مەمەت |
2014-02-25 18:23 |
ئانا تىل قىممىتى،ئەجداد ھېكمىتى ۋە ئەۋلاد قىسمىتى
m9 'bDyyK ئانا تىل قىممىتى،ئەجداد ھېكمىتى ۋە ئەۋلاد قىسمىتى -t*P=V|@ تىل ئالاقى ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئۇمۇرتقىسى،مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ زۆرۆر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مىللەت ئۆز ئانا تىلىغا يۈكسەك مەسئولىيەتچانلىق پوزىتسىيىسى تۇتۇشى كېرەك. تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىز ئاناتىلمىزغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. 1000 مۇقەددەم ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ بوۋىمىز ،بۈيۈك تىلچى مەۋلانە مەھمۇد قەشقەرى تۇركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان شەھەرلەرنى،يېزا-قىشلاقلارنى، بىپايان يايلاق ۋە دالا-قىرلارنى ئارىلاپ ،15 يىل تىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تۇرك، تۇركمەن، ئوغۇز، قارلۇق ، باسمىل، چېگىل، ياغمىل قاتارلىق تۇركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىپ،ئاخىر دۇنيا تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئابىدە خاراكتىرلىك ئەسەر «دىۋانۇلوغەتىت تۈرك»(تۇركىي تىللار دىۋانى)نى يېزىپ چىققان. %zjyZ{= بۇ ھەقتە ئالىم مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلارنىڭ شەھەر-سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياغ كېزىپ چىقتىم.تۇرك،تۇركمەن،ئوغۇز،قارلۇق قەبىلىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ چىقىپ،ئۇلاردىن پايدىلاندىم . شۇنىڭ بىلەن بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى» ، «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۇتمەس-تۈگىمەس بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ،ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ،بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم.» o~x49%X ئۆز ئانا تىلىنىڭ يېتۈك موتەخەسىسى بولغان بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرى «ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن» ئۇيغۇر(تۈرك) تىلىنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلىش، شۆھرىتىنى ئالەمگە تونۇتۇش مەقسىتىدە، كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا بۇ شاھانە ئەسەرنى روياپقا چىقارغان. )uCa]IR مىلادى 15-ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن گىگانت شائىر، مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋائى بىرقىسىم مۇناپىق تەبىئەتلىك، ئىمانى زەئىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئەۋج ئالغان پارسگويلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر(تۈرك) تىلىنىڭ پاساھىتىنى، ئۇيغۇر(تۈرك) تىلىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى نامايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن» ( ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) ناملىق ئۆلمەس ئەسىرى ئارقىلىق «ئەرەبى ھەسەلىست، پارىسى شەكەرست» (ئەرەب تىلى ھەسەلدەك تىل، پارىس تىلى شېكەردەك تىل) دەپ مۇقام توۋلىغانلارغا قارىتا «تۈركىي ھۈنەرىست» (تۈرك تىلى ھۈنەر تىل) دەپ خىتاپ قىلغان. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر(تۈرك) تىلىدا يازغان «خەمىسە» سى ئارقىلىق «پارس تىلىدىن ئۆزگە تىلدا ‹خەمىسە› يازغىلى بولمايدۇ» دەپ بىلجىرلىغانلارنىڭ دەككىسىنى بەرگەن، ئاۋام-خەلققە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۆھرىتىنى نامايەن قىلغان. . N5$s2t ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بولغان ئۆلمەس شائىرىمىز قۇتلۇق شەۋقى ئۆزىنىڭ «ئانا تىل» ناملىق شېئىرىدىكى: q] '2'"k ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر، ?[8s`caK. ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر. pq,8z= Uf شۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامېرىكىيۇ ئافرىقىدا، p v*f]Yzx سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا مەن ئاڭا بارغۇم كېلۇر. )Q~K\bJf .................................... CuYSvW .................................... 03I*@jj دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئانا تىلغا بولغان پۈتمەس-تۈگمەس مۇھەببىتىنى، ئۇلۇغلاش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن. "tU,.U بۇنىڭدىن باشقا مەۋلانى ئەبەيدۇللا لۇتفى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ئۇلۇغلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلغان مەشھۇر سۆز سەنئەتكارلىرىدۇر. I*=
=I4qx بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ ئانا تىلغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراۋاتقانلار يوق ئەمەس. مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنىۋېرسىتىتىنىڭ پېروففىسورى ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، تىلشۇناس ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانىي ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلغان «‹مۇھاكىمەتۇللوغەتەيىن› دىن ‹ مائارىفەتۇللۇغەتەيىن› گىچە » ناملىق ماقالىسىدە ھازىرقى مائارىپىمىزدا ئاساسىي ئېقىم بۇپ قېلىۋاتقان قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى،ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا سەل قاراشنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە بۆھران پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن . ئابدۇرۇپ پولات ئەپەندىم تىل ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:«تىل بەجايىكى گۆھەردۇر،ئەمما بۇگۆھەرنى گۆھەر قىلىدىغان،ئۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى نامايەن قىلىدىغان نەرسە كۆڭۈلدۇر،دىلدۇر. ئەگەر دېڭىزنىڭ بىپايان قوينى ، خاس مۇھىتى ۋە شارائىتى بولمىسا،ئۇنىڭدا ئۈنچە-گۆھەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئاخىرىدا ئاشۇنداق قىممەتدار،ئالىي دەرىجىلىك گۆھەر بولۇپ يېتىلىشى مۇمكىن ئەمەس.خۇددى شۇنىڭغا ئۇخشاش بىر تىل ساھىبىنىڭ كۆڭلىدە ،دىلىدا ئۆز تىلىغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئورۇن،يېتەرلىك مۇھەببەت ۋە سۆيۈك بولمىسا ئۇ تىلنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.شۇنداق،بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئەمەلدىن قالماي،ئۆز سورۇنىدا ئەبەدىلئەبەد قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسە بىزنىڭ دىلىمىزدۇر.ئەگەر بىز ئۇيغۇر مىللىي تىلىمىزنى چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك،سۆيگەندىمۇ ھەممىمىز –رەئىسمۇ، دېھقانمۇ، نازىرمۇ، چولپانمۇ،مەكتەپدارمۇ،پۇلدارمۇ........بىر نىيەتتە،دىل بىرلىكى بىلەن سۆيسەك، بىزنىڭ تىلىمىز تاكى قىيامەتكىچە بار بولىدۇ،ئەكسىچە،ئەگەر بىز ئۆز تىلىمىزنى چىن دىلىمىزدىن بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە سۆيمىسەك،قەدىرلىمىسەك، بۇ ھالدا ئۇنىڭ ئىستىقبالى بارغانسېرى تار بولىدۇ.ھەتتا ئاخىرىدا يوقىلىپ ، پۈتۈنلەي تارمار بولىدۇكى، ھېچبىر ئۇيغۇر بۇ ئاقىۋەتنى خالىمايدۇ،ئەلۋەتتە!» 6V @ [<d
ئامىرىكا ئالەم قاتنىشى مەركىزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ، بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ يىراق ئامىرىكىدا تۇرۇقلۇق ،نۇرغۇن يازمىلارنى ئېلان قىلىپ ، « پەرزەنت تەربىيىسدە ئانا تىل تەربىيىسى تولىمۇ زۆرۆر،ھەر قانداق بالا 12 ياشقا كىرگىچە چۇقۇم ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىشى كېرەك.» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،بىزدىكى مەنىۋىي راكنىڭ شىپاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. w4;1 ('
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يازغۇچى، تىلشۇناسلىرىمىز تىلىمىزدىكى ئەڭ نازۈك مەسلىلەرگىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئانا تىلىمىزنى يۈكسەلدۈرۈۋاتىدۇ؛ تىلىمىزدىكى ئەڭ ئىنچىكە سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئانا تىلىمىزنى بېيىتىۋاتىدۇ. 6cTd
SE ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئەھۋال تامامەن بۇنىڭ ئەكسىچە. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئانا تىلغا قارىتا كەمسىتىش، باشقا تىللارغا قارىتا خۇراپىيلارچە، تەلۋىلەرچە چوقۇنۇش پوزىتسىيىسىدە بولماقتا. ئۆز ئانا تىلىغا باشقا تىللارنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشنى دىندارلىرىمىز ئىناۋەت، زىيالىيلىرىمىز زۆرۆرىيەت، مائارىپىمىز بىلىم قابىلىيەت دەپ بىلمەكتە. نەتىجىدە جىسمىمىزغا، ۋۇجۇدىمىزغا ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ كىرگەن، بىزگە توغرا تەپەككۇر، ئاجايىپ-غارايىپ تەسەۋۋۇرلارنى ئاپرىدە قىلغان ئانا تىلىمىز سەكراتقا چۈشكەن كېسەلچان بوۋايغا ئوخشاپ قالدى.بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك!؟ hv9k9i7@l مىللەتنىڭ كېلەچىكى بولغان پەرزەنتلىرىمىز ئويلىغانلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەپ بېرەلمسە، ئۆز يېزىقىدا ئىپادىلەپ بېرەلمىسە، بۇ بىز ئۈچۈن قاباھەتلىك پاجىئە ئەمەسمۇ!؟ بۇ ئەجدادىمىزغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك،ئەۋلادىمىزغا قىلىنغان مەسئولىيەتسىزلىك ئەمەسمۇ!؟ %8! }" Xa سەمىمىزدە بولسۇن، ئانا تىل ـــــ ئانىمىز بەرگەن تىل. ئوغۇزخاننىڭ، ئالىپ ئەرتوڭانىڭ، تۇمارىسنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى، تاھىر-زۆھرە، فەرھاد-شېرىن، رابىيە-سەئدىنلەرنىڭ مۇھەببىتىنى بايان ئەتكەن تىل؛ مۇقاملىرىمىزنىڭ كۈي- چەشمىلىرىگە، مىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ نەقىش-بېزەكلىرىگە، ھەتتا قان-قېنىمىزغا، تومۇر-تومۇرلىرىمىزغا سىڭگەن تىل، «ئانا» دەپ تۇنجى ئېغىزلانغان تىل. uzaDK تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى چېڭغىز ئايتىماتوف: «كۆپ تىللىق بولۇش شەراپەت، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. oGqbk x خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايمىز، پەرزەنتىمىزنى توغرا تەپەككۇرغا، ساغلام روھى ھالەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئانا تىلمىزنى سۆيەيلى، پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتەيلى!!! 5c6?$v/ -قارا دألەت r(
8!SVX .#
}`r`/
|
|