مەمەت |
2014-02-25 18:14 |
ئوچۇق ئىمتىھانلارغا يۈزلىنىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئوچۇق ئىمتىھانلارغا يۈزلىنىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم 8]l(D ( قارا دألەت ) r!/<%\S 2005-يىلدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى تارىخ،سىياسەت،جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش شەكلى بۇرۇنقى يىپىق ئىمتىھان شەكلىدىن ئوچۇق ئىمتىھان شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا دەرسلىك كىتاپ ۋە دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئېلىپ كىرىپ ،شۇ ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئىمتىھان بەرسە بولىدىغان بولدى . G@o\D-
$ گەرچە ئىمتىھان ئېلىش شەكلى ئۆزگىرىپ ، قارىماققا ، ئىمتىھان بېرىش ئاسانلاشقاندەك قىلسىمۇ ،لىكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بۇرۇنقى ئوچۇق ئېلىنغان ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىگە سىلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش يوق.بۇخىل ئىمتىھان شەكلىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئوقۇغۇچىلاردا سىياسەت،تارىخ،جۇغراپىيە قاتارلىق ئىجتىمائى پەنلەرنى ئۆگىنىشكە ،دەرىستىن كىيىكى تەكرارغا،ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا سەل قاراش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك،ھەتتا تاپشۇرۇقلارنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلىمەسلىك ئەھۋاللىرى شەكىللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى بارغانچە تۆۋەنلەپ بارماقتا. ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن ئىلگىرى تەييارلىقنى ياخشى قىلمىغانلىقتىن ئىمتىھان ۋاقتىدا ھەممە سۇئالنىڭ جاۋابىنى كىتاپتىن ئىزدەپ ۋاقىت يېتۈشتۈرەلمەي قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەكتە، WL}XD
Kx تۆۋەندە مەن ئوقۇغۇچىلار قاندا قىلغاندا ئۇچۇق ئىمتىھانلاردا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟دېگەن مەسلە ھەققىدە كەڭ كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتمەكچىمەن o}y(T07n ئوقۇغۇچىلار ئوچۇق ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك : h|OWtf4 1. ئوقۇغۇچىلاردا مۇكەممەل ئۆگىنىش پىلانى بولوشى كېرەك . .:B;%* ئوقۇغۇچىلار نىڭ تۈزگەن ئۆگىنىش پىلانى چۇقۇم كونكىرت بولوشى ،دەرسنىڭ مۇھىم ،قىيىن نۇقتىلىرى ئىنىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ئۆگىنىش مەقسىتى كاللىسىدا ئىنىق بولۇشى لازىم.تولۇقسىز يىللىقلارنىڭ تارىخ،سىياسەت، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش شەكلىنىڭ ئوچۇق ئىمتىھان شەكلىگە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆگىنىش ۋە،تەكرارغا قويۈلىدىغان تەلەپلەرمۇ ماس ھالدا ئۆزگەردى.شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش پىلانى، تەكرار پىلانى تۈزگەندە باشقا پەنلەرگە بولۇپمۇ ،تەبئىي پەنلەرگە ئوخشاش قائىدىلەرنى بىرمۇ -بىر يادلاپ ئەستە تۇتۈشنى ئاساس قىلماستىن دەرىسلىكتىكى ئاساسى مەزمونلانى ئوقۇتۇش نىشانىدىكى تەلەپلەر بويىچە ئىگەللىۋىلىشكە .ھەم شۇ مەزمونلار بويىچە نەزىرىيىنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. M,oRi;V مۇمكىن بولسا كىتاپتىكى مۇھىم ،قىيىن نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئاشۇ مەزمونلارنىڭ قايسى كىتاپنىڭ قانچىنىچى بېتىدە ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان قىلىپ بىر ۋاراققا يېزىۋالسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى بىپەرۋالىق قىلىپ ئىمتىھان مەيدانىغا دەرسلىك ماتىرىياللارنى ئېلىپ كىرمەسلىكتىن قەتئى ساقلىنىش لازىم. ]+T$D 2. ئىمتىھان ۋاقتىدىكى ۋاقىتنى مۇۋاپىق ،ئىلمى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى لازىم. & DhdB0Hjf بىر قانچە يىللىق ئىمتىھان ئەمەلىيتىدىن ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىدا ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەسلىك مەسلىسى خېلى ئېغىرساقلانغان.بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ ئوقۇغۇچىلاردا بۇ پەنلەرنىڭ ئىمتىھانىنى ئوچۇق شەكىلدە ئېلىنغاندىن باشلاپلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا جۈملىدىن بۇ دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە تۇتقان پۇزىتسىيىسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى .ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا تەييارلىقسىز ھالدا كىرگەنلىكتىن،دەرس مەزمونىنى ئەستە تۇتۇشقا ،ئەستايىدىل كىتاپ كۆرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن ئىمتىھان ۋاقتىدا كىتاپتن سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدش بىلەنلا ۋاقىتنى توشقۇزۇپ قۇيۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بەرگەندە ۋاقىتنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەل قارىماسلىقى لازىم. Gk:k
px ۋاقىتنى ئىلمى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپى ئاۋۋال ئاسان سۇئاللارنى كىيىن قىيىن سۇئاللارنى ئىشلەشتۇر.دەسلەپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتماي ،كىيىن جىددىيلىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.ئىمتىھان ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ يازالمىغان سۇئالنىڭ جاۋابىنى كىتاپتىن ئىزدەۋاتقاندا ئۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئەمەس بەلكى كەينىدىكى ياكى ئالدىدىكى سۇئالنىڭ جاۋابى تېپىلىپ قالسا ،سەل تۇرۇپ يېزىۋالاي دېمەستىن دەرھال يېزىۋىلىپ يەنە ماتىريال ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.شۇنداقلا يەنە نۇمۇرغا ئېرىشكىلى بۇلىدىغان جايدا نۇمۇرنى ھەرگىزمۇ كەتكۈزۈپ قويماسلىق ،ئامال بار نۇمۇرغا ئېرىشىش تەس بولغان سۇئاللاردا نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك .بىر، ياكى ئىككى نۇمۇرغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر تاللاش سۇئالىنى ئىشلەشكە بەش-ئون مىنوت سەرىپ قىلغاندىن بەش- ئون مىنوتتا ئون بەش يىگىرمە نۇمۇرغا ئېرىشكىلى بولىدىغان چوڭ سۇئالنى ئىشلىگەندە نەتىجىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ,z`* 1b8 سۇئاللارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ئىشەنچ قىلالمىغان تەھ لىل قىلىش سۇئاللىرى بولسا ھەرگىزمۇ ئاق تاشلاپ قويماي ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاپ چۈشەنگەن ئاساستا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى يېزىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك .چۈنكى ئوچۇق ئېلىنغان پەنلەردىكى ئىمتىھان سۇئاللىرى ئەمىلىيەت بىلەن يېقىنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ،كىتاپتا يوق سۇئاللارمۇ چىقىرىلىپ قالىدۇ.شۇڭا بۇنداق سۇئاللارغا چۈشەنچىڭىز ئاساسىدا جاۋاپ يېزىپ قويسىڭىز ئازراق بولسىمۇ نۇمۇرغا ئېرىشىپ قىلشىڭىز مۇمكىن. ^#4Ah[:XA 3 .سۇئالنىڭ تەلىپىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ .نەزىرىيۋى بىلىمنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. mnFmShu ساپا مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ،يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىمتىھان سۇئاللىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىيىۋى بىلىمىنى ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاش ئىقتىدارى سىنىلىدىغان ئەمەلىياتچانلىقى كۈچلۈك سۇئاللار كۆپ چىقىرىلىدىغان بولدى.شۇڭا ئوقۇغۇچىلار دەرس مەزمونىنى تەكرار قىلغاندا ئەمىلىيەتكە باغلاپ تەپەككۇر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى سۇئاللارنى چۈشىنىپ تەھلىل قىلىش،سىلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش،پەرىقلەندۈرۈپ تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئاكتىپ تەپەككۇر ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇشى نەزىرىيىۋى بىلىمنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ جاۋاپ بېرىشنى ئۆگىنۋىلىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈۈشى كېرەك . \f@obp شۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار «بۇ مەزمون بىزنىڭ دەرسلىك كىتاپىمىزدايوق ،مۇئەللىم بۇنداق مەزموننى بىزگە سۆزلەپ بەرمىگەن »دېگەندەك ئورۇنسىز قاراشلاردىن ساقلىنپ، ئىمتىھان ۋاقتىدا جىددىيلەشمەي، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلەيدۇ. Y)D F.ca( ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلار سىياسەت،تارىخ،جۇغراپىيە قاتارلىق ئوچۇق ئىمتىھانلاردا يۇقارقى تەلەپلەرگە دىققەت قىلغان ئاساستا ئەتراپلىق تەكرار قىلغاندا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىستىقبال يولىغا داغدام قەدەم تاشلىيالايدۇ. Jv?EV,S/e
|
|