查看完整版本: [-- تولوقسىز ئەدەبىياتىدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> تولوقسىز ئەدەبىياتىدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2014-02-20 01:42

تولوقسىز ئەدەبىياتىدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(18) sG_/E-%5'  
o9sPyY$aQ  
VJTO:}Q  
ئارىسلان FP=27=  
ئارىسلان(1946-1996)ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت ھوشۇر ،دۆربىلجىن ناھيىسىدىن.شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن«ياشلىق يۇلتۇزلىرى»،«ئۆلمەس تۇيغۇلار»،«يۇلتۇزلار يۇرتى»،زېمىن ئەركىسى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەر »،«كۈلپەتلىك مۇھەببەت»قاتارلىق پوۋېستلىرى ،«قىساس خەنجىرى»ناملىق كىنو سىنارىيەسى بار. بۇ شېئىر 1981-يىلى يېزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ «ياشلىق يۇلتۇزلىرى»ناملىق توپلىمىدىن قىسقارتىپ ئېلىنغان.   _A!Fp0}`  
ئەخمەت ئىمىن ^vT!2 4sK  
ئەخمەت ئىمىن 1950-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. داڭلىق نەسىرچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن« قەلب ساداسى»،«باھار تىنىقى»،«مېنىڭ بىر كۈنۈم»،«جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى»قاتارلىق نەسىرلەر توپلاملىرى بار.بۇ نەسىر «جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىنغان. ^Y+C!I  
نۇرمۇھەممەت توختى 6i+,/vr  
نۇرمۇھەممەت توختى 1949-يىلى خوتەن ناھيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدا تۇغۇلغان.يازغۇچى.«ئۇ دۇنيادىكى سوراق»،«چۆل ئوغلى»،«شەھلا كۆز»قاتارلىق ھېكايە،پوۋېست توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.بۇ ئەسەر ئۇنىڭ «كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلەر»ناملىق نەسىر توپلىمىدىن ئېلىنغان. "OwVCym?  
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن  
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن(1933-1995)ئاتۇشتىن. ئالىم ۋە شائىر . ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»،«قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»،«غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى »،«ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرى»قاتارلىق كىتاپلىرى بار .بۇ تېكىست 1990-يىلى يېزىلغان بولۇپ، «ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەدئىمىن ئەسەرلىرى-2»دىن قىسقارتىپ ئېلىنغان. b\`S[  
تېيىپجان ئېلىيېف +Z|3[#W  
تېيىپجان ئېلىيېف 1930-يىلى 4-ئايدا قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. «شەرق ناخشىسى»، «كۆرەش ناخشىسى»، «تۈگىمەس ناخشا››،«ۋەتەنگە مەدھىيە»، «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار»، «يېڭى باھار شېئىرلىرى»، «شېئىرلاردىن تاللانما» قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى قىسىملىق خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى بار. چۇيۈەننىڭ «جۇدالىق زارى»نى تەرجىمە قىلغان. 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. 1s.2z[B~  
مەھمۇد كاشغەرى Yjjh}R#  
مەھمۇد كاشغەرى(1008-1105)مەشھۇر ئالىم،تىلشۇناس.ئەسىرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»،2008-يىلىنى ب د ت پەن-مائارىپ،مەدەنىيەت تەشكىلاتى «مەھمۇد كاشغەرى» يىلى قىلىپ بەلگىلىگەن pCh v;  
يۈسۈپ خاس ھاجىپ C{zp8 A(Dh  
(1019-1085)-قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپپەككۇر، شائىر، پەيلاسوپ ۋە دۆلەت ئەربابى. ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» («بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم») ناملىق مەشھۇر ئەسىرى بولۇپ، ئەسەر 1069-1070-يىللاردا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەم قاراخانىيلار خانى ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان. ھەسەن بۇغراخان شائىرنىڭ بۇ كاتتا ئەسىرى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خاس ھاجىپلىق (ئالاھىدە مۇشاۋىر ۋەزىر) ئۇنۋانىنى بەرگەن. clB K  
:dSda,!z  
EsMX #1>/m  
/bbs/read.php?tid=11128 -^xbd_'  

بابۇر0725 2014-02-20 18:40
ناھايىتى ياخشى ماتىرىيالەەن .تولۇق بولغان بولسا تېخمۇ ياخشى بولاتتى

ئەكبەرنىياز 2014-02-21 04:15
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتىرياللارنى يولللىغىنىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت !!! ھارمىغايسىز !!!

نازۇك701 2014-02-27 11:24
جاپا چەكتىڭىز .

نىھان 2014-03-12 01:13
رەھمەت. تولۇقلاپ قويساق بوپتىكەن


查看完整版本: [-- تولوقسىز ئەدەبىياتىدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled