查看完整版本: [-- بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى « خىزمەت» --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى « خىزمەت» [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مۇنەۋۋەر 2014-02-22 11:34

بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى « خىزمەت»

بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى « خىزمەت» |a`Sc %  
   Hc$O{]sq  
مۇنەۋۋەر مەنسۇر H.|#c^I  
oAJM]%g{  
ئالىي مەكتەپ ئالىي بىلىم يۇرتى، ئۇ دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرىدىغان مۇقەددەس ئورۇن. جەمئىيەتنىڭ تەرەقىقىياتى ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.  ھازىر ئاللىبۇرۇنلا دۆلەت بىر تۇتاش خىزمەت تەقسىملەيدىغان ئۇسۇل ئەمەلدىن قالدى. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، دۆلەت ۋە ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ئورۇنلار ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەرخىل مەمورىلىق ئىمتىھانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانا–شېركەتلەرگىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئېھتىياج تەلەپتىن ئشىپ كەتكەچكە، يەنىلا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىش ئورنى تاپالمايۋاتىدۇ. بۇ ئىشقا دۆلەت، جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر ئىزچىل جىددى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. .B]MpmpK  
بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ مەسلىلەرگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟ مەن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇغان، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن مىساللار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ بەزى كۆز- قارشلىرىمىنى پىكىرداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى؛ Fa Qe_;  
مەن ئوقۇغان ۋە ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان شۇنداقلا سىلەرگە تەۋىسىيە قىلماقچى بولغان«ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر» ناملىق ئەسەردە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ئاللىبۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرى يېزىلغان بولۇپ، ماڭا ئىچىدىكى مساللار ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. كىتابتا نەتىجە قازانغانلارمۇ، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلەرمۇ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانلارمۇ ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان. مىسالەن، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا قەغەز ئېلىپ ساتقان ھەم شۇئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەلۇم ئىقتىسادى قىينىچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان ھېلىقى ئوغۇل ساۋاقداش؛ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ باشقىلار ھېچ يەردىن خىزمەت تاپالمىسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە «تالاش»تا قالغان قىز ساۋاقداش؛ يەنە بۇلارغا قارىمۇ-قارشى ھالدا، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپ كىچىك ئىشنى ياراتماي، چوڭ ئىشنى قىلالماي، ئاخىردا سىرتقىمۇ چىققىسى كەلمەس بولۇپ قىلىپ، ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش قىزغىنلىق بولغان ئىنى-سىڭىللىرىغا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان بەزى ئوقۇغۇچىلار...ئۇلار خىجىل بولماستىن، مەكتەپتىن، جەمئىيەتتىن زارلىنىدۇ. $m%f wB  
ئويلاپ بىقىڭ، مەكتەپنىڭ ھەرقانداق خىزمىتى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەكتەپلەرمۇ يىلدىن يىلغا يېڭى كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، شارائىتلارنى ياخشىلاپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھە دېسە مەكتەپنىڭ شارائىتلىرىدىن، كۈتۈبخانا، ئاشخانا، ياتاقلىرىدىن زارلىنىدۇ. زارلىنىش مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس بەلكى زىددىيەت پەيدا قىلغۇچى ئامىلدۇر. ئازراق زارلىنىشنڭ ئورنىغا، كۆپرەك ئۆگىنىڭ، ئىزدىنىڭ.   RXp w!  
كىتابتىن ئەمەلىيەتكە قايتىپ كەلسەم، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەت كۆتۈپ ئولتۇرماستىن، بەلكى بىر تەرەپتىن بالا باققۇچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەچلىك كورستا تىل ئۆگىنىۋاتقان قىز ساۋاقدىشىم؛ بىر تەرەپتىن مەمورىلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەلۇم ئاشخانىدا تاماق تۇشۇغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئوغۇل ساۋاقدىشىم، ھەتتا يۈك تۇشۇش ئورنىدا يۈك كۈتۈرگەن، ئاياقمۇ مايلاپ باققان تۇنۇش دوستلىرىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم. ئەمما بۇلاردىن خۇش بولدۇم، كىم بۇلارنى خىزمەت ئەمەس دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېڭىدىكى خىزمەتكە بولغان تونۇش مەسلىسىىدۇر.مەن شۇنداق ئويلايمەن، خىزمەتنىڭ چوڭ-كىچىك، يۇقىرى-تۆۋىنى بولمايدۇ. u~M q*  
يەنە بىر تونۇشىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ بىر ساۋاقدىشى، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي شاللىنىپ قاپتۇ. ئۇ بۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرماستىن، ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، گىلەم سودىسى بىلەن شوغۇللىنىپ، ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تىجارەتچىلەرنىڭ بىر بولۇپ قاپتۇ، تېخى دۆلەتنىڭ سىياسىتى بويىچە، باج كەچۈرۈم قىلىشقىمۇ ئېرىشىپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپى بىلەن ھازىرقى تىجارىتىنىڭ بىۋاستە باغلىنىشى بولمىسىمۇ، ئەمما شۇ ئۆگەنگەن ئۇنىۋېرسال بىلىملىرى ئاساسىدا، ئۇ ناھايىتى تېز ئۆگىنىپ، ئۆزى بىلەن تەڭ ئىش باشلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئىش باشلىغان تىجارەتچىلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئىلمىيلىكى، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپتۇ.    
يەنە بىر كومپىيوتېرىدا ئېلان-لايىھلەش، فىلىم كىرىشتۈرۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ يول تاپقان بىر ساۋاقدىشىمىز، ئۆتكەندە ناھىيىسىدىن «كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تىجارەتچى» دەپ تەقدىرلىنىپ، تېخى ئۈرۈمچىگە مەخسۇس تەربىيلىنىشكە كەپتۇ. ئەلۋەتتە، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بالىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بىز ئايرىمىلىققا ئەمەس، ئۇمومىيلىققا نەزەر تاشلىشىمىز كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك، بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاشخانىلاردا، يۈك تۇشۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىشى، قاسساپلىق قىلىشى، ئاياق مايلىشى قاتارلىقلار ۋاقىتلىق ئىش، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ شۇ ئىش بىلەن ئۆمۈر بۇيى بەنت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ ئۆيدە يىتىۋىلىپ، ئائىلىگە يۈك بولغاندىن ياخشى. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ بۇلارنى ماختاپ-مەدھىيلەپ، تەشۋىق قىلىغانلىق ئەمەس. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن، بىر مەزگىل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ، جەمئىيەتتىن ھەقىقىي بىر كىشلىك ئورنىنى تىپىش ئەڭ مۇھىم بىر تەرەپتۇر. 1MP~dRZ$  
قىسقىسى، ھازىرقى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ۋە ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپ كەلمىگەن ئاساستا، مەلۇم بىر ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشنىڭ ئۆزى خىزمەتتۇر. گەپ خىزمەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ياخىشى-يامانلىقىدا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنىڭ يۇقىرى –تۆۋەنلىكى، نىشانىڭىزنىڭ ئېنىق–ئېنىق ئەمسلىكى، يېڭىلىق يارىتىش روھىڭىزنىڭ بار-يوقلىقدا. كاللىڭىزدا شۇ ئوقۇم ئېنىق بولسۇنكى، ھەرقانداق ئالىي مەكتەپ سىزگە پۈتمەس-تۈگىمەس بىلىم-ئىلىم بېرەلەيدۇ، لېكىن سىزگە چوقۇم خىزمەت بېرەلىشى ناتايىن. چۈنكى بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دەۋرنىڭ تەلپى. شۇڭا، سىزنىڭ ئىدىيىڭىزدە «خىزمەت» توغرىسدا ئېنىق سان بولسۇن. سىز قانداق خىزمەتكە ئېرىشمەكچى؟ شۇ خىزمەتكە قانداق ئېرىشمەكچى؟ سىز ھازىر قىلىۋاتقان ياكى ئۆگىنىۋاتقانلىرىڭىز ئارقىلىق شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەمسىز؟؟؟ ساۋاقداش، «تاللاش توغرا بولمىسا، تىرىشچانلىق نۆلگە تەڭ بولىدۇ». @;zl  
zUkgG61  

بابۇر0725 2014-02-22 18:29
رىئاللىق ياخشى تەھلىل قىلىنىپتۇ.تۇرمۇش قانۇنىيىتىمۇ ياخشى شەرھىيلىنىپتۇ. ھارمىغايسىز

ataxkiz 2014-02-22 22:26
شۇنداق ، بىزدە گاھىلار بار نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردىن نۇمۇس قىلمايدۇ ، نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلاردا نۇمۇسچان بولۇپ كېتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقىقىي نۇمۇسسىزلىق . I*:%ni2  
!_]Y~[  
         ياخشى تېمىكەن ، يەنىمۇ داۋاملىق ئىزدىنىشىڭىزگە ، ئىلگىرلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .

ئالپاغۇت 2014-02-22 23:39
«ھازىرقى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە ۋە ئۆز ۋىجدانىغا خىلاپ كەلمىگەن ئاساستا، مەلۇم بىر ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشنىڭ ئۆزى خىزمەتتۇر. » 6 C1#/  
بۇ گەپ ناھايىتى توغرا، قانچىلىك نەپكە ئېرىشىشىمىز قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە باغلىق.

گۈلنىھال 2014-02-23 09:50
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا قەغەز ئېلىپ ساتقان ھەم شۇئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەلۇم ئىقتىسادى قىينىچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان ھېلىقى ئوغۇل ساۋاقداش؛ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ باشقىلار ھېچ يەردىن خىزمەت تاپالمىسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە «تالاش»تا قالغان قىز ساۋاقداش؛ يەنە بۇلارغا قارىمۇ-قارشى ھالدا، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۆيىگە قايتىپ كىچىك ئىشنى ياراتماي، چوڭ ئىشنى قىلالماي، ئاخىردا سىرتقىمۇ چىققىسى كەلمەس بولۇپ قىلىپ، ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش قىزغىنلىق بولغان ئىنى-سىڭىللىرىغا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان بەزى ئوقۇغۇچىلار...ئۇلار خىجىل بولماستىن، مەكتەپتىن، جەمئىيەتتىن زارلىنىدۇ. ... _>o:R$ %}  
lB8-Z ow  
بۇ ‏ئاچچىق رىئاللىق ... بىز ھازىر ھەرقانداق بىر يېتەرسىزلىك ، خاپىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى جەمىئىيەتكە ئارتىپ قويۇپ ، ئۆزىمىزنى ئالداپ ياشاشقا كۆنۈۋالدۇق .... 3p$?,0ELH  
'NbHa!  

گۈلنىھال 2014-02-23 09:57
‏ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ، تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن -  نۇرغۇن .... لار   nd`1m[7MNu  
b3P+H r  
‏ھەممىنى جەمىئىيەتتىن كۆرىۋەرسەك  ، ھەي ... b;L\EB  
‏جەمىئىيەتنىڭ غەزەپ بىلەن كېلىپ كارنىيىمىزنى بوغمىغانلا يېرى قالدى - دە !

گۈلنىھال 2014-02-23 09:57
ياخشى ماتىرىيال  يوللاپسىز ، رەھمەت !

قاراخان 2014-02-25 23:02
ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.

ئەكبەرنىياز 2014-02-26 18:20
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېمىكەن ، بىز تىرىشىپ ئۆزىمىزنى نامايەن قىلمىساق ، مەڭگۈ نەزەرگە ئېلىنماي ئۆتۈپ كېتىمىز !!!

مۇنەۋۋەر 2014-02-28 22:56
رەھمەت سىلەرگە، بىرلىكتە تىرىشايلى.


查看完整版本: [-- بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى « خىزمەت» --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled