قاراخان |
2014-02-14 20:04 |
كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 7800 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى
شىنخۇا تورىنىڭ 13-فېۋرال خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئىستانستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يۈز بەرگەندە 7.3 بال يەر تەۋرەشتە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 6 ناھىيىسىدىكى 7800 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەن. نۆۋەتتە، ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
3*Q=)} 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 غىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە، نىيە، چىرا، لوپ، قارا قاش، خوتەن ناھىيىسى قاتارلىق 6 ناھىيەدە جەمئىي 7838 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇش كۆرۈلمىگەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرانىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن. E-1u_7 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:34 مىنۇت ئۆتكەندە، كېرىيە ناھىيىسىدە يەنە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلىقى 8 كىلومېتىر. z
8M\(< نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن 982 ئادەم بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 157 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئېغىر بۇزۇلغان ئۆي 180 ئېغىز، ئادەتتىكى زىيانغا ئۇچرىغان ئۆي 3117 ئېغىز، قىسمەن چارۋا قوتانلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى. [PN2^ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 گىچە، ھەر قايسى تەرەپلەر قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىدىن 360 چېدىر، 1130 كارۋات، 400 پاختىلىق چاپان، 10 توننا ئۇن، 500 كىلوگىرام ماي قاتارلىق يېمەكلىك ۋە زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. Cgln@Rz مەنبە : شىنخۇا تورى |
|