gulbar |
2010-11-10 21:46 |
ھازىر ھەممە يەردە ئىنتىزامى ناچار ئوقۇغۇچىلام تەكىتلىنامدۇ ؟ مىنىڭچە بولغاندا بىزلەر بالىلارنىڭ نىمە ئۇچۇن ياخشى دەرىس ئۇزلەشتۇرەلمەسلىكى ، نىمە ئۇچۇن شۇنداق بولىۋاتقانلىقىنى ، بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلىنىڭ زادى نىمە ئۇچۇنلىكىنى ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ ، ئاتا-ئانىلاردىمۇ ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىمۇ ۋە ياكى مەكتەپ ، تۇزۇم ، جەمىيەتتىن كۆرەمدۇق ؟ ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆرەيلى دىسەك بىر ئادەم قانداقمۇ ھەممە ئادەمگە يىتىشىپ كىتەلىسۇن ، ئاتا-ئانىلاردىن كۆرەيلىمۇ دىسەك توغۇپ ، چوڭ قىلغان گۇناھمۇ دەيمىز ، تۇزۇم ، مەكتەپ ، جەمىيەت بىز كۆرىۋاتقاندەك ، بالىلار دىگەن سەبى گۆدەك ئۇلار ھىچ نىمىنى بىلمەيدۇ دەپ ئۇلاردىنمۇ گۇناھ ئىزدىيەلمەيمىز ئەلۋەتتە . 0-g,C=L بۇ جەھەتتە نىمە دىگۇلۇك ئەمدى ، بىز ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئوقۇتقۇچىنى يىراقتىن چىلىقتۇرساق نىرى ماڭاتتۇق ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمەتتنى قورقۇش ئارقىلىق ئىپادىلەيتۇق ، ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ مۇئەللىملەرنى قەدىرلەش ، ياخشى ئوقۇش توغرىسىدا ۋەز - نەسىھەتلىرى ، ياخشى ئوقىمىغاندىكى ئاقىۋەتلەر ، نىمە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، بۇ توغرىسىدىكى ساۋاتلاردىن دەسلەپكى بىلىملەرنى ئاللاتتۇق . ھالا بۇگۇنگە كەلگەندە بىز يۇزلىنىۋاتقان خىرزىس ، بىزگە كىلىۋاتقان ئاپەت ، بىزگە كەلگەن پۇرسەتلەر ھەممىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، بىزنىڭ كۆزىمىز يەنە شۇ ئىنتىزامسىز ، ناچار دەپ قارىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەلەك بولىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىلەن ، ھە دىسە قايسى كىيىم - كىچەك مودا ، قايسى گىرىم بويۇمى يۇز تىرىسىنى ياخشىلايدىغان بويۇم ، نەگە بىرىپ پۇل تاپساق ، پۇلنى نەگە ئىشلىتەرمىز دەيدىغان ئاتا-ئانىلىرىمىز ، ھە دىسە قەغەز يۇزىدە ئىش قىلىدىغان مەكتەپلەر ، تۇزۇم دىسە ئاز دىگەندىمۇ ئىككى ئاساسەن ئۇچۇن 100 دىن ئارتۇق تۇزۇلگەن ھەرخىل تۇزۇم ، ئىجرا قىلىنمايدىغان تۇزۇم بىز ھەممە مەكتەپلەردە دىگۇدەك ئۇچرىتالايمىز ، لىكىن بالىلارنىڭ كىيىنلىكى ئۇچۇن تۇزۇلگەن تۇزۇمدىن بىرسىمۇ يوق ، جەمىيەتتىن سۆز ئاچمىساقمۇ بولار ، بۇ توغرۇلۇق توختالسام ئۆز قەلىمىمنىڭ بۇ توغرىسىدا ئايلىنىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن . يەنە بىر نۇختا دىيىكسىز قاپتۇ ، بالىلارنىڭ كۆمپىيوتىر ، تور ، تىلۋىزور ، يان تىلغۇندىن ئىلىۋاتقان خەۋىپى ، بۇ ھازىرقى ئەڭ زور خەۋىپنىڭ بىرسى ، بالىلارنىڭ مەۋھۇم ئۇقۇمدىن ئىلىۋاتقان تەسىرى ، كۆرگىلى بولمايدىغان جان ئالغۇچنىڭ بىزنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا سىلىۋاتقان تەسىرى ، بالىلار قايسى مىللەتتىن بولمىسۇن ھەممىسى دەسلەپكى ئاق كۆڭۇللۇك ، ساددىللىق ، سەبىيلىك تەربىيسىنى ئالىدىغان كارتون فىلىملەردە بۇ خىل ساددا ئۇقۇملار بارغانسىرى يوقاپ كىتىپ بارىدۇ ، ئاتا-ئانىلار بىللە تىلۋۇز كۆرەلمىگۇدەك دەرىجىدە چىقىۋاتقان غەلىتە قىلىقلار ، بىز يەنە بالىلىرىمىزنى چىقىرۋىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ھايا نۇمۇسنى قايرىپ قويۇپ بىللە كۇلۇپ ئولتۇرۇپ كۆرۇشلىرىمىز ، يان تىلغۇندىن كىلىۋاتقان ئالاقە ، ئۇچۇر ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى تىخىمۇ قوزغىشى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى يوغانچى قىلىپ قويۇشلىرى ئۇلارنى نابۇت قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ . بۇ بالىلىرىمىزنىڭ ياخشى ئوقۇيالمايۋاتىدىغانلىقىدىكى سەۋەپ . يەنە بىر ئاساسىي سەۋەب بولسا مىنىڭچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىدە ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۇتالمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرەيمەيدىغان ، ئۆزىنىڭ نىمە دەرس ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي بالىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھىلىھەم مەۋجۇت ، مەۋجۇت ئەمەس دىيەلمەيمىز ئەلۋەتتە . بالىلار باشلانغۇچ مائارىپىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى ئۇلار قەلبىدىن ئورۇن ئالىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق شوخلۇق ، سەبىلىكلىرى كىشىنى سۆيۇندۇرىدۇ ھەم كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ ، لىكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمز ئۇلارنىڭ كەپسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ بالىلارغا خاس تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئىشلىمەي ئۇلار ئالدىدىكى ئۆز ئوبرازىنى يوقىتۇپ قويىشى ، بالىلارنىڭ كىيىنكى ياخشى ئۇگەنمەسلىكىنى ، دەرستىن قىچىش ئادەتلىرىنى يىتىلدۇرىۋىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ ، ئادەتتە بىر دەرسىتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىغا ئۆزى قىلالايدىغان بىر تۇرلۇك ۋەزىپىنى بىرىپ ، بىر قىتىم بولسىمۇ ئانىلارچە ، ئاتىلارچە مىھرىبانلىق قىلىدىغان بولساق ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمىز ئۇنىڭ بىر ئۆمۇر ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەكىسچە بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلمىساقچۇ ؟ بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەڭگۇ بىر مەخلۇق خالاس ، تەۋپىق ئىيتىقاندەك گۇندىپايمۇ بوپ قالىمىز ئەلۋەتتە . مىنىڭچە بالىلىرىمىز ناچار ئەمەس ، ئىنتىزامى ناچار ئوقۇغۇچىنى بىز ھەرگىزمۇ ناچار دىسەك بولمايدۇ ، ئادەم مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى ھەر خىل مۇھىتتا يىتىلىپ ئۇنىڭ كىشى ئالدىدا ئەكىس ئىتىپ ئىشلىتىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ ، بەزى ئويۇنچى ، ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلىپ ئىيتىساق ئۇلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۇرىشى دەرسنى زىھىن قويۇپ ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلەشتۇرىشىدىن ياخشى چىقىشىمۇ مۇمكىن ، بۇنى ھەرگىزمۇ ناچار ئوقۇغۇچى دىسەك بولمايدۇ ، ئىنتىزامى ناچار بولسىمۇ دەرس ئۆزلىشىپ ماڭدى ئەمەسمۇ ، نىمىشقا ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئاز ئەركىنلىك بىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى ئۆستۇرۇلمەيدۇ ، نىمىشقا ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ ، نىمە ئۇچۇن بىكىنمە ھالەتتە دەرس ئۆتۇلىدۇ . بۇ تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى بالىلار تەربىيسىدىكى بالىلارنىڭ ئۆسۇپ يىتىلىشگە پايدىلىق تەرەپلەر ئەمەسمۇ ؟ دەرسىتە ناچار بولىشى بىز ئويلىنىدىغان مەسلىلەرنىڭ بىرسىغۇ ، بىز نىمە ئۇچۇن كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز ئۇچۇن ئولىنىپ باقمايمىز ، بالىلىرىمىز ناچار ئەمەس ، ھەر جەھەتتىن ناچار ئەمەس ، بىز ئوقۇتۇش سىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىغىزىدىن ناچار دىگەن سۆزنى ئۆچۇرۇپ ، سىز ناھايىتى تىرىشىۋاتىسىز ، يەنە تىخىمۇ تىرىشقان بولسىڭىز ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيسىز دىگەندەك ئىلھاملىق گەپلەرنى دىيەلمەيمىز ، قاچانمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئۆستۇرەرمىز ؟ قاچانمۇ دەرسلەرگە قىزىقىپ ئۆزلىكىدىن باش چۆكىدىغان ، بىلىمىنى تىخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇگىنەلەيدىغان بولا . [*?P2.b f مىنىڭچە بالىلارنى تەربىيلەشتە ئوقۇتقۇچىلار جاپا چىكىۋاتىسىلەر ، توختاپ قالماي كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يەنە جاپا چىكىپ ئەۋلەتلىرىمىزنى تىخىمۇ ياخشى تەربىيلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن ، يۇقارقىنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئويلىغانلىرىم ، ئۆز ۋاختىدا بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزۇمنىڭ ئوقۇتۇش سىپىغان لايىق ئەمەسلىكىمنى ، بالىنى خاتا تەربىيلەپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئوقۇتقۇچى بولمىغان ئىدىم ، سىلەرگە ئوشۇقچە قىلىنغان بىھۆرمەتسىزلىك بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر ! |
|