查看完整版本: [-- ئانا تىل بايرىمىغا سوۋغا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> ئانا تىل بايرىمىغا سوۋغا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

maaripqi 2014-02-20 18:40

ئانا تىل بايرىمىغا سوۋغا

ئانا تىل بايرىمىغا سوۋغا :i0uPh\0  
8H%;WU9-  
iowTLq!?  
      ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلار ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !! شۇنداقلا ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر  تىلىنىڭ تېخىمۇ گۇللەپ ياشنىشىنى،پۇتكۇل ئۇيغۇرۇمنىڭ ئاغزىدىن چۇشۇپ قالماستىن مەڭگۈ سۆزلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،ئۆزۇم ياسىغان سۆزلەردىن ھازىرچە ئەللىكنىسوۋغا قىلاي. كىيىن ئاللا خالىسا يەنە بەشيۈزنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق يېڭى-يېڭى سۆزلەرنى سوۋغا قىلىش ئارزۇيۇم بار......كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.ئاشۇ ياسىغان سۆزلىرىمدىن بىر -ئىككىسى ئۇيغۇرسۆزلىكلىرىگە قوشۇلۇپ  ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. 3U 
h1j!IG  
1.ئايرۇپىلان(روس<گىرىك)--ئۇچقۈ (باشقىلارنىڭ) {0[tNth'h  
2.ئايدۇرۇم(روس)--ئۇچقون     ئايدۇرۇم ئايرۇپىلان ئۇچۇپ ،قونىدىغان جاي بولغاچقا ئۇچ+قون=ئۇچقون دىسەك ، G~F b  
3.ماي كىلاپانى-- (كىلاپان-روسچە)ماي تەپ ncZ+gzK|"  
4.تورمۇز(روسچە)--توختال ياكى توختالتەپ،تىزگىنتەپ 5[8xV%>;  
5.لىخاچى(خەن)-- بوشتەپ #Vnkvvv  
6.خورت(روسچە)--چاپ  مەسىلەن:ئاتنى تىز چاپتۇرغىن.چاپە ئېتىم چاپ....بىرىنجى چاپ،ئىككىنجى چاپ....دىگەندەك 1=t>HQ  
7.سىۋىچ(روسچە)--يانغۇچ ياكى ئۇچقۇنلۇغ fo5iJz"Z  
8.رول(روسچە)--تۈتلۇغ 6tXq:  
9.ئادرىس(روس<فىرانسوز)--تۇرجاي ~KHVY)@P  
10.ئارخولوگ(روس<گىرىك)--تېپىمچى R?68*} `7  
11.ئارخولوگىيە(روس<گىرىك)--تېپىمبىلىك ,.rs(5.z8/  
12.ئاسترونوم(روس)--كۆكبىلىكچى 3_txg>P"  
13.ئاسترنومىيە(روس<گىرىك)--كۆكبىلىك "|Xk2U  
14.ئاگرونومىيە(روس<گىرىك )--تېرىمبىلىك uZM{BgXXD  
15.ئاگرونوم(روس)--تېرىمبىلىكچى ?6Jx@Sh  
16.بالكون(ئىتالىيە)--شامالداق QOjqQfmM;  
17.توك(روسچە )--يانىق ;-9=RI0  
18.باتارىيە(روس<فىران)--يانىقچۇق ياكى توكچۇق ]+(6,ct&.  
19.چۇڭدەنچىي(خەن)--يانىقلاتقۇ ياكى توكلاتقۇ u xW~uEh  
20.ئاككۇمۇلياتور(روس<لاتىن)--يانىقلاندى ياكى توكلاندى q;QbUO  
21.سوسكا(روس)--ئىمىزگە (بۇرۇندىن بار) k40* e\  
22.سومكا(روس)--سېلىمچا sArhZ [H  
23.سىتودىنت(روس<لاتىن)--ئوقۇلچى V=zi >o`   
24.ئۇنۋېرسىت(روس<لاتىن )-- ئوقۇل ]%|GmtqZs,  
25.رىئالىزىم(روس<لاتىن  )--چىن يېزىم S/^"@?z,vE  
26.دىبەن(خەن)-- قاراسىن ياكى قالدۇق سىن ~V&aUDO>/  
27.دېپلوم(روس<فىرانسوز )--پۈتلۈك ياكى ئوقۇل پۇتۈگ jqv-D  
28.دىسسېرتاتسىيە( روس<لاتىن  )--ئۆگۈت يېزىم ياكى ئۆگۈت بايان E0u~i59Z  
29.لىكسىيە(روس<لاتىن   )--دىلبايان lz"OC 
30.راكىتا(روس<نېمىس)--كۆكشۇڭغۇ Rn{iaM2Y<  
31.رەگەتكە(روس)--سالغا(قۇمۇل) >c9 a0A  
32.رادىئو(روس<لاتىن)--تىڭشىغۇ 4T!+D  
33.ئېرجىي(خەن)--تىڭشالچۇق }"=AG  
34.دامكىرات(روس<نېمىس)--كۆتەرتىم /RHo1  
35.تېلىۋىزور(روس<گىرىك)--كۆرگۈن ياكى كۆرگۈ سىن EGZb7:Y?  
36.تېلىۋىزىيە(گىرىك<لاتىن)--كۆرگۈنلۈك ياكى كۆرگۈسىنلىك KnsT\>[K  
37.چاستوتا(روس)--تەرۋىن :E>HE,1b+  
38.دىئاگنوز(روس<گىرىك )--ئەم يەكۈن EmODBTu+  
39.دىئالىكىت( روس<گىرىك  )--تىلئارىم 0KGY\,ae:;  
40.دوخوپكا(روس)--پۈشرۇقدان &_"]5/"(  
41.دوسكا(روس)--يازتام ``OD.aY^s  
42.كويزا(خەن)--بوغاغۇ(قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى) +"8,Mh  
43.يەسلى(تورسو)--ئوقۇلباغ G }FIjBE  
44.تورت(روس<ئىتالىيە)--تۇغۇم كەسمە Eh|]i;G%  
45.پۇرژىنا(روس)--لىڭگىرتىم ياكى قاڭقىغاق aj?a^}X  
46.مىترو(روس<فىران)--چاپقۇر #*TEq  
47.مېدال(روس<فىران )--تارتۇق #/I[Jqf  
48.مىدىتسىنا(روس <لاتىن)--ئەملەبىلىك :%sXO  
49.مىكروفىن(روس<گىرىك)--ئۈنيانغۇ e0J6Ae4V[  
50.مىكروسكوپ(روس<گىرىك )--سىنچىلغۈ XK : 9r{r{  
51.شوۋداڭ-قولخورت ET[k pL  
52.زىدۇڭداڭ-ئۆزخورت. ({NAMc*  
53.تەييار چۆپ----تەلچۆپ X+~ XJ  
z^GDJddG  
قېنى داۋاملاشتۇرايلى، بەك ياخشى بولىۋاتىدۇ... \TF!S"V  
مەنبەسى:باغداش مۇنبىرى. alsar   يازمىسى

مىېھرىما 2014-02-20 19:55
پايدىلىنىش قىممىتى بار  ياخشى ماتىريالكەن . سىزگە رەھمەت .

گۈلنىھال 2014-02-20 20:40
‏ھەقىقەتەن كاتتا ئەجىر بوپتۇ ، داۋامىنى كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-20 21:52
ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ !

parixta 2014-02-20 21:56
كۆپ ئەجىر قىپسىز. تىل بايلىقىڭىزغا ئاپىرىن!! &<+ A((/i  
1-Po Z[p-R  
  ‹‹ 27.دېپلوم(روس<فىرانسوز )--پۈتلۈك ياكى ئوقۇل پۇتۈگ››   (‹‹ دېپلوم›› دېگەن بۇ سۆزنى  بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە ياشقا چوڭلار ــــ ‹‹ شاھادەتنامە،  ياكى شاھىتنامە›› دەيدۇ.

ozqan 2014-02-21 10:50
نېمە دېگەن يېقىملىق ئاتاشلار بۇ ، نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىنى بەك ياقتۇردۇم .

attila 2014-02-21 11:14
ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ. ئىزدىنىشىڭىزگە رەھمەت. $46{<4.  
بىراق، مەنچە، تىلىمىزغا ئومۇمىيۈزلۈك ئۆزلىشىپ كەتكەن، يەنە لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ بولغان سۆزلەرنى ئۆزگەرتىش تىل قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. شۇڭا ھازىرقى مۇھىم مەسىلە، بار سۆزلەرنى ئۆزگەرتىشتىن كۆرە يېڭىدىن ئارلىشىۋاتقان، ئانا تىلدا تەڭدىشى بار سۆزلەرنى ئوڭشىساق تېخىمۇ ياخشىمىكىن دەيمەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك بىر يازغۇچىنىڭ «ئۈستەل يەنىلا ئۈستەلدۇر» دەيدىغان بىر ھېكايىسى بولىدىغان. روھىڭىزغا رەھمەت! 5qf BEPJ  
مەن ئىككى سۆز دەي: 1› شوۇداڭ-قولخورت. 2› زىدۇڭداڭ-ئۆزخورت.

گۈلنىھال 2014-02-21 15:18
‏پۈتۈن ئادەمگە تارقىتىپ ئومۇملاشتۇرالىغان بولساق ، نەقەدەر سۆيۈملۈك ئش بولاتتى  -- ھە !!

koksangun 2014-02-21 15:18
بۇ ھەقىقەتەن نادىرلىغۇدەك ئېسىل ئىزدىنىش بوپتۇ، ئانا تىل بايرىمىدا كاتتا سوۋغىغا ئىرىشكەندەك بولدۇم. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ بىزگە تولىمۇ قىممەتلىك سوۋغا بولدى. ئىزدىنىشىڭىز تۈگەپ قالمىسۇن. kSc{^- 
مەن بۇ ئىزدىنىش ماتېرىيالىنى كۆرۈپ بۇ تېمىنى ئۇزۇن مۇددەت چوققىلاپ قويساق، كىرگەنلا ئەزا كۆرەلىسە، كىرگەنلا ئەزا مۇشۇنداق كاتتا ئاتالغۇلارنى قوشۇپ بېيىتىپ ماڭسا، بىر كۈنلەردە تىل-يېزىق كومىتېتىدىكىلەر پايدىلىنىپ قېلىپلاشتۇرسا، بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ساپلىقىغا بىركىشىلىك ھەسسە قوشۇلغان بولاتتى...

مىېھرىما 2014-02-21 18:38
koksangun:بۇ ھەقىقەتەن نادىرلىغۇدەك ئېسىل ئىزدىنىش بوپتۇ، ئانا تىل بايرىمىدا كاتتا سوۋغىغا ئىرىشكەندەك بولدۇم. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ بىزگە تولىمۇ قىممەتل .. (2014-02-21 15:18) 
{Z{o"56f  
توغرا دەيسىز .دانا پىكىر بوپتۇ.

ياسىنجان510 2014-02-21 22:07
مۇنبەرداشلارنىڭ    تەشەببۇس،پىكىرلىرىگە  قوشۇلىمەن.

parixta 2014-02-21 23:10
مەن بۈگۈن بىر كۈن تۇلۇق ساپ ئانا تىلدا سۆزلەشكە تىرىشتىم. توۋۋا ئۆزەممۇ ھېس قىلىمىغان ئىكەنمەن تىلىمىزدا خەنزۇ تىلىدىن ئۆزلىشىپ كىرگەن سۆزلەر نىمانداق كۆپ. بۇندىن كىيىن مەن ئۈچۈن ھەر بىركۈن ئانا تىل كۈنى. باشقا تورداشلامۇ ساپ ئانا تىلدا سۆزلەپ سىناپ بېقىڭلار قېنى، سىلەرمۇ ھېس قېلىپ قالىسىلەر. ئەگەر ھەممىمىز ھېس قىلغان سۆزلىرىمىز ئۈستىدە بىر نىيەتتە ئىزدەنسەك كۆكسانغۇن ئاكىمىز ئېيتقاندەك قىممەتلىك بىر ماتىيال جۈغلىغۇدەكمىز. قېنى تەۋپىقداشلار ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالغا!!!

سەئىدىيە 2014-02-21 23:37
ئاناتىلىمىزنى قوغداش تەشەببۇس قىلنىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بەك ياخشى بوپتۇ . uVU`tDzd:  
KHj6Tg;)  
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

maaripqi 2014-02-22 00:31
كۆكسانغۇننىڭ 8- قەۋەتتە ئوتتۇرىغا قويغان پىكرى مېنىڭچە، تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ. يېڭى سكزلەرنى ياساشقا قۇربىمىز يەتسە، ياساپ باقساق؛ ئۇنىڭغا قۇربىمىز يەتمىسە، ئۆزىمىز ئۇچراتقان يېڭى سۆزلەرنى يېزىپ تولۇقلاپ ماڭساق، ئاجايىپ ياخشى ئەمگەك بولغان بولاتتى. مەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ « مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى»، داۋۇت ئۇبۇلقاسىمنىڭ « ھاياتقا تەھلىل، قىسمەتكە ئاچقۇچ» ناملىق كىتابلىرىدا نۇرغۇن يېڭى سۆزلەرنى ئۇچراتقانمەن. « مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» دىكى يېڭى سۆزلەرنى پات يېقىندا تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن.(ئىنشائاللا)

قاراخان 2014-02-22 11:42
تەييار چۆپ----تەلچۆپ

ozqan 2014-02-22 12:46
maaripqi:كۆكسانغۇننىڭ 8- قەۋەتتە ئوتتۇرىغا قويغان پىكرى مېنىڭچە، تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ. يېڭى سكزلەرنى ياساشقا قۇربىمىز يەتسە، ياساپ باقساق؛ ئۇنىڭغا ق .. (2014-02-22 00:31) 
p  .aE  
ئىزدىنىشىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ، بۇ خىلدىكى ئەمگەكلەر ھەمممىمىزنى زەرەتلىگۈسى ...

بابۇر0725 2014-02-22 18:30
قوللاشقا ئەرزىگۈدەك تەشەببۇسكەن

تۆتتاش 2014-02-22 23:38
مەنمۇ  نۇرغۇن  سۆزلەرنى  بىلىۋالدىم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

nadiraay 2014-02-23 10:18
بۇ  تېمىنى  كۆرۈپ  ناھايتى  سۆيۈندۈم،  تىلىمىزدىكى  بەزى  سۆزلەرنى  تەدىرىجى ئەسلىگە قايتۇرىۋالساقمۇ  بولىدىكەنغۇ.  مانا  كىشىلەر  ھازىر  تەدىرىجى ياڭيونى بەرەڭگە،  چىڭسەينى كەرەپشە  دەپ  ئادەتلىنىۋاتمامدۇ.

ئەكبەرنىياز 2014-02-23 22:10
بۇ ناھايىتى كاتتا ئەجر بوپتۇ ، ھەممەيلەن بىر مەقسەتتە تىرىشىدىغانلا بولساق ، مېنىڭچە چوقۇم نەتىجىسى بولىدۇ !!!

قاراخان 2014-02-23 22:41
چ چ :مۇڭداشقۇ ياكى كوت-كوت

ئاچچىقگۈل 2014-02-24 18:04
جاڭدۇ --تاسما پۇرچاق #[Z<=i~C  
جۇۋاۋا--- تۈگرە

تىلداش 2014-02-25 14:13
تىلىمىزدا ئىپادىلەنمىگەن سۆزلەرنىڭ بارلىققا كەلتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرساق بوغىدەك... Z%KL[R}^w;  
مەسىلەن: جەينەكنىڭ قارشى تەرىپى بىلەن تىزنىڭ قارشى تەرەپلىرنى نېمە دەپ ئاتىسا مۇۋاپىق ھەم ئىلمىي بولىدۇ...؟ دېگەندەك...

maaripqi 2014-02-26 21:14
تىزنىڭ قارشى تەرىپى - تېقىم.

32094 2014-03-11 21:11
مەن بۇ ئىزدىنىشىڭىزدىن تۇلىمۇ سۆيۈندۈم ، مومكىن بولسا سىزدەك ئىزدەنگۈچىلەر كۆپەيسە ، يېڭىدىن ھاسىل قىلىشتىنمۇ بەكرەك ئۆز تىلىمىزدىكىنىڭ ئورنىغا باشقىنى ئىشلىتىپ ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان سۆزلىرىمىزنى زور كۈچ بىلەن ساقلاپ قالساق دەيمەن. &^AzIfX}Gw  
مەسلەن : كەيگۇەن ئەمەس ئۈزچات

ئەلدىيار 2014-03-24 00:08
ئانا تىلنى قەدىرلەيلى!!!!

مامۇتجان 2014-04-17 17:39
ياخشى چىقىپتۇ بەك ئىزدىنىپسىز ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

مامۇتجان 2014-04-17 17:41
ھەممىز ئانا تىلنى قەدىرلەيلى .تىل مەۋجۇتلۇقنىڭ  ئىپادىسى .شۇڭا ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ تىرشىپ ئۆەىنەيلى.

گۈلنىھال 2014-04-17 18:22
بۇ تىمىنى يەنە بىر كۆرۈپ ، شۇنداق ھوشۇرلاندىم جۇمۇ !

نۇربىيە 2014-04-18 16:58
ناھايتى ياخشى ئىش قىلىپسىز ھەممىز بەكل ناھايتى خۇش بولدۇق.سىزگە بارىكاللا.

ئاچچىقگۈل 2014-04-20 11:35
ئانا تىلنى تاللاش--   ئىختىيارىيلىق ئەمەس ، مەجبۇرىيەتتۇر.

گۈلنىھال 2014-04-20 11:36
‏بۇ تىمىنى كۆرسە - كۆرسە قانمايدىكەن ئادەم !

رەيھان 2014-04-23 10:52
شۇنداق ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ھەم پاكلىقىنى قوغدايلى. ھازىر ھەقىقەتەن ئانا تىلىمىزغا بولغان خىرس كۈچىيىپ كېترىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىمىزدىكىلەرمۇ ئانا تىلنى كۆزۆك ئىلماي ئۇنى ئازراق ۋاقىت سەرىپ قىلسىلا بەىلىۋىلىدىغان ئەرزىمەس تىل قاتارىدا كۆرىۋاتىدۇ. ھازىر قوش تىل مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن بىزنىڭ بۇ ناھېيىمىزدە خەنزۇچە سىنىپلارغا كىرىپ ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش تىل سىنىپلىرىغا يۆتكىلىپ ئوقۇشى بىر قىزىق نۇقتا بولىۋاتىدۇ، بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ كەلگەندە ئا ب نىمۇ ككرۈپ باقمىغان دەپ ئەكىلىۋاتىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغاب بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقارسا يانى بىر تەرەپتىن  ئۇلارنىڭ باشقا دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا ئويغۇرچىنى ئانچە مۇنچا بىلىۋالسا بولدى ئەمەسمۇ دېيىشلىرى ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويىدۇ، مەن بىرقانچە مانا مۇشۇنداق ئگبجەشلەرگە تەكرار قىلىپ يېزىقچىلىقتىن ماقالە يازدۇرۇشنى مەشق قىلدىم. بىر ئوقۇغۇچى:« مۇئەللىم، لاۋبەن دېگەننى نىمە تەرجىمە قىلىمىز.» دەپ سىرىۋىدى مەن نىمە دەپ يازىدىكىن مۇشۇ ئوقۇغۇچى دەپ ئويلاپ:« ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلىپبېقىڭ » دەپ جىم ئولتۇرۇۋالدىم ئۇلار ماقالىلىرىنى يېزىپ بولدى ئوقۇپ باقسام ھېلىقى ئوقۇغۇچى مەلۇم بىر يەرگە بېرىپ ئىشلىگەن ئىشلەش جەريانىنى بايان قىلىپ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يېزىپتۇ .« بىر كۈنلۈك ئەمگەك ئاخىرلىشىۋىدى قېرى تاختاي ماڭا ماۋزېدوڭنىڭ رەسمى بار  بىر پۇلنى بەردى.»


查看完整版本: [-- ئانا تىل بايرىمىغا سوۋغا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled