمنى كۈزىتىشىمىز ، تەدبىقلىشىمىز كېرەك . :"pA0oB  
GQP2-cSZ  
مەنبە :9- يىللىق 1- قىسىم دەرىسلىك mEUdJvSG(  
*C*'J7  
2qF ?%  

گۈلنىھال 2014-03-03 01:42
يارايسىز مېھرىما ، تەشەككۈر !!!

قاراخان 2014-03-03 06:15
مۇنبىرىمىزگە بۇدەرسنڭ بىرلا دىتالىدىن باشقا ھېچقانداق ماتىرىيال يوللانماپتۇ. xzZ2?z Wi  
/bbs/read.php?tid=2047

مىېھرىما 2014-03-03 22:23
قارخان ۋە گۈلنىھال ئىككىڭلارغا كۆپ رەھمەت . سىلەردەك ياخشى ھەمكاركىشىدىغان ، .~nk' m  
/ S 9(rI<'  
ياخشى قوللاپ ياردەمدە بولىدىغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ بولغىنىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن .

بابۇر0725 2014-03-04 00:21
يارايسىز مېھرىما ، تەشەككۈر !!!

مىېھرىما 2014-03-04 16:38
رەھمەت سىزگە!!!!


查看完整版本: [-- مىېھرىما:ئىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled