查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى شەخسى ئىشمۇ ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> ئوقۇتقۇچىنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى شەخسى ئىشمۇ ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

سەئىدىيە 2014-02-22 22:36

ئوقۇتقۇچىنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى شەخسى ئىشمۇ ؟

                                                ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى شەخسى ئىشمۇ ؟ EbJc%%c  
                                                                          ئابدۇغېنى مۇقىم &QFc)QP{  
     q-/t?m0  
•     يېقىندا، ئاز – تولا ئەسەر يېزىپ، گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان سىنىپ مۇدىرى بولۇپ قېلىپ، يېزىقچىلىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىنى ئېيتتى. %{? 9#))  
    يېزىقچىلىق قىلىش قارىماققا شەخسىي ئىشتەك قىلسىمۇ لېكىن، ئىنچىكىلەپ ئويلىغاندا، يېزىقچىلىقنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور پايدىسى بار. l]~IZTC  
    يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بولمىغان ئوقۇتقۇچى دەرسخانا تىلىنى ئۈنۈملۈك قوللىنالماي، ئوقۇغۇچىلارغا مۇكەممەل بىلىم يەتكۈزۈش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن بۇ شەرتنى ھازىرلاش تېخىمۇ زۆرۈر. چۈنكى، ئەدەبىيات تىل سەنئىتىدۇر. ئۆزىمىزدە مۇكەممەل يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا تىل – ئەدەبىياتنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى ھەرگىزمۇ شەخسى ئىش ئەمەس، بەلكى خىزمىتىگە پايدىسى بار ئىش. s? 2ikJq  
)    ۇتقۇچى مەكتەپكە يېزىقچىلىق قىلغىلى ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىلى كېلىدۇ، لېكىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەربىر خىزمىتىگە يېزىقچىلىق سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مەيلى تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بولسۇن، تىلدىن ئايرىلسا تەربىيەلەش خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلەنلا باشلىنىپ، ئۆزى بىلەنلا ئاخىرلىشىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى، ئۇ ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى، ئاشۇ ئىقتىدارنىڭ مەكتەپتە نامايان بولۇش مەسىلىسى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىنى قوللاشقىلا بولىدۇكى، چەكلەشكە بولمايدۇ. #K!"/,d@>J  
أ‌)    مەنبە : تەڭرىتاغ تورى h-DHIk3/  

ئەكبەرنىياز 2014-02-24 00:49
بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىكەن ، سەئىدىيەنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى شەخسى ئىشمۇ ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled