نۇرسىمانگۇل |
2014-03-01 12:10 |
دانىخورەك قەيەرىڭىزدە كېسەل بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ
دانىخورەك قەيەرىڭىزدە كېسەل بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ 1.پىشانىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى ، مىجەزىنىڭ ناچارلىقى ، قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى ، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن . داۋالاش ئۇسۇلى : بالدۇر ئۇخلاپ ، بالدۇر تۇرۇش ، قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش . 2 . قاشنىڭ ئوتتۇرىغا دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئىچى سىقىلىش ، ئىچى تىتىلداش . داۋالاش ئۇسۇلى : قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق ، تاماكا چەكمەسلىك . ھاراق ئىچمەسلىك ، ئاچچىق – چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق . 3 . بۇرۇن ئۇچىغا دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئاشقازاننى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ كېتىش ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق . داۋالاش ئۇسۇلى : سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش . 4 . ئوڭ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئۆپكە ئىقتىدارى نورمالسىزلىنىش . داۋالاش ئۇسۇلى : نەپەس يوللىرىنى ئاسراش ۋە دىققەت قىلىش ، دېڭزى مەھسۇلاتلىرى ، ئەنبەھ قاتارلىق ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق . 5 . سول تەرەپ مەڭزىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىزلىنىش . داۋالىنىش ئۇسۇلى : نورمال دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش ، كەيپىياتنى ياخشىلاش ، بەك تىنچىق جايدا تۇرماسلىق . 6 . لەۋ ئەتراپىغا دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : قەۋزىيەت ، سۈپەتسز چىش پاستىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش . داۋالاش ئۇسۇلى : ۋېتامىن تەركىبى يۇقىرى مېۋە ، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش . 7 . ئېڭەككە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىنىش . داۋالىنىش ئۇسۇلى : سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش دانىخورەكنى سىقىۋېتىشكە بولمايدۇ بەزىلەر دانىخورەكنى بالدۇرراق ساقايتىش ئۈچۈن ئۇنى سىقىپ يىرىڭىنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش خاتا. دانىخورەكنى سىقىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم دېزىنفېكسىيەلەنگەن يىڭنە بىلەن يىرىڭنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن پاكىز پاختا بىلەن سۈرتۈۋېتىش لازىم. ئەگەر سىقىپ چىقىرىۋەتسە بولمايدىغان ئەھۋال بولمىسىلا دانىخورەكنى ئامال بار سىقماسلىق كېرەك. يۈزىدە دانىخورەك بارلار يۈز سوپۇننى كۆپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. دانىخورەك، ئادەتتە، تېرىسى ياغلىق ئادەملەرگە كۆپ چىقىدۇ. بەزى كىشىلەر يۈز سوپۇنى بىلەن يۈزنى دائىم يۇيۇش ئارقىلىق تېرىدىكى ياغنى چىقىرىۋەتكەندە دانىخورەكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ قاراش خاتا. چۈنكى تېرە يۈزىدە تېرە ياغ پەردىسى، دېيىلىدىغان تەبىئىي قوغدىغۇچى پەردە بولۇپ، يۈزنى يۇيۇپ ئىككى-ئۈچ سائەتتىن كېيىن تېرە ياغ پەردىسى قايتا پەيدا بولالايدۇ. تېرە ياغ پەردىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تېرە ياغ بېزى توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا يۈزنى قانچە كۆپ يۇيغانسېرى ئاجرىلىپ چىققان ياغ ئاجرالمىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ ۋە ئاسانلا دانىخورەك شەكىللىنىدۇ. بولۇپمۇ ئېغىز بىلەن بۇرۇن ئەتراپىغا چىققان دانىخورەكنى خالىغانچە سىقىشقا بولمايدۇ. بۇ ئەتراپتا قان تومۇرلار كۆپ بولۇپ، شاخچە تومۇرلار ئېغىز ۋە بۇرۇن ئەتراپىغا زىچ جايلاشقان بولىدۇ. بۇنداق يەردىكى دانىخورەكنى سىققاندا، دانىخورەكتىكى ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەر قانغا ئۆتۈپ، بەزى ئېغىر كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ
مەنبە:توردۇنياسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەنۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 19:31
|
|