查看完整版本: [-- قاراخان: كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> قاراخان: كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-03-01 00:16

قاراخان: كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى

كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ^Jv$Wx  
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
FaNr}$Pe  
v}vwk8  
|ia#Elavo  
xL-]gwq  
ئەجدادلىرىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئەللامىلەرگە ھۆرمەت نەزىرىمىز بىلەن باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يالغۇز ئىلىم ساھەسىنىڭ بىرەر تۈرىدىلا تاكامۇللۇققا يېتىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، شۇ دەۋر ئىلىم ساھەسىنىڭ باشقا تۈرلىرىدىمۇ يېتۈكلۈك دەرىجىسىگە يەتكەن مۇتەپەككۇر، ئالىم، ئەدىبلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇلار قاتارىدا تەرجىمىشۇناسلىق، پەلسەپە، ئەدەبىيات، مائارىپ ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازىنىپ تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان ئالىم، مۇتەپەككۇر كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. d`}t!]Gg  
كۇماراجىۋا مىلادى 344 – يىلى غەربىي يۇرتتىكى كۈسەن خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كۇماراتان ھىندىستانلىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى. ئانىسى جىۋا بولسا كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ئائىلىۋى مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان كۈسەننىڭ قويۇق مەدەنىي مۇھىتى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئاساسىغا ئىگە قىلغان. كۇماراجىۋا توققۇز يېشىدا يەنى مىلادى 353 – يىلى ئانىسى جىۋا بىلەن شىمالىي ئەنەتكەك(شىمالىي ھىندىستان)كە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بارغان. بۇ يەردە ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىماسى پانتۇدادۇدىن ھىنايانا بۇددىزمى بويىچە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سىستېمىلىق تەلىم ئالغان. ئۇ يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 13 يېشىدا كۈسەنگە قايتقان ھەم 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. O[$,e%  
كۇماراجىۋا مىلادىيە 401 – يىلىدىن 413 – يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ياۋ شىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا نوم – ئەھكاملىرىنى تەرجىمە – تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. E79'<;K,zs  
كۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلدلىق بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلد بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. 800 دىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيىلىگەن. «ھەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، »ھەقىقىي ھېكمەتكە بېرىلىش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»، «راھىب خۇي يۈەننىڭ 18جەھەتلىك سوئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. ';>]7oT`  
كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەنىلا تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ھاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق تالاي مەشھۇر بۇددا ئەھكاملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە غەربىي يۇرتنىڭ كۆپلىگەن نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساھەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. bdS  
كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا خانىم يالغۇز بۇددا ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تېبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان تېۋىپ ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا خانىم «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تېبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ. Vx gP^*  
مىلادىيە 1902 – ۋە 1903 – يىللىرى گېرمانىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىدىن ۋون. لىكوك ۋە ئالبېرت. گرونۋېدىللار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا»نى قېزىۋالغان. ئۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تېببىي رېتسېپلار جەۋھىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» cm 13.5*20 ئۆلچەملىك كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان. ھازىر ئۇ گېرمانىيىدە ساقلانماقتا. 5_H`6-q  
كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى مىلادىيە 383 – يىلى ئەتراپىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ] I&l0Fx  
ئۇنىڭدىن باشقا كۇماراجىۋا يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق »غەربىي دىيار تېۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسېپلار»، ئۈچ جىلدلىق «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇھىم رېتسېپلىرى»، تۆت جىلدلىق «غەربىي دىياردىكى مەشھۇر تېۋىپلار توپلىغان مۇھىم رېتسېپلار»، تۆت جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسېپلىرى»، ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە2600 جىلدلىق «ھەر يەرلەردىن توپلانغان رېتسېپلار» قاتارلىق تېبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان. j aU.hASj  
بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە«جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم – پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتىدا ۋە لوندۇندىكى ھىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. o)V@|i0Js  
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تېبابەتچىلىك تارىخىنى مۇھىم تارىخىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى. q6]T;)U&  
پايدىلانغان ماتېرىياللار: -eQ>3x&3r  
1. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: »ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 7991 – يىل 8 – ئاي نەشرى، 98 – بەت. >z"\l  
2. سىدىق رەھمەت، مۇختار مامۇت مۇھەممىدى: »مەشھۇر ئۇيغۇر تېۋىپلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 7991 – يىل 3 – ئاي نەشرى، 5 – ، 8 – ، 9 – بەتلەر. X-_ $jKfM  
+$;#bw)yH  
مەنبە: جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004-يىللىق 3- سان

ئەكبەرنىياز 2014-03-01 00:47
قاراخان مۇئەللىمنىڭ يوللاۋاتقان تارىخى تېمىلىرى بىر-بىرىدىن ئېسىل بولۇۋاتىدۇ . كۆپ رەھمەت ، داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز !!!

گۈلنىھال 2014-03-01 01:54
يامان بولۇپ كېتىۋاتىسىز جۇمۇ ،  بارىكاللا  قارا خان!

مىېھرىما 2014-03-01 12:14
ياخشى تىملارنى يوللاپ مۇنبەرنى سىز بېيتىپ كېلۋاتسىز!!!!!!! # Z*nc0C  
pEjA*6v|,  
سىزگە كۆپ رەھمەت

قاراخان 2014-03-01 13:40
ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت! بۇنى ئالدىمىزدا ئۆتىلىدىغان «كومۇراجىۋا» ناملىق ئەسەردە پايدىلانساق بولغىدەك!

بابۇر0725 2014-03-01 13:42
بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىلىمكەن

2433 2014-03-02 16:37
ياخشى ئەۋەتىپسىز . رەھمەت

ئەلدىيار 2014-03-28 00:19
كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى
+n^$4f  
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
zWB>;Z}  
ئەجدادلىرىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئەللامىلەرگە ھۆرمەت نەزىرىمىز بىلەن باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يالغۇز ئىلىم ساھەسىنىڭ بىرەر تۈرىدىلا تاكامۇللۇققا يېتىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، شۇ دەۋر ئىلىم ساھەسىنىڭ باشقا تۈرلىرىدىمۇ يېتۈكلۈك دەرىجىسىگە يەتكەن مۇتەپەككۇر، ئالىم، ئەدىبلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇلار قاتارىدا تەرجىمىشۇناسلىق، پەلسەپە، ئەدەبىيات، مائارىپ ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازىنىپ تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان ئالىم، مۇتەپەككۇر كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. }# 'O b  
كۇماراجىۋا مىلادى 344 – يىلى غەربىي يۇرتتىكى كۈسەن خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كۇماراتان ھىندىستانلىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى. ئانىسى جىۋا بولسا كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ئائىلىۋى مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان كۈسەننىڭ قويۇق مەدەنىي مۇھىتى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئاساسىغا ئىگە قىلغان. كۇماراجىۋا توققۇز يېشىدا يەنى مىلادى 353 – يىلى ئانىسى جىۋا بىلەن شىمالىي ئەنەتكەك(شىمالىي ھىندىستان)كە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بارغان. بۇ يەردە ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىماسى پانتۇدادۇدىن ھىنايانا بۇددىزمى بويىچە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سىستېمىلىق تەلىم ئالغان. ئۇ يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 13 يېشىدا كۈسەنگە قايتقان ھەم 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. v~ZdMQvwt  
كۇماراجىۋا مىلادىيە 401 – يىلىدىن 413 – يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ياۋ شىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا نوم – ئەھكاملىرىنى تەرجىمە – تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. hM/|k0YV  
كۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلدلىق بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلد بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. 800 دىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيىلىگەن. «ھەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، »ھەقىقىي ھېكمەتكە بېرىلىش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»، «راھىب خۇي يۈەننىڭ 18جەھەتلىك سوئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان. d1``} naNw  
كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەنىلا تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ھاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق تالاي مەشھۇر بۇددا ئەھكاملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە غەربىي يۇرتنىڭ كۆپلىگەن نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساھەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. z~L(kf4  
كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا خانىم يالغۇز بۇددا ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تېبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان تېۋىپ ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا خانىم «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تېبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ. D$I7 Gz,w{  
مىلادىيە 1902 – ۋە 1903 – يىللىرى گېرمانىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىدىن ۋون. لىكوك ۋە ئالبېرت. گرونۋېدىللار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا»نى قېزىۋالغان. ئۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تېببىي رېتسېپلار جەۋھىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» cm 13.5*20 ئۆلچەملىك كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان. ھازىر ئۇ گېرمانىيىدە ساقلانماقتا. b,]h X  
كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى مىلادىيە 383 – يىلى ئەتراپىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. LylB3BM  
ئۇنىڭدىن باشقا كۇماراجىۋا يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق »غەربىي دىيار تېۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسېپلار»، ئۈچ جىلدلىق «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇھىم رېتسېپلىرى»، تۆت جىلدلىق «غەربىي دىياردىكى مەشھۇر تېۋىپلار توپلىغان مۇھىم رېتسېپلار»، تۆت جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسېپلىرى»، ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە2600 جىلدلىق «ھەر يەرلەردىن توپلانغان رېتسېپلار» قاتارلىق تېبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان. xCEEv5(5  
بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە«جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم – پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتىدا ۋە لوندۇندىكى ھىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. `QnKal)  
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تېبابەتچىلىك تارىخىنى مۇھىم تارىخىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى. ^prseO?A  
پايدىلانغان ماتېرىياللار: v39`ct=e  
1. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: »ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 7991 – يىل 8 – ئاي نەشرى، 98 – بەت. rs {e6  
2. سىدىق رەھمەت، مۇختار مامۇت مۇھەممىدى: »مەشھۇر ئۇيغۇر تېۋىپلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 7991 – يىل 3 – ئاي نەشرى، 5 – ، 8 – ، 9 – بەتلەر. 6eE%x?#  
مەنبە: جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2004.3- سانى(باغداش) F +PIZ%  

ياسىنجان510 2014-03-30 13:52
ياخشى تېما يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2014-03-31 15:23
باغداش تورىدا تەرجىمىچىلىك بىلەن نامى پۈتۈن ئۇيغۇرغا تارالغان بوزقىر قىرىندىشىمىز  ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر شۇ ئوخشىمامدۇ؟ (1H_V(  
}hyK/QUCoN  
تېل ئەدەبىيات دەرىسلىكىمىزدىكى كومراجىۋا ھەققىدىكى مەزمۇندا ياخشى پايدىلانما بولغۇدەك

قاراخان 2014-03-31 15:57
/bbs/read.php?tid=11988 n$y1kD  
0'^? m$  
بۇ تىما تەكرار يوللىنىپ قاپتۇ.


查看完整版本: [-- قاراخان: كۇماراجىۋا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled