ياسىنجان510 |
2014-02-14 19:53 |
سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە ‹‹پارالىل››تەتقىقاتى
سېلىشتۇرما ئەدەبىيات ۋە ‹‹پارالىل››تەتقىقاتى Yv:55+ e!| سېلىشتۇرما ئەدەبىيات دۆلەت بىلەن تىل چىگرىسىدىن ھالقىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا قارىتىلغان بولۇپ،ئۇنىڭدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئوتتۇرسىدىكى تەسىر ۋە مۇناسىۋەتلەر تەتقىق قىلىنىدۇ؛ھېچقانداق بىۋاستە ئالاقىسى ،تەسىرى بولمىغان دۆلەت،مىللەت ئەدەبىياتى تارىخىي يۇسۇندا سېلىشتۇرلۇپ،ئۇلارنىڭ باش تېما،ژانىر،مىللىي ئۇسلۇپ،پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى،تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلىرى تېپىپ چىقىلىدۇ ۋە ئەدەبىيات بىلەن باشقا سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ،ئاڭ فورمىلىلىرىنىڭ نۇناسىۋىتى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.ئۇنىڭ مەقسىتى ـــ ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت،مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزگىچە ئىجات قىلىنىشى،ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش،مىللىي ئەدەبىيات بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىنى بىرى يەنە بىرىنى تولۇقلايدىغان دەرىجىدە ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. F^hBtfz پرارلىل تەتقىقاتى ــــ بىۋاستە ئالاقىسى بولمىغان ،ئەمما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ياكى شەكلىدە،شۇنىڭدىك ،يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئۆز ئارا سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.پارالىل تەتقىقاتىنىڭ دائىرىسى چەكلەنمەيدۇ.يەنى ئۇنىڭدا ئەسەرلەرنىڭ ئورتاقلىقى،مۇھاكىمە قىلىنىپلا قالماي ،پەرقىمۇ تەتقىق قىلىنىدۇ.پارالىل تەتقىقاتى مۇنداق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىەە ئالىدۇ: ئالدى بىلەن ،ئاساسىي تېما ئىلمى ياكى سوبيېكتىپشۇناسلىق.بۇنىڭدا ئىككى دۆلەتتىكى قىلچە ئالاقىسى بولمىغان يازغۇچىنىڭ بىر خىل ژانىردىكى ياكى ئاساسىي تېمىدا ئىجات قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تەتقىق قىلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن قالسا، تىپشۇناسلىق.بۇنىڭدا ،باشقا –باشقا دۆلەتلەردىكى قىلچە ئالاقىسى بولمىغان ئوخشاش تىپلىق يازغۇچى ،ئەسەر ،پېرسۇناژلار ئوبرازى ھېكايىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىدۇ. =b/L?dR.- تۆۋەندە‹‹ پرارلىل›› تەتقىقات نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان داڭلىق يازغۇچى ۋە دىراماتورگ زۇنۇن قادىر بىلەن ھىندىستاننىڭ ھازىرقى زامان ھېكايە يازغۇچىسى سۇدىرشىننىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئورتاقلىق(ئوخشاشلىق) لارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى. kYLM
&&h بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ ياشىغان دەۋرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ ،ياشىغان مۇھىت شارائىتى ئوخشىمايدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئورتاقلىقلارنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. &gjF4~W] زۇنۇن قادىر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا رېئالىستىك پروزىنى ئېلىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ دراماتورگىيە ژانىرىنى ھەممىدىن ئاۋال رېئا ل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى يۇرۇتۇشنى تەشەببۇس قىلغان تالانتلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ . ئۇ يازغۇچىلىق ھاياتىدا ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا ئۆلمەس بۈيۈك ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. p1vp8p شۇدىرشىن (1896ــ1967)ھىندىستاننىڭ ھازىرقى زامان رېئالىستىك يازغۇچىسى. -=(!g&0 زۇنۇن قادىرنىڭ ‹‹غۇنچەم ››درامىسى 1937-يىلى يېزىلغان .ئۇنىڭدا شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيىتى ئىخچام ،جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.بولۇپمۇ دراما 1939-يىلى سەھنىدە ئوينالغاندىن كېيىن،تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە جاھالەتلىك تۇرمۇشقا غەزەپلەندۈرگەن. a<@N-E xr سۇدىرشىننىڭ ‹‹ ھايات ۋە ئۆلۈم›› ناملىق ھېكايىسى 1930-يىلى ئېلان قىلىنغان .بۇھېكايىمۇ ئەينى ۋاقىتتا كەڭ ئەدەبىيات ،سەنئەتچىلەرنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن. gH G بۇ ئىككى ئەسەر مەدەنىيەت سېستىمىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى دۆلەتتە بىر دەۋردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئىككى مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئوخشاش بىر خىل باش تېمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.شۇڭا بىز بۇ ئەسەرلەرنى ئورتاقلىققا ۋە پەرق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىمىز. @WI2hHD ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى ـــــ ( سۇبيېكتى.) ahPoEh زۇنۇن قادىرنىڭ 1937-يىلى يازغان ‹‹غۇنچەم››درامىسىدا،ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ 30-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ ئىسكەنجىسى ۋە ئاسارىتى ئاستىدىكى پاجىئەلىك ھەم ئېچىنىشلىق تۇرمۇش شارائىتى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى ،ئەمگەكچىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغان مۇھەببەت ھېسياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئەسەرنىڭ سيۇژىت سىزىقى قىلىنىپ،‹‹ نۇرۇم بىلەن غۇنچەم››دىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ ساپ مۇھەببىتى،ئەركىنلىككە،ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش ئارزۇسى بايان قىلىنغان.فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ھىمايىچىلىرى،چاپارمەنلىرى ـــ پومىشچىك –بايلارنىڭ ،زالىم شاڭيۇ-بەگلەرنىڭ ئەمگەكچى خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك eGX%KT"O ئىكىسپولاتاتىسيىسى،ياۋۇزلۇق قىلمىشلىرى ۋە ياشلارنىڭ ساپ مۇھەببەتلىرىگە سالغان خانىۋەيرانچىلىقى ،چىرىك تۇرمۇش ئىستىللىرى پاش قىلىنغان. SI=yI- دراما ئۈچ پەردىلىك. ئۇنىڭدا ئىشچان،چىۋەر،،گۈزەل،ئاقكۆڭۈل قىز غۇنچەم بىلەن ئۇنىڭ سۆيگىنى ــ نۇرۇم ئوتتۇرسىدىكى چىن مۇھەببەت،پاك سۆيگۈ ھېسياتى ،ئاق كۆڭۈللۈكلىكى،مەردانىلىقى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.شۇنىڭدەك خورلانغان بۇ ئىككى ياش ئاشىق-مەشۇققا چەكسىز مېھرىبانلىق قىلغان ئاق كۆڭۈل زورىخان ئانىنىڭ خەيرىخاھلىقى،ھېسداشلىقى،كۆيۈمچانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زالىم ،ئاچكۆز،نۇمۇسسىز،قارانىيەت ــ ئۆمەر شاڭيۇنىڭ رەزىل قارا نىيىتى پەيدىن-پەي ئاشكارىلانغان.شۇنىڭدەك دراما ۋەقەلىكى پەيدىن-پەي تەرەققىي قىلىپ،قارمۇ-قارشىلىق،ئۆچمەنلىك يەنە بىر بالداق يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن.بۇ ناسقۇچتا ئۆمەر شاڭيۇنىڭ ئاچكۆزلىكى،ياۋۇزلىقى،شەپقەتسىز زالىملىقى پاش قىلىنىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ نۇمۇسسىز ئايالى شەرۋاننىڭ رەزىللىكلىرى،بۇزۇقچىلىقلىرى قاتتىق پاش قىلىنىدۇ.ئاخىر غۇنچەم ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇر ئۆمەر شاڭيۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە زىدىيەت توقۇنۇش يەنە بىر بالداق كۈچىيىپ،غۇنچەم،نۇرۇم قاتارلىق ئەركىنلىككە،ھۆرلۈككە تەلپۈنىۋاتقان بىر جۈپ ئاقكۆڭۈل ياشنىڭ جاھالەتنىڭ،ئېكىسپولاتاتىسيە تۈزۈمىنىڭ قوغدىغۇچىسى - ئۆمەر شاڭيۇ بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىدۇ. ئەمما بۇ كۈرەش يەنىلا نەتىجىسىز بولىدۇ ۋە ئىككى ياش ۋاپاسىز دۇنيا ۋە ئەكسىيەتچى،زالىم كۈچلەر تەرىپىدىن قاتتىق خورلىنىدۇ.نەتىجىدە،فېئوداللىق تۈزۈم،ۋاپاسىز دۇنيانىڭ چىدىغۇسىز ئازاپ-ئوقۇبەت،دەرت-ئەلەملىرى بىلەن غۇنچەم جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.بۇ خىل تراگىدىيە نۇرۇم ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تۇرغان،ئامانتاي قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ.مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتتىن ئۇلار،چېرىك فىئوداللىق تۈزۈم ۋە جاھالەتلىك ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستىدىن شىكايەت قىلماي ،ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلماي تۇرۇپ،ھۆرلۈككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلقىنى تونۇپ يېتىدۇ. 0lv%`, سۇدىرشىننىڭ ‹‹ھايات ۋە ئۆلۈم›› ناملىق ھېكايىسىدا ،چىن مۇھەببەتكە ئىنتىلگەن بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ،ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى چىرىك ئائىلە باشلىقلىق تۈزىمى قاتتىق قامچىلىنىدۇ ۋە جەمئىيەتتە داۋام قىلىۋاتقان خۇنۈكلۈك،پەسكەشلىك،رەزىللىك ناھايىتى رۇشەن بايان قىلىنىدۇ. A]DTUdL ھېكايىدە،گۈزەل،ئاقكۆڭۈل،رەھىمدىل قىز جاھان ئەلا بىلەن مۇھەببەتنى جېنىدىن ئەلا بىلىدىغان توغرا نىيەتلىك ،ۋىجدانلىق،ئىشچان يىگىت ھەسەن ئىقبال ئوتتۇرسىدىكى چىن مۇھەببەت نۇقتىلىق تەسۋىرلىنىپ،ئۇلارنىڭ ساپ مۇھەببەتكە باي ئالىيجاناپ ئىدىيىسىنى ،ئەدەپ-ئەخلاقى،ۋاپادارلىقى،جانلىق يورۇتۇپ بېرىلىدۇ ۋە فېئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ كېلىۋاتقان نەزەر ئېلى جانابنىڭ نام-شۆھرەت،ئابروي ھەم مال-دۇنيانى دەپ ئۆزىنىڭ يۈرەك باغرى جاھان ئەلانى زورلاپ،مەجبۇرىي ھالدا سۆلەتۋاز بايۋەتچى راھارھۈسەيىنگە توي قىلىپ،قىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس داغ قالدۇرغانلىقى،قىزنىڭ ئامالسىز قالغانلىقى،ھەسەن ئىقبال كېلىپ،قۇتۇلدۇرۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ،ئىسلام قازىنىڭ يەنىلا ناھەق ھۆكۈم چىقىرىپ،قىزنىڭ ياشلىقىنى خانىۋەيران قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق ۋەقە بايان قىلىنىدۇ. #H0dZ.$b0 ئاپتور ۋەقەلىك ئارقىلىق،ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى خوتۇن-قىزلارنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكلىكى،ۋاپادارلىقىنى، يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ زىممىسىنى بېسىپ تۇرىۋاتقان ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ۋە ئىسلام شەرىئىتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈچنىڭ ساپ،ئەركىن،ھەقىقى مۇھەببەتنى نەقەدەر ئېغىر دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىغانلىقىنى تەپسىلىي،كونكىرىت،جانلىق،بەدىئىي،يارقىن ئوبرازلار بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىدۇ. E>}4$q[r دېمەك،‹‹غۇنچەم››درامىسى بىلەن ‹‹ھايات ۋە ئۆلۈم›› ھېكايىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىك بىلەن پېرسۇناژلار ئەركىن مۇھەببەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قۇربان بولغان ياش قىزلارنىڭ دەرت-ئەلەملىك ئاقىۋىتى ئارقىلىق جاھالەت تۇمانلىرى قاپلاپ كەتكەن ئادەمخور جەمئىيەتنىڭ ياۋۇز ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ ،فېئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن ئېغىر كۈلپەتلىرىنى ،ئېچىنىشلىق ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى نۇقتىلىق پاش قىلىنغان. CXC`sP
Y تېما ئىدىيىسى PpgP&;z4
‹‹ھايات ۋە ئۆلۈم›› ھېكايىسى بىلەن ‹‹غۇنچەم›› درامىسىنىڭ تېما ئىدىيىسى مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە.بۇ ئىككى ئەسەردە ئوخشاش بىر جۈپ ياشنىڭ ئەركىن مۇھەببەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى،مۇھەببەتكە سادىقلىقى،بىر-بىرىگە ۋاپادارلىقى،فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ھىمايىچىلىرى ـــ زالىم كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادىسى،شۇنىڭدەك فېئوداللىق تۈزۈم شارائىتىدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى،ئاقكۆڭۈللۈكلىكى،مەردانىلىقى ،كۆيۈمچانلىقى نۇقتۇلۇق مەدھىيىلەنگەن. Y_QH&GZ قارا كۈچلەرنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ـــ نەزەر ئېلى،ئۆمەر شاڭيۇلارنىڭ خارەكتىرى تۈپكى جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار فىئوداللىق تۈزۈمنىڭ ھىمايىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئەمگەكچى خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلىش ھېسابىغا ئۆزىگە مال-دۇنيا توپلايدۇ.شان-شۆھرەت ،ئىززەت-ئابروينى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا تۈرلۈك رەزىللىكلەردىن باش تارتمايدۇ. M6}3wM*4 ئومۇمەن ئېيتقاندا،بۇ ئىككى ئەسەردە ئەركىن مۇھەببەتكە تەلپۈنگەن ياشلارنىڭ ساپ مۇھەببىتىنىڭ ياۋۇز، رەھىمسىز،زالىم قارا كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى تۈپەيلىدىن ،ئېچىنىشلىق تراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىشى ئاساسىي تېما قىلىنغان.بۇ پاجىئەلەرنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگەندە ،فىئوداللىق زۇلۇم،ئاچكۆزلۈك،قانخورلۇق، فىئوداللىق ئەدەپ-ئەخلاق بىلەن سۇغۇرۇلغان فىئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ. (t4&,W_spA ئەسەرلەردىكى پېرسۇناژلار ئوبرازلىرى PoT`}-9 ‹‹غۇنچەم›› درامىسى بىلەن ‹‹ھايات ۋە ئۆلۈم››قاتارلىق ئەسەرلەردىكى پېرسۇناژلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقىنى تۆۋەندە بىر قانچە جەدەتلەردىن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. 19j+lCSvH بىرىنچى،غۇنچەم-نۇرۇم، ھەسەن ئىقبال-جاھان ئەلا قاتارلىقلار ئەركىن مۇھەببەتكە ،بەختىيار ھاياتقا ئىنتىلگەن ئىككى جۈپ ياشنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ،دەرت-ئەلەملەر،ئازاپ-ئوقۇبەتلەر؛ئۇلارنىڭ قار كۈچلەرگە قارشى قەتئىي باش ئەگمەي كۈرەش قىلىشلىرى،غەزەپ-نەپرىتى،ئۆچمەنلىكى،خەلق مەيدانىدا تۇرۇپ زالىم كۈچلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشى؛مۇھەببەتكە سادىقلىقى،ئاقكۆڭۈللۈكلىكى،سەمىمىيلىكى،ۋاپادارلىقى ئاساسەن ئورتاقلىققا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.ھەر ئىككى ئەسەردە ئىلغار كۈچلەر بىلەن مۈلۈكدار ،زالىم كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن كۈرەش ،ھايات-ماماتلىق زىدىيەت توقۇنىشى نۇقتىلىق تەسۋىرلەنگەن.ئەسەر باش قەھىرمان ئارقىلىق زوراۋان كۈچلەرنىڭ خەلققە سالغان زۇلىمى،خەلقنى خانىۋەيران قىلىشقا تاينىدىغان فىئوداللىق ئەدەپ-ئەخلاق ۋە فىئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى قاتارلىق ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى چىنلىق بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. k0Uyf~p~ ئىككىنچى،ئىلغار كۈچلەرگە قارشى مەيداندا ئوتتۇرغا چىققان ياۋۇز،زوراۋان،قانخوركۈچلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى ـــ ئۆمەر شاڭيۇ،نەزەر ئېلى جاناپ ئۆزلىرىنىڭ بارلىق ھىيلە-مىكىرلىك ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئاقكۆڭۈل ياشلارنىڭ ئەركىن مۇھەببىتىنى ،كىشىلىك ھوقۇقىنى ،بەختىيار ھاياتىنى خانىۋەيران قىلىدۇ.بۇ ياۋۇز كۈچلەر ۋاقتىنچە ئىلغار كۈچلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەندەك كۆرۈنسمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ قىلمىشى پۈتۈنلەي ئادالەتسىزلىك،ياۋۇزلۇق،قىلمىش بولغاچقا ،كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئالدىدا پۈتۈن ئەپتى-بەشىرىسى چۇۋۇلۇپ زوراۋانلىققا يۈزلىنىدۇ.بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ماھىيىتى ،فىئوداللىق يۈزۈم،فىئوداللىق ئەدەپ-ئەخلاق ،فىئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمىنىڭ مۇقەررەر ھالدا بەربات بولىدىغانلىقىنى ،يېڭى بىر پارلاق تۈزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ,.qMEMm ئۈچىنچى،ئەسەردە ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكلىكى،كۆيۈمچان،ۋاپادارلىقى ۋە يوقسۇل-بىچارىلەرگە خەيرى –خاھلىق قىلىش يولىدا ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشقا جۈرئەت قىلغان پاتەنخان ،تۇرغان،ئامانتاي، خەدىچە،خىلىمان ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆزىگە يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. دېمەك بۇ ئوبرازلاردا ئىزىلىش بىلەن ئىزىلىشكە قارشى،ھۆرلۈك،ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش بىلەن ھۆرلۈك،ئەركىنلىكنى بوغۇش ،ئەركىن مۇھەببەتنى قوغداش بىلەن ئەركىن مۇھەببەتنى خانىۋەيران قىلىشقا ئوخشاش تەڭسىزلىك،ئادالەتسىزلىك ‹‹ھايات ۋە ئۆلۈم›› ھېكايىسى بىلەن ‹‹غۇنچەم›› درامىسىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۈپكى زىدىيەت تۇقۇنۇشى بولۇپ،ھەر ئىككى ئەسەردىكى ئىجابىي قەھىرمان غۇنچەم بىلەن جاھان ئەلانىڭ ئېچىنىشلىق مۇھەببەت پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،تراگىدىيە بىلەن ئاياقلاشقان. (
)3O=! ماقالىنىڭ مەنبەسى: پايدىلانغان ماتىرياللار: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1993-يىل4-سان ۋە قەشقەر پىداگوگىكا ئىلمىي ژورنىلى 1991-يىل 1-سانى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىرياللىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى. aM$W*-
Y
|
|