查看完整版本: [-- مىېھرىما: بەزىلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> مىېھرىما: بەزىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-02-18 10:08

مىېھرىما: بەزىلەر

بەزىلەر

مىېھرىما


ئىش ئەپلەشكە بەك ماھېر ،
ئاسان ئىشنى ئىزدەيدۇ.
قىيىن ئىشقا دۇچ كەلسە ،
غەمدىن بېشى ئاغرىيدۇ.


ئامالىنى ئىزدەپ ئۇ،
زادى تىنىم تاپمايدۇ.
چۆنتىكىنى باشلىقنىڭ،
پۇل مال-بىلەن يوقلايدۇ.


ئەيشى- ئىشرەت بەزمىدىن،
ئالدىن خەۋەر تاپىدۇ.
باشلىق بىلەن ئولتۇرۇپ،
ئىمانىنى ساتىدۇ.


ئىشرەت ئىچرە باشلىقمۇ،
سەن ياخشى دەپ تۇرىدۇ.
مەس ئولتۇرۇپ ئىشلارغا ،
ياخشى  چارە تاپدۇ.


ئامال قىلىپ باشلىقى،
كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ.
ئاسان قىلىپ ئىشىنى،
تەييار قىلىپ بېرىدۇ.


باشلىقلارنىڭ ئۆيىنى ،
ئۆز ئۆيىدەك بىلىدۇ.
نېمە بار يوق  نېمە كەم،
تېپىپ تەييار قىلىدۇ.


ھېيت -بايرام بولسىغۇ،
تېرىسىگە پاتمايدۇ.
«ئەجەپ پۇرسەت كەلدى »دەپ
خىزمەت قىلىپ ھارمايدۇ.


ئائىلە ھەم بالام دەپ،
جاپا چېكىپ يۈرمەيدۇ.
ۋېجدانىنى ساتقانغا،
پۇشمان قىلىپ يۈرمەيدۇ.


قولى شۇنداق بەك ئەپچىل ،
زادى ھاردۇق يەتمەيدۇ.
شۇنداق ياشار بەزىلەر،
كۈننى كەچكە ئۇلايدۇ.


مەنبە : ئىجادىيىتىم

تۆتتاش 2014-02-18 16:33
ياخشى  بىرساتىرانىڭ  1-  ئۇقۇرمىنى بولغانلىقىمدىن  خۇرسەن  بولدۇم،
مۇشۇنداقلا  ئىزچىل  بولسىڭىز  كەلگۈسىدىكى  تەۋپېق مۇنبىرىمىزنىڭ شائىرەلەر  قۇشۇنىنىڭ  سەركىسى  بۇلۇپ  قېلىشىڭىزدا  گەپ  يوق.
ئىجادىيىتىڭىزەە  ئۇتۇق  تىلەيمەن.

مىېھرىما 2014-02-18 16:38
سىزگە رەھمەت . مۇشۇنداق ياخشى تىلەكلەر مېنى داۋاملىق ئالغا ئۈندەيدۇ ئەمەسمۇ.« داڭلىق » بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىم .لىكىن قىزقىمەن شۇ. تىلەكلىرىڭىزدىن خۇرسەنمەن.

قاراخان 2014-02-18 16:40
ياخشى يېزىپسىز، بۇنداق «بەزىلەر» مەكتىپىمىزدىمۇ نۇرغۇنغۇ دەيمەن. مانا مۇشۇنداق ياخشى شېئىرلىرىڭىزنى ئايىماي يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

مىېھرىما 2014-02-18 16:45
شۇ تۇنگۇن شوجاڭ يىغىن ئېچۋاتقاندا ئاخىرىدا يىڭى تۈزۈمنى ئوقىدى ئەمەسمۇ بىرقىسىم ئىشلا ،خىيالىمدىن كېچىپ قالدى . ۋاختى كەلسە شۇ تۈزۈم بىزنىڭلا تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالمۇ دەپ خىيال قىلىپلا  يېزىپ قالدىم . ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەكتەپتە بولغاچقا ،شۇڭا يازدىم . سىزگە يارغان بولسا مەن خۇشال.

گۈلنىھال 2014-02-18 18:13
‏مېھرىما  ، ھەقىقەتەن ياخشى بىر ئەسەر بوپتۇ .

‏غەيرەت قىلىڭ ، بوشاشقا بولمايدۇ !!!!

‏ئالغا !!!!

مىېھرىما 2014-02-18 18:37
ئالقىش چاۋاكنىڭ قەرىزلىرىنى ئەكبەرجان ئۇستاز  ياردەم كىلىپ خېلى تۈگەپ قالغانتى.
قارسام يانە جىقلاپ كېتىپتۇ  .شۇڭا سەل مەيۈسلىنىپ قالدىم.

تەسەللى بەرگىنىڭىزگە رەھمەت گۈلنىھال.

گۈلنىھال 2014-02-18 18:40
‏بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر ، مەيۈسلەنمەڭ !

‏غەيرەت ، بىرەر مەشغۇلات خاتا بېجىرىلىپ قالغان بولىشىمۇ مومكىن . قايسى كۈنى شەبنەمنىڭ شۇنداق رەنجىپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرگەنتىم . بىلىپ ، بىلمەيلا خاتا ئىش قىپ سالىدىكەنمىز .

مىېھرىما 2014-02-18 22:04
بولدۇ  گېپىڭزمۇ ئورۇنلۇق ، مەن دىققەت قىلمقاي قالغان ئوخشايمەن .

ئەكبەرنىياز 2014-02-20 23:52
ياخشى چىقىپتۇ مېھرىما ، داۋاملىق ئالغا !!! مۇشۇ ئىزچىللىقىڭىزلا بولىدىكەن سىزنى ھېچقانداق نەرسە قورقۇتالمايدۇ !!!

مىېھرىما 2014-02-21 18:47
سىزگە رەھمەت ئۇستاز . سىز قوللاپ تۇرسىڭىز مەن ئىزچىلىقىمنى داۋام قىلمەن .

مىېھرىما 2014-03-17 19:48
تىما ئۆچۈرۈلسىمۇ زېرىكمەي يوللاۋەردىم.

ئەلدىيار 2014-03-17 23:40
yahxi qikiptu.

مىېھرىما 2014-03-17 23:45
رەھمەت.سىزگە.

ئەلدىيار 2014-03-17 23:58
پۇتى يەرگە تەگمەيدۇ،
ئەگەر كەلسە تەكشۈرۈش.
ئۇلار كېتىپ شۇھامان ،
ئۇنىڭ ئىشى مەس يۈرۈش.



تارىم 2014-03-18 12:51
بەزىلەر قولىدا كۆتۈرۈپ سامسا،
باشلىق ئالدىدا ئوينايدۇ تانسا.
قانداق بولاركىن ئۇلارنىڭ ھالى،
قولىدىكى شۇ ئەمەلدىن ئايرىلىپ قالسا...

مىېھرىما 2014-03-18 15:01
ھېچقانداق قىلماس ئېمىلدىن قالسا.
كۆزگە ئىلماس كىـشىلەر نەزىردىن قالسا.
ئۆمۇرلۈك ئەمەستۇر ئەمەل ئۇنىڭغا.
ئۇ يەنە تاپىدۇ ئامال ئۇنىڭغا.

مىېھرىما 2014-03-18 15:12
خوشامەتچى،تەخسەكەشنىڭ تەخسىسى،
چېقىلسىمۇ چېقىلماس ھەم مېجەزى.
ئىتمۇ شۇڭا تاشلىمايدۇ ئادەتنى،
تەخسىكەشنىڭ كۆنگەن ئەشۇ ئادىتى.

مىېھرىما 2014-03-18 15:22
خوشامەتچى،تەخسەكەشنىڭ تەخسىسى،
چېقىلسىمۇ چېقىلماس ھەم مېجەزى.
ئىتمۇ شۇڭا تاشلىمايدۇ ئادەتنى،
تەخسىكەشنىڭ كۆنگەن ئەشۇ ئادىتى.

مىېھرىما 2014-04-01 18:29
قېنى تورداشلا راسمۇ؟

tutya 2014-04-01 21:33
بىزنىڭ مەكتەپنى يازغاندەكلا يىزىپسىز جۇمۇ؟

مىېھرىما 2014-04-01 22:29
ياقتۇرۇپ ئوقۇغانلىقىڭىزغا بەكلا خۇشال بولدۇم .رەھمەت سىزگە تۇتيا !!!!!!

مىېھرىما 2014-04-22 00:00
قۇلىقى تۆت قازاننىڭ.
ئوخشار سىياسىتىمىز.
دەترتكە تولدى يۈرەكلەر،
تىنماي ياشاۋاتىمىز.

ئىمام 2014-05-13 09:18
خوشامەتچىلەرنىڭ ئەدۋىنى بېرىپسىز،ئۇلار بۇ بەتكە ئىشتىراك قىلغان بولسا ئىدى،ئۆز قىلمىشىدىن نومۇس قىلىپ بولسىمۇ ،دۇرۇس يولغا قايتار ئىكەن-ھە......!

مىېھرىما 2014-06-20 23:01
بەلكىم ئىشتىراك قىلغاندۇ لىكىن....


سىزگە رەھمەت ئىمام


查看完整版本: [-- مىېھرىما: بەزىلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled