查看完整版本: [-- دانالار ھېكىمەتلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> دانالار ھېكىمەتلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مۇنەۋۋەر 2014-02-22 11:41

دانالار ھېكىمەتلىرى

$HV`bJ5!L*  
دانالار ھېكىمەتلىرى do@BJWo  
w5mSoK b  
قويمىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە ، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ . L%4Do*V&  
* شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى جەڭ مەيدانىدىكى ئوقيا تېگىپ ئۆلمىگەن قەھرىمان ، زىياپەت ئۈستۈلىگە تىزىلغان ھاراقتا ئۆلىدۇ. K<"Y4O#]  
* ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق ، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ . .4,l0Nn`W  
* بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش ھېسقىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر . سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە . سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ . fngk<$lvg  
* خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت . لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما ! c+]5[6  
* ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر . %hb! 1I  
* دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش . Z~ {[YsG  
* كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش . Dq~D4|  
* ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقى ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ . h%(0|  
* مۈشكۈلات ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش ھاراق ئالدىدا ئېگىلىدۇ . قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ . mi$*,fz  
* سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا . 1M/_:UH`  
* ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ . پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي ، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەل ئادەمدۇر . s4Y7x.-  
* رىقابەت مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ : بىلىم ئىقتىدار رىقابىتى ، يەنە بىرى خوشامەت سوغا سالام رىقابىتى ، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بۇ ئىككىسى تەڭلا مەۋجۈت .* قۇلدارلار ، بايلار ۋەيران بولۇپ تەس كۈنگە قالغاندا ، ئىككى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يەيدۇ : بىرى يوقسۇللاردىن خەۋەر ئالمىغىنىغا ۋە جەمىيەتكە تۆھپە قۇشالمىغىنىغا ، يەنە بىرى تازا قېنىپ ئەيىش – ئىشرەت ۋە راھەتتە ياشىيالمىغىنىغا . =[V  
* بەزىلەرنىڭ كۆزى توق لېكىن قۇسقى ئاچ . پارىخورنىڭ بولسا قوسقى توخ كۆزى ئاچ كېلىدۇ . N"#=Q=)x  
* سەن چۈشەندۈرەلمىگەنكەنسەن ئاغزىڭنى يۇم . مۇتىھەم مۆتىھەمدىن قورقىدۇ . $4*k=+wS  
* ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ . سەن ئۆزۈڭنى بىلەلمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىسەن . @+ U++  
* ئارام ئېلىشنى بىلمەي دائىملا ئىشلەيدىغان ئىشۋاز بىر بولسا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات كىشى . بىر بولسا بالدۇر ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى . / qo`vk A  
ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ . ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق ، جۈرئەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ . ImVHX~ qHJ  
* سېنى ھۆرمەتلەيدىغان ، سۆيىدىغانلار نەدە بولسا شۇ يەردە ياشا ! pUXszPf  
* ھازىر ئۇچۇر ۋاستىلىرى راۋانلاشتى بىراق سالام خەت يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق . ئۇنى يەنە خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇ دوستلۇق رىشتى ، ھىسىيات كۆۋرۈكى ، ۋە زىمىستان قىشتىكى ھارارەتلىك ئوت ، تومۇز ئىسسىقتىكى مۇزدەك سۈزۈك بۇلاق سۈيى . iH""dtO  
* ئادەتتىن تاشقىرى باغرى يۇمشاق كىشى ھىچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ . .8.LW4-ff  
* كىمكى ھاراق سورۇنىدا ياكى ئادەم ئەڭ كۆپ سورۇندا ۋىجدان ، غورۇر ھەققىدە قۇرۇق گەپ قىلىدىكەن سەن ئۇنۇڭدىن سەگەكلىك بىلەن ئاگاھ بول ! T1Y _Jf*KJ  
* ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر ، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھكرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ . *yx n*B_xZ  
* ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتىۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى زور پەرىقتۇر . 4(FEfde=  
* كۆپ بىلىم بىلمىسىمۇ لېكىن چوڭقۇر تەپەككۈر قىلالايدىغان ئادەم ھەقىقى ئالىم دىيىشكە مۇناسىپ . dNMz(~A[Y  
* يۈرەك ئوڭشالمىغىچە ئادەم ئوڭشالماس ، يۈرەك ساغلام بولمىسا ئادەم خاتىرجەم ياشىيالماس . KDzTe9  
* دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاياللار ، بەخىت – سائادىتىنى ئەرلەر يارىتىدۇ . 9s}y*Vp  
* جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى قانۇننى توغرا ئىجرا قىلمىغانلىقتىن ، چېكىنىشى مائارىپنى ھەقىقى قوللىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ . (]l}QR%Bxu  
* بالىلارغا قاراپ جەمىيەتنى ، ئەۋلاتلارغا قاراپ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى كۆرگىلى بولىدۇ . %[9d1F 3  
* ھايۋانلارنىڭ ئەخمەقلىقى دۆتلىكىدىن كۆرۈلسە ، ئادەملەرنىڭ ئەخمەقلىقى دورامچىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ . :UgCP ~Y  
* دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرقۇنۇچلۇق ۋاقىت ئادەم ئۆزىدىن زېرىككەن ۋاقتىدۇر . $J] b+Bp  
* جەمىيەتنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئاڭلىق تۈزەت ، كېسەلنى ئۇرۇپ – سوقۇپ تۈزەتكىلى بولمىغاندەك يامان ئىللەتنى تىللاپ تۈزەتكىلى بولمايدۇ . پەقەت ئادەملەر ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئۆزىنى تۈزىشى كېرەك . OAhCW*B  
* ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق. >(aGk{e1  
                                               u(!@6%?-  
                                                           مەنبە: دانالار سۆزلىرىدىن  تاللانغان. },G>+ s8h  
,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,,, 9(PQ7}  

بابۇر0725 2014-02-22 18:26
تەربىيىۋىلىكى چوڭقۇركەن.ئەستايىدىل ئوقۇپ باقساق ،ئويلىنىپ باقساق بولغۇدەك

parixta 2014-02-22 21:01
ياخشى تاللانغان ھىكمەتلەر ئكەن. ھارمىغايسىز!

ياسىنجان510 2014-02-22 21:07
پەلسەپىۋىلىكى ناھايىتى چۇڭقۇر ھېكمەتلەرنى يوللاپسىز سىزگە رەھمەت.

ataxkiz 2014-02-22 22:21
ناھايىتى ياخشى ھېكمەتلەر ئىكەن ، خاتىرلىۋالغۇدەكلا ، رەھمەت سىزگە .

گۈلنىھال 2014-02-23 09:44
ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن ئەرلەر ، پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھكرمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ . Q+d9D1b  
* ئۆزىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا تۇتىۋېلىش ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى زور پەرىقتۇر . 01md@4NQ  
~HbZRDcJc  
iV8j(HV  
ياخشى  ھېكىمەتلەركەن ، رەھمەت !

ئەكبەرنىياز 2014-02-26 18:28
ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ئېسىل ھېكمەتلەر بىلەن ئۇچراشمىغىلى ، كۆپ رەھمەت !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-26 18:34
ياخشى ھېكمەتلەركەن ،ئىزچىللىىق يار بولغاي !

مۇنەۋۋەر 2014-02-28 22:58
رەھمەت سىلەرگە، بىرلىكتە تىرىشايلى. ياخشى ماتېرىياللاردىن ئورتاق پايدىلىنايلى.


查看完整版本: [-- دانالار ھېكىمەتلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled