查看完整版本: [-- گۈلنىھال:تۇرپان  كارىزلىرى (  تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> گۈلنىھال:تۇرپان  كارىزلىرى (  تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-20 16:36

گۈلنىھال:تۇرپان  كارىزلىرى (  تېكىستى )

                                      ‏تۇرپان كارىزلىرى a2SMNC]  
D pI)qg#>V  
(hWr!(>C4]  
‏                                    غوپۇر نۇرىدىن تۈلمبۆك u>SGa @R)  
BB@I|) 9O(  
XHU&ix{Od  
‏  ئەگەر  سىز تۇرپاننىڭ  يېزىلىرىغا  باققان بولسىڭىز ، سۈيى سۈزۈك ھەم تاتلىق ، كېچە - كۈندۈز ئېقىپ تۇردىغان  ، چوڭقۇر سۇلۇق قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىنى  يەر يۈزى يانتۇلىقىدىن پايدىلىنىپ ، يەر ئاستى  ئېرىقلىرى ئارقىلىق يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىدىغانئۇلۇغ سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى --  كارىزنى كۆرمەي قالمايسىز . كارىز ئۇزاق تارىخقا ئىگە  ، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىدۇر . ئۇ سەددىچىن سېپىلى ، بېيجىڭ  - خاڭجۇ قانىلى بىلەن بىللە قوشۇلۇپ  جۇڭگۇدىكى قەدىمكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىر ھېساپلىنىدۇ . FYq]-k{\  
‏   كارىز --  بىر مۆجىزىدۇر .  كارىز ئەقىللىق ۋە مېھنەتكەش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەم - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى  ، شۇنداقلا مەدەنىيەتلىك خەلقىمىزنىڭ ئاجايىپ كەشپىياتىدۇر . كارىز تۇرپاندىكى ئاجايىباتنىڭ ، ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ ھامىيسىدۇر  ، كارىز --  تۇرپاندا «  ھاياتلىق مەنبەسى » دۇر . k.=67L  
‏   كارىز - تىك قۇدۇق ، تەشمە ، تىكما ، ئوچۇق ئېرىق ۋە كارىز كۆلىدىن ئىبارەت قۇرۇلۇشلارنى ماھىرلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق يەر شەكلىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ، يەر ئاستى سۈيىنى ھېچقانداق ئېنىرىگىيە  سەرپ قىلماي يەر يۈزىگە باشلاپ چىقىدىغان  قەدىمىي سۇ ئىنشائىتى قۇرۇلۇشىدۇر . #vh1QV!Ho  
‏  كارىزنىڭ قۇرۇلمىسى  قارىماققا ئىنتايىن ئاددى كۆرۈنىدۇ  ،  يۇقىرىدىن تۆۋەنگە مەلۇم يانتۇلۇق پەرقى بويىچە نەچچە يۈز قۇدۇق (  كۆز ) چېپىلىدۇ ،  قۇدۇقلار تەشمە قۇدۇقلار ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ ، يەر شەكلى ئەڭ پەس يەرگە كەلگەندە تىلىما (  ئېرىق )  ئارقىلىق يەر ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ ، يەر ئۈستىگە چىقىرىلغان بىر نەچچە كىلومىتىرغا سوزۇلغان مەھەللىدىن ئېقىپ  ئۆتۈپ ، مەھەللىنىڭ ئېتىز - ئېرىقلىرىنى سۇغۇرۇشقا ئىشىتىلىدۇ .  سۈيى ئۇلۇغ كارىزلار  400 / 500   مۇ يەرنى سۇغۇرالايدۇ ، سۈيى ئازراق كارىزلارمۇ 40 / 50  مو يەرنى سۇغۇرالايدۇ . كارىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 / 30  كىلومىتىر ،  قىسقىلىرى بىر نەچچە  كىلومىتىرلا كېلىدۇ ، تەكشى چېپىلغان ھەر بىر كارىز قۇدۇقىنىڭ ئارلىقى 20 / 30  مىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ  ، ئادەتتە ئۈچ كىلومىتىر  ئۇزۇنلۇقتىكى كارىزدا 120  گە  يېقىن كۆز (  قۇدۇق )  بولىدۇ    قۇدۇقلارنىڭ ،اغزى شاخ - شۇمبىلار بىلەن ھېم ئېتىۋىتىلگەچكە ، كارىزغا قۇم ، ئەخلەت قاتارلىق نەرسىلەر چۈشۈپ كەتمەيدۇ  ، قۇدۇقلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىدىكىسىنىڭ  چوڭقۇرلۇقى 100  مىتىرغا يېتىدۇ ، ئەڭ تۆۋەندىكىسىنىڭ  چوڭقۇرلۇقى 5 / 6 مىتىرلا كېلىدۇ . mw0#Dhyy1=  
‏    يەر ئاستى قۇرۇلۇشى بولغان تۇرپان كارىزلىرىتالاي ئەسىرلەردىن بۇيان مىڭلىغان ، يۈزمىڭلىغان كارىزچىلارنىڭ  بىھېساب قان - تەر بەدىلىگە پۈتكەن  ، كارىز چېپىشنىڭ مۇشەققەتلىكىنى  تۆۋەندىكى قوشاقلاردىن ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ : *AX)QKQ@  
3S='/ ^l  
‏   ئاتام سورسا ، ئاپام سورسا ، #;cDPBv*wS  
‏كارىزدا دەڭلار . kcT?<r  
‏قولى ئىشتا ، كۆزى ياشتا ، Ij; =  
‏بىر ئىزدا دەڭلار . Q)N$h07R  
86d *  
‏  كارىز تۇرپان  رايۇنىدىن باشقا قۇمۇل رايۇنىدىمۇ خېلى ئومۇملاشقان  ، رايۇنىمىزدىكى كارىزلا ئىچىدە تۇرپان رايۇنىدىكى كارىزلارنىڭ تارىخى ،ەڭ ئۇزۇن بولۇپ  ، ئەڭ قەدىمكىلىرى  2000  نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە .  خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ، خەنزۇچە  قەدىمىي مەنبەلەردە تۇرپاندىكى كارىزلار قەيت قىلىنىدۇ . بۇ ئاتالمىلار ئۇيغۇرچە  «  كارىز »  سۆزىنىڭ يېرىم ئاھاڭى ، يېرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .  كارىزنىڭ خەنزۇ تىلىدا خەن سۇلالىسى دەۋىرلىرىدىن باشلاپ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئىپادىلىنىشىيىپەك يولىدا ، بولۇپمۇ تۇرپان رايۇنىدا كارىزنىڭ ناھايىتى قەدىمكى تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . N{Og; roGD  
‏   كارىز تۈركىيە ،  ئەزەربەيجان ، ئىران ،  ئافغانىستان  ، قازاقىستان ، ماراكەش ، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار . ئەمما ، ھەر بىر رايۇندىكى ۋە دۆلەتتىكى كارىزلا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگىدۇر . رۇسيىلىك مەشھۇر تۈركۈلوگ گۇرم گرژىمايلوپ :  «  ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسىتى بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىنغان  ھەيۋەتلىك قەدىمى سۇ ئىنشائاتى كارىز -- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىكى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداىسدىن قېلىشمايدىغان ، ئاجايىپ قايىل قىلارلىق سۇ ئىنشائاتىدۇر »  دىگەنىدى . ئەمەلىيەتتىمۇ ، دۇنيادىكى كارىزلا ئىچىدە تۇرپان كارىزلىرىنىڭ تارىخى ھەممىدىن  قەدىمىيدۇر . تۇرپان ۋىلايىتىدە ھازىر  1091  كارىز بار .  كارىز قۇدۇقلىرىنىڭ ئومۇمى سانى  150  مىڭ   153 تۇر  ، تەشمىلىرنىڭ ئومۇمۇىي ئۇزۇنلۇقى  11. 3724 كىلومىتىر كېلىدۇ .  بۇنىڭ ئىچىدە پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدە جەمىئىي 397  كارىز ، تۇرپان شەھرى تەۋەسىدە  512  كارىز ، توخسۇن ناھىيىسى تەۋەسىدە 182  كارىز بار .  دېمەك ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى كارىزلار ئاساسەن تۇرپان رايۇنىغا مەركەزلەشكەندۇر . تۇرپاندىكى كارىزلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈندىن - كنگە چوڭقۇرلاشماقتا .  توقسۇن ناھىيىسىنىڭ كۆجەي يېزىسىدا بىر چوڭ تاش ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن ھەيۋەتلىك ئويما خەرىتىنىڭ  ئىچىدە بىر قۇدۇقلۇق قەدىمي كارىزنىڭ خەرىتىسىمۇ ناھايىتى ئېنىق سىزىلغان . ئارخىلوگلارنىڭ تەكشۈرىشىچە ، مەزكۇر خەرىتە 2700  يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئىكەن . +wd} '4)  
‏   چەتئەل ئالىملىرىدىن ياپۇنىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس شىمازاكى ئاكىرا ، تۈركىيىلىك فولكلورشۇناس زەكى كايماس قاتارلىق ئالىملار كارىزنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن تۇرپان رايۇنىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ .   1996  يىلى  ئالتايشۇناس پروفېسسور ، دوكتۇر لېتىپ توختى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ تەقىقات يولىدىن مېڭىپ كارىز ئاتالغۇسى ھەققىدە بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى .  ئۇ ئۆز تەتقىقاتىدا « كارىز» سۆزىنىڭ  ھېندى ياۋرۇپا تىللىرىغا خاس لىكسىكىلىق بىرلىك بولماستىن ، بەلكى ئالتاي تىللىرىغا ، جۈملىدىن تۈركىي تىللارغا خاس ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى ئالتايشۇناسلىق نوقتىسىدىن دەلىللىدى . مۇشۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن   قارىغاندا « kar »  دىگەن  ‏ئالتاي تىلىلىرىغا  خاس سۆز يىلتىزى تۈركىي تىللاردە « ‏Qaz »  ( قازماق )  بولغاندۇر.  ‏دېمەك ، « كارىز» ئاتالمىسى   ئالتاي تىللىرىغا ، جۈملىدىن تۈركىي تىللارغا خاس ئاتالغۇدۇر .شۇنداق بولغاندا « كارىز »  سۆزىنىڭ مەنىسى :  قېزىلمىلار دېگەنلىك بولىدۇ . i(.c 
]PdpC"  
‏ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ بۈيۈك ئىختىراسى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ئىشلاپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى قامداش بىلەن بىللە ، قۇرغاق رايۇنلارنىڭ ئىكلوگىيىلىك  تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ ، بوستانلىق مەدەنىيىتى ئۈچۈن  ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشقان . ئېنىرىگىيە كەتمەيدىغان ، بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمايدىغان  ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئەڭ تۆۋەن  نىسبەتكە  بۇ كەشپىيات ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان مۇشۇ زىمىنلىرىمىزنىڭھاياتلىق تومۇرى سۈپىتىدە  ، ئۈزۈلمەي  ئېقىپ كەلمەكتە . ]e+IaZ[Wo  
‏  كىشىنى ئېچىندۇردىغان پاجىئە شۇكى ، ئىكولوگىيىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە باشقا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  رايۇنىمىزنىڭ يەر ئاستى سۇ قاتلىمى بارغانچە تۆۋەنلەپ ، نۇرغۇن كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى .  ھازىر تۇرپان ۋىلايىتىدە  پەقەت 404   كارىزدىنلا سۇ چىقىدۇ . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۈگۈنگىچە بولغان  قىسكا ۋاقىتتىلا تۇرپان ۋىلايىتىدە 687  كارىز قۇرۇپ كەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە رېمۇنت قىلىپ قۇتقۇزۋالغىلى بولىدىغىنى  185  كارىزدۇر .  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ ئىكولوگىيىنى  قوغداش سىياسىتى كۈندىن -  كۈنگە مۇكەممەللىشىپ ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە ، مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيىنى قوغداشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى . شۇنىڭ بىلەن كارىزلارنى قوغداشمۇ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا قوشۇلدى . rXo2MX@u  
=QEg~sD^)s  
‏مەنبە :  7  -  يىللىق 2  -  مەۋسۇم تىل -  ئەدەبىيات دەرسلىك . .K^'Q|?   
‏2014 -  يىلى 20   فۋرال . jeb<qi>  
&|<~J (L;  
#f]R:Ix>  
‏گۈلنىھال . QQ@, v@j5  

گۈلنىھال 2014-02-21 14:55
‏قاراخان ، ۋەزىپىڭىزنى ئورۇنلاڭ !

قاراخان 2014-02-21 21:15
مانا بۇ دەرس تەييارلىقى: qWE"vI22M  
/bbs/read.php?tid=3820 '3hvR4P  
Wnf`Rf)1z  
/bbs/read.php?tid=3596 UT{N ly8u  
g)p[A 4  

قاراخان 2014-02-21 21:16
بۇ دەرسنىڭ دىتالى تېخى يوللانماپتۇ، ئىشلەپ قويسام بولغىدەك.

قاراخان 2014-02-21 21:17
مانا بۇلار كارىزغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار: aiHr2x6  
/bbs/read.php?tid=2852 D2p6&HNT  
3c3Z"JV  
/bbs/read.php?tid=2671 obq}#  
;%<4U^2  
/bbs/read.php?tid=682 y7OG[L/  
]Qr8wa>Z  

گۈلنىھال 2014-02-21 22:00
قاراخان:بۇ دەرسنىڭ دىتالى تېخى يوللانماپتۇ، ئىشلەپ قويسام بولغىدەك. (2014-02-21 21:16) 
19w,'}CGk  
‏ شۇنداق قىلسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ !!!

ئەكبەرنىياز 2014-02-23 11:27
گۈلنىھالنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن !!! دەرسلىكلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى دەرس دېتالى تۈزۈش ، تېكست ئوقۇتۇش قاتارلىق دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىدە بىرىنچى قول ئاساسىي ماتىريال بولالايدۇ . داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !!!

گۈلنىھال 2014-02-23 13:29
ئەكبەرنىياز:گۈلنىھالنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن !!! دەرسلىكلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى دەرس دېتالى تۈزۈش ، تېكست ئوقۇتۇش قاتارلىق دەرسخانا ئوقۇتۇش پائا .. (2014-02-23 11:27) 
lbdTQ6R  
‏ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ مۇكاپاتىغا رەھمەت !

ئەلدىيار 2014-03-26 23:55
دەرس دىتالى يوقمۇ؟

پاراسەت 2014-04-29 19:02
ئەكبەرنىياز:گۈلنىھالنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن !!! دەرسلىكلىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرونلىشىشى دەرس دېتالى تۈزۈش ، تېكست ئوقۇتۇش قاتارلىق دەرسخانا ئوقۇتۇش پائا .. (2014-02-23 11:27) 
Bi{$@n&?f  
تۇرپان كارىزلىرىنى ئۈچ مۆجىزە قاتارىدا ساناشقا بولمايدۇ.چۈنكى،بېيجىڭ-خاڭجۇ قانىلى پادىشاھ جەنۇبتىكى زېمىنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بېرىشتىن قورقانلىقى ئۈچۈن)ئۇ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقاتتى-خەلق ۋە ئەسكەرلەر پادىشاھنى قوغداش زۆرۈريىتىدىن،سەددىچىن سېپىلى جۇڭگو شىمالدىكى مىللەتلەردىن قورقانلىقى ئۈچۈن ياسالغان،ئەمماكارىز ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،

tawpek 2014-04-29 21:04
مەرھابا پاراسەت،  گەرچە تىخى تېما يوللاشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان بولسىڭىزمۇ لىكىن ئىنكاسلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقوپ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولىۋاتىمەن. y_?Me]  
X93!bB  
مۇمكىن بولسا بەزىبىر قاراشلىرىڭىزنى ئىنكاس سۈپىتىدىلا ئەمەس تېما قىلىپمۇ سۇنغايسىز. aYSCw 3C <  
~5oPpTAe  
تەۋپىقىمىز سىزدەك قەلبى ئويغاق تەپەككۇرغا ماھىر مۇنازىرە ئىگىللىرىگە مۇھتاج.


查看完整版本: [-- گۈلنىھال:تۇرپان  كارىزلىرى (  تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled