گۈلنىھال |
2014-03-02 12:54 |
گۈلنىھال : بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار ( دەرس تېكىستى )
بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار W |
]24
P&/PCSf p%A(5DE مېي تاۋ ~-,P1u! 8c m,G |H.(?!nTb سىز يول بويىدىكى چىملىقتا ياكى ھويلىڭىزدا بىر ئىككى تال قوڭغۇزنى كۆرۈپ قالغىنىڭىزدا ، كارىڭىز بولماسلىقى مومكىن . لىكىن بئولوگلار بىلەن ئېكولوگلار بۇنى ئادەتتىكى ئىش دەپ قارىمايدۇ . مۇتەخەسىسىلەر ئەسلى باشقا جايلاردا ياشاپ ، غەيرى تەبىئىي يوللار ئارقىلىق يېڭى ئىكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆچۈپ كەلگەن بۇ خىل « كۆچمەنلەر » نى « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » دەپ ئاتايدۇ . ئۇلار ئەسلىدىكى ئېكولوگىيىلىك سېستىمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپلا قالماستىن ، يەنە ئىنسانىيەت جەمىئىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز ئىقتىسادى زىيان سالىدۇ . 29K09 0f ئننسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى ۋە دېڭىز قاتنىشى تېخى تەرەققىي قىلمىغان ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ئانچە چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان ئىدى . تەبىئىي شارائىتتا بىر تال مامكاپ ئۇرۇقى شامال - بوراندا نەچچە ئون نىڭ مىتىرغىچە ئۇچۇپ بارالىشى مومكىن . ئەگەر ھەرخىل شارائىتلار ماس كەلسە ، ئۇ يەردە يىلتىز تارتىپ ، بىخ چىقىرىپ ، ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ . ئېقىنلاردىكى بېلىجانلار ئېقىن بويلاپ ئۈزۈپ دەريا - كۆللەرگە بېرىپ ماكانلىشىپ قېلىشى مومكىن ... ئومۇمەن ، تۈرلۈك - تۈمەن شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەملەرنىڭ دەخلى - تەرۇزىغا ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ناھايىتى ئاسان بولىدۇ ، زامان ۋە ماكاندىن ھالىقىپ كېتىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ . شۇڭا ، ئېكولوگىيىلىك سېستىمنىڭ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقىنى كە :\Z;FA@g(g تۈرۈپ چىقارمايدۇ . DJeP] x. r~e)x= ئەگەر بىر خىل تۈر يېڭى ياشاش شارائىتىدا ئوخشاشلا ئوزۇقلانغۇچىلار رىقابىتى ۋە كۈشەندىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسا ، ئۇنىڭ ئەركىن - ئازادە كۆپىيەلىشىدە گەپ يوق . 1988 - يىلى ئەسلىدە ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشاپ كەلگەن چىپار قۇلۇلە ( دەريا سەدەپ قۇلۇلىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل يۇمشاق تەنلىق ھايۋان ) بىر يۈك پاراخوتى بىلەن بىللە شىمالىي ئامېرىكىغا بېرىپ قالغان . ئۇ چاغدا كىشىلەر يۈكلەرگە ئارلىشىپ قالغان بۇ « ئوغىرلىقچە ئۆتكۈچىلەر» گە دىققەت قىلماي ، ئۇلارنى بەش چوڭ كۆل ئەتراپىدىكى بىر ئېقىنغا تاشلىۋەتكەن . ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ چىپار قۇلۇلىنىڭ « جەننەت » ىگە ئايلىنىپ قالغان ھەمدەھېچقانداق كۈشەندىسى بولمىغاندىن كىيىن ، شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ، بەش چوڭ كۆلدىكى بارلىق سۇ تۇرۇبىلىرىنى « ئىگىلىۋالغان » . ھازىرغا قەدە كىشىلەر چىپار قۇلۇلىنى ئادالاش ۋە تۇرۇبىلارنى ئالماشتۇرۇش ئىشىغا نەچچە 10 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللار سەرپ قىلىپ بولغان . ئاسىيادىن كەلگەن ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز بىلەن لاتىى ئامېرىكىسىن كەلگەن قىزىل چۈمۈلىلەر ئامېركىلىقلارغا چىپار قۇلۇلىدىن باشقا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىۋاتقان يەنە ئىككى « تاجاۋۇزچىدۇر » . ئالدىنقىسى چىكاكو بىلەن نىيويورۇكنىڭ دەل - دەرەخلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتسا ، كىيىنكىسى مەخسۇس ئادەم ، مال - ۋارانلارنى چېقىپ كېسەل تارقىتىدۇ . uXuMt
a*Y « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » ئىنسانىيەتكە مۆلچەرلىگۈسىز ئىتىسادى زىيان يەتكۈزۈش بىلەن بىللە ، تاجاۋۇزچىلىقا ئۇچرىغان باشقا تۈرلەر ۋە تۈرلەنىڭ كۆپ خىللىقىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ . 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، پالما دەرىخى يىلىنى بىر ھەربىي يۈك پاراخوتى بىلەن بىللە گۇئام ئارىلىغا بېرىپ ماكانلىشىپ قالغان . دەرەخكە چىقىۋېلىپ ئارام ئالىدىغان بۇ ئۆمۈلىگۈچى ھايۋان مەخسۇس قۇش ۋە ئۇنىڭ ئۇۋىسىدىكى چۈجە - تۇخۇملىرىنى يۇتىدۇ . 2 - دۇيا ئۇرۇشىدىن تا ھازىرغىچە گۇئام ئارىلىدىكى 11 خىل يەرلىك قۇشنىڭ توققۇز خىلىنى پالما دەرىخى يىلىنى قۇرۇتۇپ بولغان . قالغان ئىككى خىل قۇشمۇ كۈندىن - كۈنگە ئازىيىپ ، نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە . بەزى بىئولوگلار گۇئام ئارىلىدىن گاۋايغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاندىن ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ ئالتە قېتىم پالما دەرىخى يىلىنىنى كۆرۈپ قالغان ھەمدە : گاۋايدا پالما دەرىخى يىلىنىنىڭ ھېچقانداق كۈشەندىسى يوق ، ناۋادا بى خىل يىلان گاۋايغا ماكانلىشىپ قالىدىغان بولسا ، بۇ ئارالدىكى قۇشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەپ كېتىدۇ ، دەپ ئاگاھاندۇرغان. >9D=PnHnD M'D;2qo نۇرغۇن بىئولوگ ۋە ئېكولوگلار « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » نىڭ كۆپىيىشىپ كېتىشىنى كۈنسىرى گۈللىنىۋاتقان خەلقئارالىق سودىدىن كۆرۈشمەكتە . ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرغۇن « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » دۆلەت ھالقىپ سودا قىلىدىغان « ئەپلىك ماشىنا » لار ارقىلىق « ئوغۇرلىقچە ئۆتۈش » پۇرسىتىگە ئېرىشمەكتە . ھازىرقى پۈتكۈل يەر شارى خاراكتىرلىك مىۋە - چىۋە ، كۆكتات سودىسىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ، نۇرغۇن ھاشارەت ۋە ھاشارەت لىچىنكىلىرى شۇ ئارقىلىق تارقالماقتا . بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى كۆپ زىيانداش ھاشارەتلەرمۇ بار . ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى مېۋە شەپەرىڭى بۇنىڭ بىر مىسالى . گەرچە ھەر قايسى دۆلەت تاموژنىلىرىنىڭ ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكىرىنىڭ ئادىنى ئېلىش مەركەزلىرى بۇ خىل زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ ، لىكىن ئىمپورت - ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، يەنىلا بەزىلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشا دۆلەت ھالقىغان ئەرمەك ھايۋانلار سودىسى « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » غا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، رەڭگارەڭ ، چىرايلىق بېلىقلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىنغان رايۇنلارغا خولېرانى ئېلىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالدى . باشقا جايلاردا تۇغۇلغان بەزى ھايۋانلار ، مەسىلەن ، يىلان ، كەسلەنچۈك ، مولۇن قاتارلىقلار ئىگىسى سەللا بىخەستىلىك قىلسا ، بوشىنىپ قېچىپ كېتىدۇ ياكى چۈشۈپ قالىدۇ - دە ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدۇ .
SX|b
0S, بەزى بىئولوگلار مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : ناۋادا مەلۇم بىر خىل « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچى » يېڭىچە مۇھىتقا كۆنۈپ ھەسسىلەپ كۆپىيىدىغان بولسا ، ئۇنىڭ سانىنى توسۇش ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ . پەن - تېخنىكا يۈكسەك دىرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، ماسلىشىشچانلىقى ۋە كۆپىيىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە نىسبەتەن ، ئادەملەر ئامالسىزدۇر . -p`hevRr 'DlY8rEGP بىئولوگىيە ۋە ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى بەزى ئالىملار ئىنسانلارنىڭ جانلىقلار تۈرىنىڭ كۆچىشىگە بەك كۆپ ئارلىشىۋالماسلىقنى ، چۈنكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ، بىر تۈرنىڭ يېڭى شارائىتتا چوقۇم تەبىئىي تاللىنىش قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ . « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » نىڭ ھەممىسىنىڭ ھايات تۇرالىشى ناتايىن . ھايات قالغانلىرى كۈچلۈكلەر ھېسابلىنىدۇ . لىكىن ، كۈچلۈكلەرمۇ ئېكولوگىيىلىك سېستىمىسنىڭ ھەر خىل چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ ، ھەرگىزمۇ ئۆز مەيلىچە ياشىيالمايدۇ . شۇڭا ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئەمما ، نۇرغۇن ئالىملار بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەڭلىشىش جەريانى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ ، ئەگەر « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » نى ئۆز مەيلىچە كۆپىيىشىگە قويۇپ بەرسەك ، نۇرغۇن يەرلىك تۈرلەرنىڭ كۆپ خللىقى مىسىلسىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ ، دەپ قاراشماقتا . ئۇنىڭدىن باشقا ، « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » نىڭ ئىنسانىيەت جەمىئىيىتىگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىيىنى كىشىنى چۆچۈتىدۇ . يالغۇز ئامېرىكىدىلا ھەر يىلى « بىئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلار » كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىيان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ . مۇنچىۋالا كۆپ سانلىق مەلۇمات ئالدىدا كىشىلەر قانداقسىگە ئاھ ئۇرماي تۇرالىسۇن . -[~ UX!XFM ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىپ ، مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى . مەسىلەن ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 1996 - يىلى بىر قارار لايىھىسىنى ماقۇللاپ ، مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلانىڭ سىرتىتىكى نەرسىلەرنى قىسىلىپ كىرىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان قاتناش قوراللىرغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان . بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئورۇن ھالقىغان نازارەتچىلىك قىلىش پىلانىنى تەييارلىماقتا . 3a9Oj'd1M N(Us 9 v')Fq[
H
مەنبە : تىل - ئەدەبىيات دەرسلىك كىتاب . nCEt*~t9VE 2014 - يىلى 2 مارت ، گۈلنىھال . |
|