نۇرسىمانگۇل |
2014-02-20 14:23 |
قىزلارنىڭ مەڭڭۈ بىلمەيدىغان 11 ئىشى
قىزلارنىڭ مەڭڭۈ بىلمەيدىغان 11 ئىشى 1.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. چۈنكى، يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ سىرتقى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان بىلەن، كۆڭۈل جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا تۇرغان قىزنىڭ ئۆزلىرىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2. قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئوغۇللارمۇ ياش ئاققۇزىدۇ، لېكىن ئۇلار ياش ئاققۇزسا بۇ بىر مەزگىللىك مۇھەببەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىغى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدۇ. 3.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازابلانغان چاغدا، تاماكا چېكىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇ قۇيۇق ئس ئىچىدە ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ۋاقىتلارنى ئەسلەپ كۆڭلى تىنجىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 4. قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ. يىگىتلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى، سىز بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى ئويلىغىنى ئەمەس. ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان مۇھەببەتنى قايتۇرۇپ ئالماقچى. 5. قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۇن ھەرقېتىم قىزلارنىڭ يىغلاپ قاخشىغانلىقىنى كۆرسە ئاچچىقى كېلىپ ساراڭلاردەك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيدۇ. ئوغۇللار قىزلار بىلەن بىرنەرسە دېيىشىپ قالغاندا ئۆزى يېڭىلىپ قېلىپ يېتىپ قالسىمۇ خوش بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزى يارىلانسا رازى بولىدىكى لېكىن قىزلارنىڭ يىغلاپ قاخشىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.
6. قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ھەر ئاخشىمى ھاراق ئىچىپ مەس بولىۋالىدىغىنىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن ئاخشام مەس بولىۋالمىسا، بۇ كېچىنىڭ ئەسلەش ئىچىدە ئۈتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 7. قىزلار ئوغۇللارنىڭ ھەرقېتىم سىرتقا چىققاندا نېمە ئۈچۈن شۇنداق مەرتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. چۈنكى ئەرلەر ئۆزى يېمەي-خەجلىمەي يۈرسە رازىكى لېكىن، سىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا يۈزىڭىز چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. 8. قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئاچچىقلايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئاچچىقلانغىنى قىزنى سۆيمىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى قىزنىڭ كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلغانلىقى. 9. قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن قىزنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىغا شۇنداق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. بۇ ئوغۇللانىڭ ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇلار قىزنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. 10. قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن يازغان كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، يەنە شۇنداق سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشىنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشنى خالىمىغانلىقى ئەمەس بەلكى، ئۇلار پەقەت قىزنىڭ ئۆز ئاغزىدىن زادى كىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 11. قىزلار ئوغۇللارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى قىلمايدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دېيىشنى خالىمىغانلىقى ئەمەس، پەقەت ئۇلار ئۆزىنىڭ بەدىنىگە «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن جۈملىدىن 10 مىڭ دانىنى ئېسىۋالسىمۇ ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
مەنبە:پەرىشتە ئانا-بالا تورى
|
|