查看完整版本: [-- ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-02-20 14:25

ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز

ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز


1. كەڭ قۇرساق بولۇڭ، ئايالىڭىزنىڭ ئۇششاق سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۋېتىڭ، چىن مۇھەببەتنى ئۈن-تىنسىز ھالدا ھەربىر ھالقىلارغىچە سىڭدۈرۈڭ.
2. ئايالىڭىزغا پات-پات كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ، مەسىلەن، خاتىرە كۈنلەردە بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپ، كارتىغا «سۆيۈملىكىڭىزدىن» دېگەندەك گەپلەرنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
3. ئاياللار كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. ئايالىڭىز ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلسە، «تاماق ئەتمەمسەن؟!»، «ئۆي تازلىمامسەن؟!» دېمەستىن، «ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ» دەپ كۆيىنىپ قويسىڭىز، ئايالىڭىز چوقۇم ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ ۋە سىزنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغان بولىدۇ.
4. ماقۇل بولغان ئىشىڭىزنى چوقۇم ئورۇنلاپ بېرىڭ، ئاياللار ئىشەنچىلىك يۆلەنچۈككە موھتاج. ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ گېپىنى يىرىپ، ھە دىسىلا قاقشاپ تۇرىۋالسىڭىز، ئۇ قانداقمۇ يۈرەك سۆزىنى سىزگە بىمالال دېيەلىسۇن؟
5. تېلۋىزور ياكى كومپىيوتىرغا بەك بېرىلىپ كەتمەڭ. سىز تېلۋىزور ياكى كومپىيوتېرغا بېرىلگەن ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىز بىر چەتتە يالغۇزسىراپ قالىدۇ.
6. ئاياللارنىڭ ئايدا بىر نەچچە كۈن كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالمايدىغان، سەۋەبسىز خۇشال ياكى خاپا بولىدىغان چاغلىرى بولىدۇ. بۇ چاغدا ھەرگىز كارىڭىز يوق ياكى زېرىككەندەك بولماڭ.
7. ھەرگىزمۇ «بۇرۇنقى ئەرلەر نەچچە خوتۇن ئالىدۇ، نېمانداق بەختلىك» دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ. گەرچە چاقچاق ئورنىدا دېسىڭىزمۇ، سىزنى بىردىنبىر دەپ بىلىدىغان ئايالىڭىزغا ئېغىر كېلىدۇ. ئاياللار بەك سەزگۈر، بۇ گېپىڭىز ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن.
8. ئايالىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ، ئۇ كۆڭلىڭىزدە ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ كۆيۈمچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
9. ئايالىڭىزنى رەنجىتىپ قويسىڭىز، «ئابرۇي» ۋە «غۇرۇر» لىرىڭىزنى قايرىپ قويۇپ، چىن دىلىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراڭ، كېيىن چوقۇم دىققەت قىلىڭ. ئاندا-ساندا خاتالىقىڭىزنى كەچۈرىدۇ، لېكىن بىر ئىشتا داۋاملىق خاتالاشسىڭىز چىدىمايدۇ.
10. ئايالىڭىزنى ھەرگىز ئالدىماڭ، راستچىل بولۇڭ. مەيلى باياشات ياكى نامرات، مەيلى سالامەت ياكى ئاغرىق بولسۇن، ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقڭىزنى ئېيتىڭ.

مەنبە:ئانا تۇپراق تورى



سەئىدىيە 2014-02-21 23:13
ئەرلەر كۆپرەك كۆرسە بوپتىكەن ، بۇ تىمىنى .

مەنمۇ يولدىشىمغا ئوقۇپ  بەرسەم بولغۇدەك .

ئەكبەرنىياز 2014-02-23 10:46
نۇرسىمانگۈلنىڭ بۇ ئۇلانمىسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، قارىغاندا كومپىيوتىر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالمىساق بولغۇدەك !

گۈلنىھال 2014-02-23 21:55
ئەكبەرنىياز:نۇرسىمانگۈلنىڭ بۇ ئۇلانمىسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، قارىغاندا كومپىيوتىر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالمىساق بولغۇدەك ! (2014-02-23 10:46) 

‏شۇنداقمۇ دەيسىزئەكبەر مۇئەللىم ، مۇنبەردە سىز بولىمسىڭىز لىرىكىللىرىمىز بىر قىسىملا بوپ قالىدىكەن جۇمۇ .

‏نۇرسىمانگۈلنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت !

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-23 21:57
دىققەت قىلىدىغان ئىشلاركەن !

شەبنەم117 2014-03-31 16:11
شۇ بەك توغرا گەپلەركەن  ناۋادا ئەرلەر بىزگە ئازراقلا كۆڭۈل بۆلۈپ قويسىلا بىز بارلىق مېھرى -مۇھەببىتىمىز نى ھەتتا پۈتۈن ھاياتىمىزنى تەغدىم قىلىشقىمۇ رازى ئەمما ئۇلار توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن  ئاشۇ كىچىككىنە گەپنىمۇ دىيىشتىن ئېرىنىپ قاماققا چۈشۈپ بولغان بېلىققا يەمچۈك تاشلاشنىڭ نىمە ھاجىتى  دەپ ئادەمنىڭ غورورىغا تېگىپ بىزنى جاۋۇلداق ھازازۇل خوتۇنغا
ئايلاندۇرۇپ ،قويۇپ يەنە بىزدىن تويدىن ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەستىڭ ،مۇنداق ئەمەستىڭ كۆزۈم كور بولۇپ قاپتىكەن،ئىسىت سەن بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم دىيىشلىرى  بار تېخى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈپ ،بىزنى قەدىرلەڭلار بولمىسا سىرتتىكى سەتەڭلەرنىڭ ساختا كۈلكىلىرىگە ئالدىنىپ ئەسلى ۋەسلىڭلاردىن ئايرىلىپ قالىسىلەر


查看完整版本: [-- ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled