查看完整版本: [-- چارچىغانلارغا يۇمۇر كەتتى. --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۆل ئىچىش -> چارچىغانلارغا يۇمۇر كەتتى. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياپراخ 2014-02-19 17:15

چارچىغانلارغا يۇمۇر كەتتى.

              بىر بوۋاينىڭ ئېشىكى يۈتۈپ كېتىپتۇ. بۇ بوۋاي ئىشكىنى ئىزدەپ بىر باغچىغا كىرسە باغچىدا بىر جۈپ قىز يىگىت پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ ئوغۇل قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ 》 سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن پۈتۈن دۇنيانى كۆردۈم《 دەپتۇ. YMy**  
بۇنى ھېلىقى بوۋاي ئاڭلاپ قېلىپ يىگىتكە دەپتۇ:  ئۇكام، يەنە بىر قاراپ باقە، مېنىڭ ئېشىكىمنى كۆرۈپ قالساڭ ئەجەب ئەمەس. t;0]d7ey'  
n5efHJU  
keKsLrd  
مەركەز تېلىۋىزىيەسى 9-قانىلىدا كۆرسىتىلىشىچە ئافرىقا قىتئەسىدىكى بىر مىلىيون بەش يۈز مىڭ بۆكەن كالىسى، 350 مىڭ ئاھۇ، 200 مىڭ تاغىل ئات قۇرغاقچىلىق پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى سەۋەبىدىن كۆچۈشكە باشلىغان بولۇپ بۇ دۇنيا بويىچە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى كۆچۈشى ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ بىر كۆرۈرمەن ئىچىدە مەسخىرىلىك ھالدا كۈلۈپ مۇنداق دەپتۇ: سىلەر جۇڭگودىكى چاغانلىق تىرانسپورت ئېقىمىنى كۆرۈپ باقمىغانمۇ؟ K6)IBV;  
A[`c+&  
Uq x@9z(  
بىر جۈپ قىز يىگىت ئاشخانىدا تاماق يېگەچ پاراڭلىشىپ قاپتۇ. قىز يىگىتتىن سوراپتۇ: سىز زادى مەن بىلەن توي قىلامسىز يوق. يىگىت جاۋاب بەرمەي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ. قىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ يەنە دەپتۇ: ئۆزىڭىزچە مېنى باشقا ئادەمگە تېگەلمەيدۇ دەپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ ئەگەر مەن توي قىلاي دېسەم مۇشۇ ئاشخانىنىڭ ئىچىدىنلا مەن بىلەن توي قىلشنى خالايدىغان ئەردىن نەچچىسى چىقىدۇ . قىزنىڭ گېپى تۈگىشىگىلا كۈتكۈچى بالا يۈگۈرۈپ كېلىپ دەپتۇ: خېنىم پەسرەك ئاۋازدا گەپ قىلسىڭىز بولامدۇ؟ ئاشخانىدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ئاشخانىدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. __uk/2q  
F9(jx#J~t  
Y{@foIZ  
ئىككى ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن كېيىن پاراڭلىشىپ قاپتۇ. ئا ئوقۇغۇچى ب ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ: ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭ؟ب : بەك ناچار، ئىسمىمدىن باشقا ھېچنەرسىنى يازالماي قەغەزنى ئاق تاپشۇرۇپ يېنىپ چىقىتم.ئا ئوقۇغۇچى: دۆت گۇيكەنسەن، مەندىن كۆچۈرۈپسەندە.ب ئوقۇغۇچى: ۋاي مەن ھېچنىمە يازمىغان تۇرسام قانداقسىگە سەندىن كۆچۈرگۈدەكمەن.ئا: قەغەزنى ئاق تاپشۇردۇم دېدىڭغۇ، مەنمۇ قەغەزنى ئاق تاپشۇرغان تۇرسام. vfVF^ WOd  
$bBUL C  
jH;L7  
i\4dd)p-  
دېرىكتورنىڭ ئاغىنىسى دېرىكتورنى يوقلاپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا دېرىكتور ئۆزى كومپىيۇتېردا خەت ئۇرۇۋاتقانىكەن. ئاغىنىسى دېرىكتوردىن سوراپتۇ: ئاغىنە سېنىڭ كاتىپىڭ بار ئىدىغۇ؟ قانداقلارچە ئۆزەڭ خەت ئۇرۇپ قالدىڭ ؟ گەپنى ئاز قىل -دەپتۇ ئاغىنىسى - ئۇ ھازىر مېنىڭ كاتىپىم ئەمەس بەلكى ئايالىم. 83'rQDo)G  
9):^[Wkx  
bZ+H u~  
y99|V39'  
بىر كۈنى بىر ئادەمنىڭ پۇتىنىڭ بىر بارمىقى كۆكىرىپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى بىر شەخسى دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرسىتىپتۇ دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۈ راك كېسىلىكەن دەپ بىر بارمىقىنى كېسىۋىتىپتۇ ئەتىسى قارىسا يەنە بىر بارمىقىمۇ كۆكىرىپ قالغان ، ھېلىقى ئادەم قورقۇپ كېتىپ يەنە بىر بارمىقىنىمۇ كەستۈرۋىتىپ كەپتۇ ئەمدى ئۇھ دەپ ئەتىسى قارىسا پۈتۈن بىر پۇتى كۆكىرىپ كەتكەن ، تېخىمۇ قورقۇپ چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپتىكەن دوختۇر پايپىقىڭىزنىڭ رېڭى چىقىدىكەن دەپتۇ. Z[\nyj  
9; aOUs:<  
Cg^1(dBd[9  
پىل بىلەن چاشقان توي قىپتۇ. توي زىياپىتى بېرىلگەن كۈنى پىل چاشقانغا قاقشاپ دەپتۇ: - ۋاي سېنىڭ تۇغقانلىرىڭ نېمانچە جىق، كۈتۈپ بولالماي بەللىرىم چىم بوپ كەتتى. بۇ چاغدا چاشقان دەپتۇ: - دۇنيادا سەندىن ئارتۇق چۇپەينى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ھېي مېنىڭ ھەممە تۇغقانلىرىم يەپ ئىچكەن تەقدىردىمۇ سېنىڭ بىر تۇغقىنىڭچىلىك يېمىگەندۇ؟ % +M,FgW  
"^VPe[lA  
HQ/ Q"  
تويدىن كېيىن ئايالى ئېرىغا قاقشاپ مۇنداق دەپتۇ: سىز بىلەن توي قىلىپ راھەت كۆرۈپ باقماپتىمەن. كۈنلىرىم ئات ئېشەككە ئوخشاش جاپا تارتىپلا ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇ چاغدا ئېرى دەپتۇ: بۇنىڭغا ئامال قانچە خوتۇن، سېنى ئېلىش ئۈچۈن ئات ئېشەكلىرىمنى سېتىۋەتكەن تۇرسام. } FC(Z-g  
@t3&#I}mc  
~J|B  
Uc]sWcR  
بىر بالا ھەربىيلىكتە تۇرۇپ قايتىپ كەپتۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادىسى ۋە ئاپىسى بىرلىكتە بازارغا چىقىپتۇ. بازاردا بۇ بالا مودا ياسانغان بىر قىزنىڭ كەينىدىن قاراپ قېتىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن دادىسى ئايالىغا دەپتۇ: خوتۇن، بالىمىز چوڭ بوپتۇ، ئۆيلەپ قويساق بولغۇدەك. شۇنىڭ ئاپىسى بالىسىدىن سوراپتۇ: بالام ئۇ قىز قانداقراقكەن؟ بالىسى: قويە ئاپا ئۇ قىزنى، بايامنىڭزى شۇنچە قارىسام ئۇنىڭ قەدەم ئېلىشى ساناققا پەقەتلا توغرا كەلمەيدىكەن. $`|\aXd[C*  
K,f- w2!  
m+pFU?<|  
70T{tB  
بانان ئاپلېسىننى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ قوغلىشىپتۇ. ئەمما ئاپلېسىن بۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. بانان شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن ئاچچىقى كېلىپ ئاپلېسىنغا دەپتۇ: بىرنى مىجىسا سۈيۈڭ چىقىپ كېتىدىغان ھالىڭغا نېمانچە چوڭچىلىق قىلىسەن؟ بولدى، سەندىن ۋاز كەچتىم، كىمگە تەگسەڭ تېگىۋال. بۇ چاغدا ئاپلېسىنمۇ بوش كەلمەي مۇنداق دەپتۇ: ۋاي ئۆزەڭگە قاراپ بېقىپ گەپ قىلساڭ بولارمىكىن، ۋۇي ئىشتىنىنى تەتۈر سالىدىغان لەقۋا. =~'{2gsB  
L~&r.81  
o@DlK`  
*.A{p ;JC(  
بىر كۈنى بىر قانچە بۇرادەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ قاپتۇ. سۇ تۇرۇبىسى دەپتۇ: مەن ھەر كۈنى سۇ ئىچىۋېرىپ ئىچىم داتلىشىپ كەتتى. چاڭ توزان سۈمۈرگۈچ دەپتۇ: مەن ھەر كۈنى چاڭ توزاننى سۈمۈرۈۋېرىپ ئىچىم توپا چاڭ بىلەن توشۇپ كەتتى. بۇستارتقۇ دەپتۇ: ۋاي مەنچۇ، ھەر كۈنى ماي بۇسلىرىنى سۈمۈرۈپ نەپەس ئالالماس بولۇپ قالدىم. « ھەي شوۋىچىلار شۈكرى قىلىشساڭ بولمامدۇ، ئەگەر مېنىڭ كىملىكىمنى بىلگەن بولساڭ ھەرگىزمۇ بايىقىدەك قاقشاشمايىتتىڭ» دەپتۇ سىرتتىن بىرسى كېلىپ. «ۋاي سەن كىمۇ» سورىشىپتۇ سورۇندىكىلەر. ھېلىقى ناتونۇش بۇرادەر دەپتۇ: ئاكاڭ قارىغاينىڭ ئىسنى تەرەت تۇڭى. .v_-V?7   
,2 Q5'!o  
6"u"B-cz  
بىر ئاتۇشلۇق سودىگەر باشقا يۇرتلۇق بىرىگە 100مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇرۇپتىكەن، قەرز مۇددىتى توشقاندا ھەر قانچە سۈيلەپمۇ پۇلىنى زادىلا ئالالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتۇشلۇق سودىگەر ئامال قىلالماي قەرزدارغا تەھدىت ساپتۇ: - ھېي، پۇلۇمنى بېرەمسەن بەرمەمسەن، ئەگەر يەنە بەرمىسەڭ قارنىڭنى چۇۋۇۋېتىپ نېمە كۆرسەم كۆرىمەن جۇمۇ. بۇ چاغدا ئەتراپتىكى چوڭ ياشلىق بىرسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىپتۇ: - ئۇكام پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىغىلى بولماس، سەن ئۇنىڭنى قارنىنى چۇۋۇۋەتسەڭ قانۇن سېنىڭ جېنىڭنى ئامان قويمايدۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئاتۇشلۇق سودىگەر دەپتۇ:ۋاي مەن بۇجاندىن تويدۇم. - نېمىشقا؟- سوراپتۇ ئەتراپتىكىلەر يەنە. ئاتۇشلۇق سودىگەر: پۇل يوق جاننى جان دېگىلى بولامتى؟ (ئاتۇشلۇق قېرىنداشلار چاقچاق ھە، كۆڭلۈڭلەرگە ئالمىغايسىزلەر) +L|-W9"@3  
5PPaR|c3  
نۇرىستان ئۈندىدار سۇپىسى تەييارلىغان. hmr2(f%U  

تۆتتاش 2014-02-19 20:22
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

مىېھرىما 2014-02-19 20:25
ھاردۇقۇممۇ چىقتى ماۋۇ يۇمۇرنى ئوقۇپ رەھمەت.

kaqur 2014-02-19 22:01
تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارغا پادىشاھ ۋە ۋەزىر دىگەن تىكىستنى روللارغا بۆلۈپ ئۇقۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،   ئوقۇتقۇچى ۋەزىرنىڭ رولىنى ،ئۇقۇغۇچى پادىشاھنىڭ رۇلىنى ئاپتۇ، ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىغا قاراپ: I^itlQ  
_  باشلىدۇق ھە،- دىيىشىگە ھېلقى ئۇقۇغۇچى ئۇرنىدىن دىككىدە تۇرۇپ : Zg~6  
_جاللات !!!! بۇ ئالدامچى ۋەزىرنى ئاچىقىپ كاللىسىنى ئال!! دىگۈدەك. d0CFMy6  
h(Ccm44  
   بىر كۈنى چەت بىر يېزىدىن بىر ئادەم شەھەرگە كىرمەكچى بۇلۇپ يولغا چىقىپ قارىسا ھىچ ماشىنا كەلمەپتۇ، بىر ھازادا بىر كۆمۈر باسقان بىر ماشىنا كىلىۋاتقۇدەك، ھېلىقى ئادەم تۇرۇپ كىتىپ بوپتۇلا مۇشۇ ماشىنىغا چىقىۋالاي دەپ ھېلىقى ماشىنىنى تۇسۇپتۇ، ماشىنا توختاپ شوپۇر: h(H b+7g  
  -نەگە بارىسىز؟–دەپ سوراپتۇ. O| zLD  
  -شەھەرگە كىرەي دېگەن ماشىنىڭىزغا چىقىۋالسام.–دەپتۇ. $dgez#TPL  
  -ئاپلا ماشىنىدا بوش ئۇرۇن يوق ئىدى قانداق قىلارمىز بولمىسا كۆمۈرنىڭ ئۇستىگە چىقىۋالامسىز؟– دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ: $,L,VYN  
  -بوپتۇ چىقىۋالاي.–دەپ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ ... ماشىنا مېڭىپتۇ مېڭىپتۇ بىر كەمدە شەھەرگە كەپتۇ شوپۇر ھىچ يەردە توختىماي ئۇدۇل كۆمۈرنى تۆكىدىغان جايغا كىلىپلا كوزۇپنى ئۆرۈپلا كۆمۈرنى تۆكۈپتۇ، تۆكۈپتۇ يۇ شۇ ھامان ئۈستىدە ئادەم بارلىقى ئىسىگە كىلىپ يۈگۈرۈپلا ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا كەلسە ھېلىقى ئادەم كۆمۈرنىڭ ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ شوپۇرغا: |`i.8  
  -خاپا بولمىسىلا ئۇستام، ماشىنا توختىۋىدى چۈشىۋالاي دەپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا كەلسەم كوزۇپ ياڭداپ كىتىپ كۆمۈرلىرى تۆكۈلۈپ كەتتى مەن قايتا ئۇسۇپ بىرەي!–دىگۈدەك . zgR@-OtFZ  

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-19 22:06
ھاردۇق  چىقىپلا قالدى دىسە !

kaqur 2014-02-19 22:07

ئەكبەرنىياز 2014-02-21 03:39
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يومۇرلار ئىكەن ، ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى ! ياپراخنىڭ ۋە كەچۈر سىڭلىمىزنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- چارچىغانلارغا يۇمۇر كەتتى. --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled