查看完整版本: [-- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىشى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-02-25 22:54

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىشى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىش قىسقىچە تارىخى }{ 9E~"_[  
ئەسەت سۇلايمان ], ' n!:>  
mJ Wl#3  
7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 10-ئەسىرگىچە ئىسلام دېنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبى بۆلكىگە تارقالغان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دېنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنيەت ئالاقىللىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان.شۇندىن كېيىن ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دېنىغا دائىر دېنى دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايتى كۆپ ئەرەپچە سۆز-ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەجداتلىرىمىز ئەرەپ يېزىقىنى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى 26ھەرپنى ئىشلىتىپ، پارىسلار ئۆزلەشتۈرگەن ژ، گ،پ قاتارلىق ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ياراتقان. ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى زال، ئىتقۇ،ئېزغۇ،ئېغىر ھ، سات، زات قاتارلىق ھەرپلەر ئىشلىتىلمىگەن. CXJ0N   
.cle^P  
بۇ خىل يېزىق مىڭ يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەندىن كېيىن 1930يىللارغا كەلگەندە ئەسلىدىكى ئېلىپبەنىڭ ئۇيغۇر ئېغىز تىلىغا ماسلاشمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇلاھىزىلەر باشلانغان. 1956-يىلىدىن كېيىن ھازىر زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئەرەپچىگە خاس بولغان ئەيىن قاتارلىق ھەرپ بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىللە ڭ ھەرپىنى رەسمى بېكىتكەن. شۇندىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى 32 ھەرپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشلىرى ھېساپلىنىدۇ. hv7!x=?8  
qTiX;e\W  
دوكتۇر ئەسەت سۇلايماننىڭ«ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق كىتابىنىڭ 302-بېتىدىن ئېلىندى.

گۈلنىھال 2014-02-26 00:10
. Uj6R?E{Jt  
=^=9z'u"=  
مۇشۇنداق قىممەتلىك ماتىرىيال  بىلەن تەمنىلىگىنىڭىزگە رەھمەت !

بابۇر0725 2014-02-26 13:09
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم

nadiraay 2014-02-26 13:31
يازمىڭىزغا كۆپ  رەھمەت.

مەمەتئېلى 2014-02-26 19:41
مۇشۇنداق ماتىرياللارنىڭ مۇنبىرىمىزدە كۆپلەپ بولغىنى ياخشى. ھارمىغايسىز!

ئەكبەرنىياز 2014-02-26 20:48
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، قاراخان مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!

مىېھرىما 2014-02-27 14:47
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن .


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپىنىڭ بارلىققا كېلىشى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled