查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2014-02-19 14:24

ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزدا مەكتەپلەردىكى ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ sb 
8lF:70wia  
جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر قانداق تارماق ۋە ئورۇننىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردىكى ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشىلىتىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېتىلگەن ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار بۇ يىل 31 – مارتتىن بۇرۇن ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتۇرۇلىدۇ. qino:_g  
+aRHM H  
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشتات ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋە مالىيە نازارىتى يېقىندا ‹‹جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا ۋاقىتلىق يۆتكەلگەن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››(تۆۋەندە ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دەپ قىسقارتىلدى)نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىن ۋاقىتلىق يۆتكەلگەن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايتۇرۇشنى، شىنجاڭدىكى بارلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. > @q4Uez  
4,:)%KB"V  
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋاقىتلىق يۆتكەش مەسىلىسى كۈنسايىن ئېغىرلاشقان، بەزى ناھىيە، شەھەرلەردىكى تارماق ۋە ئورۇنلارغا ۋاقىتلىق يۆتكەلگەن ئوقۇتقۇچىلار نەچچە يۈزگە يېتىپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ نورمال مائارىپ ئوقۇتۇش تەرتىپى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىغان. CMHg]la  
Lq{/r+tt/  
    ئۇقتۇرۇشتا مائارىپ تارماقلىرىدىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارغا ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچدە خىزمەت ئورنىغا شەرتسىز قايتۇرۇش توغرىسىدا يازما ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈش، باشقا سەۋەب تۈپەيلى ئۇزاق مەزگىل خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. خىزمەت ئورنىغا قايتىش توغرىسىدا يازما ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ خىزمەت ئورنىغا قايتىشنى رەت قىلغان ياكى ئورۇنلۇق ئاساسى بولماي تۇرۇپ ئۇزاق مەزگىل ئىشقا چىقمىغانلار ئاپتونوم رايوننىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. Ir3|PehB  
iI!g1  
مەنبە:http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-02/19/content_337258.htm

مىېھرىما 2014-02-19 21:15
بۇ ياخشى خەۋەركەن. تىما ئىگسگە رەھمەت .

ئەكبەرنىياز 2014-02-21 03:21
ئەمدى ئىشلار ياخشى بولغۇدەك ! قانچە ئادىمىڭ بار؟ دەپ سورىسا ئادەم سانى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ ، ئەمما مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەي ، بىر ئوقۇتقۇچى بىر يېرىم كىشىلىك ، ھەتتا ئىككى كىشىلىك ئىش قىلىۋاتقان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئېغىر . بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled