查看完整版本: [-- پىسخىكا بىسىمىغا بەرداشلىق بىرىش سىنىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> پىسخىكا بىسىمىغا بەرداشلىق بىرىش سىنىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2014-02-20 14:07

پىسخىكا بىسىمىغا بەرداشلىق بىرىش سىنىقى

.شىنجاڭ ئەخلاق مۇنبىرى
كۇندۇلۇك بىر قىسىم تۇرمۇش ۋە ئۇگۇنۇش ئىشلىرىدا ئاسانلا چارچاش ھىس قىلامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

2.سىز ئۇگۇنۇش ۋە كۇڭۇل ئىچىش ۋاقتىڭىزنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرالامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

3.سىز كارىۋاتتا ياتقان چىغىڭىزدا دائىم ئۇخلىيالمامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

4.سىز كىچىك ئىشلار ئۇچۇن ئاسانلا چىچىلىپ ئاچچىقلىنامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

5.سىزنىڭچە ئائىلىڭىزدىكىلەر دىسگە دوستانە مۇئامىلە قىلامدۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

6.ئەتىگەن ئۇرنىڭىزدىن تۇرغاندا ، ناھايىتى ھارغىنلىق ھىس قىلىپ ئۇرنىڭىزدىن تۇرۇشنى خالىمامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

7.ئالدىڭىزدا سىز يىيىشنى ياخشى كۇردىغان يىمەكلىك تۇرغان بولسد ، سىزدە كۇڭلىڭىز تارتمايدىغان تۇيغۇ بۇلامدۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

8.سىزدە كەڭ دائىرلىق قىزىقىش بارمۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

9.سىزدە دورا ياكى ئىسپىرىت قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ئۇخلايدىغان ئادەت بارمۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

10.يىقىنقى بىرقانچە كۈندە سىزنى خۇشال قىلدىغان ئىشلار يۇز بەردىمۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

11.ئەگەر بۇگۇنكى خىزمەت ۋەزىپىڭىزدىكى ئىشنى ئىشلەپ بۇلالمىسىڭىز ، سىز ئىشىپ قالغان ئىشنى ئۆيىڭىزگە ئىلىپ كىتىپ داۋاملىق ئىشلەمسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

12. سىز داۋاملىق زۇكامداپ ، ياكى بىشىڭىز ئاغرىپ قىزامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

13.سىز زېھنىڭىزنى تەستە يىغىپ بىر ئىشلارنى قىلىپ تۇگىتەمسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

14.ئالدىن سۆزلىشىپ قۇيغان ئىشىڭىز ئۇزگۇرۇپ قالسا ، سىز ئاسانلا بىئاراملىق ھىس قىلامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

15.سىزدە دائىم ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ياكى قەۋزىيەت بۇلۇپ قالدىغان ئىشلار بارمۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

16.سىز گاھىدا يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ئۇيغۇنۇپ كىتىپ قايتا ئۇخلىيالمايدىغان ئىشلار بىشىڭىزدىن ئۆتكەنمۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

17. ئۆزىڭىزنى ئەركىن ئازادە تۇتىدىغان ئەڭ ياخشى جاي سىز ئۇچۇن ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىمۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

18.سىز بېشىڭىزنى تىقىپ ئىشلەشنى ياخشى كۇرۇپ ، مۇرەككەپ بولغان كىشىلەر مۇناسىۋىتىدىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

19.كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغان چاغلاردا ، سىز ئائىلىڭىزدىكىلەردىن باشقا دوستىڭىزغا دەردىڭىزنى ئىيتامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

20.بىرەر تەنھەركەت ياكى ئۇيۇن ئىلىپ بارغاندا ، سىز ئامال قىلىپ غەلبىنى قۇلغا كەلتۇرۇشنى ئويلامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

21.سىز ئوخشاش بىر خىزمەتتە خىزمەتدىشىڭىز ياكى ساۋاقدىشىڭىزدىن كۆپراق ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

22.ئارام كۇنلىكى بىرەر ئىش بولمىغانلىقتىن سىز زىرىكىشلىك ھىس قىلىپ تىرىكەمسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

23.ئۇزۇق ۋاقىت ساقلاش سىزنى ئاسانلا ئاچچىقلاندۇرۇپ قۇيامدۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

24.سىزنىڭچە سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز نۇرمالمۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

25.جىددىيلەشكەن چىغىڭىزدا ، پۇتۇن بەدىنىڭىزدىن سۇغۇق تەر چىقامدۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

26. خىزمەت تەرتىۋىڭىز ئىشىپ كەتكەن چاغلاردا ، بەدىنىڭىزدە كۇنەلمەسلىك ئىنكاسى بۇلامدۇ ؟

A : ھەئە      B : ياق

27.نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ كۇنتۇرۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان چىغىڭىزدا بۇنىڭ ئۇچۇن ئاچچىقلىنامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

28.سىزنىڭچە تۇرمۇشتا نۇرغۇن مەسىللەرنى تۇپلىۋىلىپ ، ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىپ ، نەپەس ئالالمىغاندەك ھىس قىلامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

29.سىز تالاش – تارتىشقا يۇلۇقۇپ قېلىشتىن شۇنداقلا تالاش – تارتىشتا دائىم ئاجىز بۇلۇپ قېلىشتىن قۇرقامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

30.سىزنىڭچە سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى ئۇڭۇشسىزلىقنى كۇنتۇرۇل قىلالامسىز ؟

A : ھەئە      B : ياق

ھېسابلاش ئۇسۇلى :

يۇقارقى 30 سۇئالدىن A نى تاللىغان بولسىڭىز 1 نۇمۇر ، B نى تاللىغان بولسىڭىز 0 نۇمۇر ، ئاخىردا ئالغان نۇمىرىڭىزنى قۇشۇپ چىقىپ نەتىجىگە قاراڭ .

نەتىجە ئانالىرى :


1دىن 10 غىچە نۇمۇر ئالغان بولسىڭىز : سىزنىڭ بېسىمگە قارىتا ياخشى تەڭشەش ئىقتىدارىڭىز بار . سىز ئاقىلانە ئۇسۇللارنى تاللاش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان بېسىمگە يۇزلىنىپ ، مۇۋاپىق ھالدا بىسىمنى ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كەچكە ئايلاندۇرالايدىكەنسىز ، سىزنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىكەن . بۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ پىسخىكا تەڭشەش ئىقتىدارىڭىزنىڭ تۇھپىسى ، سىز كۆپ ھاللاردا تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىگە جەڭ ئىلان قىلىشنى قۇبۇل قىلىشنى خالايسىز .



11 دىن 20 نۇمۇرغىچە ئالغان بولسىڭىز : ھەر ھالدا ياخشى ، تۇرمىشىڭىزدا بەزى ئىشلار سىزگە بىرىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن سىز كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىيەلەيسىكەنسىز ، بىرقىسىم بىسىملارغا قاتابىل تۇرۇشتا ، بەزى چاغلاردا بىسىم سىزنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۈچىنىزنى قۇزغىغاندەك تۇيغىدا بۇلىسىز ، ئەمما سىزھەرگىزمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭ بىسىملارنى تاللىمايدىكەنسىز ، چۇنكى سىزنىڭ تەڭشەش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىڭىز چەكلىك .



21دىن 30 غىچە نۇمۇر ئالغان بۇلسىڭىز : سىز تۇرمۇشتىكى بىسىمگە ئىنتايىن سەزگۇر ئىكەنسىز ، ئېغىر بىسىم ئاستىدىكى تۇرمۇشتا ياشاشنى ياخشى كۇرمەيسىز ، بىسىم سىزنىڭ بەرداشلىق بىرىش دائىرىڭىزدىن ھالقىپ كەتكەن ھامان سىز دەرھال ئۆزىڭىزنى قاچۇردىكەنسىز ياكى بىسىم ئاستىدا نورمالسىز روھى ھالەت ئىپادىلەيدىكەنسىز


查看完整版本: [-- پىسخىكا بىسىمىغا بەرداشلىق بىرىش سىنىقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled