查看完整版本: [-- گۈلنىھال: دوستلۇق ھەققىدە (  دەرس تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> گۈلنىھال: دوستلۇق ھەققىدە (  دەرس تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-03-02 11:28

گۈلنىھال: دوستلۇق ھەققىدە (  دەرس تېكىستى )

‏                                         دوستلۇق ھەققىدە D(?#oCCA  
oQB1fs  
ur5 n{0#  
‏                                         شەمسۇلمائالى قابۇس VrG|/2  
DavpjwSn  
> PHin%#  
‏   ئەي ئوغۇل  ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۆزىگە دوست تېپىشقا تىرىشىدۇ ،  ھەرخىل ئادەملەر بىلەن دوست بولۇشتىن قاچمايدۇ . دوستسىزلىقىتىن قېرىنداشسىزلىق ياخشىراق . بىر پەيلاسوپتىن «   دوست ئارتۇقمۇ قېرىنداش ئارتۇقمۇ ؟ »  دەپ سورالغاندا ، پەيلاسوپ : «  ئەگەر قېرىنداش ۋاپادار ، شەپقەتلىك ، مېھىرلىك بولسا قېرىنداش ئارتۇق .  ئەگەر قېرىنداش كۆيۈملۈك ، ۋاپادار بولمىسا  يات ۋاپادار ---   دوست ئارتۇق »  دەپ جاۋاب بەرگەن .  دوستلۇققا سوۋغات ، تۆھپە ئەۋەتىش ۋە ئادەمگەرچىلىك بىلەن دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش لازىم   دوستلۇق رىشتىسىنى يېڭىلاشقا  تىرىشىشى لازىم .  دوستلۇققا رىئايە قىلمىغان كىشى دوستسىز قالىدۇ . كىشىنىڭ دوستلىرى كۆپ بولسا ئەيىبلىرى يېپىلىدۇ ، ياخشىلىقلىرى ئاشكارە بولىدۇ . يېڭى دوست تۇتساڭ ، كونا دوستلىرىڭدىن يۈز ئۆرىمە . ياخشى دوست ئۇلۇغ خەزىنىدۇر .  ھەمىشە دوستۇڭ كۆپ بولۇشنىڭ پىكىرىدە بولۇشۇڭ كېرەك .  ئەمما ، ھەن بىلەن شەكىلدە دوستتەك يۈرۈپ يېرىم دوستلۇق قىلسا ، بۇنداق دوستلارغا ئىككىنچى سىرىڭىنى ئېيتما . لىكىن ئۇلارغا مېھىرلىك بولغايسەن   سەندىن ياخشىلىق كۆرسە يېرىم دوستلۇقتىن پۈتۈن دوستلۇققا ئۆزگىرىدۇ .  دوستلىرىڭ بىلەن سوغۇقچىلىق پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشىڭ زۆرۈر .  مۇبادا دوستلىرىڭ بىلەن ئارىدا يىراقلىشىش -  ئاغرىنىش يۈز بەرسە ، تېز ئۈزىرە ئېيتىپ ، ئەپۇ سورىغىن .  ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن ، دوستۇڭنىڭ مىجەزىگە قاراپ ھەرىكەت قىل . دوستلىرىڭنىڭ دوستلرىغا قولۇڭدىن كېلىشىچە ياردەم قىل . چۈنكى ، دوستلىرىڭىنىڭ دوستلىرىمۇ ساڭا دوستتۇر .  ئەمما ، دۈشمىنىڭگە دوست بولغان دوستتىن ساقلىنىشىڭ كېرەك ، ئۇنىڭغا سىرىڭىنى بىلدۈرمە . ئۇنىڭ دۈشمىنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقى ساڭا بولغان دوستلۇقتىن ئارتۇقراق بولۇشى ۋە ئۇ ساڭا خائىنلىق قىلىشى ئېھتىمالغا يېقىن .  لىكىن ، ئەقىللىق دوست بولۇپ ، دۈشمىنىڭ بىلەن سېنىڭ ئاراڭنى ياخشىلاشقا ئىجتىھات قىلسا ، زىيىنى يوق ، بەلكى پايدىسى بار .  يەنە بىلىشىڭ لازىمكى ، دوستۇڭغا دۈشمەن بولغان دوستڭدىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىل . بۇ ئېيتقانلىرىم دۇنيا ۋە جەمىئىيەت ئىشلىرىغا قارىتىلغان .  ئەگەر بىر دوستۇڭ ئەرزىمەس ۋە ئازلا بىر نەرسە ئۈچۈن سەندىن باشقىلارغا شىكايەت قىلسا  ، بۇنداق دوستۇڭدىن خاتىرجەم بولما ۋە دوستلۇق ئۈمىدىنى قىلما .  مۇناپىق دوستتىن ھەزەر قىل ، مۇناپىق دوست شۇكى ، تاشقى كۆرۈنۈشتە دوست بولۇپ ، ئىچكى جەھەتتە ( قەلبىدە )   دۈشمەنلەر بىلەن مۇئامىلە -  يېقىنچىلىق قىلىدۇ .  بۇنداق كىشىلەردىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىڭ لازىم .  ئەقىلسىز دوستتىنمۇ غاپىل بولما ، دانالار ئېيىتقانكى : «   ئەقىلسىز دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى »  .  چۈنكى ، ئەقلىسىز دوستتىن زىيان يېتىش ئېھتىمالى بار ، ئەقىللىق دۈشمەندىن پايدا ئېلىش ئېھتىمالى بار .  دۇنيادا ھېچ كىشىنى ئەيىپسىز دەپ قىياس قىلما ، ھۈنەرسىز كىشىلەرنى دوست تۇتما ، چۈنكى ھۈنەرسىز كىشىلەردىن ياخشىلىك كەلمەيدۇ .  شاراپ مەجلىسىدە ئۆزۈڭ بىلەن شاراب ئىچكەنلەرنىڭ زەممىسىنى قارا -  قويۇق دوست دەپ ھېساپلىما ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھاراق دوستىلىرىدۇر .  يالغۇزلۇقىنى يامان ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن ئەلا بىلگىن . « يامان ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن يالغۇزلۇق ياخشى »   دۇر ، ياخشى دوستنىڭ ئالامىتى شۇكى ،  دوستىدىن بىر نەرسىنى ئايىمايدۇ ، دوستنىڭ  قولى قىسقا بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ياخشىلىق كۆرمىسىمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەيدۇ .  دوستى ۋاپات بولغاندا ، دوستىنىڭ ئەۋلادىغا ، تۇغقانىلىرىغا ياخشىلىق قىلىدۇ .  قەبرىسىگە بېرىپ خۇدادىن مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەپ ، دوستىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىدۇ .  :d) y  
‏  دوستلىرىڭىنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ  ئۇنىڭدىن بىپەرۋە بولما .  مىڭ دوستۇڭ بولسىمۇ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ سۆيگەندىن ئارتۇق سۆيمەيدۇ .   راھەت  -  پاراغەت ۋە مېھنەت ، يوقسۇزلۇق ۋاقىتلىرىدا دوستلۇقنى بۇزمىغان چىن دوستتۇر . مۇنداق دوست بەك ئاز تېپىلىدۇ . سېنىڭ بېشىڭغا قاتتىق كۈنلەر كېلىپ بالا ۋە جاپاغا دۇچار بولغاندا سەندىن قېچىپ دۈشمىنىڭگە  دوست بولغان ئادەم سېنىڭ دوستۇڭ ئەمەس .  دوستلىرىڭدىن كۆڭلۈڭ ئاغرىغان ۋاقىتلاردىمۇ ، بۇرۇنقى خۇشال چاغلاردىكىدەك مۇئامىلە قىل .  دوستۇڭغا ھەرگىز سىرىڭنى بىلدۈرمە .  چۈنكى ، ئاراڭلاردا ئىناقسىزلىق پەيدا بولسا ، ساڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ .  بۇ چاغدا پۇشايمان پايدا قىلمايدۇ .  يوقسۇل بلساڭ بايلار بىلەن دوست بولما ،  كەمبىغەل بىلەن ھېچ كىشى دوست بولمايدۇ .  خۇسۇسەن بايلار كەمبىغەللەر بىلەن دوست بولمايدۇ .  ھەرقاچان  ئۆز دەرىجە ، ئۆز مەرتىۋەڭدىكى ئادەملەر بىلەن دوستلۇققا ئۆتكىن .  ئەمما ، سەن باي بولساڭ كەمبىغەل ،  يوقسۇللار بىلەن دوست بولۇشۇڭ سائادەتتۇر .  ئەگەر كىشىلەر بىلەن دوست بولساڭ ، دوستلۇققا رىئايە قىل .  خەقمۇ سەن بىلەن بولغان دوستلۇق ھەققىنى ئادا قىلىدۇ .  دوستلىرىڭغا نىسبەتەن كۆڭلۈڭنى سەمىمىي تۇت ،  ئاقكۆڭۈل بول ، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ .   ئەگەر دوستۇڭ ھەققىدە سەندىن گۇناھ ئۆتمەي ئۇ سەندىن كۆڭۈل ئۈزسە ، ئۇنىڭدىن ئۈزىرە ئېيتىشقا ئالدىرىما .   سەۋەپسىز سەندىن كۆڭۈل ئۈزگەن كىشى دوستلۇققا يارىمايدۇ .  سەندىن پايدا ئۈمىد قىلىپ دوست بولغان ئادەم بىلەن دوست بولما .  ئاداۋەت تۇتىدىغان ئادەم بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولما .  چۈنكى  ، بىر ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاداۋەت بىلەن تولسا ،  ئۇنىڭ كۆڭلىدە دوستلۇق مۇھەببىتى ئورۇن ئالمايدۇ .  مۇھەببەت ، دوستلۇق ، زوق بىر نۇردۇر .  ئاداۋەت بىر قاراڭغۇ زۇلمەتتۇر .  بۇ ئىككىسى بىر يەردە ئورۇن تۇتمايدۇ . يەنە ھەسەتخور ، كۆڭلى تار ، بىراۋنىڭ ياخشى كۈنىگە چىدىمايدىغان ئادەم بىلەن دوست بولما . چۈنكى ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ھەسەت زەھىرى ئۆكسىمەيدۇ .  ھەر قاچان ساڭا ئازار يەتكۈزۈش ، زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بولىدۇ .   سېنىڭ دوستلۇق قىلغىنىڭ ئۇنڭ زەھەرلىك  كۆڭلىگە تەسىر قىلمايدۇ . *\#?)q  
&pN/+,0E  
\F8*HPM=*  
‏ ئەي كۆڭۈل قاچقىن باياۋانلاردا ۋەھشىيلەر كەبى ، 2t,N9@u=UN  
‏ بولمىغىن ئۈلپەت يامانلار بىرلە ياخشىلار كەبى . teKx^ 'c'  
=%ok:+D]  
>UQY3C  
‏تۇتقىچە ئۈلپەت يامانلار بىرلە ، يالغۇزلۇقتا بول ، !^aJS'aq  
‏ لەئىل كانى ئىچرە قىينالغان بەدەخشانلىق كەبى . sV]I]DR  
 ^%!#Q].  
K/ K-u  
h 
‏مەنبە :  تولۇقسىز تىل -  ئەدەبىيات 8 -  يىللىق 2 -  مەسۇم دەرسلىك كىتاب . ao"2kqa)r  
h_[{- WC  
‏گۈلنىھال aFnel8  
‏ 2014 -  يىلى 2 -  مارت

گۈلنىھال 2014-03-02 11:29
‏قاراخاننىڭ ۋەزىپىسى قالدى ئەمدى . QYH-"-)  
‏قېنى مەرھەممەت !!!

قاراخان 2014-03-02 11:30
مانا بۇ ئاتالغۇلارغا ئىزاھات 9{Hs1 MD[  
5. دوستلۇق ھەققىدە|/bbs/read.php?tid=8657

قاراخان 2014-03-02 11:32
بۇلار تەييارلىق  /  
6- دوستلۇق ھەققىدە|/bbs/read.php?tid=8595 TFXBN.?9T  
4  OPY  
دوستلۇق ھەققىدە      -شەمسۇلمائالى قابۇس|/bbs/read.php?tid=8552 G+dq */  
b 3x|Dq.  
5.دوستلۇق ھەققىدە(شەمسۇلمائالى قابۇس)|/bbs/read.php?tid=8486 s#?ZwD,=  
Lt*P&  
دوستلۇق ھەققىدە(تەييارلىق)|/bbs/read.php?tid=3143

قاراخان 2014-03-02 11:33
بۇ دەرسنىڭ دىتالى تېخى يوللانماپتۇ، مەندە باشقىلار لاھىيىلىگىنى بار ئىدى، توغرا چۈشەنسەڭلار يوللاپ قويىمەن، باشقىلارنىڭكىنى يوللاي دېسەم خىجىل بوپ قالىدىكەنمەن

مىېھرىما 2014-03-02 11:34
مەن بەك ياقتۇرۇپ ئۆتىدىغان دەرىسنىڭ بىرى بۇ ھارمىغايسىز .

قاراخان 2014-03-02 11:35
بۇلار دوستلۇق ھەققىدىكى باشقا ئەسەرلەر، پايدىلانساق بولغىدەك ^("b~-cJ  
دوستلۇق ھەققىدە دۇردانە|/bbs/read.php?tid=4212 Zv@qdY<:  
7Yg1z%%U  
دوستلۇق ھەققىدە|/bbs/read.php?tid=4910 wa@Rlzij>  
5{HF'1XgZ*  
دوستلۇق توغرىسىدا|/bbs/read.php?tid=5780 #z P-, 2!r  
@1o X&#  
دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك توغرىسىدا ماقال-تەمسىل|/bbs/read.php?tid=5791 ;n't :yQW  
M+:5gMB'  
دوستلۇق ئارخىپى؛تۆتتاش|/bbs/read.php?tid=8759 IT NFmD  
B=OzP+  
دوستلۇق|/bbs/read.php?tid=7293 uBts?02  
L ,R}l0kc  

قاراخان 2014-03-02 11:38
سۈرئىتىڭلار نېمانداق تېز ھەي، تىما يوللىنىشى بىلەن تەڭ، چەبدەسلىك بىلەن يوللاپ قويساممۇ، بىردەمدە ئىككى ئىنكاس قىستۇرۇلۇپ بوپتۇ!

گۈلنىھال 2014-03-02 19:47
‏سىزنىڭ مۇشۇنداق ئىلھامىڭىز ھەم چەبدەسلىكىڭىز بىزنى چاققان بولۇشقا ئۈندەپ كېتىۋاتىدۇ . 7On.y*  
oFt_ yU-  
‏ئەجرىڭىزگە رەھمەت !!!

بابۇر0725 2014-03-04 00:32
خەت ئۇرۇشتىكى تۇلپاردەك بارماقلىرىڭىز ئەبەدىي ھارمىسۇن

2433 2014-03-09 12:51
ناھايىتى ياخشى ئىكەن . رەھمەت . پايدىلاندىم

گۈلنىھال 2014-03-09 18:36
مۇشۇنداق پايدىلانساڭلار بىزمۇ خۇش بولىمىز .


查看完整版本: [-- گۈلنىھال: دوستلۇق ھەققىدە (  دەرس تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled