查看完整版本: [-- مىېھرىما:مۇۋەپپەقىيەت(تېكىستى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> مىېھرىما:مۇۋەپپەقىيەت(تېكىستى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-03-01 23:02

مىېھرىما:مۇۋەپپەقىيەت(تېكىستى)

مۇۋەپپەقىيەت |1i]L@&  
0T1ko,C!,e  
جى شيەنلىن Pn J*Zea  
K{N%kk%F  
    مۇۋەپپەقىيەت دېگەن نېمە ؟ « ھازىرقى زامان خەنزۇتىلى لوغىتى » گە قارىسام  ئۇنىڭغا  «مۇۋەپپەقىيەت مۆلچەرلىگەن نەتىجىگە ئېرىشىش » دەپ ئىنتايىن ئاددى ھەم چۈشۈنىشلىك تەبىر بېرىلىپتۇ . DH/L`$  
     بىراق ، « مۆلچەرلىگەن » سۆزگە كەلسەك ، بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم قالايمىقان بولىدۇ .ھەربىر ئادەمنىڭ ھەرۋاقىت ، ھەر سائەت ، ھەر كۈنى ،ھەر ئايدا ېگۈدەك چوڭ-كىچىك ئوخشاش بولمىغان «مۆلچەرى» بولىدۇ ، بۇلارنىڭ بەزىللىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ ، بەزىللىرى مەغلۇپ بولىدۇ ، قىسقىسى ، بۇنىڭ چېكىنى ئايرىش ، ئۇنى تۈرگە ئايرىش مۈمكىن ئەمەس ، شۇڭا بۇ توغرىدا توختالمايمىز . vi 
      بۇ يەردە مەن مۇۋەپپەقىيەتنىلا ، بولۇپمۇ مۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىنىلا سۆزلەپ ئۆتىمەن . بۇ بىر چوڭ تېما بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنى كىچىكلىتىپ سۆزلەيمەن . مەن 70-80 يىللىق تەجرىبەمدىن مۇنداق فورمىلانى ھاسىل قىلدىم . `LE^:a:8,  
ئەقىل + تىرىشچانلىق+ پۇرسەت = مۇۋەپپەقىيەت E;xMPK$  
« ئەقىل »نىڭ ئورنىغا ئەسلىدە «تالانت » سۆزىنى ئىشلەتمەكچى ئېدىم ، بىراق تالانت ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە ،تالانتلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنە كېلىپ ، مەلۇم ساھەدىكى قابىللار بولغاچقا ،بۇ سۆزنى قوللانماي «ئەقىل» سۆزىنى ئىشلەتتىم . كۆپچىلىك بۇنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايدۇ.بۇ پورمىلا گەرچە زىيادە ئاددى بولسىمۇ ،لىكىن ئۇنىڭ مەنىسى ئېنىق .بەك مۇرەككەپ بولۇپ كەتسە،ئەكسىچە چۈشەندۈرۈش تەسكە توختايدۇ. }}s8D>;G~  
ئەقىلگە كەلسەك ئادەملەرنىڭ ئەقلىنىڭ ئوخشاشلىقىنى جەزمەن ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىر پاكىت ،بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ . 10 يىللىق مالمانچىلىقتا ئۆزىنى تالانتلىق چاغلايدىغانلار تالانتنى ھەدەپ سۆكتى . ئۇلارنىڭ نېمە غەرىزى بارلىقى ماڭا ھازىرغىچە نامەلۇم . بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلىم ساھەسى ۋە ئەدەبىيات سەنئەت  ساھەسىدە تالانت ئىگىللىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ « ئۆزلىرىنى زىيادە ياخشى ھېس قىلغانلىقى» غا ھەۋەس قىلغاندىن باشقا ، كۆپ ماختاشقا پېتىنالمايمەن .ئۆزىنىڭ ئەقلىگە قارتا ئوبېكتىپراق باھا بەرگەن ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ياخشىراق ، دەپ قارايمەن . 6TY){P w  
تىرىشچانلىققا كەلسەك ، ئەجداتلار ئۇنىڭ ئۇنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىپ كەلدى . يالتىراق قوڭغۇزنىڭ شولىسىدا كىتاپ ئوقۇش ، چېچىنى  لىمغا ئېسىپ ئۆگىنىش ، بېگىز سانجىپ ئۆگىنىش  قاتارلىق ھېكايىلەر نەچچە يۈز يىلاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەچكە ئۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ .خەن ۋېنگۇڭنىڭ  «تاڭ سۈزۈلگەنگە قەدەر چىراغ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ، يىل بويى تىرشىپ ئۆگىنىش » ئادىتى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ئىنتىلىشى بولۇپ كەلدى . ئەگەر تىرىشچانلىق بولمىسا ، قانچە ئەقىللىق بولغان بىلەنمۇ بىكار . بۇنىڭ توغرىلىقىغا شەك كەتمەيدۇ . Z6NJ)XQy6F  
پۇرسەتكە كەلسەك ، بۇنىڭغا كىشىلەر ھامان سەل قارايدۇ . پۇرسەت ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەسىرمۇ تەسىرىمۇ ئىنتايىن زور بولىدۇ . ئۆزۈمنى ،مىسالغا ئالسام ،  چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى مېنى گېرمانىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتمىگەن بولسا ، ھاياتىمنىڭ بۈگۈنكىدەك بولىشى ناتايىن ئىدى . &3WkH W   
مۇۋەپپەقىيەت قىلىشىمىزنىڭ ئۈچ شەرتىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە ، ئەقىلنى « خۇدا»بەلگىلەيدۇ ، بۇنىڭغا قۇربىمىز يەتمەيدۇ . پۇرسەت كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كېلىدۇ ، بۇنىڭغىمۇ قۇربىمىز يەتمەيدۇ . پەقەت تىرىشچانلىقنىلا ئۆزىمىز بەلگىلىيەلەيمىز، شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە زور كۈچ سەرىپ قىلىشىمىز كېرەك . بۇ خۇسۇستا قەدىمكىلارنىڭمۇ نۇرغۇن تەنبىھلىرى بار.يەنلا ئالدى بىلەن خەن ۋېنگۇڭنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتەيلى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : «كەسىپ تىرىشچانلىقتىن بەركەت تاپىدۇ ،ئويۇن تاماشادىن خاراپ بولىدۇ ؛ ھەركەت ئىددىيەدىن كېلىدۇ ، بىپەرۋالىقتىن نابۇت بولىدۇ.» بۇ سۆزلەر كۆپچىلىككىە ئىنتايىن تونۇش . DgC3 > yL  
ۋاڭ جىڭئەن «كىشىلىك دۇنيا ئىبارىللىرى »دە مۇنداق دېگەندى :« قەدىمدىن ھازىرغىچىلىك چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكۈچلەر ، زور ئىلىم ئەھلىللىرىدىن بولالىغانلار مۇنداق ئۈچ مەنزىلنى باشتىن كەچۈرگەن : ( تۈن شاملى سوقۇپ قىلدى ھەممىنى خازان ،باقتىم ئىگىزدىن يىراققا كۆزۈم يەتكە تامان .) بۇ بىرىنجى مەنزىل .(جۈدەپ بولدۇم بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان ئىلىم ئۈچۈن ، قىلمىدىم پۇشايمان چىرايىم بولسىمۇ زەپىران .) بۇ ئىككىنجى مەنزىل . ( ئىزدىدىم ئۇنى مىڭ يول يىراقتىن ،تاپتىم ئۇنى غېرىپ چىراغ تۈۋىدىن .) بۇ ئۈچۈنچى مەنزىل » ۋاڭ جىڭئەن ئەپەندى بىرىنچى مەنزىلدە مۆلچەرنى يازغان .ئىككىنچى مەنزىلدە تىرىشچانلىقنى يازغان . ئۈچۈنچى مەنزىلدە مۇۋەپپەقىيەتنى يازغان ، ئەقىل ۋە پۇرسەتنى يازمىغان .مەن بۇنى ئۇنىڭ بىخەستىلىكى دېيەلمەيمەن ، چۈنكى يېزىش نوختىسى ئوخشاش بولمايدۇ .بىراق ،مېنىڭچە ئەقىل ۋە پۇرسەتنى قوشقان بولسا تېخىمۇ ئەتراپلىق بولاتتى .كۆپچىلىكنىڭ « جۈدەپ بولدۇم بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان ئىلىم ئۈچۈن ، قىلمىدىم پۇشايمان چىرايىم بولسىمۇ زەپىران .» لارچە روھ بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ۋە كەسىپ ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇقەررەر يولى . %A8Pkr<&E  
\5t`p67Ve_  
مەنبە : 9- يىللىق 1- قىسىم ئەدەبىيات كىتاپ ? 7/W>  

ئەكبەرنىياز 2014-03-01 23:24
ئىزچىللىقىڭىزغا ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن مېھرىما !!! تېكىستلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى ئاخىرقى ھېسابتا بىزنى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردىن بىراقلا خالاس قىلىدۇ ، داۋاملىق ئالغا !!!ئەمدى قالغان گەپ قاراخاندا قالدى !؟

مىېھرىما 2014-03-01 23:31
قارخان قېنى سىزنى ئاۋارە قىلدىم . ماڭا ياردەم قەلىلىپ ، ئۆز خىزمىتىڭىزنى جارى قىلدۇراسىز .سىزگە رەھمەت .

مىېھرىما 2014-03-01 23:33
ئەكبەرنىياز:ئىزچىللىقىڭىزغا ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن مېھرىما !!! تېكىستلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى ئاخىرقى ھېسابتا بىزنى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردىن  .. (2014-03-01 23:24) 
)5GdvqA  
ئەكبەرجان ئۇستاز سىزگە رەھمەت .مۇشۇنداق ئىلھاملىرىڭىز بىلەن مەن قاتتىق تىرشىپ كېتۋاتمەن چوقۇم ئۈمۈدىڭىزنى ئاقلايمەن . e~t}z_>F  

گۈلنىھال 2014-03-01 23:40
‏مېھرىمانىڭ ئەجرىگە رەھمەت ، ھارمىغايسىز!

قاراخان 2014-03-01 23:48
تولىمۇ ئەپسۇس، مۇنبىرىمىزدە بۇ تېكىستكە مۇناسىۋەتلىك بىر خەنزۇچە ماتىرىيال يوللانغاندىن باشقا ھېچقانداق تىما يوللانماپتۇ، ئۇنىڭ ئادرىسى مانا: ^zWO[$n}tP  
«مۇۋەپپەقىيەت»(دەرس پايدىلانمىلىرى)|/bbs/read.php?tid=2030

مىېھرىما 2014-03-02 00:05
بۇمۇ ياخشى بوپتۇ قارخان .سىزگە رەھمەت. 6Z\[{S];  
سىزنى ئاۋارە قىلدىم /g< T)$2  
.

مىېھرىما 2014-03-02 00:05
گۈلنىھال سىزگىمۇ رەھمەت

بابۇر0725 2014-03-02 01:15
جاپا چېكىپسىز .ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاشتا سىز ئەڭ ياخشى بولۇپ كەلېلىۋاتىسىز

مىېھرىما 2014-03-02 11:36
بابۇرغىمۇ رەھمەت . سىز ياقتۇرغان بولسىڭز مەن خۇرسەنمەن.


查看完整版本: [-- مىېھرىما:مۇۋەپپەقىيەت(تېكىستى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled