查看完整版本: [-- مىېھرىما :قىزىمغا خەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> مىېھرىما :قىزىمغا خەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-02-23 19:54

مىېھرىما :قىزىمغا خەت

قىزىمغا خەت p);[;S  
سۇخۇملىنىسكىي l(QntP  
n|.eL8lX.<  
  سۆيۈملۈك قىزىم : ;O>zA]Z8r  
  سېنىڭ سوئالىڭ مېنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالدى . wE9z@\z]  
  بۈگۈن سەن توپتوغرا 14 ياشقا كىردىڭ . سەن دەل بىر چىگرانى ئاتلاپ ئۆتىۋاتىسەن ،ئۇنىڭدىن ئۆتكەندىن كىيىن ، بىر قورامىغا يەتكەن ئايال بوپ قالىسەن .سەن مېنىڭدىن :« دادا ، مۇھاببەت دېگەن نېمە؟ »دەپ سورىدىڭ. Wl&6T1A`"  
  بۈگۈنكى كۈندە بىر سەبى بالا بىلەن گەپلەشمەيۋاتقانلىقىمنى ، ئويلىغىنىمدا ، يۈرىكىم خۇشال ئويناپ كەتتى .سەن بۇ چېگرانى ئاتلاۋاتىسەن ، ساڭا بەخىت يار بولسۇن . لىكىن ،پەقەت سەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئادەم بولۇپ يېتىلگىنىڭدىلا ،بىر بەخىتلىك ئادەم بولالايسەن .مىڭلىغان ، مىليۇنلىغان ئاياللار، جۈملىدىن ئاشۇ  14 ياشلىق قىزلار دەككە –دۈككە ئىچىدە : مۇھاببەت دېگەن نېمىدۇ ؟ دەپ ئويلىشىۋاتىدۇ .بۇنى ھەركىم ھەرخىل چۈشىنىدۇ .ھەربىر يىگىت ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇغان چاغدىمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ئويلايدۇ .سۆيۈملۈك قىزىم ، شۇ تاپتا ساڭا يېزىۋاتقىنىم ئىلگىركىدەك خەت ئەمەس . مېنىڭ ئارزۇيۇم ياشاش ئەقىل-پاراسىتىنى ، يەنى ياشاش ماھارىتىنى ساڭا ئۆگىتىش .ئەمما ئاتا بولغۇچىنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزى خۇددى بىرتال كىچىكىنە ئۇرۇق بولىشىنى ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنىڭ كۆز قارشىڭنىڭ ۋە ئېتىقادىڭنىڭ مايسىللىرى بىخ سۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . n[a%*i6x  
  ئىلگىرى بۇ مەسىلە مېنىمۇ  ئوخشاشلا تىنىچسىزلاندۇرغان . ئۆسمۈر ۋاقتىمدا ۋە ياشلىققا قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ، مومام مارىيە مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىم ئىدى .ئۇ راستىنلا قالتىس ئىدى . قەلبىمدىكى بارىلىق گۈزەل ، ئەقلىي ،سەمىمى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مومام بەرگەدى. ئۇ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتتى.بىر قېتىم ، باش كۈزنىڭ جىمجىت ئاخشىمى مەن مومام بىلەن بىر تۈپ باراقسان ئالما دەرىخى تۈۋىدە ئىسسىق بەلۋاغقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان تورنىلارغا قاراپ ئولتۇردۇق،مەن :« موما ، مۇھاببەت دېگەن نېمە ؟ » دەپ سورىدىم . Q 'e[(^8  
  مومام ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسلىلەرنى چۆچەك ئارقىلىق يېشىشكە ماھىر ئىدى .ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن چوڭقۇر خىيال ۋە ئەنسىزلىك ئەكىس ئەتتى ، نېمىشقىكىن ، ئۇ بىرخىل ئالاھىدە، ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن نەزەر بىلەن ئاڭا «لاپ» قىلىپ قارىدى . 0LHge7482  
-    مۇھاببەت دېگەن نېمە ؟... تەڭرى دۇنيانى يارايقاندا ، بارلىق جاندارلارنى يەر يۈزىگە تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ھەم ئۇلارغا ئەۋلاد قالدۇرۇپ ، نەسلىنى ساقلاشنى ، ئەۋلادىنى كۆپەيتىشنى ئۆگىتىپتۇ . ئەر بىلەن ئايالغا يەر بۆلۈپ بېرىپ ،ئۇلارغا لاپاسنى قانداق ياساشنى ئۆگىتىپتۇ  ، ئەرگە بىر كەتمەن  ، ئايالغا بىر ئۇچۇم دان بېرىپتۇ .«ياشاڭلار ، ئەۋلادلىرىڭلارنى كۆپەيتىڭلار ، مەن ئۆز ئىشىمغا كەتتىم .بىر يىلدىن كىيىن سىلەرنىڭ بۇيەردىكى ئەھۋالىڭلارنى كۆرگىلى كېلىمەن » دەپتۇ .تەڭرى ئۇلارغا .ئەمدىلا بىر يىل ئۆتىشى بىلەن تەڭرى چوڭ پەرىشتە جىبرىئىلنى ئەگەشتۈرۈپ كەپتۇ .ئۇ دەل سەھەر ۋاقتى ، قۇياش كۆتۈرۈلگەن چاغ ئىكەن ، تەڭرى لاپاسنىڭ قېشىدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئېتىزدا زىرائەتنىڭ پىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر سەگەنچۈك قويۇلغانلىقىنى ، سەگەنچۈكتە بىر بوۋاقنىڭ ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ .ئۇ ئەر بىلەن ئايال تۇرۇپ ئاسمانغا قارىسا ، تۇرۇپ بىر بىرىگە مېھىر – مۇھاببەت بىلەن قارىشىدىكەن . ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشقان پەيىتتە ، تەڭرى ئۇ كۆزلەردىن ئۆزى چۈشەنمەيدىغان بىرخىل گۈزەللىكنى ۋە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرخىل كۈچنى بايقاپتۇ . بۇ خىل گۈزەللىك ئاسمان بىلەن قۇياشنىڭ ، زىمىن بىلەن بۇغدايزارلىقنىڭ-تەڭرى ياراتقان ھەممە نەرسىنىڭ گۈزەللىكىنى بېسىپ چۈشۈپتۇ . بۇ گۈزەللىك تەڭرىنى گاڭگىرىتىپ ، ھۇدۇقتۇرۇپ قويۇپتۇ . {oo(HD;5  
     -بۇ نېمە ؟-دەپ سوراپتۇ تەڭرى پەرىشتە جىبرىئىلدىن . ~ ^~+p  
     -بۇ مۇھاببەت . Hg(nC*#/Q  
     -مۇھاببەت دېگەننىڭ مەنىسى نېمە ؟ 8\`otJY  
     پەرىشتە نائىلاج مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ .تەڭرى ئەر بىلەن ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ئۇلاردىن مۇھاببەت دېگەن نېمە ؟دەپ سوراپتۇ . ئەمما ، ئۇلارمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن تەڭرى قاتتىق غەزەپلىنىپ : « بولىدۇ ! سىلەرنى جازالىغىنىمنى كۆرۈڭلار !ھازىردىن باشلاپ سىلەر قېرىڭلار ، ئۆمرۈڭلاردىكى ھەر سائەت ،ھەر مىنىۇت سىلەرنىڭ ياشلىق باھارىڭلارنى ۋە كۈچۈڭلارنى تاكى تۈگىگىچە خوراتسۇن !50 يىلدىن كىيىن مەن يەنە كېلىمەن ، كۆزىڭلاردا يەنە نېمە قالىدىكىن ، بېشىنى يەيدىغانلار...» دەپ كايىپتۇ . 6bpO#&T  
   تەڭرى نېمىشقا غەزەپلىنىدۇ ؟- سورىدىم مومامدىن . ]<o^Q[OL  
  -چۈنكى ئەر بىلەن ئايال ئۇنىڭ ئىجازىتىسىزلا  ، ئۇ ئاڭلاپمۇ باقمىغان ، كۆرۈپمۇ باقمىغان نەرسىنى ياراتقان –دە ، ئاخىرىنى ئاڭلا ! 50 يىلدىن كىيىن تەڭرى جىبرىئىل بىلەن يەنە كەپتۇ. بۇقېتىم تەڭرى ، بۇرۇنقى لاپاسنىڭ ئورنىدا بىر يۈرۈش ياغاچ ئۆي سېلىنىپ ،بىنەم يەرلەر مېۋىلىك باققا ئايلانغانلىقىنى ، ئېتىزلارنىڭ ئالتۇندەك ساپسېرىق بۇغداي باشاقلىرى بىلەن تولغانىقىنى ،بىرنەچچە ئوغۇل يەر ھەيدەپ ، قىزلار بۇغداي يىغىۋاتقانلىقىنى ، نەۋرىلەر ئوتلاقتا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ . بوۋاي بىلەن موماي ئۆينىڭ ئالدىدا گاھىدا قىپقىزىل شەپەققە ، گاھىدا بىر بىرىگە مېھىر –مۇھاببەت بىلەن قارىشىپ ئولتۇرۇپتۇ .تەڭرى بۇ بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن تەڭداشسىز گۈزەللىك ۋە تېخىمۇ زور كۈچنى كۆرۈپتۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە يېڭى بىرخىل نەرسىمۇ بار ئىكەن . تەڭرى : kkV* #IZ  
  - بۇ نېمە ؟ -دەپ سوراپتۇ پەرىشتىدىن . NK(; -~{P  
  ساداقەت –دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ پەرىشتە . لىكىن يەنىلا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ  بېرەلمەپتۇ . تەڭرى ئاچچىقىنى باسالماي قاپتۇ :« قېرىشىڭ تېخى تېز بولماي قالدىما ؟ بېشىنى يىگۈر ئادەملەر ،ياشايدىغان ۋاقتىڭ ئۇزاق قالمىدى . مەن تەنە كېلىمەن ، سېنىڭ مۇھاببىتىڭ يەنە قانداق ئۆزگىرىدىكەن ، كۆرىمەنغۇ! » دەپتۇ . 8: Jc2K  
  ئۈچ يىلدىن كېيىن تەڭرى چوڭ پەرىشتە جىبرىئىلنى ئېلىپ ، بۇ يەرگە يەنە كەپتۇ . قارىسا ،بىر ئەر كىشى كىچىك بىر توپا دۆۋىسى يېنىدا ئولتۇرغىدەك ، ئۇنىڭ كۆزلىرى قايغۇ ھەسرەتكە تولغان ، لىكىن ئۇنىڭ كۆزلىردە يەنە كىشى چۈشەنمەيدىغان بىرخىل گۈزەللىك ۋە بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھىلىقىدەك كۈچ چاقناپ تۇرغىدەك .بۇ پەقەت مۇھاببەت ۋە ساداقەت بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۇنىڭدا باشقا بىر نەرسىمۇ بار ئىكەن . [- x]%  
-    بۇ نېمە ئىش ؟ -دەپ سوراپتۇ تەڭرى پەرىشتىدىن . x5nw/''[2  
-    قەلىپنىڭ سېغىنىشى ،- دەپتۇ پەرىشتە . S"joXmJ/-C  
تەڭرى ساقىلىنى سىلاپ ، توپا دۆۋىسى يېنىدا ئولتۇرغان بوۋايدىن نېرى كېتىپتۇ . بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇغدايلىقلارغا ، چوغدەك قىزارغان شەپەق نۇرىغا قاراپتۇ ؛ ئالتۇن رەڭ بۇغداي باشاقلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن يىگىت-قىزلار يۈرگىدەك ، ئۇلار گاھى چوغدەك قىزارغان ئاسمانغا قارىسا ، گاھىدا بىر-بىرىگە قارىشىپ ، مىھىر –مۇھاببەت ئىزھار قىلىشىۋاتقىدەك...تەڭرى ئۇلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپتۇ .كېيىن، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ ، بۇ يەردىن كېتىپتۇ .ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ، ئادەم زىمىننىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ . 5"&{Egc_  
  -مۇھاببەت دىگەن مۇشۇ ،نەۋرەم . مۇھاببەت تەڭرىدىنمۇ يۈكسەك تۇرىدۇ. بۇ ئىنسانلاردىكى مەڭگۈلۈك گۈزەللىك  ۋە كۈچ – قۇدىرەتتۇر ، ھەممىمىز بىر ئۇچۇم توپىغا ئايلىنىپ كېتىمىز ، لېكىن مۇھاببەت ئىنسان ئىرقىنىڭ ھاياتى كۈچىدىكى مەڭگۈلۈك ئۈزۈلمەس رىشتە . Rd{#cW~  
   مۇھاببەت دېگەن مۇشۇ ،سۆيۈملۈك قىزىم .مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ياشايدۇ ،كۆپىيىدۇ ،ئەۋلات قالدۇرىدۇ ، لېكىن پەقەت ئادەملەرلا سۆيەلەيدۇ .شۇنداقلا ، ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېتساق ، پەقەت ئادىمىيلىك بىلەن سۆيەلىگەن ئادەملا ھەقىقى ئادەم بولالايدۇ .ئەگەر مۇھاببەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىنمىسا ، ئىنسانى گۈزەللىك يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ . يەنى ئۇنداق ئادەم پەقەتلا شەكلەن ئادەم بولالىغان ، لېكىن ھەقىقى ئادەم بولالمىغان بىرخىل جانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ ، خالاس . QO%#.s  
D%k]D/  
مەنبە :9 – يىللىق 1- قىسىم دەرىسلىك 89{@2TXR  

ئەكبەرنىياز 2014-02-23 20:52
مېھرىمانىڭ ئىزچىللىقىغا ۋە ئەستايىدىللىقىغا ئاپىرىن !!! داۋاملىق ئالغا !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-23 21:03
ياخشى يوللانما ئىكەن !

گۈلنىھال 2014-02-23 21:26
‏مېھرىما ، ياخشى قىۋاتىسىز ، مۇشۇنداق ماسلاشساق ، ھەممىمىزگە قولايلىق بولدۇ ، قوللىرىڭىزغا  دەرت كەلمىسۇن  !

قىز 2014-02-23 22:09
بەك ياخشى تېمىكەن ،رەخمەت .

قاراخان 2014-02-23 22:18
بۇ ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك پەقەت بىر پارچە تەييارلىقلا يوللىنىپتۇ. D@V1}/$UoN  
/bbs/read.php?tid=4565

帕尔哈提 2014-02-24 02:28
بۇ تولۇقسىزنىڭ تىل ئەدەبىيات تېكىستلىرى  ئىكەنغۇ،ھەممىسىنى مۇشۇنداق كىرگۈزۈشكە كۆپ ۋاقتىڭىز كەتكەندۇ،قولىڭىزغا  دەرت بەرمىسۇن كۆپ جاپا چېكىپسىز.

مىېھرىما 2014-02-24 14:22
ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېزىزلىرىم .قوللىغىنىڭلاردىن خۇرسەن بولدۇم.

بابۇر0725 2014-02-26 12:21
ياخشى تېما يۇللاپسىز ،تېكىست تەھلىل قىسمىنى تەييارلاشقا پايدىلىق بولغۇدەك

2433 2014-03-02 16:34
ياخشى ئەۋەتىپسىز . رەھمەت

ئەشمە 2014-03-11 18:34
رەھمەت سىزگە.

مىېھرىما 2014-03-11 19:16
ھەممىڭلھرغا رەھمەت!


查看完整版本: [-- مىېھرىما :قىزىمغا خەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled