查看完整版本: [-- شائىر قۇربان باراتنىڭ تەرجىمھالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> شائىر قۇربان باراتنىڭ تەرجىمھالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tutya 2010-08-02 02:08

شائىر قۇربان باراتنىڭ تەرجىمھالى

ئىقتىدارلىق شائىر قۇربان بارات 1946-يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1958-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1962-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1970-يىلىدىن باشلاپ كورلىدىكى شىنجاڭ شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىدا كوررېكتور بولغان. 1980-يىلى كورلىدىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، «بۇلاق» ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1985-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، مۇھەررىرلىك قىلغان. R"nB4R0Uh  
          قۇربان باراتنىڭ تۇنجى شېئىرى «كاككۇك» 1956-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. شۇندىن تارتىپ، داۋاملىق ھالدا كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى كىتابخانىلار دېققىتىگە سۇندى. ھازىرغىچە تۆت يۈزگە يېقىن شېئىرى، ئون داستانى ئېلان قىلىندى. 1981-يىلى ئۇنىڭ «يېشىل ھايات» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1984-يىلى «ئاق روماللىق پەرىزات» ناملىق داستانلار توپلىمى نەشىر قىلىندى. يەنە «يېشىل ھايات» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1987-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىندى. «قىزىلگۈل» داستانى 1980-يىلى ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 30يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا داستان مۇكاپاتىغا، «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز» داستانى 1982يىلى «تارىم» ژورنىلى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئاق روماللىق پەرىزات»داستانى 1986-يىلى مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەدىبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر داستان» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «يېشىل ھايات»، «كەچكۈز لىرىكىسى»، «سەن-بۈركۈت ئۇۋىسى، سەن-ئالتۇن بۆشۈك...» شېئىرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى. MB]E[&Q!  
          ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىي ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە جۇڭگۇ، چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىمۇ ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئۇ «بوستان» (شەيخ سەئىدىنىڭ)، «ئا.س پۇشكىن . شېئىرىي چۆچەكلەر»، «م.يۇ. لېرمونتوۋداستانلار»، «ئەي چىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما (70-يىللار)»، قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «دىۋان ئاتايى»، «دىۋان سەككاكى»، «دىۋان نۆبىتى»، «دىۋان زوھۇرى» ۋە نەۋائىنىڭ «سەددئىي ئىسكەندەر» داستانىنى نەشىرگە تەييارلىدى. H 
ئۇ جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى. *C*J1JYp+  
:H}iL*  
مەنبە:http://uyqamus.com/index.php?doc-view-222 ~j!n`#.\  
%\'=Y/yP  

tawpek 2010-08-02 20:27
«يېشىل ھايات»، «كەچكۈز لىرىكىسى»، «سەن-بۈركۈت ئۇۋىسى، سەن-ئالتۇن بۆشۈك...» شېئىرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى. 1AJ6NBC&c  
rS@/@jKZE  
بۇ ئەسەرلىرى دەرىسلىكىمىزدە ھازىرمۇ بارمۇ؟

مىېھرىما 2014-01-16 22:03
پايدىللىق يازمىكەن رەھمەت.

ئەكبەرنىياز 2014-02-13 03:14
بۇ مەزمونلار ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىكەن ، كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- شائىر قۇربان باراتنىڭ تەرجىمھالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled