گۈلنىھال : بىز ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا
بىز ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا
گۈلمېھرە بىز ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا ، كەچۈرمىشلەر كېلەرمۇ ئەسكە . ھېتىرقاشتا قىيا بېقىشىپ ، سالاملىشىش چۈشەرمۇ تەسكە . بىز ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا ، تىللارمىزمۇ « تەقدىر»نى رەت - رەت . ياكى ئۆكسۈپ ، ئېسەدەپ يىغلاپ ، تۆكەرمىزمۇ مۇڭلىنىپ ھەسرەت . بىز ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا ھېجرانلارغا قانارمۇ ئارمان . ياكى ئۇنتۇپ ئۆتمۈشنى تامام ، بولارمىزمۇ يار - يۆلەك ، دەرمان . بىز ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا ، كېتەرمۇ بۇ يۈرەك تىپىرلاپ . تۇرارمىزمۇ قورۇنۇش بىلەن ، سەبىيلەرچە ئۈنسىز تېڭىرقاپ . بىز ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا ، كۆرىشەرمىز قايسى ھالەتتە . ساقال ، قورۇق باسقان يۈزلەردىن ، ئۆرتىنەرمۇ يۈرەك ھەسرەتتە . مەنبە ---- ئىجادىيەت . |