گۈلنىھال |
2014-02-20 12:41 |
گۈلنىھال : ئۇيغۇر بۇددا مىڭئۆيلىرى ( دەرس تېكىستى )
. ئۇيغۇر بۇددا مىڭئۆيلىرى O|8p
# !#>{..}}3
( دەرس تېكىستى ) 1(m89C[ )O_Y(^+ $ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .~Td/o7 (pAGS{{ x;kW }U 2000 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر بۇددا مىڭ ئۆيلىرى يالغۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ سەنئەت ، ئېتىقاد ، ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش ۋە ئېدئولوگىيسىنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن بىباھا تەۋەرۈك بولۇپلا قالماي ، يەنە قەىمكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بىر پۈتۈن سەنئەت خەزىنىسىدۇر . oas}8A) بۇددا مىڭ ئۆيلىرى جايلاشقان ئورنى ، قېزىلىش شەكلى ۋە نەقىش ، بېزەكچىلىك جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ ، بۇنداق ئۆزگىچە مىمارچىلىق شەكلىنى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان ھەم ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن . gi~*1RIel; جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئېيتقاندا ، ئانا دىيارىمىزدىكى مىڭ ئۆيلەر ئاساسەن دەريا - ئېقىن بويلىرىدىكى چۆكۈندى تاغ جىنىسلىرىغا جايلاشقان . ^f@EDG8 دەريا - ئېقىن بويلىرى مىڭئۆي سەنئىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ماددى ئاساسى قىلىنغان .مەىلەن ، كۈسەن مىڭئۆيلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان قىزىل مىڭئۆيى قىش - ياز سۇ ئۆكسىمەيدىغان قىزىل دەرياسىنىڭ ( مۇزات داريادى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) بويىدىكى تاغقا جايلاشقان . قۇمتۇرا مىڭئۆيى ئۆگەن دەرياسى باشلىنىدىغان تاغ جىلغىسىغا ، مازارباغ مىڭئۆيىكۇچا دەرياسى بويىغا ، قىزىل قاغا مىڭئۆيى كۇچا ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغ جىلغىسىنى بويلاپ غەربىي ۋە شەرقىي قىرغاقلارغا قېزىلغان . )y._]is)b دېمەك ، ئەجدادلىرىمىز مىڭئۆيلەرنى قېزىش ، بېزەش ، مىڭئۆيلەردە ئىستىقامەت قىلىش ، بۇددا نوملىرىنى مۇتائىلە قىلىش ، بۇت سەيلىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بۇددا پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە خىلۋەت جايلارنى تاللاش بىلەن بىللە ، سۇدىن ئىبارەت ھاياتلىق مەنبەسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانمۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن . ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا يەر شەكلى ، قۇياش ئورنىنىڭ چۈشۈش ئەھۋالى ، ئىقلىمى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا ، يەنە سۇغا يېقىن بولۇش ئالاھىدىلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان . | |