查看完整版本: [-- قاراخان: ئانا تىلنىڭ كارامىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> قاراخان: ئانا تىلنىڭ كارامىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-02-25 22:22

قاراخان: ئانا تىلنىڭ كارامىتى

ئانا تىلنىڭ كارامىتى D5vtZu!"  
چىڭغىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان) X^^D[U  
ماخمۇتجان ئىسلام تـەرجىمىسى tV4aUve  
) hB*Hjh  
شائىر رەسۇل ھـەمزاتوۋ داغستان تاغلىق رايونىدىكى كۆپ خىل توغرىسىدا ئۆزىگـە خاس يۇمۇرلۇق تىل بىلـەن مۇنداق ئىزاھات بـەرگـەنىدى: ئـەينى چاغدا،خۇدا بۇ يـەردىكى مىللـەتلـەرگـە تىل تـەقسىم قىلىۋاتقاندا، شىددەتلىك شىۋىرغان چىقىپ كـەتكـەنىكـەن. شۇڭا خۇدا ئالدىراپ - تېنـەپلا بۇ يـەرگـە ئـەرشتىن ھـەر خىل تىللار قاچىلانغان بىر تاغارنى تاشلىغانىكـەن. داغستاندىكى تىلنىڭ بىر - بىرىدىن زور دەرىجىدە پـەرقلىق بولۇشى بۇرۇن بۇ يـەردىكى مىللـەتلـەرنى بىر - بىرىدىن بـەكلا ئايرىۋەتكـەن. گـەرچـە ئۇلار مـەنىۋى جـەھـەتتـە ۋە تۇرمۇش شـەكلى جـەھـەتتـە بىر - بىرىگـە يېقىن بولسىمۇ، ئـەمما قوشنا تاغ جىلغىلىرىدا ئـەمـەس، بـەلكى ئوخشاشمايدىغان قىتئـەلـەردە ياشىغاندەك تۇرمۇش كـەچۈرگـەن. شىمالىي كاۋكازنىڭ شـەرق تـەرەپىگـە جايلاشقان بۇ يـەردىكى ھـەر بىر ئاۋۇلنىڭ ئۆزىگـە خاس تىلى بار. بۇ تىللار تۈركى تىللار، كاۋكاز تىللىرى، ئىران تىللىرى ھـەتتا يـەھۇدى ۋە سۇرىيان تىللىرىغا چېتىلىدۇ، قوشنا ئاۋۇللارنىڭمۇ تىلى بىلـەن ئوخشاشمايدۇ، بىر - بىرىگـە يېقىن كـەلمـەيدۇ، ئۇلارنىڭ تومۇرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. رەسۇل ھـەمزاتوۋ« بۇرۇن داغستاننىڭ تارىخى پىچاق بىلـەن ئويۇلغان يېزىقتا خاتىرىلـەنگـەن، 20 - ئـەسىرگـە يـەتكـەندىلا داغىستاندا پـەي قـەلـەم بولغان» دەيدۇ. ئـەمما، دۇنيادىكى ھـەر قانداق بىر ئېلىپبـەدىن داغىستان تىلىدىكى بارلىق تاۋۇشلارنى ئىپادىلىگۈدەك بىر يۈرۈش ھـەرپ تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان دەسلـەپكى يىللاردا، داغىستاندىكى تىللار ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلىشتا، رۇس تىلى ھـەرپلىرى ئۈستىگـە ئالاھىدە ھـەرپ ۋە شـەرتلىك بـەلگىلـەرنى قوشۇش ئارقىلىق ھـەرپ يارىتىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى مىليونغا يېقىن داغستان خـەلقى ئوتتۇز نـەچچـە خىل تىل ئىشلىتىدۇ. داغستاندا بـەش خىل يېزىقتا گېزىت - ژۇرنال، ئـەدەبىي ئـەسـەرلـەر نـەشىر قىلىنىدۇ. يالغۇز ئاۋار تىلىدىلا ئـەمـەس «بۇلار شۇ جايدىكى نوپۇس ئـەڭ كۆپ مىللـەت، نوپۇسى سەككىز يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ»، يـەنـە تات «بۇلار پـەقـەت ئون بـەش مىڭلا» تىلىدا كىتاپ نـەشىر قىلىنىدۇ. - & r{%7  
ئـەمما، شۇنىڭغا قارىماستىن، داغىستاندا ئۆز تىلى بىلـەن شېئىر يازىدىغان شائىردىن ئىككى مىڭى بار. دۇنيانىڭ ھـەمما جايلىرىدا بار ئاز سانلىق مىللـەتلـەر مـەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىرلا ئادەمنىڭ مـەسىلىسى چاغلىق بىر ئىش، ئـەمما، كونىلارنىڭ سۆزى بويىچـە، ئۆتۈكنى كىم كىيگـەن بولسا شۇنىڭ پۇتى ئاغىرىيىدۇ، دەردىنى ئۆتۈك كىيگـەن ئادەملا بىلىدۇ، دېگـەندەك سانى ئـەڭ ئاز مىللـەتلـەرنىڭ مـەسىلىسى ئـەڭ زور، ئـەڭ مۇھىم بولىدۇ، بـەزىدە بۇ مـەسىلـە تېخى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. بۇ يـەردە دېيىلىۋاتقان مـەسىلـە ئاز سانلىق مىللـەتلـەرنىڭ مىللىي مـەدىنىيىتىنىڭ ئىستىقبالى مـەسىلىسى. بۇ ئالدى بىلـەن دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللـەتلـەرنىڭ تىلى مـەسىلىسىگـە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى تىل بولمىسا، ئۇلارنىڭ مـەنىۋى بايلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مىللىي مـەدەنىيـەتنىڭ ئـەڭ ئاساسلىق ئامىلى بولغان تىل، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يـەنـە مىللىي مـەدەنىيـەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ۋاستىسى بولىدۇ. ھـەر قانداق مىللـەتنىڭ تىلىنى خـەلقنىڭ ئـەقىل - پاراسىتى ياراتقان، ئۇ تـەڭدىشى يوق ئاجايىپ مۆجىزە بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشى ئـەڭ زور زىياندىن باشقا نـەرسـە ئـەمـەس، نۇرغۇن تىللار يوقىلىدۇ ھـەم يوقالدى، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇلار مـەۋجۇت بولغان دەۋرمۇ كـەلمـەسكـە كـەتتى، ئـەمدى مـەۋجۇت تىللارنى قـەدىرلـەش، ئاسراش كېرەك، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانىيـەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. دۇنيا تىلدىن تـەشكىللـەنگـەن مـەۋجۇدات ئالىمىدە مـەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تارىختا تىلدىن تـەشكىللـەنگـەن ئېكولوگىيـە پـەيدا بولغان. تىل ئېكولوگىيىسى خۇددى تـەبىئـەت ئېكولوگىيىسىگـە ئوخشاشلا ناھايىتى مۇرەككـەپ ۋە نازۇك بۇ يـەردە پراگماتىزملىق نۇقتىئىينـەزەرگـە ئـەمـەل قىلىشقا بولمايدۇ، پراگماتىزملىق نۇقتىئىينـەزەر ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئىشلـەيدۇ، ئۇنى مـەدەنىيـەت ئىشلىرىغا تـەبىقلاشقا بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، چوڭ مىللـەتلـەرنىڭ تىلى ئۇششاق مىللـەتلـەرنىڭ تىلىنى بارا - بارا چـەتكـە قاقىدىغان ۋە ئاسمىلاتىيـە قىلىدىغان ئـەھۋالمۇ بـەزى - بـەزىدە كۆرۈلۈپ قالىدۇ. 7^X_tQf  
ناھايىتى روشـەنكى ، ھازىر بىر خىللاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللـەتلـەر مـەدەنىيىتىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى يوققا چىقىرىشقا قىزىقىپ قالغان پىكىرلـەرمۇ بار. بۇنداق پىكىرلـەرگـە نىسبـەتـەن، بىزدە سـەگـەك كاللا بولۇشى كېرەك، بۇنداق پىكىرلـەردە مـەسىلىنىڭ ماھىيىتى بۇرمىلانغان. بىر - بىرىگـە يار - يۆلـەك بولۇش، بىر - بىرىگـە مـەنپـەئـەت يـەتكۈزۈش پرىنسىپى ئۈچۈن بىرلىشىش كېرەك، ئـەمما ھـەر قايسى مىللـەت ۋە ئۇلارنىڭ مـەدەنىيىتى بـەزى جـەھـەتلـەردە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئالاھىدىلىكلـەر كېرەكسىز قىلىنسا، ئۇ ھالدا بىر - بىرىگـە يار - يۆلـەك بولۇش، بىر - بىرىگـە مـەنپـەئـەت يـەتكۈزۈش دېگـەندىن ھېچنىمـە قالمايدۇ، بىرلىشىشنىڭ زۆزۈرلۈكىمۇ يوقىلىدۇ. مـەن چوڭقۇر ئىشنىمـەنكى، رېئاللىقتا ئاز سانلىق مىللـەتلـەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھـەمدە شارائىت يارىتىپ مۇشۇ تىللارنىڭ ئۆزگـە مىللـەتلـەرنىڭ مـەنىۋى ۋە ماددىي تۇرمۇشىدىكى يېڭى نـەرسىلـەرنى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، شارائىت يارىتىپ تىلىنىڭ ئىچكى راۋاجلىنىش يولى يـەنى دۇنيادىكى ئىلغار تىللارنىڭ تـەقرىبىلىرىگـە بىۋاستـە ياكى ۋاستىلىك تايىنىپ ئۆز تىلىمىزنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش يولى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللـەتلـەر تىلىنى تېخىمۇ مۇكـەممـەللـەشتۈرۈشنىڭ تولۇق ئىمكانىيىتى بار. ئېلىمىزنىڭ تـەجرىبىلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا چوڭ - كىچىك يۈز نـەچچـە مىللـەت بار. ئۇلار ئاتمىش يىل بۇرۇن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلـەن بىرلىشىش ئاساسىدا بىرلىككـە كـەلگـەن سوۋېت دۆلىتىنى قۇرغان. بىز ئۆتۈپ كـەتكـەن ئۇزاق يىللاردىلا تاللاش مـەسىلىسىگـە دۇچ كـەلگـەنىدۇق: يۈكسـەك دەرىجىدە راۋاجلانغان تىلنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى بىرلىكتـە مـەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولىغا يـەنى ئىلغار مىللـەتلـەرنىڭ تىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى ئۇلار بىلـەن بىر قاتاردا راۋاجلاندۇرۇش يولىغا ماڭىمىزمۇ؟ ئـەلۋەتتـە، تامامـەن مول ئـەدەبىيات ۋە ئىلمىي ئـەنئـەنىسى بار، يۈكسـەك دەرىجىدە راۋاجلانغان تىلغا ئۆتۈپ ، ئىجادىيـەت بىلـەن شۇ تىلدا شۇغۇللىنىش، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى راۋاجلاندۇرىمىز دەپ جاپا چـەكمـەسلىك يولىغا مېڭىش، شۈبھىسىزكى، ناھايىتى يـەڭگىل ئىدى. بۇنداق ئـەركىن تاللاش ئادەمنى مـەھلىيا قىلاتتى. niBpbs O  
بىراق، بۇنداق تاللاش ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مـەدەنىيىتىنى سۇلغۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇتۇپ قويماسمۇ؟ ئۇ مىللىي مـەدەنىيىتىمىزنىڭ دەۋر روھى جـەھـەتتـە مۇھىم ئىلگىرىلـەشلـەرگـە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرەلـەرمۇ؟ ئـەڭ مۇھىمى، بۇ خىل ھالـەت تارىخنىڭ «يارىتىشى»غا ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى مۇرەككـەپ، ناھايىتى كۆپ خىل دۇنيانىڭ ئورتاق پايدا - مـەنپـەئىتىگـە ئايلىنالامدۇ؟ قېنى، كىم ئىنسانىيـەتنىڭ مـەدەنىيـەت خـەزىنىسىدە نېمىلـەرنى ساقلاشنىڭ ياخشى، نېمىلـەرنى ساقلاشنىڭ يامان بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ؟ بۇ مـەسىلـە توغرىسىدا دائىم ئويلىنىشقا، « قوللاش » ياكى «قارشى تۇرۇش»نى دەڭسـەپ كۆرۈشكـە توغرا كېلىدۇ. تىلنى تاللايدىغان چاغدا، ئـەركىن تاللاشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگـە ۋە بى رگراژداننىڭ خـەلق ئالدىدا ئۆتـەشكـە تېگىشلىك بۇرچىغا ھۈرمـەت قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. چۈنكى خـەلق بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھـەمدە ئۆزىنىڭ . ئـەڭ قىممـەتلىك بايلىقى بولغان تىلنى بىزگـە ئاتا قىلغان. بىز ئانا تىلنىڭ كارامىتىگـە ئاپىرىن - تـەھسىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز. بىز پـەقـەت بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ ئىگىلىگـەن ئانا تىل بىلـەنلا ئادەم قـەلبىنىڭ ئـەڭ چوڭقۇر يـەرلىرىدىكى مىللىي غۇرۇر بۇلىقىنى ئاچالايمىز: ئانا تىل بىلـەنلا خـەلق تـەجرىبىلىرىدىن تۇغۇلغان شېئىر ئارقىلىق يۈرەك - قـەلبلـەرگـە مادار - دەرمان بېرەلـەيمىز، پـەقـەت شۇندىلا ئـەسلى - نـەسلىمىزدىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىك، مـەزمۇنى دېڭىز - ئوكيانلاردىن چوڭقۇر ئانا تىلدىن ئېستېتىك زوق ئالالايمىز. پـەقـەت بالىلىق دەۋردىلا ئانا تىلنى ھـەقىقىي چۈشىنـەلـەيمىز، پـەقـەت بالىلىق دەۋردىلا ئۆزىمىز بىلـەن ئـەتراپىمىزدىكى ئادەملـەر، قاتلام - تـەبـەقىلـەر ۋە مـەلۇم مـەدەنىيـەت ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. دېمـەكچىمـەنكى، ھېچبولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ تـەجرىبىسىگـە ئاساسـەن شۇنداق دېيـەلـەيمـەنكى، بىر ئادەم بالىلىق دەۋرىدە ئۆزى ئادەتتـە ئۇچرىشىپ تۇرغان ئىككى خىل، بـەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تىلنى ماھىيـەت جـەھـەتتىن چوڭقۇر ئىگىلىيـەلـەيدۇ، گـەپ بۇ تىللارنىڭ باشتىلا ئۇنىڭغا ئۆز تـەسىرىنى كۆرسـەتكـەنلىكىدە، مـەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇس تىلى ئانا تىلدىن، يـەنى قىرغىز تىلىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. قىرغىز تىلى بالىلىق چېغىمدىلا ئانا تىلىم بولغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئانا تىلىم. ئۆزگـە مىللـەتلـەرنىڭ يۈكسـەك دەرىجىدە راۋاجلانغان مـەدەنىيـەت نـەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلانمىساق، بىز كۆپ خىل مىللـەتلـەرنىڭ مـەنىۋى مـەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرالمايمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى خىل يولنى تاللىشىمىزدىكى سـەۋەب، بۇ يول مۈشكۈلرەك، ئـەمما مول نـەتىجىلىك يول، بىزدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم مىللـەتلـەرنىڭ يېزىقى يوق ئىدى، كېيىنچـە ئۇلارنىڭ يېزىقى بولدى. شۇڭا سوۋېت ئـەدەبىياتى سـەكسـەن نـەچچـە مىللـەتنىڭ ئـەدەبىياتىدىن تـەشكىل تاپتى.بۇ ئـەمـەلىيـەت مىللـەتلـەرنىڭ مـەمۇرىي رايونلىرىدا، تامامـەن باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇشنىڭ بىر ئۇنۇملىك چارە ئـەكـەنلىكىنى يولۇق ئىسپاتلىدى. مـەن بۇ يـەردە رۇس تىلىنىڭ تولى توغرىسىدىمۇ سۆزلـەپ ئۆتمـەكچىمـەن، رۇس تىلى ۋاستىچى، تارىختا، ھـەر قايسى مىللـەتلـەر ئـەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك قىرغاقلىرىنى ئـەڭ دەسلـەپ تۇتاشتۇرغان كۆۋرۈك. ھالبۇكى، بۇ مىللـەتلـەر تېخى يېقىندىلا بىر - بىرىنىڭ مـەۋجۇتلۇقىنى بىلىشمـەيتتى. مـەدەنىيـەت جـەھـەتتىكى پـەرقىمۇ ناھايىتى زور ئىدى، ھـەممىسىنىڭ بىر - بىرىنىڭكىگـە ئوخشاشمايدىغان ئادەت ۋە ئـەنئـەنىلىرى بار ئىدى. ئۆز ئارا پـەقـەتلا چۈشىنـەلمـەيدىغان تىل ئىشلىتـەتتى. رۇس تىلى كۆپ مىللـەتلىك سوۋېت جـەمىئىيىتىدىكى مىللـەتلـەرنىڭ ئالاقـە - تىلىغا - يېڭى «مـەدەنىيىلـەشتۈرۈش» بىلـەن مـەدەنىيـەتنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگـە تۈرتكـە بولىدىغان تىلغا ئايلاندى. M/;g|J jM  
چۈنكى ئۇ ئادەم سانى ئـەڭ كۆپ مىللـەتنىڭ، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىقتىساد ۋە بارلىق ساھەلەردە ئۈستۈنلۈك ئالغان بىر چوڭ مىللەتنىڭ تىلى ئىدى. ئۇ بىر تـەرەپتىن ئېلىمىزدىكى باشقا ئازسانلىق مىللـەتلـەرنىڭ تىلىغا تـەسىر كۆرسـەتسـە، يـەنـە بىر تـەرەپتىن ئۆز ئارا تـەسىر كۆرسىتىشىش داۋامىدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە بېيىتتى. ھازىر بىز شۇنداق جاكالىيالايمىزكى، بىز ئىنسانىيـەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگـەن، بىلىككـە كـەلگـەن، كۆپ مىللـەتنىڭ تىلىنى ئىشلىتىدىغان سوۋېت مـەدەنىيىتىنى بـەرپا قىلدۇق. ئۇ ئېلىمىزدىكى بارلىق چوڭ كىچىك مىللـەتلـەرنىڭ ئـەڭ ئېسىل نـەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگـە ئالغان. بۇ مىللـەتلـەر تا بۈگۈنگـە قـەدەر تـەپـەككۈر، پىسخىكا ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جـەھـەتلـەردە ئۆزلىرىگـە خاس ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كـەلمـەكتـە. بۇ، سوۋېت مـەدەنىيىتى ھـەممىنى ئۆز ئىچىگـە ئالغان، ئىنتىرناتسىئونالىزىملىق مـەدەنىيـەت بولۇپلا قالماستىن، بـەلكى ھـەر خىل مىللىي شـەكىللـەرنى ئۆز ئىچىگـە ئالغان مـەدەنىيـەتتۈر. بۇ خىل مـەدەنىيـەتتىكى ئىنتىرناتسئونالىزىملىق يېقىندىن بۇيانقى مـەلۇم تـەشۋىقاتلاردا دېيىلگنىدەك مىللىي مـەدەنىيـەتنىڭ ئورنىغا قاتمال شـەكىللـەرنى دەسسىتىش بولماستىن، بـەلكى ئىمكانقـەدەر پۈتكۈل جـەمىئىيـەتنىڭ ئىدىيىۋى بىرلىكى ئاساسىدا بارلىق مىللـەتلـەرنىڭ مـەدەنىيىتى ۋە تىلىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئىنتىرناتسىئونالىزىمدۇر. بىز مىللـەتلـەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق پـەرقلـەرنى تامامـەن يوقىتىۋېتىش ۋە مىللىي مـەدەنىيـەتنى ئىستىلا قىلىۋېتىش خاھىشىغا تاقابىل تۇرىمىز. بۇ مىللىي مـەدەنىيـەتلـەر ئاللىقاچان ئۆز ئورنىنى ئىگىلـەپ بولغان، شۇڭلاشقا ئۇنى يوقىتىۋېتىش خاھىشى كىشىلـەردە دۇنيا مـەدەنىيىتىنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبـەتـەن ئـەندىشـە پـەيدا قىلىپ قويىدۇ. مېنىڭچـە، ئالىيجاناپ گۇمانىزم «ئىنسانپـەرۋەرلىك» ۋە ئـەخلاقنىڭ ئـەھمىيىتى سوتسىيالىسىتىك مىللـەتلـەر مـەدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىش جـەريانىدا، ھـەر بىرىنىڭ ئۆز ئىندىۋىدۇئاللىقىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىدا، ئۇلارنىڭ ئـەزەلدىن بار ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يوققا چىقىرىلمايدىغانلىقىدا، ھـەر قايسى مىللـەتلـەر مـەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىتىدىغانلىقىدا، مۇكـەممـەللىشىدىغانلىقى ۋە راۋاقلىنىدىغانلىقىدا، يوشۇرۇن شـەرتلـەرنى قازىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق شـەرتلـەر ھـەر قايسى مىللـەتلـەرنىڭ ۋۇجۇدىدا مـەۋجۇت شـەرتلـەرلا بولۇپ قالماستىن، بـەلكى مىللـەتلـەرنىڭ ئېسىل ئـەنئـەنـە، مـەنىۋى مىراسلىرىدىن، ئۇزۇن مۇددەت داۋامىدا جۇغلانغان تارىخىي تـەجرىبىلىرىدىن بىۋاسىتـە ۋارىسلىق قىلىنىغان شـەرتلـەردۇر. a@1gMZc*  
ئـەلۋەتتـە، بۇ ئوڭايلا ئورۇنلىنىدىغان ئاددىي جـەريان ئـەمـەس. بىز بۇ جـەرياننى ئورۇنلاش ئۈچۈن غايـەت زور، بـەزىدە خېلىلا جاپالىق ئـەجىر سىڭدۈردۇق ھـەمدە بۇرۇن زادىل كۆرۈلمىگـەن بـەدىئىي تـەپـەككۈرنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ھارماي - تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋە ئىزدىنىپ ئورتاق تـەجرىبىنى قولغا كـەلتۈردۇق. بىز تۇرمۇشنى دېئالىكتىكىلىق تونۇش، نۇرغۇن قالدۇق ئىدىيىلـەرنى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى «بالىلىق كېسىلى»نى يېڭىش جـەريانىنى باشتىن كـەچۈردۇق، سوۋېت ئىتتىپاقىدەك غايـەت زور، كۆپ مىللـەتلىك دۆلـەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مىللىي مۇناسىۋەت جـەھـەتتـە دائىم دېگۈدەك يېڭى جـەريان ۋە يېڭى مـەسىلىلـەرنىڭ كۆرۈلمىسلىكى مۇمكىن ئـەمـەس. بىر نـەچچـە يىلدىن بۇيان بـەزى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيـەتلـەردە باشقا مىللـەت گىراژدانلىرىنىڭ سانى ناھايىتى تېز كۆپـەيدى، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مـەدەنىيـەت ۋە تۇرمۇشى جـەھـەتتـە ئۆزىگـە خاس ئالاھىدە تـەلىپى بار، مانا بۇ بىزنىڭ يۇقىرىقى سۆزىمىزنى تولۇق چۈشـەندۈرۈپ بېرىدۇ. مىللـەتلـەر تۇرمۇشىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭـەيمـەكتـە، تۇرمۇش ھـەر سائـەت، ھـەر مىنۇتتا ئۆزگـەرمـەكتـە. بىز ئۇزۇندىن بۇيان قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگـە دەپ قاراپ كـەلگـەن ئالاھىدىلىكلـەر تۇرمۇشتىن ۋە كىشىلـەرنىڭ ئېڭىدىن بارغانسېرى يوقاپ، مـەدەنىيـەت جـەھـەتتـە بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى. ئارىمىزدىكى ئوخشاشمايدىغان مىللىي ئالاھىدىلىكلـەرنى پـەرقلـەندۈرۈشنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، بىز ھامان دېگۈدەك تۇرمۇشىمىزدىكى مۇشۇنداق كۆپلىگـەن نـەرسىلـەرنىڭ بىزدەك تـەقدىرى، ئىدىيـە سېستىمىسى بىر بولغان، بىر دەۋردە ياشاشۋاتقان ئادەملـەرنى يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تولۇق مۆلچـەرگـە ئالالماي قالىمىز. قاتلاملارنى، كونكرېت مۇھىتنى، كـەسىپنىڭ تۈرلىرىنى، ئـەڭ مۇھىمى، يېڭى ئادەملـەرنىڭ پىسخىك ھالىتىنى مۆلچـەرلـەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىش كېرەك. سوۋېت كىشىلىرىنىڭ دۇنيا قاراش، پىسخىك ھالـەت ۋە ھـەرىكـەت جـەھـەتتىكى ئۆزگىرىشنى ئـەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش. گـەرچـە بىز باشقا - باشقا مىللـەتلـەرگـە ۋەكىللىك قىلساقمۇ، ئـەمما تۇرمۇشقا بولغان قاراشتا، تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇشتا، باھالاشتا ۋە تۇرمۇشقا قويغان ئۆلچـەمدە ئورتاقلىقىمىز بار. مېنىڭچـە، ئاز سانلىق مىللـەتلـەر مـەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش جـەريانىدا، يېڭى، زامانىۋى مىلودىيـە «ئاساسلىق كۈي» ۋە يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمنى ئالقىشلاش كېرەك. بۇلار ئـەسلىدىكى مىللىي شـەكىللـەرنى بېيىتىدۇ، ئۇنىڭ دائىرىسىنى كېڭـەيتىدۇ. ئـەلۋەتتـە، بۇنىڭ شـەرتى بار. بۇ شـەرت ئۇ خىل زامانىۋى مىلودىيـە ۋە يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىدىن ئۆزىگـە مۇۋاپىق ئىپادىلـەش شـەكلىنى تاپالاش - تاپالماسلىقىدۇر. ھازىر بىز يېڭى يۈكسـەكلىككـە ئۆرلـەۋەتىمىز، ئاز سانلىق مىللـەتلـەر ئىچىدە ئادەمنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، بۈگۈنكى تۇرمۇشنى بۈگۈنكى ئۇسۇللار بىلـەن كۆزىتىشنى ئۆگىنىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا، مىللىي شـەكىلدە ھازىرقى دەۋر تۈسى جـەۋلان قىلىشقا باشلىدى. iOxygs#p  
ئـەگـەر قاتتىق بېكىنمىچىلىق قىلساق قانداق نـەتىجـە بولۇشى مۈمكىن؟ ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ماھىيـەت جـەھـەتتىكى جا مـەدەنىيـەت بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى ئۇنىڭدا ئـەكس ئـەتكىنى، ئـەڭ كۆپ بولغانىدىمۇ شۇ بىر مىللـەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر تـەرىپىلا بولىدۇ. باشقا مىللـەتنىڭ مـەدەنىيىتى بىلـەن ئالماشتۇرۇش بولمىسا، بولۇپمۇ بىر قـەدەر تـەرەققىي تاپقان مىللـەتنىڭ مدەنىيىتى بىلـەن ئالماشتۇرۇش بولمىسا، بۇ ئـەمـەلىيـەتتـە شۇ بىر مىللـەتنىڭ مـەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىش مـەنبـەسىنى توسۇپ، ، بوغۇپ قويغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئـەگـەر «مىللـەت ئالاھىدىلىكى»نى ساقلاپ قېلىش ئـەڭ ئاخىرقى مـەقسـەت قىلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا مۇبداق «ئالاھىدىلىك » ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، ئالـەمدىن بىخـەۋەر ئۆتۈش، نـەزەر دائىرىسى تار بولۇشنى كـەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھـەمدە شۇ مىللـەت مـەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا تارقىلىشغىمۇ توسقۇن بولىدۇ. مىللىي غۇرۇر ۋە تـەكـەببۇرلۇق، ناھايتى روشـەنكى، تامامـەن مـەنىداش نـەرسـە ئـەمـەس، ئالدىنقىسى ئۆز مىللىتىنىڭ گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پـەخىرلىنىش، ئـەمما ئۇنى تېپىلماس نـەرسىدەك ھـەممـە يـەردە كۆس - كۆس قىلىپ يۈرمـەسلىكنى كۆرسـەتسـە، كېيىنكىسى ئۆزىنىڭ ساختا ئارتۇقچىلىقلىرىدىن مـەغرۇرلىنىشنى، ھـەتتا ئۆزىنىڭ يېتـەرسىزلىكلىرىنى كۆرمـەسكـە سېلىش، ھـەتتا ئۇلارنى شۇ مىللـەتنىڭ «ئارتۇقچىلىقى» قىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقا مىللـەتلـەر بىلـەن مـەدەنىيـەت ئالماشتۇرۇش ئېلېپ بارغاندا غۇرۇر بىلـەن تـەكـەببۇرلۇقنىڭ چـەك - چېگىرىسىنى ئايرىۋېلىشقا زور ياردىمى بولىدۇ. تـەبىئىيكى، مـەدەنىيـەت ئالماشتۇرۇلسا مىللىي ئالاھىلىكلـەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ ھـەمدە مىللىي شـەكىل پـەيدا بولىدۇ. ئۇلار بىر - بىرىگـە تـەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر - بىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بىر - بىرىنى بېيىتىدۇ ھـەمدە ۋاقتى ئۆتكـەن كونا رامكىلاردىن قۇتۇلىدۇ. ئـەمما، ھـەر قېتىم دېگۈدەك گـەپ مىللىيلىك ئۈستىگـە كـەلگـەندە، نېمـە ئۈچۈنكى، بـەدىئىي تـەپـەككۈر قايسى دەۋردە بولسا، ئۇنىڭ شۇ دەۋرگـە خاس ئىجتىمائىي مـەنىۋى ھالـەتنى ئـەكس ئـەتتۈرگـەنلىكىدىن قـەتئىينـەزەر، بىزنىڭ كۆزىمىز كۆپرەك ئۆتكـەنكىنى كۆرىدۇ. ياق، مىللـەتنىڭ ئۆزىگـە خاس ئالاھىدىلىكى ئـەسىرلـەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كـەلگـەن مىللىي ئالاھىدىلىكلـەرنىڭ يىغىنىدىسى ئـەمـەس. مىللـەتنىڭ ئۆزىگـە خاس ئالاھىدىلىكى دېگـەن بۇ ئۇقۇم ئىچىدە ئـەزەلدىنلا بار بولغان، ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكـەن نـەرسىلـەر، بۇرۇنقى دەۋرلـەردە شـەكىللـەنگـەن تـەجرىبىلـەر بولۇپلا قالماستىن، بـەلكى ھازىرقى دەۋر رېئاللىقىدا ۋۇجۇدقا كـەلگـەن يېڭى نـەرسىلـەرمۇ بار. سوۋېتنىڭ كۆپ مىللـەتلىك مـەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل نـەتىجىلىرىدە جـەمئىيـەتنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيـەتنىڭ ئورتاق ئۇلۇغ غايىلىرى بار، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مىللىيلىكى ئىنتىرناتسىئونالىزىمدىن زادىلا ئايرىلمايدىغان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئىپادىلـەنگـەن، ئىنتىرناتسىئونالىزم بۇ يـەردە ئالاھىدە مىللىي شـەكىل بولۇپ ئىپادىلـەنگـەن. ئۇلارنىڭ مۇلايىملىق بىلـەن بىرىكىشى پىشىپ يېتىلگـەن سـەۋىيىنى ئىپادىلـەپ بـەرگـەن. ھالبۇكى، ئىنسانىيـەتنىڭ ئېڭى، باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگـە ئېرىشىش تـەشنالىقى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىش ئۈمىدى بولسا مانا مۇشۇ يـەردىن باشلانغان، ئۇلارنىڭ مـەنبـەسى مانا مۇشۇ يـەردە. مـەن بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرۇغۇن بـەس - مۇنازىرىلـەرگـە سـەۋەب بولغان مىللىي مـەدەنىيـەت مـەسىلىسىنى تـەپسىلىي شـەرھلـەپ ئۆتتۈم. ھـەر بىر مىللـەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئۆز مـەدەنىيىتىگـە «ئوخشاشمايدىغان قىياپـەت» بىلـەن ئوتتۇرىغا چىقىش ئىمكانىيىتىنى ئاتا - قىلغان. ئانا يۇرت بىلـەن، ئۆز مىللىتىمىز بىلـەن ، مىللىتىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى جىددىي مـەسىلىلـەر بىلـەن بولغان ئالاقـە - مۇناسىۋەت گويا ھاياتىي كۈچكـە تولغان ھـەمدە مول ئۈنۈملۈك سۈتكـە ئوخشاش، مىللىتىمىزنىڭ مـەدەنىيىتىگـە جان، قۇدرەت بېغىشلاپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيـەت جـەمئىيىتىنىڭ كـەڭ زېمىنىغا باشلايدۇ. چۈنكى، ھـەر بىر مىللـەتنىڭ تۇرمۇشىدا، ئۇلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى جـەريانىدا نۇرغۇن ئورتاق نـەرسىلىرى بولىدۇ، شۇڭا مىللىي نـەرسىلـەرنى ئىنتىرناتسىئونالىزملىق نـەرسىلـەر بىلـەن قارىمۇ - قارشى قىلىپ قويماسلىق كېرەك. مـەسىلـەن، بىر قىسىم ئاسىيا، ئافرىقا زىيالىيلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ مـەركـەزچىلىكىگـە، مـەدەنىي تـەپـەككۈر شـەكلىگـە قارىتا ئۆز قارىشى بار. بۇنىڭ سـەۋەبىنى، ئـەلۋەتتـە، چۈشىنىشكـە بولىدۇ. چۈنكى بۇ نـەرسىلـەر ئۇلارنىڭ ئېسىگـە مۇستـەملىكـە ھۆكۈمرانلىقىنى، مىللىي غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتلـەرنى سالىدۇ. ئـەمما، ئىلغار ئاسىيا، ئافرىقا زىيالىيلىرى ياۋروپانىڭ تـەجىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئاللىبۇرۇنلا باشلىۋەتكـەن ھـەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مـەدەنىيىتىنى بېيىتقان. ئۇلار ياۋروپانىڭ تـەجرىبىلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيـەتنىڭ بايلىقى، يـەر شارىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئادەمگـە مـەنسۇپ دەپ تونۇغان. 1]~}0;,  
  مەنبە: «دۇنيا ئـەدەبىياتى»نىڭ 1988 - يىللىق 3 - سانىدىن ئېلىندى.

گۈلنىھال 2014-02-25 23:32
‏ئايتماتوف ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى جۇمۇ !

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-26 00:41
ياخشى بىر يوللانمىنى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇشالمىز قېرىنىدىشىم !ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن !

ئەكبەرنىياز 2014-02-26 20:45
ئاجايىپ ئېسىل ئەسەركەن ، قاراخان مۇئەللىمنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن !!!

قاراخان 2014-02-26 21:57
ياقتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت، خوش بولدۇم!

مىېھرىما 2014-02-27 14:49
ياخشى تېما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت .


查看完整版本: [-- قاراخان: ئانا تىلنىڭ كارامىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled