ياسىنجان510 |
2014-03-01 12:48 |
ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى
ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ۋە ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى 1.ئاساسىي لۇغەت تەركىبى لۇغەت تەركىبى ئىچىدىكى ئەڭ تۇراقلىق ،ئاساسى ئەڭ پۇختا ۋە يېڭى سۆزلەرنى ياساشتا ئۇل بولىدىغان بارلىق سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دېيىلىدۇ. ئاساسىي لۇغەت تەركىبى ئومۇمىي لۇغەت تەركىبىنىڭ يادىروسى ۋە ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئۇ، خەلقىمىزنىڭ قانداق دېئالېكىت،شېۋىلەردە سۆزلىشىشىدىن ،قايسى كەسىپ،قايسى قاتلامغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،ئومۇمىي خەلققە ئورتاق ۋە بىردەك چۈشۈنىشلىك بولۇپ،كۈندىلىك تىل ئالاقىسىدە ھەممىلا ساھەدە بىردەك قوللىنىلىدۇ.چۈنكى،بۇ خىل سۆزلەر ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇم-چۈشەنچىلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كىشىلەر ھەمىشە ئۇچۇرىتىپ تۇرىدىغان شەيئى،ھەركەت-ھادىسە ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك بەلگە خۇسۇسىيەتلىرى ھەم ھالەتلىرىنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىدۇر.شۇڭا ئۇ،ئومۇمىي خەلق ئۈچۈن بىردەك چۈشۈنىشلىك بولغان ،كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا دائىم قوللىنىلىدىغان،ھەمىشە يېڭى سۆز ياساشنىڭ ئۇلى بولىدىغان سۆزلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.مەسىلەن : ئادەم،ھاۋا،سۇ،ئاش،ئابا،ئات،كالا،بەش،ئېگىز،ئۇزۇن،مەن، سەن،قارا،ئۇخلا،يىغلا،چىرايلىق،كۆپ،ماڭ .................................... بۇنڭدىن باشقا ،تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن كىرىپ ئۆزلىشىپ كەتكەن ‹‹سەي،چاي،چەيدۇ،ئىدىيە،كىتاب،دەرەخ،سوتسىيالىزم،تەپەككۈر،لوگىكا،پەلسەپە،رادىئو›› قاتارلىق سۆزلەرمۇ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىنى تەشكىل قىلىدۇ.چۈنكى،مۇنداق سۆزلەرنى ئومۇمىي خەلق بۈگۈنكى كۈندە ئورتاق چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ قوللۇنىدۇ. تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ كۈزىتىدىغان بولساق،ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دائىرسىگە كىرىدىغان سۆزلەر تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. 1.ئۇ،ئومۇمىي خەلققە بىردەك چۈشىنىشلىك بولۇپ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر ساھە ھەر كەسىپ كىشىلىرى ئورتاق قوللىنىدۇ.ئاساسى پۇختا.ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك سۆزلەر كىرىدۇ. 1)شەيئىلەرنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر: سۇ،تاغ،كۈن،ئاي،ياغاچ،ئادەم،ئەينەك........ 2)كىشى ئەزالىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:باش،كۆز،قاش ئېغىز،قول،پۇت،يۈرەك،مېڭە... 3)ئەمگەك (ئىش)قوراللىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:كەتمەن،ئوغاق،پالتا،كەكە،كومبايىن، 4) تۇغقانچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاتاش سۆزلىرى: ئاتا،ئانا،ئاكا،ئىنى،ئاچا،تاغا،ھامما، يەڭگە،جىيەن ........ 5)تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:كىيىم،تاماق،ئۆي،گۆش،تۇز،سەي، 6)ئۆسۈملۈك،ھايۋانلارنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر: دەرەخ،گۈل،قوناق،ئات،كالا، كەپتەر.... 7)ئىش-ھەركەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر: ماڭ،تۇر،تاز،ئىشلە،ئوقۇ،ئۇخلا،سۆزلە،.... 8)شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيەت،ھالەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:گۈزەل،ياخشى،چوڭ،ئېگىز، قىزىل،سېمىز،قاتاڭغۇر،دۈمچەك،توكۇر..... 9)ۋاقىت-ئورۇننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:بۈگۈن،ئەتە،تاز،كۈز،ئالدى،كەينى،يوقۇرى،ئاستى، ئۈستى،ئوڭ-سول.... 10) ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:بىر،ئون،مىڭ،مىليۇن،تىرىليۇن... 11) تەبىئەت ھادىسلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر:يەر تەۋرىمەك،كەلكۈن كەلمەك،چاقماق چاقماق،قار ياغماق،كۈن چىقماق،بوران چىقماق،يۇلتۇز كۆچمەك..... 2.ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە مەنسۇپ سۆزلە رجەمئىيەت ئەزالىرنىڭ تىل ئىستىمالىدا ناھيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ،ئۇنىڭدا ئۆزگۈرۈش بەك ئاستا بولىدۇ. مەسىلەن:ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 7-ۋە8-ئەسىرلەردىكى مانى دىنىغا ئائىت ئەسەرلىرىدە : ‹‹بىز،بار،كۈن،كىشى،ئىككى،پۇت،نەچچە،سۆز،ئۇلۇغ››سۆزلىرى؛ 10-ئەسىردىكى ‹‹ئالتۇن يارۇغ››دىمۇ ‹‹ئات،ئەتە،بىر،بار،كېيىن،قىز،توي،ئۆردەك،توخۇ››سۆزلىرى؛10-ۋە11-ئەسىردىكى‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› ۋە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ›› قاتارلىق ئەسەرلەردىمۇ: ‹‹ئال،ئاي، كۈن،ئەمدى، ئەل، بەگ،يىگىرمە،يىل،يېرىم،كېرەك،يوق،ئۆزگە،ئۈچۈن،يامان،ئالىم،ئادەم،باش،بىلىك(بىلىم)بىلەن،جاۋاب،ئوغلان،دوست،سوئال،پادىشاھ،تامام،تەڭرى،تۈگەل،خان،يۇلتۇز›› قاتارلىق سۆزلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. 3.ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەر فونىتىكىلىق تۈزۈلىشى جەھەتتىن بىر قەدەر تۇراقلىق،ئاساسى پۇختا ۋە ئاسان ئۆزگەرمەيدىغان بولسىمۇ ،لېكىن،جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ئۇنىڭدىمۇ بەزى ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ تۇرىدۇ.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر بىلەن قەدىمكى ۋە چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەرنى سېلىشتۇرساق ،بەزى سۆزلەرنىڭ فونىتىكىلىق تۈزۈلىشى جەھەتتىن ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقى ،بەزى سۆزلەرنىڭ بولسا،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىن چىقىپ كېتىپ،ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. مەسىلەن: بۇدۇن(خەلق)، بالىق(شەھەر)، ئاجۇن(ئالەم-دۇنيا)، نەنگىن(مال-دۇنيا)، ئەلگىن(مېھمان)،سۇنگى(نېسىۋە)، ۋاڭ،غوجام،بەگ،دوتەي، ئامبال،دورغا،يايى،مەدرىسە، تالىپ، يامبۇ،مەستۇرە، باخشى، پېرخۇن،دەرۋىش قاتارلىقلار. يەنە بىر قىسىم سۆزلەر زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىن چىقىپ، ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە ئۆتۈپ كەتمەكتە.مەسىلەن: گېزىت-ژورنال، نەشىريات، كوممۇنىست، ئىدىيە،ئىنىستىتۇت،سوتسىيالىزم،كوممۇنىزم،نەزەرىيە،دېموكراتىيە، تېلېۋىزور،ئۈنئالۇ، توڭلاتقۇ، كومپتۇتېر. 4.ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەر يېڭى سۆزلەرنى ياساشتا ئۇل بولىدۇ. تىلىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يېڭى سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى تۈرلۈك مورفىملارنىڭ ئۇلىنىشى ۋە مۇستەقىل سۆزلەرنى بىر-بىرىگە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان.ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ يېڭى سۆز ياساش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،ئۇنىڭغا تەۋە سۆزلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. مەسىلەن:ئىش-ئىشچى ،ئىشچان،ئىشسىز،ئىشخانا،ئىشچىلىق،ئىشلىمەك؛ باش-باشچى،ۈاشلىق،باشلا،باشچىلىق،باشسىز،باشلامچى،باش قويماق،باش- پاناھ، باش-كۆز،باشاق،باش ئالماق،باش يول،باشباشتاق. ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ.بەزىلىرىنىڭ يېڭى سۆز ياساش ئىقتىدارى ناھايىتى يوقۇرى بولۇپ،ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان يېڭى سۆزلەر ياسىلىشى مۈمكىن .لېكىن بەزىلىرىدىن بولسا،ئۇنداق كۆپ يېڭى سۆزلەر ياسالمايدۇ.ھەتتا ،بەزىلىرىدىن بىرمۇ يېڭى سۆز ياسالماسلىقى مۈمكىن. مەسىلەن:ئالماش،سان،ئۈندەش قاتارلىق سۆزلەرنىڭ يېڭى سۆز ياساش ئىقتىدارى يوق دىيەرلىك ياكى ناھايىتىمۇ تۆۋەن. ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەردىن باشقا بىر قىسىم سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەرنىڭ سانى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە مەنسۇپ سۆزلەرنىڭ سانىدىن ئىنتايىن كۆپ بولۇش بىلەن بىللە،ئاڭلاتقان مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسى جەھەتتىنمۇ خىلمۇ خىل بولىدۇ.ئۇلارنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىدەك 6خىل سۆز توپىنى ئۆز ئىچىەە ئالىدۇ. 1)باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان ۋە تىلىمىزنىڭ لېكسىكىسىدا يېڭىدىن پەيدا بولۇپ،ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىۋاتقان سۆز-ئاتالغۇلار:مەسىلەن: تەلىمات،شەيئى، سەۋىيە،شەرق،غەرب، لۇغەت، ماكرو، ئېنېرگىيە، فاكۇلتېت،لىبېرالىزم،كومپيۇتېر،سىركۇل،سۇژىت،رەپىقە،سىمۋول... 2)دىئالېكىت ۋە يەرلىك شىۋىلەردىكى سۆز ئاتالغۇلار: زېمە(گەپ-سۆز)،سوقۇنۇپ قويۇش(يۇشۇرۇپ قويۇش)،ئۆشنە(يەلكە)،تەلپەك(تۇماق)،ئۆڭگۈلەڭ(ئاقايىپ،غەيرى)،چامچا(كۆينەك)،ئولپاق(قۇلاقچا)،خام(ماتا )،كۈلۈگەچ(سايە)،ئايلا(ئاچا )،جۈجەم(ئۈجمە). 3)ھۈنەر-كەسىپ ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا ئائىت سۆز ئاتالغۇلار: (1)موزدوزلۇققا ئائىت سۆزلەر:بۆرەندە،بەلچە،دەرەش،مۇم،بىگىز... (2)ماشىنىچىلىققا ئائىت سۆزلەر:مانجات،پەتلە،سۈرۈشكا،ئاغ،توپچا... (3)باپكارچىلىققا ئائىت سۆزلار:ھالۋاپ،ئاتقۇچى،مۇكا... (4)ياغاچچىلىققا ئائىت سۆزلەر:رەندە،ئىسكىنە،چوت،رۇستەك،ھەرە،كەكە... (5)جۇغراپىيىگە ئائىت سۆزلەر: ئېكۋاتور، مېردىئان، گلونۇس، پاراللىل... (6)خىمىيىگە ئائىت سۆزلەر :ھىدىروگېن،ۋولفرام،فوسفور،ئېلېمېنت... (7)پەلسەپىگە ئائىت سۆزلەر:بىرلەمچى،دۇنياقاراش،ماتېرىتالىزم،ئىدېئالىزم... (8)تىلشۇناسلىققا ئائىت سۆزلەر:لېكسىكا،ئاھاڭداشلىق،فۇنېما،ۋارىيانت،تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى.... 4)ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈپ سۆزلەرگە تۈرلۈك سۆز ياسىغۇچى مورفىملارنىڭ ئۇلىنىشى ۋە ئىككى مۇستەقىل سۆزنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشى نەتىجىسىدە يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن سۆز ئاتالغۇلار. مەسىلەن: سۈنئىي+ھەمرا، باش+يول، ۋەتەنپەر+ۋەر، ئاش+پەز، ئالەم+كېمىسى، ئۇن+ئالغۇ، ئاش +تاختا، كۆز+ئەينەك، ئىنقىلاب+چى . 5)ئۇيغۇر تىلىدا بۇرۇن ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ،بۈگۈنكى كۈندە كونىراپ،ئىستىمالدىن چىقىپ كېتىپ،ئىشلىتىلىشتىن قالغان (ئارخا ئىزىملاشقان)سۆز ئاتالغۇلار: شاڭيۇ،لوزۇڭ،جاڭجۇڭ،يايى،چېرىك،ياساۋۇل،سانغۇن،مەشقاۋۇل،ئۇمۇت،گۈرزە،نەۋكەر،كۇلاھ،مەپە،سەردار... 6)بەدىئىي ئەدەبىياتتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ،ئالاھىدە تۈس مەنىسىگە ئىگە بولغان ھەشىمەتلىك سۆزلەر بىلەن قوپال مەنىلىك سۆزلەر. مەسىلەن :جەسۇر،دانا،پارلاق،مۇقەددەس،گىگانت،پىداكىرانە،مەنىۋى،ئالىيجاناپ،سەلتەنەتلىك،خۇمپەر،مىشچانكا، قانخور،ئۆپكىسى يوق،تومتۇۋاق، قارا قوساق... ئومۇمەن ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىلەن ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا قاراپ،بىر –بىرىدىن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ. (1)ئاساسىي لۇغەت تەركىبىنىڭ دائىرىسى ئانچە كەڭ بولمايدۇ،ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىنىڭ دائىرىسى كەڭرەك بولىدۇ،يەنى ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىر نەچچە مىڭ سۆزنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى نەچچە ئون مىڭلىغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2)ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ كېرەكلىك سۆزلەر ھېساپلىنىدۇ.ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دائىرسىدىكى سۆزلەر خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇنچىلىك ئىھتىياجلىق ئەمەس.مەسىلەن:يەر،سۇ،ئاش،ئادەم،ماڭ،كەل،تۇر،كەل،كەت،بار-يوق،تاغ،دېڭىز...قاتارلىق سۆزلەر كۈندە دېگۈدەك ئىشلىتىلىپ تۇرىدۇ. قانۇن،دەرەش،پەلسەپە،تىلشۇناسلىق،گرامماتىكا ـــ دېگەندەك سۆزلەر ئۇنداق ئەمەس. (3)تىلنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبى دائىمىي ۋە تۇراقلىق بولۇپ،ئۇزاق ياشايدۇ،ئۇنىڭ ئۆسۈشىمۇ ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى دائىمىي ئۆزگۈرۈشچان ھالەتتە بولىدۇ.مەسىلەن :ئامبال،بەگ،مىراب قاتارلىق سۆزلەر لۇغەت تەركىبىدىن كونىراپ چىقىپ كەتسە،جەمئەيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھاكىم،ئۈنئالغۇ،ئۈزچات،نائۇشنىك(ئېرجى)،تېلېۋېزور،دېگەنگە ئوخشاش يېڭى سۆزلەر لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ تۇرىدۇ. (4)ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر ئومۇمىي خەلققە بىردەك چۈشىنىشلىك بولىدۇ،ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر ئومۇمىي خەلققە بىردەك چۈشىنىشلىك بولمايدۇ.مەسىلەن:ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە،ئاسترونومىيە،بىئولوگىيە،جۇغراپىيە،تىلشۇناسلىق،لوگىكا،پەلسەپە،ئالەم كېمىسى،كومپىيوتېر...قاتارلىق سۆز ئاتالغۇلارنى شۇ پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن باشقىلار چۈشۈنەلمەسلىكى مۈمكىن. (5)ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر يېڭى سۆزلەرنى ياساش ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ.مەسىلەن:ئىش ــ ئىشچى ـــ ئىشچىلىق ـــ ئىشچان ـــ ئىشچانلىق ـــ ئىشلە ؛ئاش ــ ئاشپەز ـــ ئاشلىق ؛ بىل ــ بىلىم ـــ بىلىملىك ؛ئوقۇ ــئوقۇت ـــ ئوقۇتقۇچى.دەرس ـــ دەرسخانە ؛باش ــ باشلا ــ باشلىق ــباشلامچى... ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىلەن ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى يوقۇرىقى جەھەتلەردە ئۆزئار پەرقلەنسىمۇ،لېكىن بۇلار ئۆز ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك،چۈنكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبى بىلەن ئادەتتىكى لۇغەت تەركەبىكنىڭ ھەر ئىككىلىسى لۇغەت تەركىبى ئىچىدە بولىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشى،بىر قىسىم سۆزلەر ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىدىن ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە قوشۇلۇپ قېلىشى،ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىن ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە چۈشۈپ قېلىشى ،ھەتتا كونا سۆز قاتارىدا ئىستىمالدىن تەدرىجىي قېلىشى مۈمكىن. مەنبە : ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ۋە مەشىقلىرى (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى2003-يىل نەشىرى) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى(شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2002-يىل نەشىرى)
|
|