查看完整版本: [-- ‏مەمىتىلى ئەپەندى (  تولۇقسىز دەرس تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> ‏مەمىتىلى ئەپەندى (  تولۇقسىز دەرس تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-02-15 20:12

‏مەمىتىلى ئەپەندى (  تولۇقسىز دەرس تېكىستى )

‏。                                              مەمىتىلى ئەپەندى 1=)M15  
       4#IT" i  
"9caoPI0~  
                                                   سەيىپىدىن ئەزىزى D;R~!3f./b  
`>sOOA  
'gf[Wjb,%  
      1934 - يىلى ئاتۇشتا تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر مائارىپچىلىق ھەركىتى باشلاندى .بۇ يالغۇز ئاتۇش تارىخىدىلا ، قەشقەر تارىخىدىلا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ تارىخىدا ، ئۇيغۇرلار ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بىر يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتى بولدى . 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىكى ئاتۇشتا ۋە ئىلى چۆچەك ، تۇرپانلاردا يېڭى مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىشىنجاڭدا يېڭى مەرىپەتچىلىكنىڭ -- مائارىپنىڭ باشلىنىشى بولغان تارىخىي ۋەقەلەر ئىدى .لىكىن ئۇ مائارىپچىلىقنىڭ دائىرىسى تار ، ۋاقتى قىسقا بولدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ يېڭى مائارىپچىلىققا ئىز سېلىپ بەردى .بۇ دۆرەمقى يېڭى مائارىپچىلىق ھەرىكىتى بولسا ، دائىرىسى كەڭ ، مەزمۇنى مول ، قۇرۇلۇشى چاققان ، روھى ئۆتكۈر مائارىپچىلىق بولدى . +pR,BjY  
‏ 1934 -  يىلىنىڭ ياز پەسلىدە قەشقەر تىنىچلاندى ، ھەربىي ، مەمۇرىيەت ئورۇنلىرى تەرتىپكە سېلىندى .ئەمدى قەشقەردە ئىگلىك ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىندى .مەھمۇد شىجاڭ تۈركىيىدىن كەلگەنبىر نەچچە ئەپەندىلەر ئارقىلىق مائارىپ ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى . c]M+|R5  
‏  بىز دىمەكچى بولغان ئاتۇشتىكى يېڭى مائارىپچىلىقنى تۈركىيىدىن كەلگەن ئەپەندىلەر ئىچىدىكى مەمىتىلى ئەپەندى (  قەلەم ئىسمى تەۋپىق )  دېگەن كىشى باشچىلىق قىلىپ ئېلىپ باردى .مەمىتىلى ئەپەندى بىلەن مەن بىر تۇغقان بولۇپ ، دادامنىڭ ھەدىسىنىڭ ئوغلى ئىدى .ئۇ ياش ۋاقتىدا ئىلىم ئىزدەپ شىمالى شىنجاڭغا چىقىپتۇ ، كىيىن چۆچەك ئارقىلىق تاشكەنىتىكە بېرىپ ، ئۇ يەردە ھەم ئىشلەپ ، ھەم ئوقۇپتۇ .كىيىن يېڭىدىن جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان  تۈرىكىيىدە ئوقۇشنى  مەقسەت قىلىپ ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ قارا دېڭىز بويىغا بېرىپتۇ ، شۇ يەردە تۈركىيىدىن كەلگەن بىر پاراخوت خىزمەتچىسى بىلەن تونۇشۇپ تۈركىيىگە بېرىپتىكەن . ئۇنىڭ ئېيىتىشىچە ، تۈركىيىدە ئاۋۋال خېلى كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كۆچۈرۈپتۇ ، دائىم بىر ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ يۈرىدىكەن . ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ تەمبۈر چېلىپ  ناخشا ئېيتىقىننى كۆرۈپ ئۇنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ .( مەمىتىلى ئەپەندى ئەسلىدە تەمبۈر چېلىشقا ئۇستا ھەم ئوبدان ناخشىچى بولۇپ ، قەشقەردىن ئېلىپ ماڭغان تەمبۈرنى تاشلىماي تۈركىيىگىچە ئېلىپ بارغانىكەن .) ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىدا ھېلىقى خوجايىننىڭ تەلىپى بويىچە  ئاشۇ ئاشخانىدا تەمبۈر چېلىپ  ناخشا ئېيىتىپ بېرىدىغان بوپتۇ ، ئاشخانىنىڭ   خېرىدارىمۇ كۆپىيىپتۇ ، بارا - بارا ئۇ تۈرك سازچى - ناخشىچىلار بىلەنمۇ دوست بوپتۇ . شنداق قىلىپ بىرەر يىل ئۆتكەندىن كىيىن ، ھېلىقى خوجايىن ئۇنى  بىر ئەمەلدارغا تونۇشتۇرۇپ قويۇپتۇ ، ئۇ ئەمەلدار مەكتەپكە كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ ، ئۇ مەقسىتىگە يېتىپ  ، ئوقۇپ ياخشى بىلىم ئاپتۇ . +@rFbsyJ.  
DSLX/u o1  
‏  1933  -  يىلى شىنجاڭدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى خەلق قوزغىلىڭى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئايرىلغىنىغا 10  يىللار بولغان ۋەتىنىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ . 1943  -  يىلى ئەتىيازدا  قەشقەرگە يېتىپ كەپتۇ .بۇ چاغدا قەشقەر ۋەزىيىتى ، جۈملىدىن  پۈتكۈل شىنجاڭ ۋەزىيىتى نىسپىي تىنىچلانغان بولۇپ ، شېڭ شىسەي دوبەن ، خوجا نىياز ھاجى مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى بولغانىدى . Jq0sZ0j  
‏  شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ قەشقەر ۋالىي مەكىمىسىگە  يېڭىدىن كاتىپلىققا كىرگەن چاغلىرىم ئىدى . @{@b^tk  
‏   مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن مەمىتىلى ئەپەندى مېنى تېپىپ : « كاتىپلىقىڭىزنى تاشلاڭ ، ئاتۇشقا بارىلى » دىدى .  « نىمە ئىش قىلىمىز ؟ » دىسەم ، «  مەكتەپ ئاچىمىز »  دىدى .ئەتىسىلا بىز ئاتۇشقا ماڭدۇق .ئىككىمىز بىر مەپىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققانىدۇق .ئۇ يول بويى ئاتۇشتا قانداق يول بىلەن مەكتەپ ئېچىپ  بالا ئوقۇتىدىغانلىقىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى ، مەن بەك روھلاندىم . o`CM15d*7o  
‏  بىرەر ھەپتە دىگۈدەك ۋاقىت ئىچىدە ئىلغار مۆتىۋەرلەر ، ياش دوستلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، مەمىتىلى ئەپەندىنىڭ پىلانى ئىجرا قىلىنىدىغان بولدى . ئۇنىڭنپىلانى جىددى ئىككى قوللۇق تەييارلىق قىلىش ئىدى . بىر  ، قىسقا مۇددەتلىك مۇئەللىملەر كۇرسى ئېچىش  ؛  يەنە بىر ، ئاتۇشنىڭ  24  كەنتىنىڭ ھەممىسىدە  24   مەكتەپ سېلىش  ؛  ئالتە ئاي ئىچىدە ھەممە تەييارلىقنى تۈگىتىپ ، مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاش . بۇ بەك مۇھىم ، لىكىن جىددى پىلان ئىدى .بىز بۇنى خۇشاللىق بىلەن قوللىغان بولساقمۇ ، بۇ پىلاننى مۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجىرا قىلىشقا  كۆزىمىز يەتمەيتتى . لىكىن مەمىتىلى ئەپەندى بىزنى بۇ پىلاننى ئىجىرا قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈتتى .ئۇنىڭ بۇ ئىشقا قەتئىي بەل باغلىغان جاسارىتى ، ئىشەنچى ، چاقماقتەك ھەرىكىتىگە قاراپ  بىزمۇ ئەگەشتۇق .مۇئەللىملەر مەكتىپى دەرھاللا ئاستىنئاتۇش ئوڭئېرىقتىكى بىر مەدىرىستە ئېچىلدى . بىز بۇنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا مەمىتىلى ئەپەندى  تەييارلىقنى قىلىپ بوپتىكەن . ئۇ بىر قانچا ئىلغار زىيالىيلار ۋە  بايلاردىن «  ئاتىلار ھەيئىتى »  قۇرۇپ تەييارلىق قىپتۇ .مەن بىر نەچچە  دوستلىرىمنى ئېلىپ  يۇرت - يۇرقا بېرىپ  ، ئۇقۇغۇچى تەييارلاشقا كىرىشتىم .ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتتى دېگەندە ئوقۇش باشلىۋەتتۇق . a~yiLq  
j*QdD\)  
‏ ھەممىمىز ياش تەلەپكارلار بولۇپ ، 60  تەك بالا ئىدۇق .ئاخشىمى شۇ مەدىرىستە ياتاتتۇق ، تامىقىمزىدىن تارتىپ خىراجىتىمىزنىڭ ھەممىسى « ئاتىلار ھەيئىتى » بايلاردىن توپلىغان ئىئانە بىلەن تەمىن ئېتىلەتتى . 4]1/{ 
‏   مۇشۇنداق چوڭ ھەرىكەتتە مەمۇرىي ، تەشكىلىي ، ئىلمىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىدىغان ئادەم بىرلا ئاشۇ مەمىتىلى ئەپەندى  ئىدى . مەكتىپىمىزنىڭ بىردىنبىر ئوقۇتقۇچىسىمۇ مەمىتىلى ئەپەندى بولۇپ  ، تىل ، ھېساب ، جۇغراپىيە ، تارىخ دەرسلىرىنى ئۆتەتتى . دەرسلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزى بېرىشتىن تاشقىرى ، دەرس تەييارلاش ، بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگلەش ، تۇرمۇش تەرتىپىنى باشقۇرۇش ، «  ئاتىلار ھەيئىتى »  بىلەن مەسلىھەتلىشىش قاتارلىق ئىشلارنىمۇ چېپىپ يۈرۈپ  ئىشلەيتتى .  تېخى بۇلاردىن باشقا ، ئەتتىگەندە بىر سائەت ، چۈشتىن كىيىن  دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن  بىر - ئىككى سائەت  تەنھەرىكەت مەشغۇلاتى ( مەش دەسسەش )  غا باشچىلىق قىلاتتى . ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى تېخى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيتتى . كەچلىكى ئۈلگۈرسە تاماق يەپ ، بولمىسا ناننى ئېلىۋېلىپ ، ئات مىنىپ چىقى كېتەتتى . كېچىچە كەنىتلەرگە بېرىپ ، ئۆزى تەشكىل قىلغان  « ئاتىلار  ھەيئىتى » بىلەن مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلاتتى .پۇلدارلارنى يىغىپ ئىئانە توپلايتى . شۇنداق قىلىپ  بىرەر جاي تېپىپ ئۇخلىسا ئۇخلاپ ، ئۇخلىمىسا كېچىلەپ قايتىپ كېلىپ بىزگە دەرس بېرەتتى . كۆپ ۋاقىتلاردا  ئۇ باشقا كەنىتلەرگە بېرىپ قايتىپ كېلىپ  توپتوغرا دەرسخانىغا كىرگەندە ، بىز ئۇنىڭ بەك چارچىغانلىقنى ، ، كۆزلىرى ئۇيقۇسىزلىقتىن قىززىرىپ لەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئايايتۇق .  لىكىن ئۇنىڭدا تەتۈرىچە ، روھىي ئۈستۈنلۈك كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ئۇ كىرىپلا ئاۋۋال بىزگە  خۇشاللىق بىلەن كەنىتلەردە مەكتەپ سېلىشنىڭ ياخشى كېتىپ بارغانلىقىنى ، پىلانىنىڭ  ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچى بارلىقىنى سۆزلەپ بېرىپ ،  ئاندىن دەرس ئۆتۈشكە باشلايتى .  ئۇنىڭ مۇشۇ ھەرىكىتى ، ئاشۇ ئۈمىدۋار ، جۇشقۇن قىياپىتىنىڭ  ئۆزى بىزگە ناھايىتى چوڭ ئىلھام ۋە تەربىيە بولاتتى . %scw]oF  
Y}}1]}VIK  
‏  مۇئەللىم يېتىشتۈرۈش كۇرسىنىڭ ئۇقۇشى باشلانغاندىن ۋە يېزىلاردا مەكتەپ سېلىش باشلانغاندىن كىيىن ، مۇتىئەسسىپ دىنىي كۈچلەر   ئاۋۋال ھەر خىل تەتۈر  تەشۋىقات ۋە ئىغۋالارنى  قىلىشقا باشلىدى . «  كالتە قۇيرۇقلار ، دەھرىيلەر دىنىمىزغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى ، بولشىۋىكلارنىڭ مەكتەپلىرىنى سالغىلى ۋە ئاچقىلى تۇردى . بۇلارنىڭ ھەممىسى  مۇناپىق ، ئىمانسىز ، ئۇزۇن چاچ ، ساقىلى يوقلار ، دىنىمىزنى قوغدايلى ... » دىگەندەك گەپلەر تارقىلىپ تۇردى .مۇتىئەسسىپ كۈچلەرنىڭ نەزىرىدە بىز ئاشۇ ئوڭئىرىققا توپلانغان ئوقۇغۇچىلار گوياكى دىنغا قارشى گورۇھ ، بولشىۋىزىمنى تەشۋىق قىلىدىغان كالتە قۇيرۇقلار  ، قانداقتۇر  قورقۇنۇچلۇق يامان ئادەملەر بولۇپ قالدۇق  ، دېمىسىمۇ بىزنىڭ تۇرقىمىزدا بىراقلا ئۆزگىرىش بولغانىدى  :  كالتە چاپان كىيدۇق ، بېلىمىزدە پوتا يوق ، ساقال  - بۇرۇت قويماي چاچ قويدۇق ۋە بېشىمىزغا غەيرى  رەسمىي شەپكە كىيۋالغانىدۇق . ئېيىتىدىغىنىمىز يېڭىچە شىئېر ، مېڭىشىمىز باشقىچە ، قىياپىتىمىز ، ھەرىكىتىمىز بىلەن ئادەتتىكى پۇقرالاردىن  ئالاھىدە بولۇپ ئايرىلىپلا قالدۇق . ئەمما كۆپچىلىك خەلق بىزنى قوللايتى ، ئانا - ئانىلار قوللايتتى . ئەمما مۇتىئەسسىپلەرئەزۋەيلەپ ، كۈرەش جىددىيلىشىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى  ، يېزىلاردا سېلىنىۋاتقان بىر مۇنچە مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ تەھدىت سېلىشى بىلەن  توختاپ قالدى  بىزنىڭ ئوقۇشىمىزمۇ توختاش خەۋىپىگە دۇچا بولۇپ  قالدى .  ئاشكارا - يوشۇرۇن تىللاش ، ئۇرۇش  كۆپەيدى .مەمىتىلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى خەۋىپكە يولۇقىدىغاندەقلا بولۇپ قالدى . ئەمدى يۇقىرى رەھبەرلىكتىن ياردەم ئالمىغاندا ، پۈتۈن ھەرىكىتىمىز توختاپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىپ قالدى . ,~=+]9t  
K_j*9@  
‏  شۇ ئەھۋالدا مەمىتىلى ئەپەندى مەھمۇد شىجاڭغا ئەھۋالدىن دوكىلات بېرىش ئۈچۈن ، بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ قەشقەرگە  بارىدىغانلىقى  توغۇرلۇق خەۋەر قىلدى .مەھمۇد شىجاڭنىڭ « كەلمەي تۇرۇڭلار » دىگەن جاۋابىغا قارىماي ، ئوقۇشنى توختىتىپ قويۇپ  بىر ھەپتە تەييارلىق قىلدۇق . تەييارلىق  :  شىئېر - ناخشا   ئۆگنىش ، مەشكە مېڭىشنى ئۆگنىش ، يېڭى كىيىم تىككۈزۈش ( ئوخشاش فورما ) ،  شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى كىشىلىك ، بىر كۆرۈنۈشلۈك شىكايەتنامە تەييارلاش بولدى . قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر جەڭگىۋار تەشۋىقاتچى ئەترەت تەييارلاندى . بىز شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق . بىز يولغا چىققاندا يۇرتتىكى چوڭ - كىچىك ، ئەر - ئايال يىغىلىپ ئۇزاتتى .كىشىلەردە بەك ھاياجانلىنىش كەيپىياتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . بىزنىڭ ئەترىتىمىز راستىنلا كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرغىدەك ، روھلانغۇدەك ھەيۋەتلىك ئىدى . تۆتتىن بولۇپ تىزىلغان ئۇزۇن ئەترەتنىڭ ئالدىدا  بىر بالا مەشئەل سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ، «  ئىزچىلار »  دەپ خەت يېزىلغان قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ ماڭدى . ئۇنىڭ كەينىدە ئىككى چوڭ ، ئىككى كىچىك دۇمباق ، ئىككى سۇناي ، بىر نەيلىك سازچىلارمارسش ئاھاڭىغا ئەتراپنى ياڭرىتىپ چېلىپ ماڭدى .كىيىملىرىمىز ماش رەڭ چەكمەندىن تىكىلگەن قايرىما ياقىلىق ، ئىككى يانچۇقلۇق  كۆڭلەك  ، بېلىمىزدە تاسما ، شالۋۇرمۇ ماش رەڭدە ، بېشىمىزدىمۇ شۇ رەڭدىكى قۇلىقى ئۈستىگە قايرىلغان ، چىكىلىكىلىك شەپكە بار ئىدى .سول قولىمقزدا بىر دەپتەر-  قېرىداش ،   ئڭ قولىمىزدا ئىزچىلار كالتىكى دەپ ئاتالغان نوغۇچتەك چىرايلىق ياسالغان كالتەك كۆتۈرگەنىدۇق .  يەڭلىرىمىز شۈمدەكلەنگەن ،   بېشىمىز ئىگىز كۆتۈرۈلگەن ، مەيدىمىزنى كېرىپ ، ھەربىيلەرچە ھەيۋەت بىلەنشىئېر ئېيتىپ مارشقا ماڭىمىز . ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنىڭمۇ زوقى كېلىدۇ  دىلىمزدا ياشلاردا بولىدىغان مەغرۇرلۇق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ . تەڭ ئاۋاز بىلەن قەدىمىمىزگە كېلىشتۈرۈپ مۇنۇ شىئېرنى ئۇقۇيمىز : *wdNZ  
7r,h[9~e  
‏  بىز ئىزچىلارمىز قوللىرىمىز گاڭ ، _m2p>(N|  
‏كۆزىمىز نۇرلۇق ، قەلبىمىز ساغلام . (f `zd.  
‏خەلق يولىدا ئالغا باسىمز ، .R5(k 'g?  
‏دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ - ئىنتىقام . &2\^S+4  
‏ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار ، yHIZpU|(j  
‏ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار . :7Jpt3  
yZcnky  
‏ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا ، P'Diie  
‏ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا . tS:/:0HnA)  
‏قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق . >pRC$'Usx  
‏ئالغا ئۆرلەيمىز ئېرپان نۇرىدا . 7Adg;  
‏ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار ، Y6:b  
‏ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار . r<9G}9  
$CDRIn50  
I#/"6%e  
‏  ئۆسكەن يۇرتىمىز قانلىق شېغىل تاش ، 2"EaF^?\  
‏ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش. Kf# iF*  
‏ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى ، iL|5}x5\  
‏قايتىما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش . QB d4ok: R  
‏ئۆگەن تىرىشىپ ئىزچى بالىلار ، HLPY%VeD  
‏ۋەتەن غېمىدە قاينار ۋىجدانلار .   #u3E {NB  
sF3@7~m4  
‏   شۇنداق قىلىپ مۇشۇ شەكىلدە كوچىدىن چاڭ چىقىرىپ يۇرتتى چىقىپ ، مۇمالتاغقا قاراپ كۆتۈرۈلدۇق . مەمىتىلى ئەپەندىنىو ئۆزى بايراقتىن كىيىنىكى ئەترەتكە ياندىشىپ ماڭاتتى .   مەن ئەترەتنىڭ ئوتتۇرسىدىراق يانداپشىئېرغا باشلامچىلىق قىلىپ ھەم «  بىر - ئىككى - ئۈچ » دەپ ئاياغلارنى تەڭشەپ ماڭدىم . S R s  
‏  بىز چۆللەردە ئىختىيارىراق ، يۇرتقا كىرگەندە يەنە ھېلىقى ھەيۋىتىمىز بىلەن ماڭىمىز ، شۇنداق قىلىپ بەشكېرەم ئاۋاتتىن ئۆتۈپ ، كەچقۇرۇنلۇقى ئاپئاق خوجا مازىرىغا كېلىپ توختىدۇق . ئۇ يەردە مەجىدىدىن ئەپەندى بىلەن مەھمۇد شىجاڭنىڭ ئىككى -  ئۈچ كادىرى بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتىكەن . ئۇلار مەمىتىلى ئەپەندىگە شەھەرگە كىرمەي مۇشۇ يەردىن قايتىپ كېتىشكە نەسىھەت قىپتۇ . بۇ مەھمۇد شىجاڭنىڭ پىكىرىمىش .نىمە ئۈچۈن قايتىشقا تەكلىپ بەرگەنلىكىنى مەن ئۇقمىدىم ، لىكىن مەمىتىلى ئەپەندى ئۇنىماپتۇ . ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلارنىڭ توسۇشىغا قارىماي شەھەرگە قاراپ ماڭدۇق .يەنە تۈنۈگۈنكىدەك تىزىلىپ  تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ، تېخىمۇ ھەيۋەت بىلەن ماڭدۇق . ^].U?t.n)  
‏  بىز دۇمباق ، سۇناي ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ، ئۈنىمىزنىڭ بارىچە ۋاقىراپ ناخشا ئوقۇپ ، مەھمۇد شىجاڭنىڭ  قوماندانلىق باش شىتابىنى ياڭرىتىپ ، ئىچكىرىكى ھويلىغا كىردۇق . بۇ يەردە مەھمۇد شىجاڭ ئۆزلىرىنىڭ بىرمۇنچە ئەمەلدارلىرى بىلەن تۇرغانىكەن ، ئۇنىڭ ئالسىغا بېرىپ توختىدۇق . ئۇ بىزنى بەك قىزغىن قارشى ئالدى  . ھويلىنىڭ ئۆزىمى بىر دەمدىلا تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى . ھويلىنىڭ بىر چېتىدىرەك بىر ئۈستى يېپىق سۇپا بار ئىكەن،  مەھمۇد شىجاڭ شۇ يەرگە چىقىپ بىزنى قارشى ئېلىپقىسكىچە سۆز قىلدى . ئۇ نەك ھاياجان بىلەن سۆز قىلدى .ئۇنىڭ بىزنى قوللىغانلىقى بىزنى  ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتى . لىكىن  ، ئۇنىڭ  بۇ سۆزىدىكى قوللىشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى . مەمىتىلى ئەپەندىنىڭ پىلانىچە ، بىز ئۇنىڭ تولۇق قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك ئىدى . مەھمۇد شىجاڭ سۆزلەپ بولۇپ چۈشكەندىن كىيىن ، مەمىتىلى ئەپەندى دوكىلات تەرىقىسىدە قىسقىچە سۆزلىدى . ئۇ :  « بىزنىڭ يوللىرىمقزنى جاھىللار توسۇماقتا ، بىزگە ياردەم كېرەك »  دەپ ،  ئاخىرىدا ئۆزى يازغان تۆۋەندىكى شىئېرنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن دىكلاماتىسىيە قىلدى : $H)!h^7^9  
-2[4 @  
‏  ئەي ئانا يەر ، كۆزلىرىڭىدىن ئۈمىد پارلار ھەرزامان ، 6  12,J  
‏ئۈستۈڭدىدۇر گاھى تۇتۇق ، گاھى رۇشەن كۆك ئاسمان .  I2i'  
P%l?C?L  
‏ ئۆتتى تارىخ ، ئۆتتى يىللار ، ئىستىبىداتلار ئۆتتى كۆپ ، jR[c3EA ;  
‏جەڭ - چېلىشلار يالقۇنىدا چىقىتى سانسىز قەھرىمان . z Gg)R  
A_U=`M=-  
‏ئەي ئانا يەر ، پاك - مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز ، B1~`*~@  
‏سۆيگۈ - مېھرىڭ ۋە سۈتۈڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز . ETU-6qFtO  
&53,8r  
‏جان تىكىپ چۈشتۇق كۈرەشكە ئىلىم - ئېرپان يولىدا ، __tA(uA  
‏ئاھ !  لىكىن جاھىل گورۇھ بىزنى يوقاتماق كويىدا . /P9fcNP{y  
Oj%5FUP~[%  
‏بەلنى باغلاپ توختىماستىن باسىمىز مەزمۇت قەدەم ، #Pd__NV"\  
‏ئەمما بىزگە باشپاناھتىن بەكمۇ لازىم ياردەم . =BR+J9  
7O|`\&RY R  
‏   مەمىتىلى ئەپەندى دىكلاماتسىيەنى شۇنداق جانلىق قىلدىكى ، پۈتۈن ھويلىدا ئولتيرغانلارنى ھاياجانغا كەلتۈرەتتى. شۇ يەردە تۇرغانلار ئۇزاق چاۋاك چېلىشتى ، بەزىلەر كۆز ياشلىرىنىمۇ سۈرتىشتى . مەمىتىلى ئەپەندى سۇپىدىن چۈشكەندە ، مەھمۇد شىجاڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، ئاندىن ئولتۇرغۇزدى .كىشىلەردە شۇنداق بىر خىل خۇشال كەيپىيات پەيدا بولدىكى ، ھەممەيلەننىڭ مەكتەپ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق  قىلغۇچىلارنى تىتىۋەتكۈسى كېلەتتى . كىشىلەرنىڭ مەمىتىلى ئەپەندىگە ،  بىزگە بولغان  زوقى ، سۆيۈنچى ېخىمۇ ئاشتى . q!U$\Q&  
‏  ئەمدى بىزنىڭ ئىككى كىشىلىك ئويۇنىمىز باشلاندى .بۇنى ئويۇن دېسىمۇ ، بىر - بىرى بىلەن تالاشقان ئىككى كىشىلىك سۆھبەت دېسىمۇ بولاتتى . ھەرىكەتلىرىمىز  ، سۆز - ئاھاڭلىرىمىز،ارتىسقا ئوخشايتتى .ئەگەر ئويۇن دېيىشكە توغرا كەلسە ، بۇ مېنىڭ بىرنچى قېتىم سەھنىگە چىقىشىم ، ئەگەر نۇتۇق دېيىشكە توغرا كەلسە ،  بۇ مېنىڭ مۇشۇنداق سەھنىدە بىرنچى قېتىم سۆزلىشىم ئىدى . H-e$~vEbP  
‏  مەھمۇد ھۆسەيىن دىگەن ساۋاقدىشىم سەھنىگە چىقىپ سۆز باشلىدى .ئۇ ئاتۇشتىكى مەكتەپ ھەرىكىتى، مۇئەللىملەر يېتىتۈرۈش كۇرسىنىڭ ئۇتۇقلىرى ، يۇرت - يۇرتتا مەكتەپلەر سېلنىۋاتقانلىقى ۋە يېڭى ئىلم - ئېرپان يولىنىڭ ئېچىلغانلىى توغرىسىدا تەنتەنىلىك سۆزلەپ كېلىپ ، : « بىز ئاتلاندۇق ، بىز قولىمىزغا قەلەم - كىتاب ئالدۇق ، ئىلىم - مەرىپەت يولىغا قەدەم تاشلىدۇق . يولىمىز پارلاق ... » دىگەندە مەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىن قوپۇپ : «  توختا ساۋاقداش »  دەپ قولۇمنى كۆتۈردۈم  ، ھەممە ئادەم ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى . D{7^y>8_Y-  
‏  مەن ھەربىيلەرچە قەدەم تاشلاپ ، قولۇمدا قەلەم دەپتەر  ۋە ئىزچى كالتىكى بىلەن سەھنىگە چىقتىم ۋە مۇھەممەد ھۆسەيىنگە : «  سېنىڭ ئاۋۋالقى سۆزلىرىڭنىڭ ھەممىسى راست  ، لىكىن ئاخىرقى سۆزۈڭگە قوشۇلمايمەن» دىدىم  . خەقلەر ھەيران قېلىپ ماڭا قاراشتى .  ئۇنىڭدىن كىيىن مەن سۆز باشلىدىم : 0>-}c>  
‏  -  راست ، بىز ئىش باشلىدۇق ، ئىلىم مەرىپەت ، مائارى ئۈچۈن باتۇر قەدەم تاشلىدۇق . پۈتۈن خەلق  ، ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى قوللايدۇ .  بىز مۇشۇنداق شانلىق قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەۋاتقاندا ، بىر قىسىم مۇتەئەسسىپلەر قويغا ئېتىلغان بۆرىدەك بىزگە ھۇجۇم قىلماقتا ، بىزنى تىللاپ ئۇرماقتا ، ھاقارەت قىلىپ يوللىرىمقزغا تاغلار ئاتماقتا .بىزنىڭ ھاياتىمىز خەۋىپكە ئۇچرىماقتا ، يولىمىز توسۇلۇپ قالغىلىۋاتىدۇ . ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرۈشى مومكىن  . بىز يولىمىزدىن ھەرگىز يانمايمىز . لىكىن  بىزگە ياردەم كېرەك ... sxuP"4  
‏   سۆزۈم شۇ يەرگە  كەلگەندە ، مەھمۇد شىجاڭ غەزەپ بىلەنئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە : «  قانداق نىمىلەر ئۇ سىلەرگە قارشىلىق قىلغان ؟ » دەپ ۋاقىرىدى . مەن ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن سۆزۈمنى داۋام قىلدۇردۇم : r~QE}00@^  
‏-  بىر قىسىم قازى ھاجىم ، مۇپتى ئاخۇنۇم ، بەەگ ، بايلار ، يوغان قورساق ھارامتاماقلار ، گلقنىڭ قېنىنى شورايدىغان مۇشتۇمزورلار . ئۇلار بىزنى دەھرىيىلەر ، لاتە قۇيرۇقلار ، دىنىمىزنى بۇزۇۋاتىدۇ ، دەيدۇ .بۇ بىزگە بۆھتان ، بىز دىنىمىزنى بۇزغىنىمز يوق . بىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ « ھەممە ئەر - ئايال مۇسۇلمانلارغا ئىلىم تەلەپ قىلماقلىق پەرزدۇر »  دېگەن سۈننىتىنى ئادا قىلماقتىمىز . خەلقىمىزنى غەپلەتتىن ئويغىنىشى كېرەك . نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ ، ئالغا بېسىشى كېرەك  ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم كېرەك ، ئۇوقۇش كېرەك ، مەكتەپ كېرەك . بىز باشلىغان ئۇلۇغ يلىمقزدا توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىدۇق  ،بىز گە ياردەم كېرەك ، ئاتىمىز مەھمۇد شىجاڭنىڭ  بىزنى قوللىشىنى ، بىزگە ياردەم قىلىشىنى ، بىزنىڭ غالىبىيەت بىلەن ئالغا بېسىشىمىزغا مەدەت بېرىشىنى  ئقلتىماس قىلىمىز ! G"(aoy, co  
‏    قاراپ تۇرغان كۆپچىلىك بارغانچە جانلىنىشقا ، بىر - بىرى بىلەن غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى .ئاخىرىدا مەن مەمىتىلى ئەپەندىنىڭ بىز گە ئۆگەتكەن  تۆۋەندىكى شىئېرىنى ھاياجان بىلەن دېكلاماتىسىيە قىلدىم : pQ^V<6z}  
‏   *a8 
‏  ۋەتەن ئۈچۈن تەرەققىيەت ئىزدەيمىز ، Hiwij,1  
‏ ئارزۇيىمىز راۋاجلانسۇن مائارىپ . s% vy^x29  
‏جاننى ىدا قىلدۇق ئەزىز ئۆلكىگە ، |}YxxeAk  
‏ بىزنىڭ يۈرەك زالىملارغا مۇخالىپ . csJ)Pt?d  
U %BtBPL  
‏بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق ئادالەت ، d>MDC . j  
‏بولسا بەرپات خۇراپاتلىق ، جاھالەت . Q;q{1M>  
‏شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاپ ، P&[&Dj  
‏زاۋال تاپسۇن ناھەقچىلىك ، ئىختىلاپ . @6R6.i5d  
`YZl2c 
‏پورەكلىسۇن گۈزەل باھار گۈللىرى ، ?uJX  
‏شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بۇلبۇللىرى . #bG6+"g{=L  
‏ئىقبال ئۈچۈن بولايلى بىز ئىتتىپاق ،  ZpBP#Y*  
‏جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى . uz$p'Q  
@;hdZLG]`&  
‏   مەھمۇد شىجاڭ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى  ، ئۇ مەمىتىلى ئەپەندىگە قارىتپ : «  ئۇ لومودىلارغا ھەرگىز يول بەرمەڭلار ، مەن بىر خەت يېزىپ بېرەي ، سىزگە ئىككى مىلتىقلىق ئەسكەر بېرەي  . ئەگەر يەنە قارشىلىق قىلدىغانلار بولسا ، باغلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭلار.  مەن بار ئىكەنمەن ، سىلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىڭلارغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ »  دىدى . ئۇنىڭ ئاخىرىقى سۆزى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىر ئاز تىترەپ چىقىتى .بۇنىڭدىن ئۇننڭ غەزەپلەنگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى . ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاك چالدى. بىز ئوقۇغۇچىلار قولىمىزدىكى ئىزچى كالتىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يولدا كەلگىچە ئېيتىپ كەلگەن ناخشىمىزنى قايتا باشلىۋەتتۇق . باش شىتاپنىڭ ھويلىسى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى .مەمىتىلى ئەپەندى غەلبە قازاندى ، بىز غەلبە قازاندۇق ، خوشلىقىمىزدىن كۆزلىرىمىزدىن ياش  چىقاتتى . ئىلىگىرى «  شەھەرگە كەلمىسەڭلارمۇ بولىدۇ »  دىگەن مەھمۇد شىجاڭنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئىلىگىرى  « كەلمەڭلار »  دىگىنى بىزنى قارشى ئالمايدىغانلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى ئەھۋالنىڭ بۇنچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلمىگەنلىكىدىن ئىدى .   ئۇنىڭغا ئەرز سۇنۇش مومكىن ئىدى ، مەمىتىلى ئەپەندى ئۆزى كېلىپ دوكلات قىلىشىمۇ مومكىن ئىدى . لىكىن نۇنداق ئۇتۇق قازىنىشقا بولمايتتى .مەمىتىلى ئەپەندىنىڭ پىلانى ئوڭۇشلۇق چىقتى . ئۇ ئېغىز بىلەن ئەمەس ، ئەمەلىيەت بىلەن ، 60  ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭى قىياپىتى بىلەن  ، ئۇلارنىڭ ئاغزى بىلەن  ھەم ئۇتۇقنى دوكلات قىلماقچى ، ھەم توسقۇنلۇقنى يېڭىش ئۈچۈن ياردەم ئالماقچى بولغانىدى ، نەتىجىسى ھەقىقەتەن بەك ئۇتۇقلۇق بولدى . +`V<& Y-5l  
V=1zk-XC  
‏  باشتا بىش ئىشىمىز توختاپ قالارمىكىن دەپ قورققانىدۇق ، ئەمدى مەھمۇد شىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتى بار ، مەمىتىلى ئەپەندىنى قوغدايدىغان ئىككى نەپەر قوراللىق ئەسكەرمۇ بار .بۇ بۇيرۇق بىلەن ئەسكەرلەر بىز ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ بولغاندەك تۇيۇلاتتى . SwO$UqYU=  
‏  ئاتۇشقا قايىوئىككى كۈندىن كىيىن ، مەشھەتتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىسى يېنىدىكىئازنا مەسچىت ھويلىسىدا ئاممىۋى يىغىن ئۆتكۈزدۇق .يىغىنغا ئاتۇشنىڭ ھەممە كەنىتلىرىدىن دىگۈدەك ئاخۇنلا ، بايلار ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە « ئاتىلار ھەيئىتى » نىڭ ئەزالىرى ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاددى پۇقرالار قاتناشتى .بىز پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتۇق . 10  مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ چوڭ يىغىن بەك سۈرلۈك ئېچىلدى .مەسچىتنىڭ پېشايۋىنىدا بىر مۇنچە يۇرت مۆتىۋەرلىرى تۇرۇشتى .پېشايۋاننىڭ ئالدىدا مەمىتىلى ئەپەندى مىلتىقلىق ئىككى ئەسكەرنىڭ ئوتتۇرسىدا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇ كۈلگەن بىلەنمۇ مەجىلىسنىڭ ئومۇمي  كەيپىياتىدىكى جىددىيلىك بىلىنىپ تۇراتتى .مەمىتىلى ئەپەندى ئاۋۋال مەھمۇد شىجاڭنىڭ بۇيرۇق خېتىنى ئۇقۇدى ، ئاندىن كىيىن  ئۆزى قىسقىچە سۆز قىلدى . @8A[HP  
[)0^*A2  
‏   ئۇنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزى ئېنىق ئېسىمدە : «  بىز ھەققانىي ئىش باشلىدۇق ، قارشىلىقلاردىن قورقمايمىز ، ئۆلسەكمۇ ئارقىغا يانمايمىز  . مەن كۆپ ئەللەرنى ئايلىنىپ ، مىللەت ئۈچۈن دەپ ئوقۇپ قايتىپ كەلدىم . يەنە مىللەت ئۈچۈن مەكتەپ ئېچىپ ، مەدەنىيەت ئاقارتىش ئىشلىرىغا قەەم قويدۇم . مەن قارشىلىقلار بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن ، شۇنى ئېيىتىشىم كېرەككى ، ھەتتا بىرەر كۈنى ئالتە پۇللۇق بىر قوغۇشۇن ئوق مېنىڭ كۆرىكىمگە كېلىپ تېگىشى مومكىن . شۇ چاغدىمۇ مەنكەينىمگە يانمايمەن ، مىللەت ئۈچۈن ئوقۇدۇم ، مىللەت دەپ ئۆز يۇرتۇمغا قايتتىم ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن . مەيلى قەنچە يىل  ، ھەتتا قانچە ئاي ، قانچە كۈن بولسىمۇئىشلەپ ، مىللىتىم ئۈچۈن قۇربان بولسام  ، ئارمىنىم يوق ...»  ئۇ بەك ھاياجانلىنىپ سۆزلىدى ، بېشىدىكى قىرغىزچە قالپىقىنى ئېلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، چوڭ ئاۋاز بىلەن سۆزلىگەندە ئۇنىڭ يۈز گۆشلىرى ۋە قىسقا بۇرۇتلىرى تىتىرەپ كەتتى . VTyj<6Y  
‏  مەمىتىلى ئەپەندى پۈتۈن ھاياتىنى مەكتەپ ئىشلىرىغا ، مىللەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانىدى . ئۇ ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە  ئاستىنئاتۇشنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدا ، بولۇپمۇ تۈرلۈك  قارشىلىقلار بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئاشۇنداق چوك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى . بىراق ، 1937  - يىلى 4  -    ئايغا كەلگەندە ئۇ جاللات شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلاندى . ئۆزى ئالدىن ئېيتقاندەك   ئالتە پۇللۇق قوغۇشۇن ئوق بىلەن ئەمەس   ياتقان تۈرمىسى بىلەن قوشۇلۇپ 300  دىن ئاتۇق خەلق ئوغلانلىرى بىلەن بىللە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلدى . ئۇ بۇ چاغدا ئەمدىلا 36  ياشقا كىرگەنىدى . M: &%c3  
}ALli0n`V)  
'(N(k@>{  
‏مەنبە :  7  - يىللىق دەرسلىك كىتاب . |68/FJZ,5  
SK 5]7C2  
‏ 2014  - يىلى 15  -  فۋرال . DvOvtd  
      

قاراخان 2014-02-15 20:48
ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز، كونۇپكا باسقان قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن. D3dh,&KO\  
  مۇنۇسى بۇ دەرسنىڭ تەييارلىقى: e#h&Xa  
/bbs/read.php?tid=5782 KP0(w(q  
z5iCQ4C<  
/bbs/read.php?tid=4908 C7m/<  
oO?+2pTQV  
/bbs/read.php?tid=2214 `g1?Q4h  
lj&\F|-i  
/bbs/read.php?tid=2213 ip'{@1L  
}I}GA:~$%  

قاراخان 2014-02-15 20:54
بۇلار مەمتىلى ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار: u!FX 0Ip  
/bbs/read.php?tid=11558 #-wtNM%1#  
p 
/bbs/read.php?tid=159 k?%?EsR  
FwB }@)3  
/bbs/read.php?tid=3621 8[zux4 
VM 3~W  
/bbs/read.php?tid=4395 R4 8w\?L  
C,2k W`[ V  
/bbs/read.php?tid=4718 |\PI"rW  
5cr d.1@^  
/bbs/read.php?tid=4755 cym 
,".1![b  
/bbs/read.php?tid=6575 V 6DWYs>  
UDBMf2F]  
/bbs/read.php?tid=4451 'AU:[eyUV  
aR- ?t14  
/bbs/read.php?tid=2687 bdS  
ZOAHM1ci  
/bbs/read.php?tid=1827 {5GXN!f  
[w1 4hHnq  
/bbs/read.php?tid=409 S)?V;@p6  
efT@A}sV  
/bbs/read.php?tid=199  V6L0\  
h/i L/Q=  
/bbs/read.php?tid=83

قاراخان 2014-02-15 20:55
بۇ دەرسنىڭ دىتالى تېخى ئىشلەنمەپتۇ. ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ دەرسنىڭ دىتالىنى تۈزۈپ ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان ئوچۇق دەرس ئۆتكەن ئىدىم، شۇ دىتالنى تېپىپ يوللاپ قويسام بولغىدەك.

مىېھرىما 2014-02-15 21:12
قاراخان:بۇ دەرسنىڭ دىتالى تېخى ئىشلەنمەپتۇ. ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ دەرسنىڭ دىتالىنى تۈزۈپ ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان ئوچۇق دەرس .. (2014-02-15 20:55) 
;BW-ag \9  
ياخشى ئىشلارنى قىلىپ مېڭۋاتسىز قارخان بىزنى شۇنداق خۇش قىلدىڭىز.  Eikt,  
XV0t 8#T2  
Bt1 &C?_$T  
گۈلنىھال سىزگە ھەم رەھمەت .كۆپ ئەجىر قىپسىز.

گۈلنىھال 2014-02-15 21:47
‏ بۇ دەرسنىڭ دىتالى پۈتسە بەك ياخشى تولۇقلاش بوپ كېتەتتى !!! d!]fou  
97n@HL1  
بايا يوللىغان  تېخى ، شۇنچە تېزىلا  چىقىپتۇ !

گۈلنىھال 2014-02-15 21:49
‏بۇ تېكىستنى ئۇرۇپ بولۇش بەكلا قىيىنغا چۈشتى جۇمۇ !

ئەكبەرنىياز 2014-02-16 00:55
گۈلنىھالنىڭ بۇ  ئەجرىدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم ، يېنىمۇ تىرىشىڭ ! ئەجىر ئۇنتۇلمايدۇ ، ئەجىرلىكلەر ئۇنتۇلمايدۇ !!! قاراخاننىڭ ھەمكارلىق روھىغىمۇ ئاپىرىن !!!

帕尔哈提 2014-02-16 20:54
مۇمكىن بولسا ئاۋازلىق بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى،تېخىمۇ تىرىشىڭ.

سەئىدىيە 2014-02-16 21:07
بەك ياخشى تېكىستتىن بىرنى يوللاپسىز . خەت ئۇرغان قوللىرڭىزغا دەرت كەلمىگەي .


查看完整版本: [-- ‏مەمىتىلى ئەپەندى (  تولۇقسىز دەرس تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled