查看完整版本: [-- ئانا تىلىمىزدا سۆز بايلىقلىرى  ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> ئانا تىلىمىزدا سۆز بايلىقلىرى  ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەمەت 2014-02-25 18:29

ئانا تىلىمىزدا سۆز بايلىقلىرى  ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

U\tujK1  
ئانا تىلىمىزدا سۆز بايلىقلىرىنى كېڭەيتىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش HY'-P&H5(  
ئاساسىي مەزمونى: ئانا تىلنى قوغداش، ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئانا تىلىمىزدا يېڭى سۆز ئاتالغۇلارنى ياساش ۋە بىكىتىش. 1bJrEXHXy  
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئانا تىل، يېڭى سۆز ئاتالغۇلار، مورفولۇگىيىلىك ئۇسۇل، سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل، قېرىنداش مىللەتلەر، كونكىرىت مىساللار. !qVnziE,,  
/%T d(  
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئۇمۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ زۆرۆر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى، جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى يېڭى شەيئى، يېڭى ئوقۇملارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يېڭى شەيئى، يېڭى ئوقۇملارغا قارىتا مۇۋاپىق سۆز-ئىبارىلەرنى قوللىنىش  ھەر بىر تىلنىڭ نورمال رەۋىشتە تەرەققىي قىلىشى، شۇنداقلا مىللەت مەۋجۇتلۇقىدىكى زۆرۈرىيەتتۇر. '"Y(2grP  
مەن مەزكۇر ماقالەمدە تىل تەرەققىياتىمىزدا يېڭى شەيئى، يېڭى ئوقۇملارغا قارىتا مۇۋاپىق سۆز-ئىبارىلەرنى بىكىتىشنىڭ كونكىرىتنى ئۇسۇللىرى ھەققىدە ھەرقايسى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ،كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن،             ir3EA'_>N  
1.مورفولوگىيىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى سۆزلەرنى ياساش: qFYM2  
تىلىمىز ياسىغۇچى قۇشۇمچىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان بىر تىل،ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەنە شۇ ياسىغۇچى قۇشۇمچىلاردىن پايدىلىنىپ يىڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى ياساش ئارقىلىق تىل بايلىغىمىزنى ئاشۇرۇپ كەلگەن.بۇ خىل ئۇسول ھازىرمۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسول ھېسابلىنىدۇ. 'nh^'i&0.  
مەسىلەن: «ئاكومولياتور»(电瓶) نى«توكدان» دەپ ئاتىساق، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تۇنجى ئاڭلاپلا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ «توك ساقلايدىغان قاچا» ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ. d;O4)8 >  
) ــــ«ۋىروسخور»杀毒软件«ۋىروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دىتالى» (   [}t^+^/  
«ھاۋا تەڭشىگۈچ»(空调)ــــ«ھاۋادان» t bEJyA  
«ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى»(取款机)ــــ«پۇل بەرگۈ» 6E@qZvQ  
بانكا ئامانەت كارتىسى ( 钱卡 )ـــــــ پۇلدان g<$q#l~4xH  
« MP3قويغۇچ»(MP3 播放器)ــــ«ئۈن قويغۇ» C4^o= 6{  
«4 MPقويغۇچ»  (MP4 播放器)ــــ«سىن قويغۇ» 7S]<?>*  
2.سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى سۆزلەرنى ياساش : cHjnuL0fsy  
ئويغۇر تىلىمىزدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز بىرىكىپ يىپيېڭى بىر سۆزنى ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەرمۇ لوغەت فوندىمىزدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يىڭى سۆزلەرنى ياساش ئارقىلىقمۇ تىل بايلىقىمىزنى ئاشۇرالايمىز. ;"Q.c#pA$g  
مەسىلەن:«ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشنىسى»( 计算器) دېگەن ئۇقۇمنى «توك» دېگەن سۆز بىلەن ھېسابلاش ئەسۋابى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «چوت» دېگەن سۆزنى بىرىكتۈرۈپ، «توكچوت» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ. S@Q4fmH  
  «نۆۋەتچىلىك ئۆيى»(值班室)ــــ«كۈزەتخانا» r!e:sJAB.  
      كالتە ئىشتان ( كۇسار) ـــــــ ساغىرداق r: -,qy  
     ئۈنئالغۇ لېنتىسى (录音带) ــــــــ ئۈنتاسما -fCR^`UOS  
     VCD پىلاستىنكىسى (带  VCD)ـــــــ سىنتەخسە ]wm<$+@  
    CD پىلاستىنكىسى (带CD   )ـــــ ئۈنتەخسە   ^ZPynduR  
كۇنۇپكا تاختىسى (键盘) ـــــــ باستاختا (bp4ly^  
كۆپ ۋاستىلىق ساقلاش كارتىسى (多媒体卡)ـــــ قابىل كارتا ohe[rV>EX  
شامال چىقىرىش ئۈسكىنىسى (冷风机  )ــــــــ شامالباي ,1Z([R*  
3.مىللىي تىلدىكى دىئالىكىت-شىۋىلەردىن سۆز قۇبۇل قىلىش : 5}]+|d;  
ھەممىمىزگە مەلۇمكى،ئۇيغۇرتىلىدا ئۈچ دىئالىكىت، 20دىن ئارتۇق يەرلىك شىۋە بار بولۇپ، ھەر بىر دىئالىكىت-شىۋىدە ناھايىتى ئوبرازلىق، جانلىق سۆزلەر بار، بۇ سۆزلەرنى ئەدەبىي تىلىمىزغا كېڭەيتىش ئارقىلىقمۇ مىللىي تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرالايمىز. `]6  
مەسلەن: لوپنۇر دىئالىكىتىدا « پۇراقلىق سۇيۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان« بۇيسۇ» دەپ بىر ئاتالغۇ بار، بۇ سۆزنى فىرانسوز تىلىدىن تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن « ئەتىر» سۆزىنىڭ ئورنىغا ئىشلەتسەك  تولىمۇ مۇۋاپىق. &zEBfr  
  لوپنۇر دىئالىكىتىدىكى « غارغالتا» دېگەن ئۇقۇمنى ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان « پورت» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا بولىدۇ. 4`:POu&  
4.ئېستىمالدىن قالغان سۆزلەرنى قېزىپ چىقىپ، يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەش. Mb\(52`)Q  
ئانا تىلىمىزدا  نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلار بۈگۈنكى دەۋردە ئىستىمالدىن قېپقالدى.بۇ سۆزلەردىن بىر قىسىملىرىغا ئەسلىدىكى مەنە ئاساسىدا يېڭى مەنالارنى  يۈكلەش ئارقىلىق، يېڭى ئوقۇللارنى ئىپادىلەشمۇ بىر ياخشى ئۇسۇلدۇر. vF'>?O?  
مەسلەن: بىخەتەرلىك قالپىقى (保险帽子) دىگەن ئۇقۇمغا قارىتا تىلىمىزدا ھازىر ئىستىمالدىن قالغان، «جەڭلەردە كىيىدىغان قوغدىنىش باش كىيىمى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « دۇبۇلغا» دېگەن سۆز تولىمۇ ماس كېلىدۇ. T=M##`jP%  
   بىر قەۋەتلىك ئادەتتىكى ئۆي (平方)ــــ كەپە ئۆي ~ |A0*  
   يەر ئاستى ئۆي (地下室) ـــــــــ  گەمە p?cc Bq  
   يەر ئاستى يۇندا ئازگىلى(下水道)ــــــ ئەۋرەزگاھ pXN'vP  
   ئىچ ئىشتان( 纤裤)ـــــ تامبال L2EQ 9i'[  
   ئۆز مىللىي تىلىنى ئۆگەنمەي، باشقا تىلنى ئۆگەنگۈچى،ئۆز تىلنى بىلمەيدىغان كىشى ــــ  كەمتۈك زۇۋان Ow4(1eE_  
  ئۆز تىلىنى ھەم ئۆزگە تىلنى ياخشى بىلگۈچى ــــ قابىل زۇۋان Rky]F+J  
   5.قېرىنداش مىللەتلەردىن سۆز-ئاتالغۇ قۇبۇل قىلىش: >&S}u\/  
ھەممىمىزگە ئايانكى، دۇنيادا  30 نەچچە تۇركىي تىللىق مىللەت بولۇپ، بۇمىللەتلەرنىڭ يىلتىزى بىر بولغاچقا، تىلىدىمۇ نۇرغۇن ئورتاقلىقلار بار، شۇڭلاشقا بىز ئۇيغۇرلار  قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك قاتارلىق قوشنا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەنغۇ نورمال پىكىر ئالماشتۇرالايمىز، ھەتتاكى ئوسمانلى تۇركلىرى، ئەرمەن، بۇلغار، چىچەن قاتارلىق يىراقتىكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىنىمۇ ئاز-تولا چۈشىنەلەيمىز. بۇ تىللاردىمۇ بىز قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن سۆزلەر بار. t$Rc 0  
  ئەگەر يېڭى بىر ئۇقۇمغا نىسبەتەن چەت تىللاردىن سۆز قۇبۇل قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا ( يېڭى سۆز ياساش، دىئالىكىت-شىۋىلەردىكى سۆزلەرنى، ئىستىمالدىن قالغان سۆزلەرنى قايتا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا) ياۋرۇپا تىللىرىدىن ئەمەس، قېرىنداش تىللاردىن سۆز قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن، تىلنى چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق قىلالايمىز، ئىككىنچىدىن، قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يېقىنلىق، مەنبەداشلىق موناسىۋىتى ساقلىنىپ قېلىنىدۇ. \#dacQ2E@  
      مەسلەن: بىز دۆلەت باشلىقىغا «دۆلەت رەئىسى»، « زۇڭتۇڭ»، « رەئىس جۇمھۇر»، «پىرىزدىنت» دېگەندەك پارىسچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىمىز، قازاق قېرىنداشلار « ئەل باشى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىدۇ، 9+N%Io?!  
  بىزدە ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قېلىنغان «پىسخولوگىيە» دېگەن سۆز بار، ئوسمانلىي تۈركلىرى بۇ ئۇقۇمغا « روھنى، قەلبنى تەتقىق قىلىدىغان پەن» دېگەن مەنىدىكى «قەلبىيات» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ، X]@"ZV[  
  بىزمۇ شۇ قېرىنداشلىرىمزغا ئۇخشاش«ماتىماتىكا» نى «ئىلمىي مۈشكۈلات» ، « ئاستىرونومىيە»نى « پەلەكيات» ،« لوگىكا»نى « ئىلمىي مەنتىق»، « ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى» نى « ئەنجۈمەن»، « مەدەنىيەت» نى« ئۇيغار» دەپ ئىشلەتسەك، تۇنجى ئاڭلىغان كىشىمۇ ھېچبولمىغاندا بۇ سۆزلەرنىڭ ھادىسەن مەنىسىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ ئەمەسمۇ! *1 `X}  
  كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە تىلشۇناسلىرىمىز  « تىزگىنەك»، « ئۈزچات» قاتارلىق پاساھەتلىك سۆزلەرنى ۋوجۇتقا كەلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئەمەلىي تۇرمۇشتا بو سۆزلەرنى ئاساسەن ئىشلەتمەيۋاتىدۇ. lN g){3  
  ئەلۋەتتە، ئانا تىلىمىزنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەت تىلشۇناسلىرىمىزنىڭلا بۇرچى، تىل-ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىلىرىمىزنىڭلا ۋەزىپىسى بولوپ قالماستىن، تومۇرىدا گۇپ-گۇپ قىلىپ ئۇيغۇر قېنى ئۆركەشلەۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان،يۈكسەك مەسئولىيىتىدۇر. HBE[q#  
   ئومۇمەن قىلىپ ئېيتىقاندا،تىلشۇناسلار ۋە موناسىۋەتلىك خادىملار يېڭى سۆز ئىبارىلەرنى ياساپ ياكى بىكىتىپ بەرسە، رادىئو-تېلىۋىزىيە قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى بۇ سۆزلەرنى ئۆز قەرەلىدە كەڭ خەلق ئەممىسىغا تەشۋىق قىلىپ بىلدۈرسە، ئەڭ مۇھىمى، ئوزىنى «ئۇيغۈر» دەپ بىلگۈچى ھەربىر شەخس ئەمەلىي تىل-ئالاقىلىرىدە بۇ سۆزلەرنى قوللىنىپ بەرسە، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز –تارىختا ئاجايىپ زور شان-شۆھرەتلەرگە ساھىب بولغان ئۇيغۇرتىلىمىز  يېڭى ھاياتى كۈچلەرگە ئېرىشىپ ،  قايتىدىن جانلىنىپ، جاھان سەھنىسىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. EyPJ Jc8  
   ئاخىرىدا قېرىنداشلىق سۈپىتىم بىلەن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا تىلنى قوغدىشىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىلىرى بولىمىش پەرزەنتلەردە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرى بولىمش ئوقۇغۇچىلاردا ئانا تىلىمىزغا يۈكسەك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم دەپ بىلىشىنى ۋىجدانىي تەلەپ قىلىمەن. >{Hg+/  
مەيلى ھەركىم  زوقلانسا باشقا  تىلدا، !mUJ["#  
     مېنىڭ ئۆز تىلم ئۈچۈن  جېنىم  مىڭ پىدا. 2'S&%UyP  
ئەگەر ئانا  تىلىم  يوقالسا  ئەتە، iG6]Pr|;e  
  مەن  بولارمەن بۈگۈنلا  جېنىمدىن  جۇدا f't.?M  
                                          -قارا دألەت Y%"$v0D  
?xUl_  

گۈلنىھال 2014-02-25 22:17
‏ماقالە ھەقىقەتەن  ياخشى ئىكەن ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەجىرىمۇ ؟ <w}i  
bE% Hm!  
‏ ئۆزىڭىز يازغانمۇ دىمەكچىمەن ؟ 9nQyPb6  
‏ شۇنداق بولسا ، راستلا قەدىرلەشكە تېگىشلىك . YhglL!p C  
XdIno}pN  
‏رەھمەت !

ئاچچىقگۈل 2014-02-26 10:57
ئاخىرقى بىر كوبلىت شېئىر--داغىستان شائىرى رەسۇل ھەمزەتوفنىڭ   ئىدى.

ئەكبەرنىياز 2014-02-26 20:39
مەنبەنى ۋە ئاپتورىنى ئېنىق ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەركەنتۇق ، شۇنداقتىمۇ كۆپ رەھمەت !!!

ozqan 2014-02-27 11:52
مۇنبىرىمىزگە باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ... BI#(L={5  
بۇ ماقالىنى بەك ياقتۇردۇم ، نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ھەم شۇنداق مۇۋاپىق بوپتۇ . ioTqT:.  
مەن بۇ ئەسەرنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەسىرى دەپلا ئويلىدىمغۇ ؟ ئەگەر  شۇنداق بولمىسا نادىرلىمايتتىم . باشقا تور بەتلەرنىڭ نادىر تېمىلىرىنى بىزمۇ نادىلاپ يۈرسەك ياخشى بولمايدۇ . =|-xj h  
تور بېتىمىزنى مۇشۇنداق نادىر تېمىلار بىلەن بىزەپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ...

بابۇر0725 2014-02-28 01:07
ھەممىمىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرمۇ خېلى كۆپكەن،رەھمەت سىز سىزگە

نۇرسىمانگۇل 2014-02-28 21:29
ھەممىمىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەرمۇ خېلى كۆپكەن

2433 2014-03-02 16:37
ياخشى ئەۋەتىپسىز . رەھمەت

مەمەت 2014-03-31 18:11
تورداشلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت . بۇ ماقالىنى مەن تۆت يىل بۇرۇن يازغان ئىدىم .  لىكىن تورغا يوللاشنى بىلمەيتتىم . بىر خىزمەتدىشىم ياردەم قىلىپ ، يوللاپ بەرگەن ئىدى . ماقالىنىڭ خاتىمىسىدىكى شېئىر داغىستان شائىرى رەسۇل ھەمزەتوفنىڭ   بولۇپ، ئىزاھلاش ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ، ئاقىل تورداشلار تەكلىپ- پىكىر بەرگەيسىزلەر.

مەمەت 2014-03-31 18:17
كەچۇرۇڭ، ئىزاھلاش ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ. رەھمەت. 2lF WW(  
pz.Y=V\t  
内容来自[短消息]


查看完整版本: [-- ئانا تىلىمىزدا سۆز بايلىقلىرى  ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled