ھەزرەت |
2014-02-18 17:52 |
مائارىپ ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلار
1ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بۇ يىل ئىككىنچى يۈرۈش مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ TTeA
a C گۈزەللىك گىمناستىكىسى، جىڭجۈي تىياتىرى سەھنە قەدىمى، مىللىيچە ئۇسسۇل قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككىنچى يۈرۈش مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن. gV<0Hj J!=](s5| ئىگىلىنىشىچە، ئىككىنچى يۈرۈش مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى بىرىنچى يۈرۈش مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى ئاساسىدا، ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹بالىلار ئۇسسۇلى››، ‹‹غەيرەت قىلايلى››، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹پەرۋاز قىل ياشلىق››، ‹‹دۆلەت كۈيى ياڭرىدى››، تولۇق ئوتتۇرا گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹ئاپتاپلىق پەسىل››، ‹‹مەكتەپ ئۇسسۇل ناخشىسى›› قاتارلىق ئالتە ئۇسسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىككىنچى يۈرۈش مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلى بىرىنچى يۈرۈش مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلىغا قارىغاندا زامانىۋىلىققا ئىگە بولۇپ، ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ماس كېلىدىكەن.
?l6>6a7 <{$ev&bQ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىككىنچى يۈرۈش مەكتەپ كوللېكتىپ ئۇسسۇلىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەر ۋە رايونلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىناق قىلىنىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان بولۇپ، تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى چېنىقىشنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستېتىك ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. eNIkiJ$uS &/B2)l6a s(1_: 2 ^tm++ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل كەسىپلەر بويىچە 9006ئوقۇغۇچى تەربىيەلەندى 3R)cbwL 8gVxiFjo s=H/b$v ئاپتونوم رايوننىڭ 2-تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل نۇقتىلىق كەسىپلەر قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىختىساسلىقلار كەمچىل كەسپلەرگە جەمئىي 9559ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىدا تەربىيەلەنگەنلەر 6009بولۇپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشان ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. !A'`uf4u 6Nfof ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى ئاپتونوم رايون 2-تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل نۇقتىلىق كەسىپلەر قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇپ، بەش يىلدا 100مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشى خىراجىتى ئاجرىتىپ، ئىختىساسلىقلار بىر قەدەر كەمچىل بولغان 36كەسىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشنى پىلانلىغان.
pm'
@2dT ,Az`6PW مائارىپ نازارىتى ئالىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:ئۈچ يىللىق يېتەكلەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئىختىساسلىقلار كەمچىل كەسىپلەردە مەلىكىلىك، كۆپ قىرلىق ئىختىساسلىقلانى يېتىشتۈرۈشنى نىشان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان تەپەككۇر ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، ساھەلەردىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئىزدىنىلىپ، بىر قىسىم تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. 88 tFB '(3Nopl ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايون مالىيەسى ئىختىساسلىقلار كەمچىل كەسپلەر قۇرۇلۇشى مەخسۇس تۈر راسخوتىدىن 60مىليون يۈەن ئاجراتقان، ئالىي مەكتەپلەر 64مىليون يۈەن سەپلىگەن.1460تەجرىبىنى يېڭىدىن تەسىس قىلغان، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پىراكتىكا-تەربىيەلەش بازىسىدىن ئايرىم-ئايرىم 25نى ۋە 151نى كۆپەيتكەن. jV,(P$ 5; Y{Y;EY4 -!C
Y,'3 3جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بەردى #.\,y>` e6{[o@aM{ NgE&KPj\ 2013-يىللىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ، ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمى 2014-يىلى 15-فېۋرال تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە-جۇڭگو دوستلۇق فوند جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلدى .جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى جۇ زىخاۋ ، تۈركىيە-جۇڭگو دوستلۇق فوند جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى . n3l"L|W^(< e\d5SKY مەسلىھەتچى جۇ زىخاۋ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلىدى.ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئۆگىنىشتە نەتىجە يارىتىپ ، يۇرت-ماكانىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقە ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . JGSk4 DmXDg7y7s مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ئەلچىخانا رەھبەرلىرى ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.ئەلچىخانا رەھبەرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى . Ew?/@KAV\ #5o
hmp,u ئىگىلىنىشىچە ، ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ، ئوقۇش ياردەم پۇلىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەمىنلەيدىكەن.2013-يىلى تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن جەمئىي ئالتە نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 31 نەپەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن. ld!6|~0U RK~FT/ ^7~SS2t! Z0F>"Z_qn مەنبە : مائارىپ تورىدىن |
|