查看完整版本: [-- «   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار (   17 ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> «   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار (   17 ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئايزىبا 2014-02-18 00:25

«   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار (   17 )

                                          بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار :5jor Vu  
w(ic$  
    بىر توپ ئادەم ساياھەتكە چىقىپتۇ، ئۇلارنىڭ بىرى ناھايىتى چوڭقۇر بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئوڭ قولى بىلەن ئىككى پۇتى سۇنۇپ كېتىپ، سول قولىلا ساق قاپتۇ. ئازگال ئىنتايىن چوڭقۇر، بەك تىك ئىكەن، ھېلىمۇ ياخشى، ئازگالنىڭ تېمىغا بەزى ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ قالغانىكەن، شۇڭا ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن كىشى سول قولى بىلەن ئازگال تېمىغا تايىنىپ، ئوتنى چىشلىگىنىچە يۇقىرىغا قاراپ ئاستا - ئاستا يامىشىپتۇ. RER93:(  
    دەسلەپتە ئازگال سىرتىدىكى كىشىلەر ئازگالدىكى ئەھۋالنى ئېنىق بىلەلمەي، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ ۋارقىرىشىپتۇ. ئۇنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قېلىپ ئوتنى چىشلىۋالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن: =,&{ &m)  
  − ئاپلا، ئۇ چىقالمايدىغان بولدى! بۇ ئوت ئۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇ ئۆلۈپ كەتسە ئۆيىدىكىلەر قانداق قىلار؟ − دەپ بەس - بەس بىلەن غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ. kq(]7jU$[  
    ئازگالدىكى كىشى بۇ گەپلەرگە چىدىيالماي: 6^FUuj.  
    − ئاغزىڭنى يۇمۇش ! − دەپ توۋلىغانىكەن، ئازگالغا يەنە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ قېتىم ئۇ زادىلا ئورنىدىن تۇرالماپتۇ. 6c}nP[6|  
   ئۇ جان ئۈزۈشتىن ئاۋۋال ئازگالنىڭ يېنىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ: «دېمىدىممۇ، ئوتنى چىشلىۋېلىپ ھەرگىز يامىشىپ چىقالمايتتى !» دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. B<~BX [  
%*Yb J_j7  
                                            ياخشىلىق ئۇنتۇلماس I#W J";kqB  
T'N/A9{q  
     دىببا بىلەن مارشا ئىسىملىك ئىككى دوست بىرلىكتە ساياھەتكە چىقىپتۇ. بىر تاغ جىلغىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا مارشا تېيىلىپ كېتىپتۇ، دىببا ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مارشا يېقىن ئەتراپتىكى يوغان تاشقا: «دىببا مارشانىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرىۋالدى» دېگەن بىر قۇر ;3Q3!+%j  
خەتنى ئويۇپ قويۇپتۇ. cWI7];/d;  
      ئىككىسى يەنە بىرنەچچە كۈن مېڭىپ، بىر دەريانىڭ بويىغا كېلىپتۇ. دىببا كىچىككىنە بىر ئىشنى دەپ مارشا بىلەن سوقۇشۇپ قاپتۇ - دە، ئاچچىقىغا پايلىماي مارشانى بىر تەستەك ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مارشا قۇملۇق ساياز يەرگە: «دىببا  مارشانى بىر تەستەك ئۇردى» دېگەن بىر قۇر خەتنى يېزىپ قويۇپتۇ. jLEO-<)-)  
     ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپتۇ. بەزىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن  كېيىن ئەجەبلىنىپ، مارشادىن نېمىشقا دىببانىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىۋالغانلىقىنى تاشقا ئويۇپ، ئۇرغانلىقىنى قۇملۇق ساياز يەرگە يېزىپ قويغانلىقىنى سوراپتۇ. مارشا بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: 2V$YZSw6q  
    − مەن دىببانىڭ مېنى قۇتۇلدۇرىۋالغانلىقىدىن مەڭگۈ مىننەتدارمەن، ئەمما مېنى ئۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىمەن. e^hI[LbNC  
    باشقىلارنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئېسىمىزدە ساقلاپ، باشقىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ كەتسەكلا، ھايات مۇساپىسىدە گۈزەل قەلب ئىگىسىگە ئايلىنالايمىز. jW}hLjlN  
^YEMR C  
                                 توشقاننىڭ دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيىسى Pa ^_ s  
V j[,o Vt$  
T lB+ tV>  
      بىر توشقان ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئالتۇندەك ئاپتاپتىن بولۇشىچە ھوزۇرلىنىپتۇ. شۇ چاغدا بىر تۈلكە تۇيدۇرماي كېلىپ، توشقاننى كاپپىدىلا تۇتۇۋاپتۇ. تۈلكە: ) =|8%IrB  
   − مەن سېنى يەيمەن، − دەپتۇ. توشقان بىچارە قىياپەتتە: +^%0/0e  
  − توختاپ تۇر، سەن ئاز دېگەندە بىرنەچچە كۈن ساقلىشىڭ كېرەك، − دەپتۇ. تۈلكە  كۆزلىرىنى ئوينىتىپ: ~JOC8dO  
   − ھە، شۇنداقمۇ؟ نېمىشقا بىرنەچچە كۈن ساقلىغۇدەكمەن؟ − دەپتۇ. 0Rh*SoYrC  
   − چۈنكى مەن دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيەمنى پات ئارىدىلا يېزىپ پۈتتۈرەتتىم، − دەپتۇ. تۈلكە: i6E~]&~.v  
  − پاھ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەخمىقانە سەۋەب بولدى. ئۇنداق بولسا دىسسېرتاتسىيەڭنىڭ تېمىسى نېمە؟ − دەپتۇ. توشقان پەخىرلەنگىنىچە: gy/bA  
  − دىسسېرتاتسىيەمنىڭ تېمىسى: «توشقاننىڭ تۈلكە بىلەن بۆرىدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا»، − دەپتۇ. تۈلكە: ~&+8m=   
   − سەن ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ سېنى ھازىرلا يەۋەتسەم بولغۇدەك! تۈلكىنىڭ توشقاندىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ! − دەپتۇ. tU>4?`)E  
   − تەكشۈرۈپ تەتقىق  قىلىشىمچە، ئەھۋال مۇنداق ئەمەس ئىكەن. ئەگەر خالىساڭ ئۇۋامغا كىرىپ بىرەر - يېرىمدەم ئولتۇرۇپ، دىسسېرتاتسىيەمنى كۆرۈپ باقساڭ بولىدۇ. دىسسېرتاتسىيەم سېنى قايىل قىلالمىسا مېنى يەۋەتسەڭ مەيلى. g"D:zK)  
     تۈلكە ئەجەبسىنىپ توشقان بىلەن ئۇنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن توشقاننىڭ ئۇۋىسىدىن زادىلا چىقماپتۇ. ,f[Oy:fr  
    بىرنەچچە كۈندىن كېيىن توشقان يېزىقچىلىق قىلىپ ھېرىپ كېتىپ، ئۇۋىسىدىن يەنە سەيلە قىلىشقا چىقىپتۇ. توساتتىن بىر بۆرە تىكەنلىكتىن ئېتىلىپ چىقىپ  ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ ۋە يېمەكچى بوپتۇ. Bv}nG|  
  − توختاپ تۇر ! − دەپ ۋارقىراپتۇ توشقان، − ھازىر تېخى مېنى يەۋەتسەڭ بولمايدۇ! ?O/!pUAu  
   بۆرە زەھەرخەندىلىك بىلەن: u:\DqdlU`  
     − مېنىڭ سېنى يېيىشىمگە ئۇنىمايدىغان قانداق ئاساسىڭ بار؟ − دەپتۇ. oF5~|&C  
   − مەن پات ئارىدا دىسسېرتاتسىيەمنى پۈتتۈرمەكچىدىم، ئۇنىڭ تېمىسى: «توشقاننىڭ تۈلكە  بىلەن بۆرىدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا». =M34 HPG  
بۇ گەپنى ئاڭلىغان بۆرىنىڭ تولا كۈلۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكىلى تاس قاپتۇ. 'tq4-11xB  
   − مۇشۇ ھالىڭغا سەن  مەندىن قۇدرەتلىكما؟ .OD{^Kq2  
    − ھەي، ئەگەر ئىشەنمىسەڭ ئۇۋامغا كىرىپ ئۆزۈڭ كۆرۈپ باقساڭ بولىدۇ. ناۋادا مېنىڭ يەكۈنۈمگە باشقىچە قاراشتا بولساڭ، مېنى شۇ چاغدا يەۋەتسەڭمۇ كېچىكمەيسەن، − دەپتۇ توشقان. شۇنىڭ بىلەن بۆرە توشقاننىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توشقان ئۇۋىسىدىن قايتا چىقماپتۇ.  6Xt c3  
   توشقان دىسسېرتاتسىيىسىنى پۈتتۈرۈپتۇ، ئاندىن ئۇۋىسىدىن چىقىپ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپتۇ. Iyt.`z  
   ئەركەك توشقان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: h=ko_/<  
    − مۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكۈدەك نېمە ئىش بولدى؟ − دەپ سوراپتۇ. [u/Wh+  
    چىشى توشقان مەيدىسىنى كېرىپ غادايغىنىچە: ((]Sy,rdk  
   − مەن بايىلا دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيەمنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم، − دەپتۇ. ئەركەك توشقان خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن: e>$E67h<~  
   − سېنى تەبرىكلەيمەن! دىسسېرتاتسىيەڭدە نېمىلەرنى يازغانتىڭ ؟ − دەپتۇ. uJL[m(G  
  − دىسسېرتاتسىيەمنىڭ تېمىسى «توشقاننىڭ تۈلكە بىلەن بۆرىدىن قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا »، مەن تېخى ياخشى ئۇستازدىن  بىرنى تەكلىپ قىلدىم. ^es/xt  
  − قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن!؟ ئاڭلىماققا بۇ گەپ تازا قاملاشمىغاندەك تۇرىدىغۇ. UU]a).rz  
  − ھە، سەن ئۇۋامغا كىرىپ كۆرۈپ باقساڭ بولغۇدەك. 0]`%i G|  
   شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېلىقى توشقاننىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپتۇ. قارىسا سول تەرەپتە بىر دۆۋە تۈلكە سۆڭىكى، ئوڭ تەرەپتە بىر دۆۋە بۆرە سۆڭىكى، ئوتتۇرىدا كالپۇكلىرىنى يالاۋاتقان يوغان بىر شىر تۇرغۇدەك. BFMINq>  
   − قارىغاندا دىسسېرتاتسىيەڭنىڭ تېمىسىنىڭ نېمىلىكى  مۇھىم ئەمەس ئىكەن،  مۇھىمى دىسسېرتاتسىيە ئۇستازىڭنىڭ كىملىكى  ئىكەن. OG}m+K&<  
%P-z3 0FHp  
                                     ئوغلىغا ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشنى نەسىھەت قىلىش Kv-4VWh  
hha^:,  
    بۇرۇنقى زاماندا پۇلدار بىر سودىگەر ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ بىر يالغۇز ئوغلى بولۇپ، ھەمىشە كەلسە – كەلمەس ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىدىكەن، سودىگەر نەسىھەت قىلسا ئۇ قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمايدىكەن. N?krlR  
سودىگەر بىر كۈنى ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ مۇنداق دەپتۇ: C.oC@P  
− ئوغلۇم، سەن مېنىڭ بىر ئېغىز سۆزۈمنى ئاڭلا: ئۆلۈۋالماقچى بولساڭ، ئارغامچىنى بالىخانىنىڭ ماۋۇ ھالقىسىغا باغلا، يەنە بىر ئۇچىنى سىرتماق قىلىپ بوينۇڭغا سالغاندىن كېيىن ئۈستەلنى تېپىپ ئۆرۈۋەت، مۇشۇنداق قىلساڭ ئۆلۈۋېلىشىڭ ئاسان بولىدۇ. ([L5i&DT  
   بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئوغلى كۈلۈپ قويۇپ: «دادام ساراڭ بوپتۇ، ئۇنىڭدىن ماڭا شۇنچىۋالا جىق مال - دۇنيا قالىدىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغۇدەكمەن؟ » دەپ ئويلاپتۇ. @` Foy  
    ئۇزۇن ئۆتمەي سودىگەر ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. سودىگەرنىڭ ئوغلى بىر توپ قۇلاق كەستىلەر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشىپ، ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى تۈگىتىپ، ئۆي جاھازلىرى، ئەر - ئايال چاكارلىرى، غۇلاملىرى...نى بىر - بىرلەپ سېتىپ تۈگىتىپتۇ. %(y0,?*  
    بىر قېتىم سودىگەرنىڭ ئوغلى دوستلىرى بىلەن شەھەر سىرتىغا سەيلىگە چىقماقچى بوپتۇ. بىر دوستى ئۇنى بەزى نەرسىلەرنى تەييارلاشقا بۇيرۇپتىكەن، ئۇ شۇ دەرھال ماقۇل بوپتۇ.  ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئاپىسىغا: /4PV< [ :_  
   − ئاپا، ئەتە دوستلىرىم بىلەن شەھەر سىرتىغا سەيلىگە چىقىمىز، مەن قۇرۇق قول بىلەن قانداق چىقارمەن؟ − دەپ يىغلاپ - قاقشاپتۇ. %>Y86>mVz  
    ئاپىسى ئوغلىنى ناھايىتى ئەتىۋارلايدىكەن، شۇڭا ئوغلىنىڭ تىت  - تىت بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى گۆرۈگە قويۇپتۇ - دە، ئوغلىغا يېتەرلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ بېرىپتۇ. j=~c( B  
    ئەتىسى سودىگەرنىڭ ئوغلى تەييارلىغان نەرسىلەرنى يۈدۈپ سەيلىگە مېڭىپتۇ. ھېرىپ كېتىپ دەرەخنىڭ ئاستىدا بىردەم ئارام ئاپتۇ. توساتتىنلا ئۇنىڭ يېنىغا  بىر ئىت يۈگۈرۈپ كېلىپتۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، نەرسىلەرنى باغلاپلا ئىتنىڭ بوينىغا چىگىپ قويۇپتۇ، يەنى ئۇنىڭغا سۆرەتمەكچى بوپتۇ. ئىت ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ نەرسىلەرنى سۆرىگىنىچە بىردەمدىلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ. WN%KA TA  
    سودىگەرنىڭ ئوغلى دوستلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ، ئەمما دوستلىرى ئۇنىڭ سۆزىگە زادىلا ئىشەنمەي، ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، تىللاپ  زىياپەتكىمۇ قاتناشتۇرماپتۇ. 3>t^Xu~  
   ئۇ ئۆيىگە قايتىپ بىر ھازاغىچە يىغلاپتۇ، قاتتىق ئازابلىنىپتۇ، ئەمدى دوستلىرىمنىڭ يۈزىگە ئىككىنچى قارىيالمايدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن ئۆلۈپلا تۈگەشكىنىم ياخشى، دەپ ئويلاپتۇ. ApxGrCu  
    ئۇ دادىسىنىڭ توغرا ئېيتقانلىقىنى ئەسلەپتۇ، دادىسى ئۇنىڭ مۇشۇنداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنى ئاللىقاچانلا پەرەز قىلغانىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئۈستەلگە چىقىپ، ئارغامچىنى بالىخانىنىڭ ھالقىسىغا باغلاپ، يەنە بىر ئۇچىنى سىرتماق قىلىپ بوينىغا سالغاندىن كېيىن، ئۈستەلنى بىرلا تېپىپ ئۆرۈۋېتىپتۇ... {Ex*8sU%p%  
   كۈتۈلمىگەندە بالىخانىنىڭ ھالقىسى چىقىپ كېتىپ، يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، ئارقىدىن شاراقلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يۇقىرىدىن نۇرغۇن تىللا تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ. U*s QYt 
   سودىگەرنىڭ ئوغلى شۇ چاغدىلا قەدىردان دادىسىنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى، مۇشۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالغا قالغاندىمۇ ئۆزىگە نۇرغۇن مال - دۇنيا ئېلىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق پۇشايمان قىلىپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەخمىقانە قىلىقلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى، بىمەنىلىك بىلەن ياشاۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. 3j iSvrfI  
   ئوغلى تىللالارنىڭ ھەممىسىنى ئاچىقىپ ئاپىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. U3f a *D  
ZFAi9M  
F.0CJ7s  
  [ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى ]
Uczb"k5  


查看完整版本: [-- «   قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز » دىن تامچىلار (   17 ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled