مۇنەۋۋەر |
2014-02-22 11:43 |
تىل گۈزەللىكى-قەلب گۈزەللىكىدۇر
تىل گۈزەللىكى-قەلب گۈزەللىكىدۇر ]C) 4 l,kUhZ@W مۇنەۋۋەر مەنسۇر ;cQ6g`
bM\ ]
wtb-PC شەمسۇلمالى قابۇسنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «قابۇسنامە»دە مۇنداق بىر ھېكايەت بايان قىلىنغان. nVi[ پادىشاھ ھارۇن رەشىد باغداتتا بىر كېچىسى چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئاغزىدىكى چىشلىرىنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەنمىش. ئۇ بىر چۈش تەبىر ئالىمى چاقىرتىپ بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى سوراپتۇ. [<6S%s -بۇ چۈشنىڭ تەبىرى شۇكى،-دەپتۇ تەبىرچى ئالىم-بارلىق تۇققان-قېرىنداشلىرىڭىز سىزدىن ئىلگىرى ۋاپات بولىدۇ. sJDas,7> ھارۇن رەشىد بۇ ئالىمنىڭ تەبىرىدىن رەنجىپتۇ، تەبىرچىنى قامچا بىلەن ئۇرۇشقا پەرمان قىپتۇ ھەم ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ: <>8WQn,K -ئەي سۆز بىلمەس نادان! سەن كىم ئىدىڭ، مېنىڭ بۇ چۈشۈمگە قارىتا يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە قوپاللىق بىلەن شۇنداق دەمسەن؟ قەۋم-قېرىنداشلىرىم مەندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ھالىم نېمە بولىدۇ. دۇنيادىن ماڭا نېمە لەززەت-راھەت كېلىدۇ؟-دەپتۇ. AT%u%cE- ئىككىنچى بىر تەبىر ئالىمى چاقىرتىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز چۈشىنى سۆزلەپتۇ. FAj)OTI2S -ئەي پادىشاھ،- دەپتۇ ئىككىنچى ئالىم،-بۇ چۈشنىڭ تەبىرى شۇكى، ھەزرەتلىرى بارلىق قەۋم-قېرىنداشلىرىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەنلا. K2<9mDn& پادىشاھ ھارۇن رەشىد بۇ ئالىمنىڭ سۆزىنى خوش كۆرۈپتۇ ۋە: v+X)Qmzf~ -«ئەقىلنىڭ يولى بىردۇر». fe9LEM8j ئىككى سۆزنىڭ مەنىسى بىر، لېكىن ئىبارىلىرى باشقىدۇر،-دەپ ئىككىنچى تەبىر ئالىمغا يۈز ئالتۇن مۇكاپات بۇيرۇپتۇ. sL\L"rQN6 بىرىنچى ئالىمنىڭ تەبىرىمۇ شۇ مەنادا ئىدى، ئەمما قوپال ئىبارە بىلەن سۆزلەپ، سىلىق ئىپادىلەپ بەرمىگەچ، يۈز دەررە يىدى. ئىككىنچى ئالىم گۈزەل ئىبارە بىلەن بايان قىلىپ، سىلىق ئىپادىلەپ بەرگەچ، يۈز ئالتۇن مۇكاپات ئالدى. دېمەك سۆز بىلەن سۆزنىڭ پەرقى بار. MZT23[+ سۆز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇ ئىنساننىڭ كۆڭلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. e8GEoD بىر شەخسىنىڭ سۆزلەش سەنئىتى شۇ كىشىنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارى، ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇڭا، ھازىر مەخسۇس سۆزلەش سەنئىتىنى ۋە ماھارىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۆگىتىدىغان پەن «نۇتۇق ۋە نۇتۇق سەنئىتى»گە ئائىت ھەر خىل ئەسەرلەر ، توم-توم كىتابلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، سۆزلەش ماھارىتىمۇ بىر خىل پەن يەنى ھۈنەر-سەنئەت، دۇنيادىكى ھۈنەر-سەنئەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان سەنئەتتۇر دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. 2u5|8 سەۋرى-تاقەت تىزگىنىنى قولدىن بېرىپ، زەھەرلىك تىل قىلىچى بىلەن كۆڭۈللەر بوستانىنى ياۋايىلارچە تىلسىڭىز، مەڭگۈلۈك جاراھەت دېغى قالدۇرۇپ قويغان بولىسىز، دوستنىمۇ دۈشمەن قىلىسىز، ياخشىدىن ئايىرىلىپ قالىسىز. ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز «تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ» دەپ ناھايىتى جايىدا ئېيتقان. [x,>?~6ek «سۆيگۈزگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل»، «ئادەمنىڭ سۆزى-ئەقىلنىڭ تارازىسى»، «ياخشى سۆز روھى ئۇزۇق، يامان سۆز باشقا قوزۇق»، «بۇغداي نىنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟» ... دېگەندەك چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھېكىمەتكە ئىگە ماقال-تەمسىللەردىنمۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىل ئىشلىتىشتە گۈزەل ئىبارىلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۈيۈك پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»تە «ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قېرىمايدۇ: بىرى-ياخشى ھەرىكەت، بىرى-ياخشى سۆز» دېگەن بولسا، ئەلشىر ناۋايى: «ھەر قانداق كۆڭۈلگە قاتتىق تىلدىن جاراھەت يېتىدۇ. يۇمشاق سۆز، شېرىن تىلدىن راھەت يېتىدۇ. مۇلايىم، چىرايلىق سۆز ياۋايىلارنىمۇ دوستلۇققا باشلايدۇ» دېگەن ئىدى. mD^jd+ جامائەت سورۇنلىرىدا، دوستلار يىغىلغاندا سۆزدە ئەدەبلىك بولۇپ، ياخشى سۆز قىلىش، ئاچچىق مەسخىرە، قوپال چاقچاقلارنى قىلماسلىق كېرەك. جامائەت سورۇنلىرىدا باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئېچىش، زىتىغا تېگىدىغان گەپ قىلىش، مەسخىرە قىلىش ناچار قىلىق، باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگسىڭىز، ئاچچىقىدا سىزگە ھوجۇم قىلىدۇ. نەتىجىدە جىدەل چىقىدۇ، سورۇننىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ، بۇ بەتقىلىقتىن جامائەت بىزار بولىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل سورۇنلاردا مۇلايىم پۇزىتسىيەدە بولۇپ ياخشى سۆز قىلىش، بولمىسا جىم ئولتۇرۇش لازىم. ئەلشىر ناۋايى ئېيتقاندەك: «مۇلايىملىق ئىتتىپاقسىزلىق شامىلىنىڭ ئۇچۇرۇپ كېتىشىدىن ۋە ھەۋەس كوچىسىدىكى مۇناپىقلارنىڭ يولسىز غەزەپلىرىدىن ساقلىغۇچىدۇر. ئۇ خەلقنىڭ ئىززەت-ئىكرامنى تارتقۇچى، چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە ئىلتىپاتىنى قوزغىغۇچىدۇر. 9R7A8
دوستلار ئارا ھەزىل چاقچاقتا، سۆھبەتلەردە مەدەنىي، ئىلمىي، سىپايە بولۇش لازىم. بىرەر ياخشى ئىشنى تەبرىكلەش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ئىناقلىقنى، شادلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. قوپال چاقچاق، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىش، دوستلۇق، ھۆرمەت پەردىسىنى يىرتىدۇ. ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرىدۇ-دە، سەلتەنەتلىك دوستلۇق بىناسىغا چاك كېتىدۇ. دوستلار ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدىدا بارىنى پىدا قىلىش، دوستلىرىغا ئاي بىلەن كۈندەك ھەمىشە يورۇق، ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، خام قايماقتەك يىقىشلىق، يىپەكتەك سىلىق سۆزلەش كېرەك. ;n&t>pBM ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا: «قاچان كەلدىڭ، نەگە ماڭدىڭ، نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سوراققا تارتىش ئەدەبسىزلىك، قوپاللىققا ياتىدۇ. يەنە سۆز ئىبارىلەرنى مەنىسىنى چۈشىنىپ دەل جايىدا، توغرا ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك. ,uSQNre\j بىزنىڭ تىلىمىزدا سىلىق-سىپايە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەر تولىمۇ كۆپ. مەسىلەن: «سىلى، ئۆزلىرى، سىز، سىزلەر» دېگەن ھۆرمەت سۆزلىرىمۇ بار. چوڭلارنى بوۋا، دادا، ئاكا، ئانا، ھامما، ئاچا، كىچىكلەرنى: ئۇكام، ئىنىم، سىڭلىم دەپ چاقىرىدىغان ئەدەب ئاتالغۇلىرىمىز كۆپ. شۇڭلاشقا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ھەربىر ئادەمنىڭ يېشى، بىلىمى، نوپۇزى ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ مۇۋاپىق ھۆرمەت ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتاشنى ئادەت قىلىش كېرەك. :{q<{^c سۆز ئادەمنىڭ ھۆسنى، ھەربىر ئادەم سۆزگە ئۆزىنىڭ قابىليىتى، پەزىلىتى، پۈتۈن ۋۇجۇدىدا بارىنى بېغىشلايدۇ. چۈنكى كۆڭۈل خەزىنىسىنىڭ قولۇبى تىلدۇر ۋە ئۇ خەزىنىنىڭ ئاچقۇچىمۇ تىلدۇر. شۇڭا، ئۆز-ئارا مۇئامىلىدە ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا سۆز-جۈملىلەرنى ئېنىق، توغرا، دەل جايىدا، سىلىق-سىپايە، مېغىزلىق، يېقىملىق ۋە چىرايلىق سۆزلەشنى ئادەت قىلىشمىز ھەم ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. Bg|5KOnd x7eQ2h6O Q+W1lv8R
|
|