查看完整版本: [-- ئۆزبەك شېئىرلىرىدىن ئىككى شىڭگىل --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> ئۆزبەك شېئىرلىرىدىن ئىككى شىڭگىل [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaqur 2014-02-28 18:35

ئۆزبەك شېئىرلىرىدىن ئىككى شىڭگىل

Tta+qjr  
بەختلىكلەردىن بىز
مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان)
4f> s2I&pQ  
مەيلىغۇ، كىمگىدۇر ياقسا - ياقمىسا، p*]nCUs}n  
ئۇلارغا قوشۇلۇپ يىغلىشارمىدۇق؟ NKb,>TO  
بەختلىكلەردىن بىز، خۇدا خالىسا، rui]_Fn]I  
خۇدا خالىمىسا ئۇچرىشارمىدۇق؟ \d{S3\7  
6H}8^'/u  
رەيھان ھىدلىرىڭنى يوللىرىمغا سەپ، }~`l!ApD  
كۈت مېنى ھەر ئاخشام كۆككە ئاي چىققان. 7cJh^M   
پەقەت يىغلىمىغىن «گۇناھىم نە» دەپ، b^]@8I[M  
ئەيىبىڭ - ئاناڭ بەك چىرايلىق تۇغقان. {y k0Zef_  
Mli`[8@(  
ماڭا بىر تەبەسسۇم ھەدىيە قىل، يار، )W& $FU4JK  
نۇر تولسۇن لېۋىڭنىڭ ساھىللىرىدىن. mt(2HBNoz  
ئۆزۈڭ ئېيت، سەندەك قىز يەنە نەدە بار، *To 5\|  
كىرپىكى ئۇزۇن، چاچ ئۆرۈملىرىدىن. Cg! ]x o  
eQRY xx{  
ئەيمىنىپ ياشىما خىيال پەنجىدە، cj!Ew}o40D  
يېيىلغىن، يايرا يار، ئۆرتەنمە غەمدە. @N-P[.qL"  
غەيۋەت ھەم تۆھمەتكە چىدا ھەر لەھزە، _K?{DnTb  
سەن بىر سەن ئاخىرى يورۇق ئالەمدە. *)jhhw=34  
AMhHq/Dw  
مەن بولسام ئاشىقىڭ سېنىڭ ئەڭ غېرىپ، & bwhD.:=  
تۈندىن سۆز قەرز ئېلىپ تاڭغا تۇتقۇچى. X7*i -v@  
يېنىمدا تۇرساڭ ھەم سېنى ئاختۇرۇپ، i'$V'x'k  
يېنىڭدا بولساممۇ سېنى كۈتكۈچى. SGd[cA Ko  
OUd&fUmH  
ئىستە، تىز ئېگىمەن ھازىر ئالدىڭدا،  IwfJDJJ  
سۆيدۈم، سۆيگىنىمدىن ئۇيىلاي نىچۈن. <QUjhWxDb  
بارچە پەرىشتىلەر سېنىڭ قەلبىڭدە، &.zG?e.  
ئىجارىدە تۇرغان قىزلار مەن ئۈچۈن. w&v Z$n-|  
5cv&`h8uo_  
بەختلىكلەردىن بىز خۇدا خالىسا، m zh8 
خۇدا خالىمىسا ئۇچرىشارمىدۇق؟
}=dUASL  
=N62 ){{  
تۈركمەن قىز
مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبەكىستان)
     i#&iT P`  
ئايلىنىمەن، شەرق كېزىپ ئايلىنىمەن، Ft&AR Tsa*  
ئۇياتچان بىر يار تاپالماي ئويلىنىمەن. f,jN"  
ئۆز يۇرتۇمنىڭ گۈزەللىرى تىل ئۇقمىسا، _~l*p"PL<  
ئۇزۇن كۆڭلەك تۈركمەن قىزغا ئۆيلىنىمەن. \aEarIX#*  
     _Q**4  
نەزەر سالسام يۈزلىرىدىن ئوت يانىدۇ، pie,^-_.g  
يەلكىسىدە قىرىق چېچەك تاۋلىنىدۇ، U.$7=Zl8t  
كېسىلمىگەن ئۆرۈملىرى تولغىنىدۇ، SHAC(3o /e  
ئۇزۇن كۆڭلەك تۈركمەن قىزغا ئۆيلىنىمەن. 9'My /A0  
     /c&;WlE/n  
ئۇ مىللەتنىڭ يوسۇنىنى قىلمايدۇ خار، zrazbHI  
بۆشۈكى ھېچ ئەللەيسىگە بولمايدۇ زار، GyVRe]<>B  
مومىسىنىڭ قويۇپ قويغان ئوسمىسى بار، Fv )H;1V  
ئۇزۇن كۆڭلەك تۈركمەن قىزغا ئۆيلىنىمەن. 7`G FtX}  
     0sR+@ \  
ئۇ ئايرىلىپ تۇرار گۈللەر ئارىسىدا، R#\o*Ta  
قۇياش چىقىپ، قۇياش پاتار شادلىقىدا، S_|VlI  
ئۆز تىلىنى سۆزلىمەيدۇ تىل ئۇچىدا، dBG5IOD  
ئۇزۇن كۆڭلەك تۈركمەن قىزغا ئۆيلىنىمەن. "?f_U/+D<  
     DZ*m"Bi  
بىر خىل لىباس كىيەر كۆردۈم نەچچىسىنى، 7K`Z 
زەر ھالقىسى يېنىپ تۇرار كېچىلىرى، !=B=1th4  
ياشناپ كېتەر يۈرسە تاشكەنت كوچىلىرى، '0tNo.8K  
ئۇزۇن كۆڭلەك تۈركمەن قىزغا ئۆيلىنىمەن. "NOll:5"(  
     OY'6~w9  
چىمىلدىققا كىرگىنىمدە يارغا يېتىپ، CeD(!1V G  
ماڭا ناخشا ئېيتىپ بېرەر يادقا ئېيتىپ، [qHt N.  
بوۋىلىرىم روھلىرىنى شادلار ئېتىپ، ?cmv;KV   
ئۇزۇن كۆڭلەك تۈركمەن قىزغا ئۆيلىنىمەن.
6u-aV  
قەلب غەليىنى
    
ماڭا ھەم ئۆگەتتىڭ سېغىنماسلىقنى،
سېغىنىش ئازابى بىلمەيدىغانلار.
ھىجراننىڭ دەردىدە ئاغىرماسلىقنى،
كۆڭۈلگە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار.
      
ئۆگەتتىڭ دۇنيادا سۆيمەسلىك سىرىن،
مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلمەيدىغانلار.
ئاشىقى بەخش ئەتسە ئاتەشنى دىلدىن،
تاش كەبى نەزەرگە ئىلمەيدىغانلار.
    
ئۆگەتتىڭ ھېسسىيات ئاتلىق سەپەردە،
قەلبىمنى ئوتلارغا تاشلىماسلىقنى.
شۇ چاغدا بىلەرمەن بەلكى ھاياتتا،
تىرىك بولۇپ تۇرۇپ ياشىماسلىقنى.
        
ئـېھـ، مېـنىـڭ سۆيـگـۈم
                    
ئەتىرگۈل مىسالى گۈزەلدۇر سۆيگۈم،
باھار گۈللىرىدەك نەپستۇر سۆيگۈم،
كۈزلۈك ياپراقلاردەك خازاندۇر سۆيگۈم،
قەلبتە پىنھان سۆيگۈم، بىچارە سۆيگۈم.
              
شاماللار چېچىمنى مەيىن سىلىسا،
غۇنچە لەۋلىرىمدىن سۆيۈشلەر ئالسا،
بۇ ئىشقىم مېنى ئۈنسىز  چۇلغىسا،
قەلبدە پىنھان سۆيگۈم، ئۈمىدسىز سۆيگۈم.
                      
قەلبىڭدە مەن ئەمەس ئۆزگىدۇر تەنھا،
يارىڭ جامالىغا كۆزلىرىڭ شەيدا،
يۈرىكىم خەستىدۇر سېنىڭ ئوتۇڭدا،
قەلبتە پىنھان سۆيگۈم، جاۋابسىز سۆيگۈم.
                  
شەبنەمدەك تامچىلار كۆزدىكى يېشىم،
ھىجرانلار يۈرىكىمگە تىنماي سانجىلار،
بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچى، ئۆتكۈنچى ھەممە،
قەلبتە پىنھان سۆيگۈم، پىنھاندۇر سۆيگۈم.
                  
قەلبىمنىڭ تۆرىدە پىنھاندۇر سۆيگۈم،
زار - زار يىغلايدۇ كېچە يۇ كۈندۈز،
ئۇنى خۇش قىلماققا ئاجىزدۇر دىلىم،
قەلبتە پىنھان سۆيگۈم، ئەبەدىي سۆيگۈم.
            
ئەمدى سەن يىغلىغىن، مەن يىغلاپ بولدۇم
            
ھاياتىم مەنىسىز كۆرۈندى بۈگۈن،
ئازابىڭ دەستى مىڭ تىرىلىپ ئۆلدۈم.
ياش كەلمەس، ئۇرۇنما كۆزۈمگە بۇ تۈن،
ئەمدى سەن يىغلىغىن، مەن يىغلاپ بولدۇم.
                  
شۇنچىلىك مېھىرسىزمىدى بۇ دۇنيا،
ياكى سەن، يا ھايات مەن بىلمەي قالدىم.
يىغلىدىم مىسالى توختىماس دەريا،
ئەمدى سەن يىغلىغىن، مەن يىغلاپ بولدۇم.
                  
ياش تولۇپ كۆزۈمگە سېنى كۈتەتتىم،
ئۇنتارمەن، دېدىم ھەم يۈرىكىم تىلدىم.
نېمە دەرد بولسا ھەم ئىچىمگە يۈتتۈم،
ئەمدى سەن يىغلىغىن مەن يىغلاپ بولدۇم.
                
ئويلىسام بىر تامچە يېشىمغا ھەتتا،
ئەرزىمەس ئىكەنسەن، مەن ئەمدى بىلدىم.
سەن ئۈچۈن قىلغىنىم ھەممىسى خاتا،
ئەمدى سەن قىينالغىن، مەن كۆنۈپ قالدىم.
sa71Vh{  
vKX $Nf  
EPz$`#Sh"  
كېيىنكىلىرىنىڭ ئاپتورى ئېنىق ئەمەسكەن، شۇنچە كۆپ بەتتە كۆردۈم - يۇ، بىرسىمۇ ئاپتورىنى تىلغا ئالماپتۇ
S>]Jc$  
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئېلمۇرە غەيرەت

ئەكبەرنىياز 2014-02-28 21:00
كەچۈر سىڭلىمىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئاپىرىن ! ھەقىقەتەن ئېسىل شىئېرلاركەن !!!

koksangun 2014-03-01 11:36
بەك ئەقىللىق بۇ سىڭلىمىز، كەچۈرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن...

بابۇر0725 2014-03-01 13:49
ھەقىقەتەن ھېسياتقا باي ياخشىكەن.ھارمىغايسىز

ئۇيغۇر 2014-03-01 14:36
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىرلاركەن ، مۇشۇنداق ئەسەرلەردىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. ئۆزبىكمۇ ئۇيغۇرغۇ...

مىېھرىما 2014-03-02 02:00
ياخشى شېئىرلىرىڭىزدىن ھوزۇرلانغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن !!!!!! N>@AsI  
B<_T"n'#b  
ھارمىغايسىز

kok-sultan 2014-03-04 14:48
نېمەدېگەن ئېسىل شېئىرلار بۇ؟! رەھمەت سىزگە!

kaqur 2014-03-10 17:22
كىچىكلىكتە ھەۋەس دېگەن ھەر خىل بولىدىكەن، ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا؛ ھېلى ئۇ تىلغا ھېلى بۇ تىلغا دېگەندەك... [+>$'Du  
شۇ بىرمۇنچە ھەۋەسلىرىمنىڭ كىچىك بىر تامچىسى ئۆزبەك تىلىكەن، شۇڭا ئۆزۈم ياقتۇرغان شېئىرلارنى «ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ» ئۇستازلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى ئويلاپ قالدىم... 5ahAp];  
ئۇستازلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا تەشەككۈر


查看完整版本: [-- ئۆزبەك شېئىرلىرىدىن ئىككى شىڭگىل --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled