查看完整版本: [-- ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2014-02-18 20:17

ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى

      ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى OQ8 bI=?[x  
مەيلى دەرسلىكلىرىمىز ياكى لۇغەت قامۇسلىرىمىزدە بولسۇن،ئۇيغۇر تىلى ـــ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار ئائىلسى غەربىي ھون تىللىرى تارمىقىنىڭ ئۇيغۇر ـــ قارلۇق گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ،(1)بۇ تىل سەككىز سوزۇق ،24ئۈزۈك تاۋۇش ۋە ھەر بىر تاۋۇشنىڭ بىر خىلدىكى ھەرپلىك بەلگىسى بولغان.فونېتىكىلاشقان،ئىخچام ئېلىپبەلىك يېزىق سىستېمىسىغا ئىگە تىل بولۇپ،ھەرپلەر سۆزلۈكنىڭ قايسى ئورنىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ماس تاۋۇش نامى بويىچە ئەينەن ئوقۇلىدۇ.(2)سۆز بېشىدا سوزۇق تاۋۇشسىز بوغۇم ھاسىل قىلىنمايدۇ.شۇڭا سۆزلۈكلەر ھەر بىر بوغۇمغىچە ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىنىش بىلەن تاۋۇش ياڭراقلىقى ،تەلەپپۇز گۈزەللىكى چىقىپ تۇرىدۇ.(3)بىرەر ئوي-پىكىرنى  ئىپادىلەشتە سۆزلۈكلەر ئىپادىلەيدىغان مەنىسى بويىچە ۋە مۇناسىپ كېلىشلىرى بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا تىزىپ ئېيتسىلا بولىدىغان ناھايىتى ئاددىي گرامماتىكىلىق تۈزۈلمە بولسا كۇپايە..(4) قائايدىسىز پېئىللار مەۋجۇت ئەمەس؛... دېگەن بىر قاتار چۈشەنچە بېرىلىپ،ئۇيغۇر تىلىنىڭ ناھايىتىمۇ ئاددىي تىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلۇش بىلەن ،بۇ تىلنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىشنىڭ ناھايىتى ئاسانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.دەرۋەقە،ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ناھايىتى ئاسان،كۆپ كۈچ سەرپ قىلىش ھاجەتسىز. "8'@3$>R=  
ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچى مەسىلىسىدۇر. D*Ik7Pe  
  بىلىش كېرەككى ،بىرەر تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ قانداقلىقى – شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي قىممىتى،تارىخىي رولى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.ئەگەر تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى قانچە يوقۇرى ،يېزىق سىستېمىسى قانچە ئىخچام بولسا،ئۇنىڭ ئەدەبىي قىممىتى شۇنچە يوقۇرى،تارىخىي رولى شۇنچە زور،جەمئىيەتتىكى ئورنى شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ.ئەكسىچە ئەگەر ئىپادىلەش كۈچى تۆۋەن،يېزىق سىستېمىسى چولتا ياكى مۇرەككەپ بولىدىكەن ،ئۇ ھالدا مەسىلىگە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى ۋە مەدەنىي يۈكسەكلىكىنىڭ تەلىپى جەھەتتىن قارىغاندا،ئۇنداق تىلنىڭ ئەدەبىي قىممىتى،تارىخىي رولى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ياخشى دېيىشكە بولمايدۇ.جۈملىدىن شۇ خىل تىلنى قوللىنىۋاتقان مىللەتنىڭ چۇڭقۇر ئويلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.بىرەر تىلنى توغرا باھالاش،ئاقىلانە قوبۇل قىلىشنىڭ بىردىن بىر ئىلمىي ئۆلچىمى ۋە شەرتى پەقەتلا مۇشۇ ھەم شۇنداق بولىشى كېرەك. دېمەك،بىرەر تىلنىڭ قوللۇنىلىش دائىرسىنىڭ كەڭ ياكى تار بولۇشى،تارىخىي رولى ۋە ئەھمىيىتىنىڭ قانداقلىقى – ئۇ تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك.چۈنكى،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەبىئەت سىرلىرىنىڭ ئېچىلىشى كىشى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان تەسەدىپىيلىقتىن ھەرگىزمۇ خالىي ئەمەسلىكى ئەگەر ئۇنى ئەينەن ،توغرا ئىپادىلەشكە قادىر بولالمىساق،تىلنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي،ئاخىرقى ھېساپتاتەرەققىياتنىڭ تەلىپى ۋە تەقەززاسىغا ماسلىشالماي ،تارىخىي يۈزلىنىشنىڭ توسقۇنلىرىغا ئايلىنىپ قالىمىز. ^BUYjq%(`  
  شۇ سەۋەپتىن ،تىل-يېزىق تەتقىقاتى چىڭ تۇتۇلۇش ئاساسىدا،چەتئەل تىللىرى ئىچىدە گۈزەللىك ۋە مۇزىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى،توغرۇلىق دەرىجىسىنىڭ ئالاھىدە يوقۇرلىقى  بىلەن فرانسۇز تىلى خەلقئارادا ساقلاپ قويۇش زۆرۈر  تېپىلغان مۇھىم ئەسەر ياكى ھۆججەتلەرنى يېزىشتا قوللىنىدىغان بىردىن بىر ئىشەنچىلىك تىل دەپ قارىلىپ،خەلقئارالىق تىللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا قويۇلدى. : q ti  
   قارايدىغان بولساق،يەنە كۆپلىگەن تىللارمۇ قوللۇنىشچانلىقى يوقۇرى تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.ئەپسۇسكى ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ چۇڭقۇر بولمىغانلقى ۋە تىل پېشۋالىرىمىزغا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلالمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك بۇ تىل تېخىچە ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىرلا مىللەت قوللىنىدىغان تىل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.مەن 15يىلدىن بۇيانقى لۇغەتچىلىك تەتقىقاتى ۋە لۇغەت تۈزۈش ئەمەلىيىتىم جەريانىدا ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىمگە ئاساسەن شۇنى ئېيتىشقا ھەقلىقمەنكى،ئىنسانىيەت تارىختىن بۇيان يەنە ئىنتايىن مۇھىم بىر تىل ـــ ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋەرسىز تۇرۇۋېتىپتۇ.بۇ تىلنىڭ شۇ قەدەر مۇھىملىقى دەل ئۇنىڭ فونېتىكىلاشقان ،ئىخچام ئېلىپبەلىك يېزىق سىستېمىسى بارلىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئاجايىپ يوقۇرى ئىكەنلىكىدىندۇر. DKfE.p)  
  ئۇنداق بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى زادى قانداق؟ YWMGB#=  
   (1)بۇ تىلنىڭ يۇمشاق-يېپىشقاقلىقى ۋە تاۋۇش سانىنىڭ ھەرقانداق تىلدىن كۆپلىكى سەۋەپلىك.دۇنيادا بۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.‹‹ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان چەتئەل تىللىرىدىكى تاۋۇشلار  بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسىغا قارپ باقايلى: سېلىشتۇرمىدىن ئايانكى،چەتئەل تىللىرىنىڭ تاۋۇش تەركىبى ئۇيغۇر تىلىنىڭكىدەك مول ئەمەس.مەسىلەن ،ئۇيغۇر تىلىدىكى ئە،ئۆ،ئۈ،ق،غ،ڭ تاۋۇشلىرى ‹‹دۇنيا تىلى››دا يوق؛ج،چ،ق،ر،ھ،ڭ تاۋۇشلىرى فرانسۇز تىلىدا يوق؛خ،ق،غ،ئۆ،ئۈ تاۋۇشلىرى ئېنگىلىز تىلىدا يوق؛ ئە، ج،ق،غ،ڭ،ئۆ،ئۈ،ھ تاۋۇشلىرى روس تىلىدا يوق؛ ئە،ج،ز،ژ،ڭ،ئۆ،ئۈ تاۋۇشلىرى ئىسپان تىلىدا يوق؛ ژ،ق،غ،ئۆ،ھ تاۋۇشلىرى خەنزۇ تىلىدا يوق.مۇنداق ئەھۋاللار باشقا تىللاردىمۇ بار.قىسقىسى مانا شۇنداق تاۋۇش كەملىك تۈپەيلىدىن،بۇ تىللار بەزى سۆز-ئاتالغۇلارنى ئەينەن توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.مەسىلەن:ئىبراھىم( IBRAHIM )نى  رۇس تىلىدىكىلەر‹‹ئىبارگىم››(‹‹IBAGIM           ››) ،خەنزۇلار‹‹يىبۇلايىمۇ››(依布拉依木  )( YIBULAYIMU  )دېگەندەك.ئەمما بىز باشقا تىللاردىكى سۆز-ئاتالغۇلارنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلالايمىز.مەسىلەن :گېرمانىيەلىك ‹‹ھېتلىر››( HITLER )نى ئەنە شۇنداق تەلەپپۇزقىلالىغان ۋە يازالىغان بولساقمۇ،رۇس تىلىدىكىلەر گىتلېر(GITLER   )،خەنزۇلار  شىتېلې (  希特勒  ) دەپ يېزىشىدۇ. RlheQTJ  
  بۇ يەردە شۇنى ئېيتىشقا بولىدۇكى،ئۇيغۇر تىلى تاۋۇش تەركىۋىنىڭ موللىقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكى بىلەن يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى باشقا تىللاردىن  يەڭگىللەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىپ،سۆز بايلىقىنى ئاشۇرالايدۇ.تۇرمۇش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىپادىسىنى ناھايىتى توغرا مەنە بىلەن كۆرسىتەلەيدۇ.مەسىلەن:ئەرەپ-پارس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان مېھمانخانا،ئاشخانا... قاتارلىق سۆزلەت شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. !h(|\" }  
(2)ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بەدىئىي مىراسلارنى ئەينەن ئىپادىلىيەلەيدىغانلىقىدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.كۆرىدىغان بولساق ،تىلنى مۇزىكا تىلىغا ئايلاندۇرغاندا مۇنداق كلاسسىك سۆزلەرنىڭ ئاھاڭدارلىقىدا قىلچىمۇ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقەتەن ئىجاتكار مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ئەنگۈشتىرى 12مۇقام مانا شۇ جەھەتتىكى شانلىق نامايەندە.ئۇ ئىلمىي،تارخىي ،بەدىئىي ھۇزۇر ئېلىش ۋە ئۆرنەكلىك قىممىتىگە ئىگە بولۇپ،تىل بايلىقىمىز ۋە ھېسيات گۈزەللىكىمىزنىڭ ياڭراق تاۋۇش بىلەن جانلىق ئىپادىلىنىشىدۇر.قېنى ئاڭلاپ بېقىڭلار :مۇقامدىن ئارىيە:گۈلباھار ھامۇت (لېنتىلىق ناخشا.) ,QC{3i~  
(3)ئۇيغۇر تىلىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەنە پەرقلەندۈرۈش ئالاھىدىلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن:ھايۋان ئوۋلاشنى‹‹ئوۋلاش››بىلەن،قۇش ئوۋلاشنى ‹‹قۇشلاش››پېئىلى بىلەن ئىپادىلەيمىز.ئەمما پارس تىلىدا ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ‹‹ شىكار››نى ئىشلىتىدۇ.بىزدە ‹‹يېمەك›› بىلەن‹‹ ئىچمەك›› مانا شۇنداق ئايرىم –ئايرىم سۆز بىلەن ئىپادىلەنسە،ئېنگىلىزچىدا ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ‹‹بۇلبۇل›› دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ. cUqke+!  
  (4)بىزدە شەكىلداش سۆزلەر كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە مورفولوگىيىلىك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاھاڭداش سۆز ياكى شەكىل ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتى كەڭ.شۇڭا ،خېلى كۆپ تىللاردا يوق بولغان ‹‹تۇيۇق››دەيدىغان شېئىرشەكلى مەۋجۇت.   مەسىلەن: OS4q5;1#  
                 چېلىش،پۈكلە دۈشمەننى،ئۆرتە،ئوتقا ياق، )foq),2  
                 يېپىش غالىبىيەتكە،سائادەتكە،كۆكرەك ياق. 4%2~ Wi8  
                 كەسكىن مىنۇت يېتىپ جېنىڭغا كەلسە ئىمتىھان، 0`)iIz  
                 دېمە ھەرگىز قۇربان بېرەيمۇ ،ياق. b3S.-W{p.  
ئۈز،غۇلاچ تاشلا،ئازادلىق دېڭىزىنى كەچ، [vMvV4,  
ئەمما باتۇرلۇقنى ھەيران قىل،ئەرتە ۋە كەچ. ~zil/P8  
ۋەتەن،خەلققايغۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىل، ix W@7m  
ۋەتەن،ئۈچۈن كۈرەشتە سەن قېنىڭدىن كەچ. !FA# K8  
   بۇ ئىككى كۇبلىت شېئىردىكى قاپىيە ‹‹كەچ›› دېگەن سۆزلەر ھەرقايسى مىسرالاردا ئوخشىمىغان مەنىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. E Q4KV  
   (5) ھەر ساھە،ھەر كەسىپتىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ تۈرلۈك تىللاردا تەڭ مەنىلىك قىممىتى بىلەن ئالمىشىشىدا سۆز كەملىكى ياكى مەنە مۈجىمەللىك يۈز بەرمەيدىغانلىقىدا ھەتتا،مەنە ئىپادىلەش جەھەتتە ئالاھىدە يوقۇرى ئورۇندا تۇرالايدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ZiYm:$CJ  
مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرلۇپ تۈركۈملەپ ئىشلىنىۋاتقان خەنزۇ،رۇس،ئەرەب،ئىنگىلىز،ياپون...قاتارلىق تىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆزلۈك ۋە ئىسىم-ناملار لۇغەتلىرى بۇنىڭ دەلىلى. AZzuI*  
سۆزلۈكلىرىمىزنىڭ باي مەنە ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە كەلسەك،ئۇيغۇرچىدىكى ‹‹بۇ قوغۇن ناھايىتى بەلەن ››،‹‹بۇ قوغۇن ناھايىتى بەلەن ئىكەن›› ،‹‹بۇ قوغۇن بەلەن چىقىپ قالدى›› دېگەن جۈملەلەر خەنزۇچىدا ‹‹  这甜瓜很好   ››دېيىلىپ؛‹‹ بۇ ئۇنىڭ يۇرتى››،‹‹بۇ ئۇنىڭ يۇرتى ئىكەن››،‹‹بۇ ئۇنىڭ يۇرتى ئىدى›› دېگەن جۈملىلەر  ‹‹这是他的家乡              ››دېيىلىپ؛ ‹‹ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تەۋەرۈكى ئىدى››،‹‹ئۇ ئائىلىمىزنىڭ تەۋەرۈكى››دېگەن جۈملىلەر ‹‹  那是我们的家宝  ››دېيىلىپ بولدى قىلىنىدۇ.ماھىيەتتە يوقۇرقى ئۇيغۇرچە جۈملىلەر گرامماتىكا ۋە مەنە جەھەتتە بىر-بىرىدىن رۇشەن ۋە ئىنچىكە پەرقلىنىدۇ.ئەمما بۇ پەرقلەر خەنزۇچىدا ئىپادىلەنمەيدۇ ھەم ئىپادىلەپ بېرىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس.ئەگەر ئىپەدىلىمەكچى بولساشۇ جۈملىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى جۈملىلەرگە تاينىشتىن باشقا ئامال يوق. 3uZJ.Fb  
(6)سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىدە جىنىس ياكى سىستىما كاتىگورىيىسى بولمىسىمۇ مەنە مۇجىمەللىكى ۋە ئۇقۇمسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ.مەسىلەن: ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆرسىتىش ئالماش ‹‹ئۇ››نى ئە-ئايال،ھايۋانات،ئۇچار-قۇشلار ،جانلىق –جانسىز ھەممە مەۋجۇدات ئۈچۈن ئېنىق مەنە ئاڭلىتىش مەقسەتلىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.ھەرگىزمۇ خەنزۇچىدەك ئەرلەر ئۈچۈن ‹‹他 ››(ta)،  ئاياللار ئۈچۈن ‹‹她››(ta)،نەرسىلەر ئۈچۈن‹‹它››(ta)نى ئىشلەتكەندەك.ياكى ئىنگىلىز تىلىدەك ،ئەرلەر ئۈچۈن ‹‹he››نى ،ئاياللار ئۈچۈن‹‹ she ››نى ،نەرسىلەر ئۈچۈن ‹‹ti    ››نى ئىشلەتكەندەك سۆز تاللاش ئاۋارىچىلىقى مەۋجۇت ئەمەس.خۈملىدىن رۇس تىلىدەك سۆز قوللىنىشتىكى مۇرەككەپلىكلەر تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.   Ubh{ !Y  
          چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئىقتىدارى /;7y{(o  
   ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋۇش ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك تاۋۇشلارغابولغان ماسلىشىشچانلىقى،ئىنكاس قايتۇرىشى ناھايىتى تېز.بۇ تېزلىك ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل تىللىرىنى ناھايىتى ئاسان ئۆگىنىپ ئالالايدىغانلىقىنىڭ رۇشەن بەلگىسىدۇر.يەنى تاۋۇشلارنى ئەينەن، دەلمۇ-دەل  تەلەپپۇز قىلالايدىغانلىقىدىن سىرت،يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ يوقۇرلىقىدىمۇ گۇمان يوق.بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يەنىلا يوقۇرى ئىكەنلىكىدە قىلچىمۇ گۇمان يوق.بۇنى بىزنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئورۇنلاش ئەھۋالىمىز بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇكى،ئالەمگە مەشھۇر 12مۇقام ئەشۇ خەلق ئارىسىدا ئىجات قىلىنغاندىن تارتىپ،تولۇقلىنىپ ۋە زورۇيىپ،3127مىسرالىق تېكىستكە ۋە 320خىل ئۆزگۈرۈش بار مۇرەككەپ مۇزىكىلىق ھالەتكە كەلدى.ئەمما بىز چەتئەل مۇزىكانتلىرىدەك نوتا دەپتەرلىرىگە قاراپ چالمايدۇ ياكى ئېيتمايدۇ.ھەمدە ئېزىپ قالىدىغان،خاتا چېلىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولمايدۇ.ئەجەبا بىز مۇرەككەپ كلاسسىك ناخشا –مۇزىكىلارنى شۇنچە ئۇزۇن يىل-ئەسىرلەردىن بۇيان يادقا ئېيتىپ ۋە چېلىپ كەلگەن ئىكەنمىزۇ،چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىشتىمۇ بۇ خىل ئىقتىدارىمىز بولماسمۇ؟ Di@GY!  
ئەمدى ،ئۇيغۇر ناخشىچىلىرىمىز ۋە مۇزىكانتلىرىمىزنىڭ چەتئەل ناخشا-مۇزىكىلىرىنى قانداق ئەينەن ۋە تەسىرلىك ئورۇنلىشىغا قاراپ باقايلى:ئورۇنلىغۇچى: ئىززەت ئىلىياس؛ياپونىيە تېلېۋىزىيە فىلىمى ‹‹ئاخىرقى پۇرسەت›› تىن ئارىيە: (لېنيىغا ئېلىنغان نۇسخىغا دىققەت). i `s|,"0o  
گۈلباھار ئىمىن: ‹‹موللا مەمەتجان›› (لېنتىغا ئېلىنغان نۇسخىسىغا دىققەت) .ئۇلار بۇ ناخشىلىرى بىلەن زور ئالقىش ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. sp7*_&'J  
يوقۇرقىلاردىن شۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇكى،ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە ھەرقانداق مىللەتتىن كەڭ ۋە چۇڭقۇر ئارىلاشقان .بۇھال ئاخىرى بۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئېڭىدا باشقا مىللەتلەردىن تاشقىرى تەپەككۈرىنىڭ ئاجايىپ تېز،تەسۋىرى كۈچىنىڭ ئاجايىپ مول بولۇشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.(ئۇيغۇر تىلى تاۋۇشلىرىنىڭ كۆپ خىل ،سۆزلۈكلىرىنىڭ مەنە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە يوقۇرى بولۇشى،مانا شۇ سەۋەبتىندۇر.)  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىتاتى تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى مانا بۇنىڭدىن رۇشەن كۆرىۋالغىنى بولىدۇ.ئەلۋەتتە. بۇ يەردە ،چەتئەل ئالىم-مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قىسقىچە باھالىرىنى مىسال كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ. فرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس تارىخچى گراسېر(Grassert) ئەپەندى 1930-يىللىرى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختۇلۇپ:‹‹ئۇيغۇرلار باشقا تۈرك ،مۇڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ،چىنگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تەربىيىلىگۈچىلەردىن ئىدى››دەپ يازغان. Yly@ww9t|  
1960-يىلى ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى دېنس سنۇر(Snot Denise)ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى ‹‹تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتىپ بارمىغان››دەپ يازغان ئىدى. =/u% c!  
   دېمەك ،تۇرمۇش ۋە تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھالىرىگە ئەڭ كەڭ ۋە چۇڭقۇر چۆككەن ئۇيغۇر خەلقى تىل-يېزىق ساھاسىدە مانا مۇشۇنداق يوقۇرى ئىپادىلەش كۈچىگە ئىەە بولغان ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان پارلاق مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىدى. qS/V"|G(  
مەنبە:ئاسىيا كىندىكى گېزىتى 1995-يىل 11-ئاي 30-كۈنى سانى . h)6G aJ=  
      ماقالىنىڭ ئاپتورى: قۇددۇس ھاپىز oT{@_U{*J  
/^$UhX9v  
   C W)Z[ 
:d0Y%vl  
^A][)*SZ  
   ui "3ak+F  

گۈلنىھال 2014-02-18 20:54
ياسىنجاننىڭ ‏ئەجىرىگە رەھمەت !

maaripqi 2014-02-18 23:01
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالە ئىكەن، ساقلىۋالدىم ، كېيىن يەنە ئوقۇپ چىقىمەن.

مىېھرىما 2014-02-19 14:41
ياسىنجانىڭ مۇنبەرگە قوشقان توھپىسى بارغانچە  رەڭدارلىققا ئىگە بولۋاتدۇ سىزگە رەھمەت .

بابۇر0725 2014-02-19 15:48
بىرماھىر كۆپكە قادىرلار بىلەن تەۋپىقداش بولغانلىقىمدىن بەكمۇ خوشالمەن

ياسىنجان510 2014-02-19 16:18
پىكرىڭىزدىن سۆيۈندۈم،سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن قېرىندىشىم.

ئوتقاشئەرقۇتى 2014-02-19 22:31
ياخشى ماقالە ئىكەن !ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن !

ئەكبەرنىياز 2014-02-21 02:04
ئاجايىپ ھاياجانلىق ھىسسىيات ئىلكىدە بۇ ماقالىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم ، نىمىلەرنىدۇر ئويلىدىم ، نىمىلەرنىدۇر ۋارقىراپ تۇرۇپ  دېگۈم كەلدى . ئۆزۈمنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ئولۇغ تىلنىڭ ھەقدار ئىگىسى بولۇپ يارالغىنىمغا يۈز مىڭلاپ شۈكرانىلەر ئېيتتىم !!! ياسىنجان مۇئەللىمنىڭ بۇ يوللانمىسىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە ئۆز خانەمدە ئولتۇرۇپ ، مۇڭلۇق  مۇقام كۈيلىرىنىڭ ئەللەيلەشلىرى ئىچىدە ئوقۇۋالغىنىمدىن ئالەمچە ھوزۇرلاندىم . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ياسىنجان510 2014-02-21 20:54
ئەكبەر نىياز ئەپەندى بۇتېمىغانىسبەتەن ئوتلۇق ھېسيات بىلەن دىل سۆيۈنگۈدەك باھالىرىڭىزنى بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن سىزگە رەھمەت.

لەتىپە 2014-03-27 00:35
ياخشى ماقالە ئىكەن !ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن !

مامۇتجان 2014-04-17 17:46
ياسىنجان ياخشى چىقىپتۇ ھەممىز ئوراتق تىرشايلى.سىز كۆپ ئەجىر قىلىپسىز.رەھمەت


查看完整版本: [-- ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled