mamatjan74 |
2014-02-28 11:42 |
7-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات تەكرار ماتىرىيالى(3-بۈلەك)
ئۈچىنچى بۆلەك: ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز TM(y%!\ مۇھىم مەزمۇنلار hi[nUG(OI 7. مەشرەپ ............................ ئابدۇكېرىم راھمان eT".psRiC ‹ مەشرەپ›ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇكىرىم راخمان . ژانىرى چۈشەندۈرۈش ماقالىسى .ئەسەردە يەرلىك مەشرەپلەر ئىچىدە بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوتتۇزئوغۇل مەشرىپى بىلەن دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ‹دولان مەشرىپى › تۇنۇشتۇرۇلغان . مەشرەپ بىگى – مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ .يىگىتۋېشى – مەشرەپنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگىۈچىسى بۇلۇپ مەشرەپ پائالىيىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ .كۆلبىگى – مالىيە ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ . دارىگەي بىگى – مەشرەپنىڭ كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئول . پاششاپ – مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشقۇرغۇچىسى T o["o!(;z ئابدۇكېرىم رەھمان 1941-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.شىنجاڭ ئۈۋىرستىتىنىڭ پروفېسسورى. ‹‹ئۇيغۇر فولكلور ھەققىدە ئۇمۇمى بايان››، ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى››، ‹‹مەدىنيەت ئىزلىردىن تۇغۇلغان ھىسلار››..... قاتارلىق تەتقىقات ئەسەرلىرى بار. $z%(He ئابدۇكېرىم رەھمان 1962-يىلى ئەدەبىيات ساھەسىگە ئەدەبىيات ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزىرىيىسىدە كۈرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بۇلۇپلا قالماي يەنە، ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى، فولكلور تەتقىقاتىدىمۇ كۈرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن. بۇلۇپمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئىزدىنىشلىرى ، تەتقىقات نەتىجىلىرى بىرقەدەر كۈرۈنەرلىك. jU&m*0nL «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەشرىپى بولۇپ ، پەقەت ئەلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ . بۇ مەشرەپ كۈزلۈك ھۇسۇل يېغىۋېلىنغاندىن كىيىن باشلىنىپ تاكى ئىككىنچى يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلىدۇ . تەشكىلى قۇرۇلمىسى مەشرەپ بېگى ، قازى بەگ ، يىگىت بېشى ، دارىگەي بەگ ، كۆل بېگى ، پاششاپ قاتارلىق ئەمەللەردىن تەشكىل تاپقان . ئۇنىڭ قاتتىق مەشرەپ قائىدە-تۈزۈمى بولىدۇ . . . . MV" n{1B ‹‹سەنئەت مەكتىپى››---مۇزىكا ، ئۇسسۇل سېزىمىنى يېتىلدۈرۈش ، ئاشۇرۇش . . . سورۇنى ؛‹‹ئەدەپ-ئەخلاق بۆشۈكى››--- قائىدە-يۇسۇن ئۆگىنىش، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى قەدىرلەش ، قوغداش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ، كۈچەيتىش . . . سورۇنى n= مەشرەپنى نىمە ئۈچۈن قۇيۇق سەنئەت شەكلىنى ئالغان ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت ھىساپنىلىدۇ ؟ دىگەن سۇئالغا ئوقۇغۇچىلار مەشرەپنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئۆتمۇشتىن بويان ئۆزلىرىنىڭ بىرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قىلپ كەلگەنلىكى،بۇنىڭدا تۇرلۈك مىللى ئويۇنلارنىڭ ئوينىلىدىغانلىقى بىر مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ ئۆتكۈزىدىغانلىقى بارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى چۆرىدەپ كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇپ جاۋاب بەرسە بولىدۇ. |_TiF;^ مەشرەپ نىمە ئۈچۈن « سەنئەت مەكتىۋى »، « ئەدەپ ئەخلاق بۆشىكى» دەپ تەرىپلىنىدۇ؟ دىگەن سۇئالغا ئوقۇغۇچىلار مەشرەپنىڭ بىر خىل سەنئەت شەكلىنى ئالغانلىقى ، ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئويۇنلارنىڭ ئوينىلىدىغانلىقى، بۇ پائالىيەتتە چوڭ كىچىك، قېرى- ياش ئەرئاياللارئوتتۇرسىدىكى قائىدە يۇسۇنلار ، ئەدەپ-ئەخلاق كۆپرەك تەكىتلىنىدىغانلىقى ۋە بۇنى ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ كۆرۈپ بۇنىڭدىن بەلگىلىك تەسىر ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ سەنئەت مەكتىۋى ، ئەدەپ ئەخلاق بۆشىكى دەپ تەرىپلىنىدىغانلىقىنى چۆرىدىپ جاۋاب بەرسە بولىدۇ.. |0i{z(B مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ مەزمۇنى ئەنە شۇنداق مول، شەكلى خىلمۇخىل، تەشكىلى قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولغان كۈڭۈل ئېچىش خارەكتىردىكى قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۈنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت.
J
8%gC 8. ئەتلەستىكى سەنئەت ............................ مۇھەممەتئىمىن سابىر
jB?SX مۇھەممەتئىمىن سابىر 1950-يىلى چىرا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.يەرلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى.ئۇنىڭ «ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ,&UKsrs_ مەزكۇر تېكىست چۈشەندۈرۈش ماقالىسى،ئەتلەسنىڭ خىلمۇخىل تۈرى،گۈل نۇسخىسى،رەڭلىرى،ئەتلەسنىڭ تۇرمۇش بۇيۇمى ئىكەنلىكى،لېكىن ئەتلەستىكى رەڭلەرنى ۋاستە قىلىپ قىلىپ ئىپادىلەنگەن گۈل نەقىشلىرى،ئوبراز ۋە شەكىللىرگە بەدىئىي سەنئەت مۇجەسسەملەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. A
h2 {kK ئەتلەس گۈل نەقىشلىرى يەرلىك پۇراق،كچلۈك مىللىي خاسلىققا ئىگە.ئۇ،«رەڭ چىگرىسى ئىنىقسىز بولۇش ئۇسۇلى»ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان تۇتۇق تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكى سەنئەت ئەسىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،تۆۋەندىكىدەك دەلىلگەن: 0>od1/` تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر،ئۆسۈملۈك ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر،ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر،ھايۋانات ئەزالىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر،چالغۇ-ئەسۋابلار ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر. v.(dOIrX ئەتلەس گۈل نەقىشلىرى مۇئەييەن ئىچكى مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قارىشى،تۇرمۇش قارىشى،ئۆرپ-ئادىتى،ئىدىيىۋى ھېسسىيات مايىللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. r84^/+"T ئەتلەس گۈل نەقىشلىرىدە ئادەم،ھايۋاناتلارنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى نەقىش ئېلېمېنتى قىلىنمايدۇ. ئەتلەس گۈل نەقىشلىرى تەبىئىي مەۋجۇتلۇق ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان خەلقىمىزنىڭ تەبىئەت قارىشى،مۇھىت قارىشى،گۈزەللىك قارىشى،سۆيگۈ-مۇھەببەت قارىشى،ئېتىقاد قارىشى قاتارلىق ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى رەڭ،شەكىللەر ئارقىلىق ئەتلەس يۈزىدە ئەكس ئەتكەن. بۇ تېكىستتە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن تۈرگە ئايرىش،ئېنىقلىما بېرىش،مىسال كەلتۈرۈش،سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلار قوللىنىلغان. }b\hRy~=r 9. ئون ئىككى ھايۋانلىق كالىندار .................... ئابدۇبەسىر شۈكىرى v[Q)L!
J1 ئابدۇبەسىر شۈكۈرى – 1964-يىلى پىچان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ فىروفىسسورى «ئىرق، بىنگ ۋە قادىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا 01'>[h#_n قاراشلىرى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. aZb\uMePK جەلالى كالىندارى قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ فارس- تاجىك خەلقلىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن باشلاپلا ئاۋستا كالىندارىنى قوللانغانىدى. مىلادىيە 11- ئەسىرگە كەلگەندە پارسلاردىن چىققان مەشھۇر ئاسترونوم جەلالىدىن مالىك شاھ، بۇ ئەنئەنىۋىي كالىندارنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنگىچە ئىراندا ئىشلىتىلىۋاتقان شەمسىيە كالىندارى مەيدانغا كەلدى. بۇنى ئىلىم ساھەسى «جەلالى كالىندارى» دەپ ئاتىدى. hWy@?r. ھىجىرىيە كالىندارى بۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك دىگۈدەك قوللىنىدىغان كالىندار بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مىلادىيە 622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى مەككىدىن مەدىينەگە سەپەر قلغان كۈنىدىن باشلانغان كالىنداردۇر. #Nh'1@@ يۇقارقى كالىندار قاتارىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان كالىندارچىلىقتىكى تۆھپىسى ئون ئىككى ھايۋانلىق تۈرك كالىندارىدۇر. 5mZ2CDV «ئون ئىككى ھايۋانلىق تۈرك كالېندار» تۈرك كالىندارى ھەققىدە ھەممىدىن بۇرۇن بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي « دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك » دېگەن ئەسىرىدە سېستىمىلىق ۋە ئەتىراپلىق مەلۇمات بەرگەن. |*c1S
-# 1 . چۈشەندۈرۈش ماقالىسى دېگەن نېمە ؟ xq((]5P
y جاۋاپ :مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ھالىتى ، خاراكتىرى ، خۇسۇسىيىتى ، ئشلىتىلىشى ، ئىچكى مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ماھىيەتلىك ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى ئاساس قىلىدىغان ماقالىلەر چۈشەندۈرۈش خاراكتىرلىك ماقالىلەر دەپ ئاتىلىدۇ . 9qftMDLZJ\ چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىدا چۈشەندۈرۈش ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ ، ئۇنىڭدا شەيئىلەرنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئىزاھلاش مۇھىم مەزمۇن قىلىنغان بولىدۇ . چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىدا يەنى ، بەزى بايان ، تەسۋىر ، مۇھاكىمە تەركىپلىرىمۇ بولىدۇ ، ئەمما بۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلى قۇشۇمچە قەلىنىدۇ . ;O}%SCF7 .2 چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىنى يېزىشتا قانداق تەلەپلەر قويىلىدۇ ؟ uA#K59E+ جاۋاپ : چۈشەندۈرۈش ماقالىسى يىزىشتا تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەر قويىلىدۇ . jc"sPr v5 1)چۈشەندۈرۈش ماقالىسى يازغاندا ئىنچىكە ۋە تەپسىلى كۈزىتىپ ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشى لازىم . Po)U!5Tm 2)شەيئلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان قائىدە-قانۇنىيەتلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. 4NID:< 3) تىلى توغر ا ، ئاممىباب ،چۈشىنىشلىك بۈلۈشى كىرەك . %4Lo Em=U 4) مۇۋاپىق بولغان چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى تاللاش لازىم . xeFx!$3 .3 چۈشەندۈرۈش ماقالىسىنى ياخشى يېزىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟ sMMOZ'bT جاۋاپ : چۈشەندۈرۈش ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك . "Ol:ni1 1)چۈشەندۈرۈلىدىغان شەيئىي بىلەن چوڭقۇر تۇنۇشۇپ چىقىش كېرەك . :%h1Q>F 2)ماقالىنىڭ قاتلىمىنى شەيئىلەرنىڭ ئۆز رېتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم. :f[ w . 4 شەيئىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە نىمە ئۈچۈن مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى تاللىنىدۇ ؟ \OVFZ D جاۋاپ : شەيئىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى تاللاشنىڭ سەۋەبى مۇنداق : چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرى 1) تۈرگە ئايرىش ، 2) ئېنىقلىما بېرىش ، 3) مىسال كەلتۈرۈش ، 4) سېلىشتۇرۇش ، 5) سانلىق مەلۇماتلارنى كەلتۈرۈش ، 6) ئوخشىتىش ، 7) رەسىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، چۈشەندۈرۈش ماقالىسى يىزىشقا قويۇلىدىغان تەلەپنىڭ 4 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەندەك ، چۈشەندۈرمەكچى بولغان شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكى چىقىش قىلىپ ، ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى تاللىنىدۇ . :"Xnu%1 ئۇيغۇر تىلى q7lC}'2fu ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى : بۇ خىل ماسلىشىش سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە كۆرۈلمەيدۇ . پەقەت سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن قوشۇمچە بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا كۆرۈلىدۇ . بۇ قائىدىگە ئاساسەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار تۆۋەندىكىدەك ئۇلىنىدۇ . EK4%4<" « د، ب » تاۋۇشلىرىدىن باشقا بارلىق جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان شەكلى ئۇلىنىدۇ . قال + غان = قالغان (« ل»- جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ،« غ»- جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش )
`vH|P جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار: ب،د،گ، ج ،ل ،م ،ن، ر، ۋ، ي ، ز ، غ ، ژ ، ڭ ، Cdz?+hb جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار: پ،ت،چ،خ،س،ش،ك،ف،ق،ھ 8p 4[:M@ بىر قىسىم تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ب،د» تاۋۇشلىرى (باشقا مىللەتتىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ب،د» تاۋۇشلىرى ) جانلىق تىلىمىزدا «ت،پ» ئېيتىلىدۇ . بۇلارغا قوشۇمچىلارنىڭ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن باشلانغان شەكلى ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن: rY(7IX غەرب - غەربكە،غەربتىن RVAku ئىنقىلاب - ئىنقىلابقا،ئىنقىلابتىن ,+df=>
$W ئۈمىد - ئۈمىدتىن،ئۈمىدكە A4,%l\di< «غ، گ» ئۈزۈك تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرگە يەنە«غ ، گ » بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلىش تەس بولغانلىقى ئۈچۈن «ق ، ك» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ. («غ،گ» تاۋۇشى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ،« ق، ك» تاۋۇشى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش ) مەسىلەن: =!L}/Dl تاغ+قا=تاغقا(تاققا ئەمەس) L E\rc A تەگ+كەن=تەگكەن(تەككەن ئەمەس) Y\WQ0'y دېمەك ، سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق ياكى جاراڭسىز بولۇشىغا قاراپ ، قوشۇمچىلارنىڭ شۇنىڭغا ماس شەكلىنىڭ ئۇلىنىپ كېلىشى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ . YD[AgToo0
|
|