查看完整版本: [-- «   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار ( 19 ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> «   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار ( 19 ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-18 12:33

«   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار ( 19 )

                                               ئادەم بىلەن ئادەم fiK6@,  
Xb|:vr\v  
      كىنو چولپىنى لويد ماشىنىسىنى رېمونتخانىغا ھەيدەپ بارغانىكەن، ئۇنى بىر ئىشچى قىز كۈتۈۋاپتۇ. ئۇنىڭ پىششىق ۋە ئەپچىل قوللىرى بىلەن كېلىشكەن چىرايى لويدنى مەپتۇن قىلىۋاپتۇ. yZ0-wI  
ئۇنى پۈتكۈل پارىژ بىلىدىكەن، ئەمما  بۇ قىز قىلچە ئەجەبلەنمەپتۇ ۋە خۇشال بولۇپمۇ كەتمەپتۇ. e(]!GA  
−    سىز كىنو كۆرۈشنى ياقتۇرامسىز؟ − ئىختىيارسىز سوراپتۇ لويد. 2%DSUv:H%  
  − ئەلۋەتتە ياقتۇرىمەن، مەن دېگەن كىنو مەستانىسى، − دەپتۇ رېمونتچى قىز ۋە ماشىنىنى ناھايىتى تېزلا رېمونت قىلىپ بوپتۇ. 5V?& 8GTe  
− ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئەپەندىم. ((YMVe  
   ئەمما لويدنىڭ كەتكۈسى كەلمەپتۇ ۋە: ,;EIh}  
  − خېنىم، مەن بىلەن بىللە سەيلە قىلىپ كېلىشنى خالامسىز؟ − دەپتۇ. VQc_|z_ s  
− ياق ! مېنىڭ يەنە خىزمىتىم بار. R3 -n>V5o  
   − بۇمۇ ئوخشاشلا سىزنىڭ خىزمىتىڭىز، ماشىنىنى ئۆزىڭىز رېمونت قىلدىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز بىر تەكشۈرۈۋەتسىڭىز. Y+kfBvxyf  
   − مەيلى ئەمىسە، سىز ھەيدەمسىز ياكى مەنمۇ؟ ih58  
  − ئەلۋەتتە مەن ھەيدەيمەن، سىزنى مەن تەكلىپ قىلغان تۇرسام. $njUXSQ;  
  ماشىنا ناھايىتى ياخشى مېڭىپتۇ، قىزچاق: :y'Ah#  
− قارىغاندا ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك تۇرىدۇ، مېنى چۈشۈرۈپ قويسىڭىز بولامدۇ؟ − دەپتۇ. 5Mro Nr  
   − نېمە، ماڭا يەنە بىردەم ھەمراھ بولۇشنى خالىمامسىز؟ مەن يەنە بىر قېتىم سوراپ باقاي، سىز كىنو كۆرۈشنى ياقتۇرامسىز؟ AFq~QXmr)  
− بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ بولدۇم، ياقتۇرىمەن، يەنە كېلىپ مەن كىنو مەستانىسى. U\g/2dM  
− مېنى تونۇمامسىز؟ ;;! yC  
  − نېمىشقا تونۇمىغۇدەكمەن، كەلگەن چېغىڭىزدىلا سىزنىڭ زامانىمىزدىكى كىنو چولپىنى ئالېكس لويد ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەنىدىم. 2":pE U{E  
  − شۇندات تۇرۇقلۇق. نېمىشقا ماڭا سوغۇق مۇامىلە قىلىسىز؟ > $O]Eu!  
− سىز خاتالاشتىڭىز، مەن سوغۇق مۇامىلە قىلمىدىم، ئەمما باشقا قىزلاردەك ئۇنداق ئەسەبىيلىشىپ كەتمىدىم. سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق نەتىجىلىرىڭىز بار، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تۇشلۇق خىزمىتىم بار. سىز ماشىنا رېمونت قىلغىلى كەلگەنىكەنسىز، مېنىڭ خېرىدارىم ھېسابلىنىسىز، ئەگەر سىز چولپانلىقىڭىزدىن قېلىپ يەنە ماشىنا رېمونت قىلدۇرغىلى كەلسىڭىز، مەن سىزنى ئوخشاشلا كۈتىۋالىمەن. ئادەم بىلەن ئادەم بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇشۇنداق بولماسلىقى كېركمۇ؟ =T3 <gGM  
  لويد جىمىپ قاپتۇ، ئۇ ئاددىيغىنە ئايال ئىشچىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يەڭگىلتەكلىك ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قويغىنىنى سېزىپتۇ. 0%3 2=k7O[  
  − خېنىم، رەھمەت !  سىز مېنى ئۆز قىممىتىم توغرىسىدا قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلدىڭىز، بولدى، ئەمدى سىزنى ئاپىرىپ قوياي. OsTc5K.U~  
$| zX|  
                                       كىچىككىنە قارا چېكىت \Q {m9fE  
n"h `5p5'  
      بىر مەكتەپتە ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارنىڭ ھېچنېمىسىنى ياراتمايدىغان بىر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. ئۇ ھېچكىم بىلەن چىقىشالمايدىكەن. بىر كۈنى مۇئەللىم بىر ۋاراق ئاق قەغەزنى ئەكېلىپ، ئۇنىڭغا كىچىككىنە قارا چېكىتتىن بىرنى قويۇپتۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن: ,[N%Q#  
  − بۇ نېمە؟ − دەپ سوراپتۇ. Wt*cIZ  
  − بۇ بىر كىچىككىنە قارا چېكىتقۇ؟ − دەپ قىلچە ئىككىلەنمەيلا جاۋاب بېرىپتۇ ئوقۇغۇچى. JL`-0P<M  
  مۇئەللىم بېشىنى چايقاپ قويۇپ ئۇنىڭغا قاراپ خۇرسىنىپتۇ: el& 0}`K  
   − بۇ ئېنىقلا چوڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەز تۇرسا، سەن ئۇنى كۆرمەي قېرىشقاندەك كىچىككىنە قارا چېكىتنىلا كۆرۈۋاتىسەن، شۇنىڭغا قارىغاندا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەمەس، بەلكى كەمچىلىكلىرىنىلا كۆرۈدىغانلىقىڭدىن ئەجەبلەنمىسەممۇ بولغۇدەك! hE &xE;  
   بۇ ھەقىقىەتەنمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك ھېكايە. gx-2v|pZ  
    نۇقسانسىز ئادەم يوق، بىز مەيلى مەكتەپتە بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسۇن،  باشقىلاردىن قۇسۇر تېپىشقا بېرىلىپ كەتسەك، ئۆزىمىز قول قويۇشقا تېگىشلىك بىرەر ئادەمنىمۇ ئۇچرىتالمايمىز، ھەتتا كۆزىمىزگە سىغقۇدەك بىرەر كىشىنىمۇ تاپالمايمىز. مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، كەيپىياتىمىز تولىمۇ يامانلىشىپ، بۇ جاھاندا ياخشى ئادەم يوق ئىكەن، مەنلا ياخشى ئادەم ئىكەنمەن، بۇ بىر زۇلمەتكە ۋە قالايمىقانچىلىققا تولغان دۇنيا ئىكەن، دەپ قاراپ، تىكەندەكلا يالغۇز قالىمىز. شۇنىڭ بىلەن قانداقلا ئىش قىلساق خوشياقمايدۇ، ھەممىلا كىشىگە قوپاللىق قىلىپ قويۇىمىز، ئاخىر ئەلدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشايمىز. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە بىرمۇ دوست تۇتالمايمىز، جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ئەپ ئۆتەلمەيمىز. مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك چاتاق بولىدۇ. باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدىغان، ھەممىلا جايدا باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدەشنىلا بىلىدىغان ئادەم قانداقمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە، گۈزەل ھاياتقا يۈزلىنەلىسۇن؟ FX;QG94!  
   بىر ۋاراق ئاق قەغەز ئالدىڭىزغا يېيىپ قويۇلغاندا، سىز يوغان بىر ۋاراق ئاق قەغەزنى ئېنىق كۆرۈشىڭىز، ھەرگىز ئۇنىڭدىكى كىچىككىنە قارا چېكىتكە تىكىلىپ تۇرۇۋالماسلىقىڭىز كېرەك. بولمىسا «بىر يوپۇرماق توسۇۋېلىپ كۆزىنى، كۆرەلمەپتۇ شۇنچە يوغان ئورماننى» دېگەندەك ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان گۈزەل نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويىسىز. 3_C|z,\:  
E}%B;"b/Tj  
                                             ئاخىرەت M "ui0 ac  
ov|d^)'  
       ئەرنىڭ كۆزى كۆرمەيدىكەن، ئايالنىڭ پۇتى باسمايدىكەن، ئەر ئايالنى يۈدۈۋېلىپ ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. ئەر ئايالنىڭ پۇتى، ئايال ئېرىنىڭ كۆزى ئىكەن. ئۇلار كەنتمۇ كەنت، يېزىمۇ يېزا ئارىلپ يۈرۈپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپتۇ. بەزىلەر بىر قاچا تاماق بەرسە، بەزىلەر بىر - ئىككى نان بېرىپتۇ، كۈنى تېخىمۇ باياشات ئۆتۈدىغانلىرى بەش - ئون يۈەن پۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىقىغا مەستلىكى كەلگەن بەزى ئاياللار ئېرىگە: «قاراڭلار بۇ ئەماغا، خوتۇنىغا نەقەدەر كۆيۈنىدۇ - ھە !»  دېيىشىپتۇ. -TLlwxc^%  
    ئۇلار نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ، كۈرمىڭ جاپالىق كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزۈپتۇ. نەتىجىدە يوغان ئۈچ ئېغىز ئۆي سالدۇرۇۋاپتۇ، ئىدىشتىكى ئاشلىقى، ياستۇقىنىڭ ئاستىدىكى پۇللىرىمۇ ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدىغان بوپتۇ. ئەر قانائەتلەنگەن ھالدا خوتۇنىغا:‏ MO[2~`,Q!  
   − بىز ئاخىرەتتىمۇ يەنە ئەر - خوتۇن بولۇپ ئۆتەيلى، سېنىڭ پۇتۇڭ بار، مېنىڭ كۆزۈم بار بولۇپ، راۋرۇس ياشايلى، − دەپتۇ. ]GUvV&6@(  
  − ماڭە نېرى، ئاخىرەتتە يەنىلا پۇتۇمنىڭ بولمىغىنى، يەنىلا ساڭا ھاپاش بولۇپ يۈرگىنىم ياخشى. X enE^e+9  
   ئەر ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمەپتۇ. u+dLaVlLJ  
   − سەن تېخى بىخەۋەر، − دەپتۇ ئايالى، − ئاكام بىلەن يەڭگەم پۇتىمۇ بار، كۆزىمۇ بار تۇرۇقلۇق، ئەتىدىن كەچكىچە بىكار يۈرۈپ كۈنلىرىنى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ! 3W V"U  
$5 >e  
                                   خۇشاللىق مۇشۇنداق ئاددىي بولىدۇ -Mi p,EO  
 Ii6<b6-  
     بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، ئەتىدىن كەچكىچە غەم - ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەزىرلىرىنى خۇشال يۈرىدىغان ئادەمدىن بىرنى ئىزدەپ تېپىش ۋە ئۇنى ئوردىغا ئەكېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بىر ۋەزىر تۇشمۇتۇشتا بىرنەچچە يىل ئىزدەپتۇ، ئاخىر بىر كۈنى  نامرات بىر يېزىغا كەلگەندە خۇشال يۈرىدىغان بىر ئادەمنىڭ ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناخشا ئاۋازى چىققان تەرەپتىن ئېتىزدا يەر ھەيدەۋاتقان دېھقاننى تېپىۋاپتۇ. _ "E$v&_  
    ۋەزىر دېھقاندىن: qjc8fP2  
   −  سىز خۇشالمۇ ؟ − دەپ سوراپتۇ. FW.7'7G@n  
  دېھقان بۇنىڭغا جاۋابەن: '-QwssE  
  − مېنىڭ خۇشال ئۆتمىگەن بىرمۇ كۈنۈم يوق،− دەپتۇ. w?3p';C  
   ۋەزىر ئىچ - ئىچىدىن سۆيۈنۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مۇددىئاسىنى دېھقانغا ئېيتىپتۇ. دېھقان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپتۇ: IO wj>t  
   − مەن بىر كۈنى كوچىدا پۇتى يوق بىر ئادەمنى كۆرۈپ قالغانغا قەدەر، ئايىغىمنىڭ يوقلۇقىدىن مەيۈسلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. 3^IpE];+:u  
  خۇشاللىق دېگەن نېمە؟ خۇشاللىق ئۆزىڭىز ئىگە بولغان ھىممەتلەرنى قەدىرلەش دېمەكتۇر. بايقىدىڭىزمۇ؟ خۇشاللىق مۇشۇنداق ئاددىي بولىدۇ. A8xvo/n$  
j_/>A=OD  
                                  چۈش تەبىرى ھەققىدە ھېكايە |rY1US)S  
u6?Q3 bvI  
     ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر پادىشدھ قورقۇنۇچلۇق بىر چۈش كۆرۈپ، چىشلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەپتۇ. ئۇ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ، چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چاقىرتىپ كېلىپتۇ. چۈشكە تەبىر بەرگۈچى پادىشاھنىڭ ئۆز چۈشى ھەققىدىكى بايانىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ: tG:25T0  
    − ئالىيلىرى، بۇ بىر يامانلىقىنىڭ بىشارىتى، خۇددى سىلىنىڭ تۆكۈلۈپ كەتكەن چىشلىرىغا ئوخشاشلا، پۈتۈن ئائىلىدىكى كىشىلەرمۇ سىلىدىن بۇرۇن بىر - بىرلەپ ئۆلۈپ كەتكۈدەك. oOnop-z7  
     پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق زىندانغا تاشلاشنى بۇيرۇپتۇ ھەمدە يەنە بىر چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چاقىرتىپ  كېلىشنى تاپىلاپتۇ. F7 5#*  
    باشقا بىر چۈشكە تەبىر بەرگۈچى پادىشاھنىڭ ئۆز چۈشى ھەققىدىكى بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ: kC WEtbz1  
  − ئالىيلىرى، بۇ بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى، چۈشنىڭ تەبىرى شۇكى، ئۆزلىرى ئائىلىدىكى بەرلىق كىشىلەردىن ئۇزۇن ياشىغۇدەكلا. f6EZ( v  
    پادىشاھ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ چۈش ئۆرۈگۈچىگە نۇرغۇن پۇل -  پۈچەك ئىنئام قىلىپتۇ. 2X.r%&!1M  
    ۋەزىرلەر بۇ ئىشنى چۈشىنەلمەي بۇ چۈش ئۆرۈگۈچىدىن مۇنداق سوراپتۇ: 8N!b>??  
   − سىلىنىڭ دېگەنلىرى ئالدىنقى بىچارىنىڭ دېگەنلىرى بىلەن  بىر مەنىدىكى گەپلەرغۇ، نېمىشقا ئۇ جازالىنىپ، سىلى ئىنئامغا ئېرىشتىلە؟ gGvz(R: y  
   بۇ تەلەيلىك چۈش ئۆرۈگۈچى مۇنداق دەپتۇ: 9l|@v=gw.  
   − توغرا ئېيتتىڭلار، ئىككىمىزنىڭ چۈشكە بەرگەن تەبىرى ئوخشاش، ئەمما مەسىلە سېنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىڭدە  بولماستىن، بەلكى قانداق دېگەنلىكىڭدە. p s/A yjk  
u0 P|0\  
   [ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. ] BD68$y  

مىېھرىما 2014-02-18 16:31
بۇ ھىكايەتلەردىن نۇرغۇن  نۇرغۇن  بىلىمگە ئىگە بولدۇم سىزگە رەھمەت .

گۈلنىھال 2014-02-18 18:19
‏ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى سۇنۇۋاتقانلىقىڭىزدىن سۆيىنىمىز ، ھارمىغايسىز !

ئەكبەرنىياز 2014-02-21 00:06
ئايزىبانىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقىغا ئاپىرىن !!! بۇ ھىكايەتلەرنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن زور ئىكەن !!!

بابۇر0725 2014-02-21 01:08
بۇ ھىكايەتلەردىن نۇرغۇن  نۇرغۇن  بىلىمگە ئىگە بولدۇم سىزگە رەھمەت  


查看完整版本: [-- «   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار ( 19 ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled