گۈلنىھال |
2014-02-23 16:17 |
گۈلنىھال : ۋېرسال سارىيى
ۋېرسال سارىيى /2FX"I[0V% E32z(:7M جى زۇيىڭ Ys 5vpf; F
SMj دۇنياغا مەشھۇر ۋېرسال سارىيى پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 18 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ۋېرسال بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت . eOO+>%Z
ۋېرسال سارىيى لۇئى14- دەۋرىدە سېلىنغان . 1661 - يىلى ئىش باشلىنىپ ، 1689 - يىلى پۈتكۈزۈلگەن .ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 290 يىللى تارىخقا ئىگە . ساراينىڭ كۆلىمى بىر مىليۇن 110 مىڭ كىۋادىرات مىتىر . بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى 110 مىڭ كىۋادىرات مىتىر ، باغ كۆلىمى 1 مىلىيۇن كىۋادىرات مىتىر كېلىدۇ . ساراي قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پۇختا بولۇپ ، بىر - بىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان .ئاساسلىق ساراي شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان . ئىككى چېتى جەنۇبىي ساراي ۋە شىمالىي ساراي بىلەن تۇتىشىپ ، سىممىتىرىك شەكىل ھاسىل قىلغان . ساراينىڭ ئۈستى قۇرۇلۇشىد باروكچە يۇملاق ئۆگزە ۋە فرانسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇچلۇق ئۆگزە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى قوللىنىلماي ، تۈز شەكىل قوللىنىلغاچقا ، سەلتەنەتلىك ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ . \9c$`nn ساراينىڭ سىرتقى تېمىنىڭ ئۈستىگە مەرمەردىن ياسالغان ئادەم ھەيكەللىرى ئورنىتىلغان ، ھەيكەللەر نەپىس ۋە جانلىق . w*LbH]l<- ۋېرسال سارىيى ھەيۋەت ، كۆركەم بولۇپ ، ئىچىدىكى ئەسلىھەلىرى ۋە بېزىلىشى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ . 500 دىن ئارتۇق چوڭ قەسىر ۋە كىچىك زاللار تولىمۇ ھەشەمەتلىك ، قالتىس كۆركەم ، ئىچىنى بېزەشتە ئويمىلار ، چوڭ ماي بوياق رەسىملەر ۋە ئاسما گېلەملەر ئاساس قىلىنغان . 17 - 18 - ئەسىرگە مەنسۇپ شەكلى ئالاھىدە ، نازۇك ئىشلەنگەن ئائىلە سايمانلىرى سەپلەنگەن .ساراي ئىچىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن قىممەت باھالىق سەنئەت بويۇملىرى ، جۈملىدىن يىراقتىكى جۇڭگۇدىن كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى فار - فۇرلار تىزىلغان .ئوردا رەسسامى ، بېزەكچى لېبران بىلەن چوڭ ئاخېتكتور مېنسال ھەمكارلىشىپ ياسىغان سىنئەينەكلىك كارىدور ۋېرسال سارىيىدىكى ئالاھىدە مەشھۇر جاي ھېساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 مىتىر ، كەڭلىكى 10 مىتىر ، ئىگىزلىكى 13 مىتىر بولۇپ ، ئىككى زالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . كارىدورنىڭ بىر تەرىپىگە گۈللۈككە قارىتىپ ئېچىلىدىغان غايەت چوڭ 17 ئەگمە دېرىزە ئىشىك ، يەنە بىر تەرىپىگە دېرىزىلەرگە سىممىتىرىك ھالدا 17 سىنئەينەك ئورنىتىلغان . بۇ سىنئەينەكلەر 400 پارچىدىن ئارتۇق سىنئەينەكتىن تەركىپ تاپقان . سىنئەينەكلىك كارىدۇرنىڭ ئەگمە تورۇسىغا لېبراننىڭ غايەت چوڭ ماي بوياق رەسىمى سىزىلغان . رەسىم يەبىئىي چىرايلىق سىزىلىپ ، جۇش ئۇرۋاتقانتارىخىي مەنزىرىنى نامايەن قىلغان . سىنئەينەكلىك كارىدوردا ماڭغاندا سۈزۈك ئاسمان ، جىمجىت باغ مەنزىرىسى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ . ھەممە يەر زۇمرەتتەك يېشىل كۆرۈنىدۇ .خۇددى خۇشبۇي گۈللۈك ، ئېسىل دەرەخلىك باغقا كىرىپ قالغاندەك بولىسىز . gy_$#e 3P=w =~e ساراينىڭ ئالدىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى فرانسۇزچە چوڭ گۈلزارلىق بەرپا قىلىنغان . باغ ئىچىدىكى دەل - دەرەخلەر ، گۈل - گىياھلار ئاجايىپ چىۋەرلىك بىلەن ئۆستۈرۈلگەن . مەنزىرىسى كۆركەم ، مۇھىتى تىنىچ بولۇپ ، ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ . ئاساسىي ساراينىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يىراققا قارىسا ، قاشتېشى بەلباغدەك قانال جىمىرلاپ تۇرىدۇ . ئاندا - ساندا يەلكەنلىك كېمىلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ ، دەريانىڭ ئىككى ياقىسىدىكى كۆككە تاقىشىپ باراقسان ئۆسكەن يېشىللىق ئارىسىدىكى ئىلاھنىڭ ھەيكىلى نازاكەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . ساراينىڭ يېنىغا ئىككى كۆل ياسالغان ، كۆل ياقىسىغا ھەرخىل قىياپەتتىكى ھەيكەللەر ئورنىتىلغان بولۇپ ، ئادەم كۆرۈپ تويمايدۇ . ziL^M"~2 ۋېرسال سارىيىنىڭ سېلىنىشىدا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان مۇنداق بىر تارىخي ۋەقە بار : كونا ۋېرسال سارىيى ۋە فۇنتابېلۇ سارىيىدا تۇرىدىغان لۇئى 14 1661 - يىلى مالىيە ۋەزىرى فۇگاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، ئۇنىڭ يېڭىدىن سالدۇرغان قەسىرىگە زىياپەتكە بارىدۇ . Bku'H « قەسىرنىڭ ھەشەمەتلىكلىكى لۇئى 14 نى غەزەپلەندۈرىدۇ ، ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن ئۇ فۇگاينى چىرىكلىشىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە سالىدۇ ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىكىدۇ ، ھەسەتخورلۇق لۇئى 14 نىڭ يېڭىدىن كاتتا ساراي سېلىش پىلانىغا تۈرتكە بولىدۇ . ۋېرسال سارىيىنى سالغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك فۇگايغا قەسىر سېلىپ بەرگەنلەر بولغاچقا ، مەيلى قۇرۇلما ياكى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن ، بۇ ئىككى بىنانىڭ شەكلى ئۆزگىچە بولسىمۇ ، بەدىئىي ئۈنۈمى ئوخشاش بولغان . 2R@
%Y/ تارىختا فرانسىيىنىڭ بىر مەھەل سىياسى ، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ۋېرسال بازىرى چوڭ ئىنقىلاپتىن كىيىن جىمىپ كېتىپ ، 19 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىنىدا دۇنيا دىققەت قىلىدىغان سىياسى مەركەز بولدى . پرۇسىيە قوشۇنى1870 يىلى ۋېرسالنى ئىشغال قىلىۋالدى . ئىككىنچى يىلى گىرمانىيە پادىشاھى بۇ يەردە تاج كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .شۇ يىلى تىئېر ھۆكۈمىتى ۋېرسالنى بېسىۋېلىپ ، پارىژ كوممۇناسىنى باستۇرۇشنىڭ قانلىق پىلاننى تۈزۈپ چىقتى . بۇنىڭدىن باشقا 1856 - يىلى 3 - ئايدا رۇسىيە ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يەردە « پارىژ سۈلھى كېلىشىمى » ئىمزالىدى . سىنئەينەكلىك كارىدوردا فىرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر 1919 -- يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى گىرمانىيە بىلەن ۋېرسال سۈلھى كېلىشىمى ئىمزالاپ ، بىرنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى . l1-HO FBYODw بۈگۈنكى ۋېرسال سارىيى دۇنياغا مەشھۇر سەيلىگاھ بولۇپ ، ھەرقايسى دۆلەتلەردى كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ . ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغانلار ھەر يىلى 2 مىلىيۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ پارىژ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . h([0,:\ جەنۇبىي ، شىمالىي سارايلار ۋە ئاساسى ساراينىڭ ئاستىنقى قەۋىتى لۇئى فىلىپتىن باشلاپ مۇزېيغا ئۆزگەرتىلىپ ، قىممەتلىك ھەيكەل ، پورتىرېتلار ، غايەت چوڭ تارىخي رەسىملەر ۋە باشقا سەنئەت بويۇملىرى ساقلاندى . ۋېرسال سارىيىنى كىشىلەر ئېكىسكۇرسىيە - سەيلە قىلغاندىن باشقا رەھبەرلىرى مۇشۇ يەردە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بېرىدۇ . f5?hnt`m 37>MJ مەنبە : تولۇقسىز تىل - ئەدەبىيات 7 - يىللىق 2 - مەۋسۇم دەرسلىك . \{>eOD_ l$`G:%qHj 2014 - يىلى 23 - فۋرال ، گۈلنىھال . |
|