查看完整版本: [-- تەپەككۇر مېۋىلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> تەپەككۇر مېۋىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

سەئىدىيە 2014-02-16 20:34

تەپەككۇر مېۋىلىرى

    *    كىشلىك  ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسى ئۆز - ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ، ھەرگىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياكى ئۆزىنى ئىسراپ قىلىۋېتىش ئەمەس . 7uUq+dp  
    *    نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭ ئۈستىدە ئويلىنىش بىلەن بىللە  ، نېمىلەرنى قىلالمىغانلىقىڭ  ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ قوي . F&CvqPI  
    *   ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمىغان ئادەم ئەڭ جىق سۆزلەيدۇ . ئۆزىنىڭ نېمە دىيىش كېرەكلىكىنى بىلىدىغان ئادەم ئەڭ كۆپ ئويلايدۇ . zZY1E@~  
    *   راستچىللىق بولمىغان يەردە خاتىرجەملىك بولمايدۇ . W}7Uh b  
    *   ئەدەپسىزنىڭ تىلى ، ئېتىقادسىزنىڭ دىلى بۇزۇق كېلىدۇ . [".94(qs  
    *   ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەسەم قىلغاندا ھەسەلنى ئەمەس ، تۇزنى گۇۋاھ قىلغانلىقىدا ئاجايىپ سىر بارمىكىنە . ئەجەبا ھەسەل تاتلىق ، تۇز ئاچچىق تۇرسا . 3ohHBo  
    *   ئىنسان ھاياتى بىر پۇرسەت . ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ھەم ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىككى يوقلۇقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر دەملىك ۋاقىتنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ . شۇڭا كىچىككىنە ۋاقىتنىمۇ  D5Jg(-  
         قەدىرلە ، ھاياتىڭنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ . TZn5s ~t  
   *    ئاتا- ئانىسى ھايات ۋاقتىدا تاۋلانمىغاننى ، ئاتا- ئانسىدىن كىيىن قالغان ۋاقىتتىكى تۇرمۇش قىيناپ تۇرۇپ تاۋلايدۇ . [P6A $HC<  
   *    بالىلارغا پۇل بەردۇق ، ئەمما تەربىيە بەرمىدۇق  . شۇڭلاشقا ئۇلار ‹‹ ئەخلەت يېمەكلىك ›› نى پۇلغا سېتىۋېلىپ  يەۋاتىدۇ . sVnq|[ /  
   *    مۇھەببەتنىڭ كۈچى ، خۇددى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىگە ئوخشايدۇ ، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بارلىق جىسىملارنى ئۆزىگە تارتىپ ئالەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىسا ، ::GW  
        مۇھەببەتنىڭ تارتىش كۈچى ئادەملەر  بىلەن ئادەملەرنىڭ ، ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئارلىقىنى ئۆز- ئارا تۇتاشتۇرۇپ ھاياتلىقنىڭ   يەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ . gC%$)4-:  
   *   سەندە ماڭا بىر قەدەم يول قويالايدىغان  نىيەت بولغان بولسىدى ، مەن ساڭا ئون قەدەم يول قويغان بولاتتىم . 1} _ 
   *   دادڭنىڭ ياخشى -يامانلىقىنى ئاناڭدىن سورا ، ئۆزۈڭنىڭ ياخشى- يامانلىقىڭنى ئاۋامدىن سورا  . m<;MOS  
   *   ئىلىمنىڭ ھۆرمىتىدىن ، ئەمەلنىڭ نوپۇزى ئېشىپ كېتىدىكەن ئىلىمدارلار ئازلاپ ئەمەلدارلار كۆپىيىپ كېتىدۇ . ,WoB)V.{(  
   *    ئەمەلدارلارنى قانۇن باشقۇرماي ، قانۇننى ئەمەلدارلار باشقۇردىكەن ، ئۇنداق يەردە ئاجىزغا كۈن يوق بولۇپ قالىدۇ . wk=s3^  
   *   ئۈچ خىل نەرسىنىڭ غېمىدە يۈرمىگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىدىن گۇمان قىلسا بولىدۇ . بىرى ۋەتەن غېمى ، ئىككىنچىسى ئاتا - ئانىنىڭ غېمى ، ئۈچىنچىسى پەرزەنىت غېمى t`Xx\  
   *   دىققەت قىل : ئاغزى ياماننىڭ تىلى قىسقا ، نەپسى ياماننىڭ ئۆمىرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ . h-m0Ro?6  
   *   تاشلاندۇق بولۇپ قالغان بىر پارچە ناننىڭ رولىغا سەل قارىما ، ئەگەر سەل قارايدىكەنسەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ ناننى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىسەن . {=Py|N \\t  
   *   ئاتا- ئانا يېتىملىكىدىن ۋەتەن يېتىملىكى يامان . )Dcee@/7S  
   *   ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلانمىغان ئادەم ھاياتىدا كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ . $ Fy)+<  
   *   مۇقەددەس ئېتىقاد تۈپەيلىدىن قۇربان بولغان ئادەمنىڭ روھىنى زېمىن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ . ئىرادە بىلەن تىكلەنگەن باشنى زورلۇق كۈچىدە ئەگدۈرگىلى بولمايدۇ . 1@+&6UC  
        ئىشەنىچ بىلەن پىداكارلىقتا تىكىلگەن كۆزنى قۇم چېچىپ يۇمدۇرغىلى بولمايدۇ . ۋىجدان ۋە غۇرۇر بىلەن سۆزلەنگەن سۆزنى توختاتقىلى بولمايدۇ . `y1,VY  
   *    نۇمۇسسىزنىڭ يارىلىشى بىر قېتىم بولسا ، ئۆلۈشى مىڭ قېتىم بولىدۇ . "?J f#  
   *    قىز چىرايى بىلەن نازاكەتلىك ئەمەس ، ئەخلاقى بىلەن نازاكەتلىك . Vl :M6d1  
   *    سەب بىراۋغا سالام قىلغاندا ئۇنىڭغا ئىللىق تەبەسسۇمىڭنى قوشۇپ سالام بەرگىن . n+'s9  
   *    ئۆلۈمنى سېغىنىش ھاياتقا بېرىگەن كىچىككىنە  بىر خاتىمە . sgB|2cj;j  
   *   ھەددىدىن زىيادە قويۇقلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بىزنى تەپەككۇردىن ئايرىپ بىر تېرە ، بىر ئۇستىخان قىلىپ قويىدۇ . gf,[Gb Z  
   *    ئائىلىدىكى ئانا قانداق سۈپەتتە بولسا ، شۇ ئائىلىدىكى بالا  .اشۇ خىل سۈپەتكە مايىل بولىدۇ . u z:@  
   *    ئادەمگەرچىلىك بىلەن تەكلىپ قىلىنغان جايغا زەھەر بەرسىمۇ بارغىنكى ، غەرەز ئارلاشقان يەرگە ھالۋا بەرسىمۇ بېرىشقا ھەرگىز ئالدىرما . au7@-_  
   *    ئەي يىگىت ،ئاياللار پەقەت سىرتى بويالغان تۇخۇمغىلا ئوخشايدۇ ، قايسى خىلنى چېقىپ يېسەڭمۇ تەمى ھامان بىر خىلدۇر . boIFN;Aq"  
        شۇڭا قولۇڭغا تاللاپ ئالغان تۇخۇمنىلا قەدىرلەشنى ئۈگەن. <+; cgF!+  
  *    ئۆگىنىشنىڭ دوستى تەلەپچانلىق ، دۈشمىنى قانائەتتۇر ، كېيىن قىلغان پۇشايمان ساقايماس جاراھەتتۇر . v|YJ2q?19  
   hHqsI`7c  
wHhIa3_v  
       مەنبە : ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيتى ›› ژورنىلىنىڭ 2014 - يىللىق 1 -  سانىدىن ئېلىندى .

گۈلنىھال 2014-02-16 20:43
‏شۇنداق ياخشى ھېكىمەتلەركەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، داۋاملىق سۇنۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز !

سەئىدىيە 2014-02-16 20:51
رەھمەت . سىلەرنىڭ يىتەكلىشىڭلار ئارقىسىدا تىرىشچانلىق كۆرىستىمەن . قىممەتلىك تەكلىپ پىكرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر .

مىېھرىما 2014-02-16 21:43
./5|i*ow  
NqhRJa63  
o~ 
ياخشى ھېكىمەتلەركەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، داۋاملىق سۇنۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ! !p&M,6  
Zn #ri 8S  
HOykm x6$  
مانا سىزمۇ مۇنبەرگە ئوبدانلا كىرشىپ كالدىڭىز .قارشى ئالمىز

ئەكبەرنىياز 2014-02-16 23:57
ھەقىقەتەن ئېسىل ھېكمەتلەركەن ، كۆچۈرۈپ ئۆينىڭ تۆرىسىگە ئېسىپ قويغۇدەكلا ، ئەڭ ياخشىسى بۇ ھېكمەتلەرنى قەلبىمىزگىلا ئېسىۋالايلى دوستلار !!! سەئىدىيەنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە ئاپىرىن !!!

شەبنەم 2014-02-17 00:52
پاھ ، سەئىدىيە ! نىمانچە ياخشى ھېكىمەتلەرنى يوللىغانسىز ، بەلكىم كۆپلىگەن تورداشلار بۇنىڭدىن روھىي ئوزۇق ئېلىپ ،ئۆزىنىڭ روھىنى  قايتا ئوپىراتسىيە قىلدىغۇ دەيمەن ! 2{+\\.4Evk  
بۇ يازمىڭىز روھىيەتتە ئورۇنسىز كۆكلەپ قالغان ھارام شاخلارغا قايچا ، روھىي زەئىپلىككە قامچا ، ئادىمىيلىككە تامچا  بولغۇدەك .  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن !!!

gulhan 2014-02-17 02:55
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر! O;qS 3  
x,>@IEN7  
*(o~pxFTR  

سەئىدىيە 2014-02-17 14:24
تەۋپىقداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر .

ataxkiz 2014-02-19 14:57
  سەئىدىيە يوللىغان ھېكمەتلەر ، ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدىكەن ، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت !

ئەشمە 2014-03-11 18:49
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- تەپەككۇر مېۋىلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled