查看完整版本: [-- گۈلنىھال  : ‏زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى ( دەرس تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> گۈلنىھال  : ‏زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى ( دەرس تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-25 21:45

گۈلنىھال  : ‏زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى ( دەرس تېكىستى )

                 ‏زاغۇنلۇق  قەدىمكى قەبرىستانلىقى 0o/;cBH  
>u%B n \G  
‏.                        ئابدۇقەييۇم خوجا   drCL7.j#L  
d/NjY[`5+  
     ‏تەكلىماكان قۇملۇقىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان چەرچەن ناھىيىسى تارىم ۋادىسىدىكى تارىخى ئۇزۇن يۇرتلارنىڭ بىرى . 319 4]  
OfLj 4H 6Q  
‏      1985  -  يىلى ئاپرىلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق موزېي ئارخولوگىيە گورۇپپىسىدىكى خادىملار چەرچەن ناھىيىسىنىڭ مملچەر دەرياسى بويىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ، ئىگلىگەن ئۇچۇر بويىچە ناھىيە  ئەتراپىدىكى زاغۇنلۇق  يېزىسىغا جايلاشقان قەدىمكى قەبرىستانلىقنى تەكشۈردۇق . قەبرىستانلىقنىڭ دائىرىسى چوڭ بولۇپ ، بۇ دائىرىدىكى نۇرغۇن قەبرىلەر ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە ۋە كىيىن كۆپ قېتىم «  بايلىق ئىزدىگۈچىلەر »  ھەمدە ئەتراپتىكى تۇز كولىغۇچى ئاھالىلەر تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋىتىلگەنىكەن .  بىز ئىگلىگەن ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دوكلات قىكىش بىلەن بىللە ، بۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقنى سىناق تەرىقىسىدە قېزىپ تەكشۈرۈش ھەققىدە پىلانىمىزنىمۇ يوللىدۇق . )m-(-I  
‏       دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بويىچە ، بىز 1985  -  يىلى سىنتەبىردە ئىككى قېتىم چەرچەن ناھىيىسىگە كېلىپ زرغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى بەش قەبرىنى قېزىپ رەتلىدۇق . ئارخئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلغان قەبرىلەرنىڭ سانى گەرچە ئاز بولسىمۇ ، لىكىن ئالاھىدە قۇرغاق ھاۋا شارائىتىدا چىرىپ كەتمەي بېجىرىم ساقلىنىو قالغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ئېسىل ، رەڭدار ساپ يۇڭ رەخىتلەر ۋە ئۇلاردىن تىكىلگەن خىلمۇ خىل كىيىم - كېچەكلەر ، يۇڭ يىپلاردىن توقۇلغان  ، كىگىزدىن تىكىلگەن ھەرخىل بۆك ، تۇماق -  قۇلاقچا ، قالپاقلار ، قۇرۇپ قېتىپ قالغان ئەر - ئايال ، بوۋاقنىڭ جەسەتلىرى ۋە باشقا خىلدىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلارنىڭ تېپىلىشى مەملىكەت ئىچى ھەمدە خەلقئارادىكى ھەر ساھە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ، ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى .  بۇ ئېسىل يادىكارلىقلار تارىم ۋە چەرچەن  تەۋەسىدە بۇنىڭدىن 3000  يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس قەبرىگاھ قۇرۇلۇشى ، يۇڭ توقۇمچىلىق ھۈنەر - سەنئىتى ، كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىنى ئالەمگە نامايەن قىلدى . }lk9|U#6*`  
$hM9{  
‏      كەمدىم - كەم ئۇچرايدىغان   بىرەر قېتىملىق زور تېپىلما ۋە قېزىلمىلار ئارخئولوگىيىلىك قېزىپ  تەكشۈرۈشلەردە ئاسانلا تېپىلىۋىردىغان نەرسە ئەمەس . ئۇلار ئارخئولوگلارنىڭ يوقاپ كەتكەن قەدىمكى مەدەنىيەتنى ئىزدەپ تېپىش يولىدا ئېلىپ بارىدىغان ئۇزاق يىللىق ، جاپالىق ، رومانتىك ۋە ئالىيجاناب خىزمەتلىرىدە ناھايىتى تەستە قولغا كېلىدۇ . . ErR-p=-  
‏       بۇ قېتىم زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدا  سىناق  تەرىقىسىدە قېزىپ رەتلەنگەن تېپىلغان ھەمدەپنە بويۇملىرى دەۋرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، تۈرى ۋە سانىنىڭ كۆپلۈكى ، چوڭقۇر ئىلمىي قىممەتكە ۋە خاس يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىگە ئىگە ئېسىل يادىكارلىقلار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ  80 -  يىللىرىدا تارىم ئارخئولوگىيىسىدە   ئۇچرىغان ئەڭ زور تېپىلىش بولۇپ سانىلىدۇ .  
   ‏  زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا  قېزىپ تەكشۈرۈلۈشى ئىنسانشۇناسلىق  ، ئىرقشۇناسلىق ، ئېتنوگرافىيە ، ئىپتىدائىي ئېتىقاد ، ئۆرپ -  ئادەت ، يوسۇنلار ، ماددى ۋە مەنىۋى مەەنىيەت تارىخى ، تارىم ۋادىسىنىڭ قەدىمكى  زامان جۇغراپىيىسى ، ئېكولوگىيىسى ، ياۋايى ھايۋانات ۋە چارۋىچىلىقى ، دېھقانچىلىقى ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇڭ توقۇمچىلىق ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسى ، قەبرىگاھ قۇرۇلۇشى ...   قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلشتا چوڭقۇر ئىلمىي قىممەتكە ئىگە . a/d8_(0  
    ‏  زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەن مەسئۇل بولغاندىن تاشقىرى ، يەنە كەسىپداشلاردىن ئەھمەت رېشىت ، سولقۇن قەمبىرى ، يۈسۈپ مۇھەممەد ، باينغولىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن غېنى سايىم ، چەرچەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن تۇرسۇن بەكرى ، تۇردى كېرەملەر قاتناشتى . ]VVx2E Rs  
5N>L|J2  
‏     زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى --   چەرچەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 6  كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ ، توغراقلىق يېزىسىنىڭ  « زاغۇنلۇق »  دەپ ئاتىلىدىغان كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى  بىر ئىگىز تۆپىلىككە جايلاشقان . قەبرىستانلىقنىڭ خەرىتىدىكى جۇغراپىيىلىك ئلرنى شەرقىي مېردىئان (  ئۇزۇنلۇق)  29 ،  28 ، 85 ،  شىمالىي پاراللىل (  كەڭلىك )  16 ، 07 ، 38  بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1270  مىتىر كېلىدۇ . Oi!uJofW  
‏    قۇم  ، ئۇششاق شېغىل ، تۇز قاتلىمىدىن تەركىب تاپقان تۆپىلىككە جايلاشقان بۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 1100  مىتىر ، غەرپتىن شەرققە كەڭلىكى 750  مىتىر بولۇپ ،  جەنۇپ تەرپى پايانسىز قۇملۇققا تۇتىشىدۇ          قەبرىستانلىقتىن تەخمىنەن 5  كىلومىتىر يىراقلقىتا  « لەئىلىلىك»  خارابىسى ، خارابىنىڭ يېنىدا چەرچەن دەرياسىنىڭ قەدىمكى ئېقىن ئىزى بار . يەر يۈزى بىر قەدەر تەكشى بولۇپ ، قەبرىستانلىق دائىرىسىدە كۆچمە قۇم شېغىللاردىن ھاىسل بولغان بىرمۇنچىلىغان ئىگىز - پەس قۇم دۆۋىلىرى بار .  نەچچە مىڭ يىللىق قۇم - بوران دەستىدىن قەبرىلەرنىڭ دائىرىسى ، بەلگە ئالامەتلىرى قۇم - توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەنلىكتىن ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان قەبرىلەرنىڭ قايسى دا،ىرىگە جايلاشقانلىقى ، يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەبرىلەرنىڭ سانى زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ھۆكۈم قىلىش تەس . k1^&;}/f:  
‏     بىز قەبرىستانلىق دائىرىسىنى تەپسىلىي كۈزەتكەندىن كىيىن ، بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋىتىلگەن دائىرە ئىچىدىن بەش قەبرىنى قېزىپ تەكشۈردۇق .  نەتىجىدە قېزىپ تەكشۈرگەن قەبرىلەر ئىچىدە     9H%L;C5<  
‏    Qzm2.85 ،Qzm1.85 نومۇرلۇق قەبرىلەرلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي ساق قالغانلىقى  مەلۇم بولدى . /;1h-Rc>  
SR'u*u!  
‏     تۆۋەندە بۇ قېتىمقى ئاخئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈشتە ئېنىقلانغان  ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي ساقلىنىپ قالغان ، قۇرۇلمىسى بىر - بىرگە  ئوخشىمايدىغان   -m1  ، m2  نومۇرلۇق  قەبرىلەرنى  تەپسىلىي تونۇشتۇرىمىز . _E[)_yH'-  
‏    m1 -  نومۇرلۇق قەبرە :  لەھەت پەقەت بىر بوۋاق ئۈچۈنلا تەييارلانغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.57  مېتىر ، كەڭلىكى 80  س ، م ، چوڭقۇرلۇقى 30  س ، م  كېلىدۇ  .  ئەسلىدە بوۋاق جەسىتى ئۈستىگە ئۇزۇنلۇقى 1.30  مېتىر ، كەڭلىكى 55  س ، م  ، قېلىنلىقى 8  س ، م   كېلىدىغان ، ئىچى ئويۇۋىتىلگەن تەڭنە شەكىلىدىكى توغراق ياغىچى يېپىلغان بولۇپ  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  قۇمۇش ، ئوت - چۆپلەرنى ئوراپ ، قۇم - توپا بىلەن كۆمۈلگەنىكەن . لەھەت ئۈستىگە يېپىلغان تەڭنە شەكىلىدىكى توغراق ياغاچ ئېلۋىتىلگەندىن كىيىن بوۋاق  جەسىتىنىڭ ئەسلى ھالىتى مەلۇم بولدى . بوۋاق جەسىتى --  ئىچى تەبىئىي ئاق رەڭلىك ، سىرتى قوڭۇر (  توق قىزىل )   رەڭلىك يۇڭ توقۇلما داكا بىلەن يۆگەپ زاكىلانغان ، زاكىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ، يەنى پۇتىنىڭئوشۇقىدىن تارتىپ مۈرىسىگىچە بولغان ئارلىق كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك يۇڭدىن ئېشىلگەن  يىپ بىلەن باغلانغان (  تىزىنىڭ تۆۋىنىدە ئىككى يۆگەم  ،  مۈرىسىدە بىر يۆگەم )  بولۇپ ، بوۋاقنىڭ بېشىغا ئىچى قىزىل ، تېشى كۆك تىۋىتلىق بۆك كىيىگۈزۈلگەن . بوۋاق بىر پارچە ئاق كىگىز ئۈستىگە  ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان .  بېشىنىڭ ئاستىغا كىگىز پارچىلىرىدىن تەييارلانغان ياستۇق قويۇلغان ، ئۇنىڭ يۈزى ئوچۇق   ھالاتتە بولۇپ ، ئىككى كۆزىگە ئىككى پارچە ياپىلاق قاراتاش باستۇرۇپ قويۇلغان ، بۇرنىنىڭ تۆشۈكلىرىگە قىزىل يۇڭ يىپ تىقىلغان . بوۋاق جەسىتى ئۆز پېتى ساقلانغان بولۇپ ، گويا زاكىسىدا ئۇخلاپ قېتىپ قالغاندەكلا كۆرۈنىدۇ .   بوۋاقنىڭ باش تەرىپىگە قوينىڭ يېلىنىدىن تىكىپ ياسالغان ئېمىزگۈ (  ئىچىدە قېتىپ قالغان سۈت  قالدۇقى  بار ) ، توپاق مۈڭگۈزىدىن ياسالغان قەدەھ قاتارلىقلار قويۇلغان . m1  -  نومۇرلۇق قەبرىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 80  س ، م يىراقلىقتا بوۋاق ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ بېشى كۆمۈلگەن . ~LN {5zg  
.37Jrh0Iv  
      ‏m2  - نومۇرلۇق قەبرە :  زاغۇنلۇق  قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان ، ئالاھىدە پۇختا قۇرۇلمىغا ئىگە ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر قەبرە بولۇپ ، ئۇ ، بوۋاقنىڭ قەبرىسىدىن 2  مىتىر يىراقلىقتا . قەبرە ئاغزى (  ئۈستى )  نىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.35  مىتىر ، كەڭلىكى 3  مىتىر ، قەبرە ئاستى ( تەكتى )   نىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.1  مىتىر ، كەڭلىكى 1.55  مىتىر ، قەبرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 2.40 مىتىر كېلىدۇ . ئالاھىدە قۇرۇلمىغا ئىگە بۇ قەبرىنىڭقاتلام - قەۋەتلىرى تۆۋەندىكىچە :   1 -  قاتلامغا 50  س  م  قېلىنلىقتا قۇم - توپا ؛  2 -  قاتلامدا قەبرە ئۈستىگە 30 س م قېلىنلىقتا  قومۇش يېپىلغان ؛ قومقشنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلىنغان مۈڭگۈزلۈك قوي كاللىسى ،   كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان قەدەھ قويۇلغان .قەبرىنىڭ غەربي  جەنۇبىدىكى 1.75  مىتىر يىراقلىقتا ئاتنىڭ باش سۆڭىكى ، بىر پۇتى(  ئاتنىڭ پۇتىنىڭ تىزىدىن تۆۋەن قىسمى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۆڭىكى ئېلىپ تاشلانغان  ، تېرىسى بىلەن تۇيىقى قالدۇرۇلۇپ ، ئىچىگە قومۇش تىقىپ قويۇلغان )  بار .  مۇشۇ قاتلامدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك :  قەبرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئۇزۇنلۇقى 6  س م چوڭلۇقتىكى تۈڭلۈك ياسالغان . (  تۈڭلۈك 2-  قاتلامدا توختاپ قالغان )  ؛  تۈڭلۈكنىڭ ئاغزى قېلىن يۇڭ رەخىتتىن تىكىلگەن ، ئىگەرنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدىغان توقۇم (  توقۇمنىڭ ئىچىگە  ئاق يۇڭ تولدۇرۇلغان )   قاتارلىقلار بىلەن ھىم يېپىلغان . تۈڭلۈك ئاغزىدىكى كىگىز ئۈستىگە  يەنە بىر دانە ساپال قاچا قويۇلغان ؛  3 -  قاتلامدا بىر - بىرىگە چېتىپ تەييارلانغان ئىككى قەۋەت قومۇش بورا بار ؛   4 - قاتلامدا قەبرىگە  يېپىلغان ئات  ، قۇلان ، قوتازنىڭ ئۈچ پارچە تېرىسى بار ؛  5 - قاتلامدا مەخسۇس يۇلغۇن شېخى -  نوتىلىرىدىن توقۇلغان  قوشام (  يەرلىك ئۇيغۇرلار شۇنداق ئاتايدۇ )   يېپىلغان ؛  6 - قاتلامدا قەبرە پەلەمپىيىگە  توغرىسىغا  قاتار يېپىلغان 52  تال ئۇزۇن - قىسقا توغراق ياغاچ  -  بادىرلىرى بار .  توغراق ياغاچلىرى ئېلىۋىتىلگەندىن كىيىن قەبرە ئىچى كۆرۈنىدۇ . قەبرە ئىچى (  تەكتى )   نىڭ قۇرۇلمىسى   تۆۋەندىكىچە : w'D=K_h  
‏قەبرە  ئاستىغا قوشام سېلىنغان بولۇپ ، قوشام ئۈستىگە جەسەتلەر قويۇلغان . جەسەتلەرنىڭ چىرىمەي ياخشى ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاستىغا 30 س م  چوڭقۇرلۇقتىكى ئېرىقچە كولىنىپ ، ئېرىقچە ئۈستىگە  چوڭ - كىچىك  14 تال توغراق ياغىچى قويۇلغان . يۇقىرىقىلاردىن   باشقا ، يەنە بىر ئالاھىدە --  قەبرىنىڭ تۆت تەرىپى تېمى تۈز قاتلىمىدىن ئىبارەت . ?,x3*'-(  
Wi{ jC?2Q  
‏      بۇ قەبرىگە جەمئىي تۆت مېيىت دەپنە قىلىنغان بولۇپ ،  ئۇلارنىڭ بىرى ئەر ، قالغانلىرى ئايال . ئەر بىلەن يەنە  ئايالنىڭ جەسىتى تەبىئىي قۇرۇپ - قېتىپ ياخشى ساقلىنىپ قالغان (  باشقا ئىككى ئايالنىڭ جەسىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن )   تۆۋەندە تەبىئىي شەكىللەنگەن قۇرۇق جەسەتلەرنى ئايرىم تونۇشتۇرىمىز :     .~dNzonq  
‏      1-  ئەرنىڭ جەسىت  :  ئىككى قولى قوۋۇشتۇرۇلۇپ ، تىزى يېرىم ئىگىلگەن ھالەتتە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان ، بويى 1.71  مىتىر كېلىدۇ . ئەرنىڭ يۈزى دۈگىلەك ، كۆزلىرى يوغان ، بۇرنى قاڭشارلىق ، چاچ ساقاللىرى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ ، يېرىم ئاقارغان . ئۇنىڭ قاش - كىرپىك ، ساقال - بۇرۇت ، ھەتتا مەيدە تۈكلىرىگىچە  ئۆز ئەينى ساقلانغان . قۇلقىنىڭ ھالقا تاقايدىغان تۆشۈكىگە 5 س م ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل يۇڭ يىپ ئۆتكۈزۈلگەن . پېشانە ۋە ئىككى چېكىسى  ، مەڭزىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆز  ، بۇرۇن ئۈستىنى بويلاپ تاكى ئىڭەك ئاستىلىرىغىچە سېرىق رەڭلىك بىر خىل مېنىرال  بوياقتا گېرىم قىلىنغان . بولۇپمۇ ئىككى چېكىسى بىلەن مەڭزىگە  بوياقتا سىزىلغان قوچقارنىڭ يۆگىمەچ مۈڭگۈزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىل ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن . يۇقىرقىلاردىن باشقا ئۇزۇنلۇقى 30  س م كېلىدىغان ئىككى قولى بېغىشىدىن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك  يۇڭ شوينا  بىلەن باغلانغان  ، تىزىنىڭ تۆۋىنى (  لىپەك قوشۇلۇپ )   ئاچ قىزىل رەڭلىك يۇڭ شوينا بىلەن كىرىشتۈرۈپ چېتىلغان . جەسەتكە قوڭۇر رەڭلىك ساپ يۇڭ توقۇلمىدىن تىكىلگەن تونچە ياقىلىق چاپان ،  ئوخشاش رەڭدىكى ئۇزۇن ئىشتان ،  پۇتىغا  تىزىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان گۈل بېسىلغان رەڭدار  كىگىز پايپاق كىيدۈرۈلگەن . La'XJ|>V  
‏     2 -  ئايال جەسەت :   ئىككى قولى قوۋۇشتۇرۇلغان ، تىزى يېرىم ئىگىلگەن  ھالەتتە ئوڭدىسغا ياتقۇزۇلغان . بويى  1.57   مىتىر كېلىدۇ   . ئايالنىڭ يۈزى سوزۇنچاق ، بۇرنى قاڭشارلىق ، كۆزلىرى يوغان ، چاچلىرى قوڭۇر (  ئاقارغان )   ، قۇلقىنىڭ تۆشۈكىگە قىزىل يۇڭ يىپ ئۆتكۈزۈلگەن .  پېشانە ، چېكە ، مەڭزىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆز  ، بۇرۇن  ئۈستى  ۋە تاكى ئىڭەكلىرىگىچە  سېرىق رەڭلىك بىر خىل مىنرال بوياقتا ئۆزگىچە گۈللۈك شەكىل چىقىرىپ گېرىم قىلىنغان  .  ئېڭىكى زىچ توقۇلغان يۇڭ شوينا ( چىلتەك )   بىلەن چېتىلغان . ئىككى قولى بېغىشىدىن قىزىل ، كۆك رەڭلىك  يۇڭ شوينا بىلەن باغلانغان  . تىزىنىڭ يۇقىرىسى قىزىل ، كۆك رەڭلىك  يۇڭ شوينا بىلەن چېتىپ باغلانغان . قوڭۇر رەڭلىك ئاقارغان چاچلىرى 20 س م  ئۇزۇنلۇقتا  ئۆرۈلگەن  ئىككى تال سۈنئىي ( سالغان )  ئۆرۈمە چاچمۇ بار. ئۇچىسىغا توق قىزىل رەڭلىك ساپ يۇڭ توقۇلمىدىن تىكىلگەن تونچە ياقىلىق ئۇزۇن كۆڭلەك ، پۇتىغا رەڭدار گۈل  بېسىلغان كىگىز پايپاق كىيدۈرۈلگەن .  پايپاقنىڭ ئۈستىگە بۇغا تىرىسىدىن تىكىلگەن  ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتۈك كىيدۈرۈلگەن . قىزىۋىلىنغان ئاخىرەتلىك ھەمدەپنە بۇيۇملار ئىچىدە ھەرخىل ، ھەر رەڭدىكى كۆركەم يۇڭ توقۇلمىلاردىن تىكىلگەن  ئەر ، ئايال ، بالىلار كىيىم كېچەكلىرى ، كىگىز ، يۇڭ رەخىتتىن تىكىلگەن ، يۇڭ يىپتىن توقۇلغان باش كىيىملەر ، زىچ توقۇلغان رەڭدار چىلتەكلەردىن قۇراپ (  بىر بىرىگە ئۇلاپ چېتىپ )  تىكىلگەن نەپىس كىيىملەر ، يۇڭ كەشتە ، ئەدىيال ، پالاس ، كىگىز قاتارلىقلار . Mu]1e5^]  
& C=[D_h  
‏      ياغاچتىن ياسالغان بويۇملار ئىچىدە يا ئوق (  ئوقيانىڭ )  سوغا ( ياغاچ چېلەك )  ، تارغاق ، ئۇرچۇق ، قامچا دەستىسى ، دەستىگاھ (  توقۇمچىلىق دۇكىنى )   ، سايمانلىرىدىن كەرگە قاتارلىقلار ، سۆڭەك مۈڭگۈزدىن ياسالغان بويۇملاردىن قوشۇق ، تارغاق ، ئىلمەك  قاتارلىقلار ، تۈۋى دۈگىلەك (  قازان تەكتى شەكلىدە )  قارا رەڭلىك ساپال قاچىلار ، تېرىدىن ئىشلەنگەن توقۇم ۋە باشقا نەرسىلەر بار .يۇقىرقىلاردىن تاشقىرى يۇلغۇن زىخىغا ئۆتكۈزۈپ قويۇلغان پاخلان گۆشى  (  كاۋاپ ئۈچۈن  تەييارلانغان )  ، تېرىق ئۇنىدىن پۇشۇرۇلغان  توقاچ نانلارمۇ  ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان . u' +;/8  
‏      m2 -  نومۇرلۇق قەبرىدىكى ئەر ۋە ئايال جەسەتلەرنىڭ تەبىئي ھالدا قۇرۇپ ئاساسەن ياخشى ساقلىنىپ قېلىشىدىكىئەڭ مۇھىم سەۋەولەرنىڭ  بىرى :  قەبىرىنىڭ ئازادە ، تورۇسلۇق قىلىپ ياسىلىشى ، يەنى ئۆيگە ئوخشاش ئازادە قېزىلغان قەبرىنىڭ ئۈستى قاتمۇ قات  (  ياغاچ ، بورا ، قوشام ،  ھايۋان تېرىللىرى  ، قومۇش قاتارلىقلار )  نەرسىلەر بىلەن ھېم يېپىلغانلىقى ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە  قەبرىنىڭ تۆت تېمى تۇز ( شور )  قاتلىمىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ، جەسەتلەردىكى مىكروپلارنىڭ كۆپىيىشى تەبىئىي تىزگىنلىنىپ ، قۇم - توپىدىن خالىي ، قەبرە ئىچىدىكى ئازادە بوشلۇقتا ھورغا ئايلىنىشى ، قۇرۇشى تىزلىشىپ چىرىپ كەتمىگەن . /V@9!  
‏     ئەجدادلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زىمننىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىشىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ، دەپنە قىلىش -  ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ھازىرقىلارنىمۇ قايىل قىلغۇدەك ئۇسۇل - چارىلەرنى ئىجاد قىلغان . kls 6Dk#  
‏      زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرىدىن بۇ قېتىم قېزىۋىلىنغان ھەرخىل رەڭدار يۇڭ  توقۇلمىلار ۋە ئۇلاردىن تىكىلگەن كىيىم - كېچەكلەر ، جۈملىدىن تۈرلۈك ھەمدەپنە بويۇملىرىنىڭ مەدەنىيەت  ۋە تارىخ جەھەتتىكى ئەمىيىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ  .  بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش ، يەكۈنلەشتىكى ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ۋە پەرەزلەرنى ئۆزگەرتىپ ، قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى باشىقىدىن باھالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى . [ GqQ6\  
‏      دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن ئېلىپ  ئېيتقاندا ،  زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان رەڭدار يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ بىر يۈرۈش نەمۇنىلىرىدۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشۇلغان زور بايلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . }grel5lq  
P4S]bPIp  
‏مەنبە :  تولۇقسىز ئوتتۇرا 7 -  يىللىق 2  -  مەۋسۇم تىل -  ئەدەبىيات دەرسلىك كىتاب Y<0R5rO  
qz< >9n@o  
‏2014  -  يىلى 25  -  فۋرال ، گۈلنىھال .

گۈلنىھال 2014-02-25 21:51
‏قاراخان ، قالغان ئىشلار سىزگە قالدى .

قاراخان 2014-02-25 22:00
بۇلار بۇ دەرسنىڭ تەييارلىقى: 6O0CF}B*  
CX3yIe~u  
7-2-زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقى(تەييارلىق)|/bbs/read.php?tid=5556 4RL0@)0F  
/7LAd_P6  
زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى|/bbs/read.php?tid=2297 t~_ bquGk  
EZJ[+ -Q;  
زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبىرىستانلىقى|/bbs/read.php?tid=2296

قاراخان 2014-02-25 22:01
مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ دىتالى: IN?6~O p  
زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى دىتالى|/bbs/read.php?tid=2366

قاراخان 2014-02-25 22:02
بۇ زاغۇنلۇق ئادىمىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال: q"VC#9 7`  
چەرچەن زاغۇنلۇق ئادىمى|/bbs/read.php?tid=5380 Zp+orc7  
o!zo%#0;#)  
چەرچەن زاغۇنلۇق ئادىمى|/bbs/read.php?tid=5162

گۈلنىھال 2014-02-25 22:05
‏يارايسىز ، چەپەر جۇمۇ سىز ! Erm]uI9`  
‏ھاردۇقۇمنى چىقىرىسىز - دە ، مۇشۇنداق . wDKA1i%G  
‏رەھمەت !!!

قاراخان 2014-02-25 22:13
گۈلنىھال:‏يارايسىز ، چەپەر جۇمۇ سىز !‏ھاردۇقۇمنى چىقىرىسىز - دە ، مۇشۇنداق . ‏رەھمەت !!! (2014-02-25 22:05) 
K&up1nZ@(  
ئەرزىمەيدۇ، مەنمۇ مېھرىما ئىككىلارنىڭ تېكىستىگە ئۇلىنىشلارنى بېرىۋالسام كۆڭلۈم شۇنداق ئېچىلىپ قالىدۇ، ھەر مىنۇت، ھەر سىكۇنت تېكىستىڭلارنى كۈتۈپ مارايمەن.

گۈلنىھال 2014-02-25 23:29
‏چاتاق يوق ، بىز داۋاملىق تىرىشىپ ، مۇنبەرداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييار !

ozqan 2014-02-26 16:22
مۇكەممەل بىر ماتىريال ئامبىرى قۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭلارغا تەشەككۈر .

ئەكبەرنىياز 2014-02-26 20:41
ھەقىقەتەن ياخشى ماسلىشىش ، گۈلنىھالنىڭ تىرىشچانلىقىغا ۋە ئىزچىللىقىغا ئاپىرىن !!!

گۈلنىھال 2014-02-26 22:02
‏ئۆزقان مۇئەللىم ، ئەكبەر مۇئەللىم ، ماختىغىنىڭلار ماڭا زور ئىلھام ۋە ئوزۇق بولىدۇ . Er@OmNT  
‏رەھمەت سىلەرگە !!!

مىېھرىما 2014-02-27 15:11
بۇ تېكىستنى ئۇرۇپ بولغىچە قانچە جاپا تارتقان سىز. سىزگە رەھمەت قولىڭىز دەت كورمىسۇن.

بابۇر0725 2014-02-28 01:05
ناھايىتى ياخشىكەن ھارمىغايسىز


查看完整版本: [-- گۈلنىھال  : ‏زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى ( دەرس تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled