查看完整版本: [-- ئانىڭىز بولىۋېرەي بالام --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئانىڭىز بولىۋېرەي بالام [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەبنەم 2014-02-24 00:50

ئانىڭىز بولىۋېرەي بالام

                                                 3"".kf,O5e  
ka hv1s-  
ئانىڭىز بولىۋېرەي بالام
fkYQ 3d,`  
     @.0,k a,X  
oeIS&O.K  
تۇرمۇش ، ھەي تۇرمۇش، سەييارىلەرنى ئۆز ئەتىراپىدا تېنىمىسىز ئايلاندۇرغان قوياشقا ئوخشاش مىنى  ئۆز ئەتىراپىڭدا ئايلاندۇرىسەن. بولۇپمۇ  ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىنى كۆپ ئايلىنىمەن . گاھىدا زارلاپمۇ قالىمەن .  سرىڭ تولا ، دەردىڭ يامان . جاپايىڭ تولا ، لەززىتىڭ يامان سىرلىق ئۆتەڭ بولساڭمۇ ،سەندە قسقىغىنە چۈشكۈن قىلىپ ئۆتىدىغان بولساممۇ خۇددى ئۆمۈرلۈك چۈشكۈن قىلىدىغاندەك تىپىرلاپ ، خۇدۇمنى يوقۇتۇپ ئىشلەپ كېتىمەن ... 'fB`e]_  
مانا ئارام كۈنىدە ئەتىگەندىن باشلاپ تىپرلاۋاتىمەن ، دىمىسىمۇ ئارام كۈنىدە قاچان ئارام ئېلىپ باقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .  دۆۋە-دۆۋە كىرنى يۈيۈپ بولغۇچە بەللىرىم تېلىپ ئاغرىپ كەتتى ، كىرنى يۈيۈپ، يېيىپ بولۇپلا يۈگىرەپ كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلىدىم .،تاماقنىڭ قاچا-قۇچىسىنى يۇيۇپ بولۇپلا ، ئۆيلەرنى چوڭ تازلاشقا كىرىشىپ كەتتىم . ئۆينى تازلاپ بولۇپلا ، `سۆكۈپ يۈغان يوتقان -كۆرپىلەرنى تىكىشكە باشلىدىم . aZ'p:9e  
يائاللا ، ھەركەتكە كىرىشىپ كەتكەن ئەزالىرىم بىرەرمىتالدىن تەركىپ تاپقان بولسا ئىدى ، نەچچە ئۇپىراپ ، نەچچە ئالماشتۇرۇپ بولار ئىدىم -ھە ؟! _w26iCnB{  
ئوھ ، ئىشلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ، باشقىلارنىڭ ئېيتقىنى ئاجايىپ توغرا ئىكەن ، ئۆي ئىشى يەتتىنچى كەتمەن توپا تاشلانغاندا ئاندىن تۈگەيدۇ دىگەندەك راسلا شۇ چاغدا تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ. G$Dg*<  
@ f$P*_G   
قۇرغان كىيملەرنى دەزماللاشقا كىرىشتىم ،ئەتىگەنىدىن بېرى ھەممە ئىشىمنى كۆرۈپ ،كۈزۈتۈپ تۇرغان  ، ئەمدىلا بەش ياشتىن ئاشقان قىزىم يېنىمغا كېلىپ مېنى قۇچاقلاپ : "[%NXan  
-ئانا ھاردىڭىزمۇ ؟  ،- دەپ سورىدى . >A)he!I  
-ھەئە ، بەك ھېرىپ كەتتىم بالام  ،- دىدىم . Pa.!:N-  
-ئانا، سىز ئانام بولماي دادام بولسىڭىز بوپتىكەن. /v8qT'$^  
-نىمىشقا بۇنداق دەيسىز بالام ؟تولىمۇ ھەيران بولۇپ سورۇدۇم . $OJ*Kul  
-سىز ئانام بولماي دادام بولغان بولسىڭىز ،سىزمۇ دادامدەك تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ياتاتتىڭىز  دادام ئىش قىلاتتى . s"'1|^od  
كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كېلىپ كەتتى ، قىزىمنى باغرىمغا بېسىپ كەتتىم . b"gYNGgX  
پۈتكۈل ھاردۇقۇم بىراقلا چىقىپ كەتتى . [;2v[&Po  
مەن ئانىڭىز بولىۋېىرەي بالام ، مەن رازى ، دادىڭىزنى خاتىرجەم تۆردە ياتقۇزالىغىنىم ، ئەرلىك غورۇرى بىلەن تۆرگە لايىق قىلالىغىنم مېنىڭ بەختىم بالام ،يەنىلا دادىڭىز دادا ، ئانىڭىز ئانا بولسۇن ، - دەپ قىزىمغا پىچىرلاپ كەتتىم ... CkP!4^J qQ  
`````````````````````````````````````` Kq1sGk  
cx02b-O  
مەنبە : ئۆز قەلىمىم .1}u0IbJ  

مىېھرىما 2014-02-25 00:24
ئەجەپمۇ ياخشى چىقىپتۇ . ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم . سىزگە رەھمەت .

ablat0997 2014-02-25 13:32
ئايال دىگەن ئەرنىڭ ھۆرمىتىنى مۇشۇنداق قىلسا-ھە!

nadiraay 2014-02-25 16:33
ئىش قىلىدىغان  ئادەم  ئەر  بولۇپ  تۆرەلسىمۇ،  ئايال  بولۇپ  تۆرەلسىمۇ يەنىلا  قىلىدۇ. Ptx,2e&Hq  
ئاشۇ  ئانا  بەلكىم  دادا  بولۇپ  تۆرەلگەن  بولسىمۇ  يەنىلا  ئۆزىنىڭ  ئەرلىك  مەسئۇلىيىتىنى ياخشى  ئادا  قىلىپ  ئايالىنى  خانىش  ئورنىدا  قەدىرلىگەن،  تەڭ جاپا  تارتىپ  تەڭ  كۈلۈش ئۈچۈن  تىرىشقان  بولاتتى. !:(C"}5wM  
%yiD~&  
يازمىڭىزغا  كۆپ  تەشەككۈر.

nadiraay 2014-02-25 16:38
بۇ  يازمىڭىزنى  ئوقۇۋېتىپ  ئىختىيارسىز  ئوغلۇمنىڭ  كىچىك  ۋاقتىدا  ماڭا ‹‹ ئاپا،  مېنى  ھەنىمۇ  بولسا  قىز  بالا  قىلىپ  تۇغۇپ  قويماپسىز ›› دېگىنى  ئېسىمگە كەلدى.  ?HF%(>M  
ئەشۇ  دادا  ئايالىنىڭ  جاپا  تارتىۋاتقىنىنى  كۆرسىمۇ  كۆرمەسكە  سېلىپ  كۆرپىدە  قىرلاپ  ياتقان  بىلەن،  بالىنىڭ  ئالدىدىكى  سىماسىنىڭ  قانداق  بولىدىغىنى  ئەقىللىق  ئوقۇرمەن ھېس  قىلىپ  يېتەلەيدۇ.

parixta 2014-02-25 20:27
بەخت ئىچىدە تۇرۇپ بەختنى ھېس قىلالمايۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن بۇ تەربىيەۋى ئەھمىيتى ناھايتى چوڭ بىر تىما بوپتۇ.   ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئائىلىسىگە، پەرزەنتىگە بېغىشلىغان ئاشۇ ئۇلۇغ ئانىلار ياشىسۇن!

بابۇر0725 2014-02-25 20:29
يازمىڭىزغا  كۆپ  تەشەككۈر.

شەبنەم 2014-02-25 21:47
ئەزىزلەرنىڭ ياقتۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت .  مەن مەلۇم بىر كىتاپتىن :‹‹ بەندىلەر ئەگەر بەنىدىگە سەجدە قىلىشقا بولسا ئىدى ، مەن پۈتۈن بەندىلەرنى ئۆز ئانىسىغا سەجدە قىلىشقا بويرار ئىدىم ›› دىگەن قۇرلارنى ئوقۇغان ئىدىم .  دىمەك ئانا بولۇش ئاسان ئەمەسكەن ،  ئۇلۇغ ئانا بولۇش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس ئىكەن ......

گۈلنىھال 2014-02-26 00:20
‏شەبنەمنىڭ بۇ ئەسىرىگە مۇبارەك !!! Te"io U?.  
‏  بۇ تىمىڭىزنى ئوقۇپ ، باللىرىمنىڭ (  گەرچە ئوغۇل بولسىمۇ ) : C5o#i*|  
‏-  ئانا ،  سەنلا ئىش قىلىۋېرەمسەن ؟  نىمىشقا باشقىلارمۇ سەن بىلەن تەڭ قىلىشىپ بەرمەيدۇ ....  دەپ چوڭلارنىڭ ئالدىدا مېنى خىجىل قىلىغانلىرىنى ئەسلەپ ھاياجانلاندىم... ag [ZW  
 -*1d!  
‏سزگە ئامەت تىلەيمەن ، قوللىرىڭىزغا بەرىكەتلەر  ياغسۇن !!!

kaqur 2014-02-26 01:09
«دادىڭىزنى خاتىرجەم تۆردە ياتقۇزالىغىنىم ، ئەرلىك غورۇرى بىلەن تۆرگە لايىق قىلالىغىنم مېنىڭ بەختىم بالام ،يەنىلا دادىڭىز دادا ، ئانىڭىز ئانا بولسۇن» .vf'YNQ%  
;?Tbnn Wn  
بۇ جۈملىلەرنى ياقتۇرغانلىقىمنى قانداق ئىپادىلەشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن....

ئەكبەرنىياز 2014-02-26 19:15
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، ئائىلىدە ئاياللارنىڭ تارتىدىغان جاپاسى ھەقىقەتەن كۆپ ! كۆپ رەھمەت !!!

ozqan 2014-02-27 12:02
بەك تەسىرلىك ، تاتلىق چىققان بۇ ئەسىرىڭىزنى چىن دىلىمدىن ياقتۇردۇم ، رەھمەت ئەجرىڭىزگە ....

gulhan 2014-02-28 19:26
چىن يۈرەكتىن چىققان قۇرلار مۇشۇنداق كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان ئۇخشايدۇ، ھە. 4r#= *  
بۇ نەسىرىڭىزنى ئۇقۋىتىپ كۆزلىرىمگە شەبنەم قوندى... VBGuC c/  
k68T`Ub\W6  
مۇشۇنداق چىن ھېسىياتىن يۇغۇرۇلغان قەلىب تامچىلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىماڭ ،ئەزىز. يېزىپ تۇرۇڭ، يوللاپ تۇرۇڭ.


查看完整版本: [-- ئانىڭىز بولىۋېرەي بالام --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled