mamatjan74 |
2014-02-28 11:44 |
7-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات تەكرار ماتىرىيالى(4-بۈلەك)
تۆتىنچى بۆلەك : ئۆزلۈك ۋە كىملىك duQ,6 مۇھىم مەزمۇنلار ^m
Ua5w 10. پارىژدىكى «ئۇيغۇر مۇزېيى» .......................... ئەسەد سۇلايمان xB`j*
% ژانىرى ـــ بايان خاراكتىرلىك ماقالە `:.a5 ئەسەت سۇلايمان ـــ 1969-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. دوكتور، پروفسسور. ئۇنىڭ «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ». «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇ پارچە ئۇنىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.. swKqsN. بۇ تېكىستتە ئاپتۇر جېئان دۇئال ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلىشى ۋە ھۈنەر-كەسپ ئاتالغۇلىرىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە لۇغەت تۈزۈشىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بەرگەن ھەمدە جېئان دۇئال ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىپەك يولى بويىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى فولكلور ئۈلگىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يىغىپ ساقلىغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا جېئان دۇئال ئەپەندىدىكى ئالىيجاناب ھەۋەسنى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قەدىرلەش روھىنى مەدھىيىلىگەن. dOX"7kZ بايان ماقالىسى دېگەن نېمە؟ `l2h65\ بايان بىلەن تەسۋىر ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئادەم بىلەن ۋەقە ئاساسلىق ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى قىلىندىغان ماقالىلار بايان ماقالىلىرى دېيىلىدۇ. F1*xY%Jv^M بايان ماقالىلىرىدە شەخسلەر، ۋەقەلىكلەر، مەنزىرىلەر كونكېرت، جانلىق بايان قىلىنىش ئارقىلىق رېئال تۇرمۇش جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ ئىدىيە ئىپادىلەپ بېرىلىدۇ. U0=: `G2l ئادەتتە بايان ماقالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بايان قىلىش بولسىمۇ ، لىكىن تەسۋىر ، مۇھاكىمە ۋە لىرىكىمۇ قۇشۇمچە قىلىنىدۇ . ]w0_!Z& بايان ماقالىلىرىدە باياننىڭ نەچچە ئامىللىرى بار ؟ ka/>jV" بايان ماقالىلىرىدە باياننىڭ ئالتە ئامىلى بار بولۇپ ، ئۇلار ئادەم ، ۋەقە ، ۋاقىت ، ئورۇن ، سەۋەپ ، نەتىجە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . `ztp u
~? بايان ماقالىلىرىدە ئادەم ، ۋەقە ۋە مۇھىتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بايان قىلىنىدۇ ۋە تەسۋىرلىنىدۇ . بۇلارنى بايان قىلىش ۋە تەسۋىرلەشتە كونكىرىت بولۇش ، جانلىق بولۇش ، ئوبرازلىق بولۇشتىن ئىبارەت بىر ئومۇمى تەلەپ قويۇلىدۇ . i&KBMx ماقالىنىڭ كونكىرىت ۋە ئوبرازلىق بولۇش تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن : $MqEM~^= 1) ئادەملەر كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىلىشى كېرەك . پەقەت ئادەمنى سىرىتقى كۆرۈنۈشى ، ئادىتى ، ھەركىتى ، سۆزى ۋە ئىچكى ھىسىياتىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن يازغاندا ، ئاندىن كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىشتىن ئىبارەت مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ . MbxJ3"@ 2 ) ۋەقەلەر كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ۋەقەنى يازغاندا ، ئۇنىڭدا تەسۋىرلىنىدىغان ئادەملەر كىملەر ؟ قانداق ۋەقە ؟ قاچان ، قەيەردە يۈز بەرگەن ؟ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ، جەريانى ۋە نەتىجىسى قانداق بولغان ؟ دىگەندىن ئىبارەت ئالتە نوقتا ئېنىق سۆزلىنىشى كېرەك . مۇشۇ ئالتە ئامىل ئېنىق بولغاندىلا ۋەقە كونكىرىت ، ئوبرازلىق يېزىلغان بولىدۇ . ?f= ~Pn+ 3 ) مەنزىرىلەر كونكېرت، ئوبرازلىق يېزىلىشى كېرەك. پەقەت مەنزىرىنى شەكلى،ھالىتى،رەڭگىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن تەپسىلىي يازغاندىلا ئاندىن مۇھىتنى كونكېرت،ئوبرازلىق يېزىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. %/2OP &1< باياننىڭ تەرتىپى: &D91bT+L باياننىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە: r:M0#
2 1) تەرتىپلىك بايان. ۋەقەلەر تەرەققىياتىنى ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كىيىنلىك تەرتىپى، مۇئەييەن ئورۇن تەرتىپى بويىچە بايان قىلىش تەرتىپلىك بايان دېيىلىدۇ. بۇ كۆپ قوللىنىلدىغان ئۇسۇل بۇلۇپ، ماتېريالنى ئاسان تەشكىللىگىلى، سۆز-جۈملىلىرىنى رەتلىك رەتلىك قوللانغىلى بولىدۇ. dTWcn7C 2)چىكىنمە بايان fI,2l
ئالدى بىلەن ۋەقەنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بولغان قىسمى ياكى بىرەر ئىشنىڭ نەتىجىسى، زىدىيەت تۇقۇنۇشىنىڭ ھەل قىلىنىشى بايان قىلىنىپ ، ئاندىن زىدىيەتنىڭ پەيدا بۇلىشىدىكى سەۋەب، ۋەقەنىڭ يۇز بېرىشى ۋە تەرەقىيات جەريانىنى بايان قىلىش چىكىنمە بايان بولىدۇ. d*x&Uh[K 3)قىستۇرما بايان LJA
uTg قىستۇرما بايان تەرتىپلىك بايان بىلەن چىكىنمە بايانغا ئوخشاش پۈتۈن ماقالە بويىچە بايان قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس. ئۇ پەقەت تۇلۇقلاپ چۈشەندۈرۈش يۈزىسىدىن قوللىنىلدىغان بايان. oT|:gih5 قىستۇرما باياننىڭ بەزىلىرى ئاساسىي ۋەقەلىكنى تۇلۇقلاش، بەزىلىرى شەخسلەرنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بەزىلىرى ئەسەرگە قارىتا قۇشۇمچە ئىزاھ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. nub!*)q 11. كىيىنىشىمىز ۋە كىملىكىمىز ......................... زۇلپىقار بارات ئۆزباش NtmmPJ|5 ژانىرى ـــ مۇھاكىمە ماقالىسى I+QM":2 زۇلپىقار بارات ئۆز باش ــ 1976-يىلى ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. جەمئىيەتشۇناس. ئۇنىڭ «سەرخوش ئېنگىلىز تىلى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان. بۇ پارچە ئۇنىڭ «رېئاللىق ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. r`$P60,@C مىللىي كىيىم-كېچەك مىللەتنىڭ مۇھىم بىر مەدەنىيەت بەلگىسى،ئۇ كىشىلەرنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئۇچۇر بەرگۈچى سىمۋول.ياۋرۇپاچە توي كۆڭلىكى كىيىشنى قوغلىشىش تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا،زامانىۋىلىشىشنىڭ بەلگىسى ئەمەس،بەلكى ۆز كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىنى ۋە ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتىنى كەمسىتىشنىڭ،ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ياتلىشىشنىڭ ئىپادىسى.بۇ مىللىي مەۋجۇلۇققا نىسبەتەن ئېيتقاندا،تولىمۇ خەتەرلىك بولغان بىر خىل روھىي ھالەتتۇر.ياۋرۇپاچە كىيىنىشكە ھېرىسمەنلىك غەربپەرەسلىك خاھىشىنىڭ زامانىۋىلىق نىقابى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 8@ S@^C*F مۇھاكىمە ماقالىسسى دېگەن نېمە؟ (Vn3g ra مۇھاكىمە ماقالىسى - مۇھاكىمە قىلىشىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى قىلغان ماقالە تۈرى بۇلۇپ، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش بىلەن قائىدە سۆزلەشنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇم، ھۆكۈم، ئەقلىي ىۇلاسە شەكلى ئارقىلىق رېئاللىق بىۋاستە ئەكىس ئەتتۈرىلىدىغان، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، خاراكتىرى، خۇسۇسىيىتى شەرھىيلەنگەن، ئاپتۇرنىڭ بەلگىلىك كۆز-قاراش، تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ماقالىلەردىن ئىبارەت. G^Y^)pc] مۇھاكىمە ماقالىسى بايانىي ماقالىلەرگە ئوخشىمايدۇ. بايانىي ماقالىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى بايان قىلىش ۋە تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت بولسا، مۇھاكىمە ماقالىسىدە مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە يېتەكچىلىك رول ئويناپ، ئاپتۇرنىڭ نېمىنى تەشەببۇس قىلىپ، نېمىنى قوللايدىغانلىقى، نېمىنى ھىمايە قىلىپ، نېمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلىدۇ. 0$i\/W+ مۇھاكىمە ماقالىسى چۈشەندۈرۈش ماقالىسىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىدە ئوبىكىت تۇنۇشتۇرۇشقا ئىتبار بېرىلىدۇ. ئادەتتە ئاپتۇرنىڭ مۇلاھىزىسى ۋە تەشەببۇسى ئىپادىلەنمەيدۇ. مۇھاكىمە ماقالىسى بولسا ئوبىكىتقا نىسبەتەن ئاپتۇرنىڭ پوزىتسىيسىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. t>Yl=79, چۈشەندۈرۈش ماقالىسىنىڭ رولى - نىشانلىغان تېمىنى ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش. ~i.rk#{?D مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ رولى - چوڭقۇر مۇلاھىزە ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىش. 0d$LUQ't ھەر قانداق مۇھاكىمە ماقالىسىدە نۇقتئىنەزەر، دەلىل، ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل بولىدۇ. W)^%/lAh 1. نۇقتىئىنەزەرـ ئاپتۇرنىڭ مۇھاكىمە قىلىندىغان مەسلە ھەققىدىكى ئاساسى كۆز- قارىشى ۋە تەشەببۇسى بۇلۇپ، مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.ئىسپاتلاش جەريانىدا نۇقتىئىنەزەر يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. دەلىل ۋە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ئەنە شۇ نۇقتىئىنەزەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. wc#k@"2AZb ھەر قانداق مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ بىر مەركىزى نۇقتىئىنەزىرى بولىدۇ. مۇرەككەپرەك مۇھاكىمە ماقالىسىدە مەركىزى نۇقتىئىنەزەردىن باشقا يەنە تارماق نۇقتىئىنەزەرمۇ بولىدۇ. TxH
amI l مەركىزى نۇقتىئىنەزەر ئاپتۇرنىڭ ماقالىدە بايان قىلغان ئاسالىق كۆز-قارىشى ۋە تەشەببۇسى بۇلۇپ، ئۇ پۈتۈن ماقالىنىڭ مەركىزى ھالقىسىدۇر. 'UTMEN& تارماق نۇقتىئىنەزەر مەركىزى نۇقتىئىنەزەر قوماندانلىقىدىكى نۇقتىئىنەزەر بۇلۇپ مەركىزى نۇقتىئىىەزەرگە نىسبەتەن تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. . دەلىل ( ئاساس ) - نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات ۋە ئاساس. دەلىل ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى پاكىتلىق دەلىل، يەنە بىرى نەزەرىيۋى دەلىل. Zad>iw} پاكىتلىق دەلىل - قەدىمكى ۋە ھازىرقى، جۇڭگۇنىڭ ۋە چەتئەللەرنىڭ پاكىتلىرى بۇلۇپ، ئۇ ھەم كونكېرت ھەم يىغىنچاقلانغان بولىدۇ. بۇ خىل دەلىل يەنە ئېنىق، توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئچىگە ئالىدۇ. hu7oJ H نەزەرىيۋى دەلىل - يىمىرىلمەس قائىدە داۋلىلار، « قەدىمكى ئاقىل-دانىشمەنلەر»، نۇپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى، كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ مېغىزلىق ھۆكۈملىرى، كىشلەر بىردەك ئىتراپ قىلغان ئاساسىي قائىدىلەر، ئىلمىي ئەسەرلەردىكى ئېنىقلىمىلار، مىزان ھېسانلىنىدىغان ھېكمەتلىك سۆز ۋە ماقال-تەمسىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. .krEfY& 3.ئىسپاتلاش - دەلىل ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىپ نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلاش دېمەكتۇر. بۇ ماقالىنىڭ يەكۈن قىسمى بۇلۇپ، بۇ قىسمىدا ئاپتۇر ئۆز كۆز-قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن نىمە قىلىش، قانداق قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
bM }zGFt مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا، ئېنىق نۇقتىئىنەزەر بۇلىشى، نۇقتىئىنەزەرگە ئاساسەن تىپىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنىمۇ مۇۋاپىق تاللاش زۆرۈر. 'H"!%y{:i كۆپ قوللىنىلدىغان ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: EpTc{ 1. ئايرىملىقتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا پاكىت مىساللار ئاۋال ئوتتۇرغا قۇيۇلىدۇ.ئاندىن شۇ قائىدە-قانۇنلار ئومۇملاشتۇرىلىدۇ. Ir(U7D 2. ئومۇمىيلىقتىن ئايرىملىققا قاراپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: بۇ يەنە نەزەريىۋى ئىسپات دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدا قائىدە يەكۈنگە ئاساسەن ئايرىم پاكىتلار ئىسپاتلىنىدۇ. يەنى ئومۇمىي دەلىللەر ئارقىلىق ئايرىم نۇقتىئىنەزەر ئىسپاتلىنىدۇ. |QQ(1#d 3. مىسال كەلتۈرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: بۇ پاكىتنى نەزەرىيۋى ئاساس قىلىدىغان، مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرىدىغان، ئىزاھلايدىغان بىر خىل ئۇسۇل. "Y"`'U=v 4. نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: بۇ قەدىمكى ياكى ھازىرقى، جۇڭگۇدىكى ۋە چەتئەللاردىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ سۆزلىرى، ھەممىگە ئايان بولغان قائىدىلەر، ئىلىم-پەندىكى ئاكسىئۇما، ئىدىئۇم، مدقدل-تەمسىل قاتارلىقلار نەقىل كەلتۈرۈلۈپ دەلىل قىلىنىش ئارقىلىق نۇقتىئىنەزەر ئىسپاتلىنىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. VMS3Q)Ul 5. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: بۇ ئىككى خىل شەيئىنىڭ ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىمايدىغان يەرلىرى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق نۇقتىئىنەزەر ئىسپاتلىنىدىغان بىر خىل ئۇسۇل.نۇنىڭدا شەيئىلەردىكى ئارتۇقچىلىق، ھەق-ناھەق، ئىجابىي-سەلبى تەرەپلەر سېلىشتۇرۇلۇش جەريانىدا ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. d7uS[tKqg 6. ئوخشىتىش (تەمسىل) ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: بۇ خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولغان شەيئىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، يەنى ئوخشىتىش ئارقىلىق مەسىللەرنى ئىسپاتلاش ئۇسۇلىدۇر. L+mHeS l 7. تەتۈر ئىسپاتلاش ئۇسۇلى: بۇ نۇقتىئىنەزەرنى ئىجابىي جەھەتتىن بىۋاستە ئىسپاتلىماي، بەلكى سەلبى جەھەتتىن ۋاستىلىك ئىسپاتلاشتۇر. تەتۈر ئىسپاتلاش ئۇسۇلىدا ئىككى خىل ئەھۋال بولىدۇ. بىرى، ئالدى بىلەن ئۆز نۇقتىئىنەزىرىگە زىت بولغان نۇقتىئىنەزەرنىڭ خاتا ئىكەن؛ىكىنى ئىسپاتلاپ، شۇ ئارقىلىق كۆز نۇقتىئىنەزىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش. يەنە بىر خىلى، قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاۋال بۇ نۇقتىئىنەزەر بىلەن زىت بولغان نۇقتىئىنەزەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش، شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ نۇقتىنەزىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەتۈر ئىسپاتلاش. LG{50sP` مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى: Zeq^dV5y77 مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى ۋېرسىيە تىكلەش ۋە رەددىيە بېرىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل. .3wx}!:*| ۋېرسىيە تىكلەش - مەلۇم ۋەقە ياكى مەسلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىنى تىكلەشتىن ئىبارەت. feM( رەددىيە بېرىش - مەلۇم ۋەقە ياكى مەسلىگە قارىتا مۇھاكىمە يۇرگۈزۈپ بىر تەرەپلىمە، خاتا، كۆز-قاراش ۋە تەشەببۇسنى رەت قىلىشتۇر. f:AfM f>m 12. ئۆزۈم ھەرجايدا مەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر ................ پەرىزات سۇلايمان ئەلدەر %6&c3,?U\n ژانىرى ـــ نەسر
61sEeM بۇ ئەسەردە ئۆز ۋەتىنىدىن،ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئاپتۇرنىڭ ۋەتىنىگە،ئانا يۇرتىغا ۋە مىللىتىگە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى، ۋەتىنىدىن،ئانا يۇرتىدىن ۋە مىللىتىدىن پەخىرلىنىش-سۆيۈنۈش ھېسسىياتى ھەمدە ئانا يۇرتى ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىنى سېغىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. zs'Jgm.v سۆزنى قاراتمىلىققا، جەلىپكارلىققا ئىگە قىلىپ، باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش cet|k! بۆرە........................... {+gK\Nz بۆرە__گۆشخور ھايۋان بولۇپ،ئىت ئائىلىسىگە مەنسۇپ.سىرىتقى شەكلى ئىتقا ئوخشاپ كېتىدۇ.لېكىن تۇمشۇقى سەل ئۇچلۇق،ئۇزۇن،ئېغىزى چوڭراق،قۇلىقى دىڭ،قۇيرۇقى تۈز بولۇپ،يانتۇ ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.مويى قوڭۇر كۈلرەڭ .جۇڭگۇنىڭ شىمالى رايۇنلىرىدىكى بۆرىلەرنىڭ تەن ئوزۇنلىقى1___1.5مېتىر كېلىدۇ .بۆرە ياۋرۇ-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ۋە شىمالى ئامىرىكىغا تارقالغان.ئۇنىڭ ياشاش دائىرىسى كەڭ،ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك.تاغلىق،ئورمانلىق رايۇنلاردا،يايلاقلاردا،چۆل-باياۋانلاردا، قۇملۇقلاردا،ھەتتا مۇزلۇقلاردا توپلىشىپ ياشايدۇ.جۇڭگۇنىڭ تەيۋەن،خەينەندىن باشقا ئۆلكە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلىرىدا بۆرە ئۇچىرايدۇ. :>jzL8 بۆرە ئىسسىققا چىدايدۇ،سوغۇقتىن قورقمايدۇ.كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر،ئاڭلاش سېزىمى ياخشى،تەبىئىتى ۋەھشى،چېچەن،يۈگۈرۈشكە ماھىر.قوغلاش شەكلى بىلەن ئوۋ-ئوۋلايدۇ.ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ.ئاساسلىقى بۇغا،بۆكەن،توشقان قاتارلىقلارنى ئوۋلايدۇ.بەزىدە ھاشارەتلەرنى ،ياۋا مېۋىلەرنى يەيدۇ،ياكى چوشقا،قوي قوتانلىرىغىمۇ چۈشىدۇ.ئاچارچىلىققا چىدايدۇ.يىگەندە راسا تويغىچە يەيدۇ. 6kONuG7Yv شىمالدىكى بۆرىلەر قىشتا توپلىشىپ چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ.ئوۋلىغاندىمۇ،كېسەل،ئاجىزلىرىنى يەۋېتىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. ++!0r['+> ئۇيغۇر تىلى بەزى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى v5FfxDvw « ئا ، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بۇغۇملۇق سۆزلەرگە « ئى » تاۋۇشى بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا « ئا، ئە » تاۋۇشلىرى « ئې » غا ئاجىزلىشىدۇ ،بەزى بىر بۇغۇملۇق سۆزلەر تۇراقلىق ئۇرغۇغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا بۇنداق سۆزلەردىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشمايدۇ ھەمدە يازغاندىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇلماي يېزىلىدۇ . q 1A0-W#4 كۆپ بۇغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمىدا « ئا ، ئە » تاۋۇشلىرى بولسا بۇ سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ئەگەر شۇ بۇغۇم ئۇچۇق بۇغۇمغا ئۆزگەرسە « ئى » تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ ھەمدە شۇنداق يېزىلىدۇ . I@1VX5
|
|